يالقۇنتاغدا شاپتۇل چېچەكلىدى دەيدىغۇ
14-دېكابىر، ساياھەتچىلەر شاپتۇلزارلىقتا سۈرەتكە چۈشمەكتە. بۇ كۈنى، تۇرپان شەھەرلىك يېزا ئىگىلىك ئىدارىسى ئۇيۇشتۇرغان تۇرپان شەھىرىنىڭ شاپتۇل چېچىكى پەسلى پائالىيىتى ئىدىقۇت رايونى ئاستانا يېزىسى باغۋەنچىلىك كەنتىدىكى شاپتۇل چېچىكىنى تاماشا قىلىش بازىسىدا باشلاندى. شىنجاڭنىڭ ئىچى-سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر بۇ يەرگە كېلىپ شاپتۇل چېچەكلىرىدىن ھۇزۇرلاندى ۋە مىللىي ئۆرپ-ئادەت پائالىيەتلىرىگە قاتناشتى، نەق مەيداندا يەنە لايىق تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تۇرپان شەھىرىنىڭ يېزا ئىگىلىكى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى. نۆۋەتتە، تۇرپان شەھىرى ئۈزۈم بايرىمى ئاساسىدا، يەنە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئۆرۈك چېچىكى بايرىمى، ئۈجمە پەسلى قاتارلىق يېزا ئىگىلىك تاماشا-ساياھەت پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزدى. |