تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 2066|ئىنكاس: 3

ئىستۇدېنت يىگىت ۋە يايمىچى قىز

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

9

تېما

6

دوست

801

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

تۆھپە
276
مۇنبەر پۇلى
500
ئىشەنىچ
276
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-16 03:29:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىستۇدېنت يىگىت ۋە يايمىچى قىز

راست ئىشلار خاتىرسىدىن

ئاپتورى:يەكەن ناھىسىدىن:ئابدۇسوپۇر تۇراپ«مۇقام»
4444.jpg


دوستانە ئەسكەرتىش:مەزكۇر ئەسەرنى ھەرقانداق ئۈندىدار سالونى ۋە مۇنبەرلەرگە خالىغانچە كەچۈرۈشكە رۇخسەت قىلىنمايدۇ خىلاپلىق قىلغۇچىلار بايقالسا قىلمىشى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ، كەچۈرمەكچى بولسىڭىز ئاپتورنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، ئەمگىگىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.   
ئادەم كىشىلىك تۇرمۇشتا بەزىلىرمىز باياشات ئائىلىدە خۇشال خۇرام تۇرمۇش كەچۈرسەك بەزىلىرمىز تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە، سوغۇقنى سوغۇق، ئىسسىقنى ئىسسىق دېمەي ھايات كەچۈرۈش ئۈچۈن تىپىرلايمىز، بەزىلىرىمىز قەھرىتان سوغۇقتا ئىسسىق ئۆيدە ئولتۇرغىمىز كەلمەي قارسەيلىسى قىلغىلى چىققانلىرىمىزدا بىز بىزار بولغان ئاشۇ ئىسسىق ئۆيگە تەشنالىق ئىلكىدە تۇرۇپ ھايات ئۈچۈن تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان ئۇششاق تىجارەتچى ۋە ئىشچى خىزمەتچىلەرنى كۆز ئالدىمىزغا ئەسلا كەلتۈرمەيمىز، قىشتا لەپىلدەپ ياققان قېلىن قار قارسەيلىسى ئۈچۈن سىرتقا چىققان بايۋەتچە غوجاملار بىلەن كۆڭۈل ئىزھارقىلىشىۋاتقان ئاشىق-مەشۇقلار ئۈچۈن رومانتىك تۇيۇلغان بىلەن بەزى كىشىلىرىمىز ئۈچۈن جانغا ئىكەك سالىدىغان دوۋزاقتىن ئىبارەت.
يۈزگە ئۇرۇلغان سوغۇق جاندىن ئۆتىدىغان قىش ئايلىرىنىڭ بىرى ئىدى، مەن كۈندىكىدەك ئىشتىن قايتقاندىن كىيىن ياتىقىمغا كىلىپ دەم ئالغاچ بىرئاز كىتاپ ئوقۇغاندىن كېيىن سىرتقا چىقىپ ئايلىنىپ كىرىش ئۈچۈن جابدۇندۇم، ئۇچامغا زاردار ماركىلىق پەلتۇرۇمنى كىيىپ بوينۇمغا يۇرتتىن ئايرىلىدىغاندا ھەدەم سوغۇقتا توڭساڭ سېلىۋالاسەن دەپ ئىلىپ بەرگەن ئاق شارپامنى يارىشىملىق سالدىم ۋە كۆزۈمگە كومپىيۇتېر نۇردىن ساقلىنىش ئۈچۈن تاقايدىغان كۆزئەينىكىمنى تاقىدىم بۇ سۈپەت مىنى بىرئىسىتۇدىنتقا ياكى بىرە يازغۇچىغا ياكى بولمىسا ئوقۇتقۇچىغا ئوخشۇتۇپ قويغان ئىدى،مەن قولۇمغا قارا خۇرۇم پەلىيىمنى كىيىۋالغاندىن كىيىن سىرتقا قاراپ ماڭدىم، بۈگۈنكى سوغۇق كۈندىكىگە ئوخشىمايدىغان بولۇپ نەچچە كۈن ياققان قىلىن قار يەر يۈزىنى يالىت-يۇلىت قىلىپ ياتقۇزۇلغان مەرمەرتاشتەك پۈتۈن يەرنى پاقىرتىپ تۇراتتى، كوچىلار بولسا قېلىن قارنىڭ ئاستىدا خۇددى ئاق پەرەنجىنى يىپىنچاقلاپ ئولتۇرغان نازىنىندەك ئاپئاق تۈسنى ئالغان ئىدى، سوغۇق بولسا خۇددى ئاچچىقى كەلسە كۆزىگە ھېچنىمە كۆرۈنمەيدىغان سەپىرا بوۋايدەك ھەممىلا ئادەمگە ئۆزىنى ئۇرۇپ ۋۇزقۇيۇپ ھەيۋە كۆرسىتەتتى، مەن شۈنچە قىلىن كىيىنىۋالغان بولساممۇ ئانچە مۇنچە سوغۇق يەنىلا ئۆزىنى كۆرسىتىۋاتاتتى، مەن مانا شۇنداق قەھرىتان ئىچىدە قەدەملىرىمنى يەڭگىل ئىلىپ خەلق كىنوخانىسى ئالدىدىكى كەچلىك بازارغا كەلدىم،بۇ بازار كۈندىكىدىنمۇ قايناق تاشقىنلىققا چۈمگەن بولۇپ بازاردىكى ھەرخىل تىجارەتچىلارنىڭ ئاۋازلىرى قولۇقۇمغا ئۇرلۇپ تۇراتتى،بىرلىرى كەلدى مىھمان كەلسە يىسىپ قايناق دىسە،يەنەبىرلىرى،قىنى مىھمان ئاچچىق يەملا تاتلىقمۇ؟،يەنەبىرلىرى قانداقتۇر ماللىرىنى داڭلىشاتتى، بازارغا كەلگەن كىشىلەرنىڭ كىچىك باللىرى بولسا خۇددى سوغۇق ئۇلارغا ئىللىق مېھرىنى ئاچقاندەك سوغۇققا پەرۋا قىلمىغان ھالدا قارلارنى ئېتىشىپ ئۇيان-بۇيانغا يۈگۈرۈشۈپ ئوينىماقتا ئىدى، مەن ئۆزۈمنىڭ كۈندىلىك ئادىتىم بويچە بازارنىڭ ئوتتۇرسىغا قايلاشقان ئۆزى پاكىزە قەشقەرلىق ئاچا-سىڭىللار ئاچقان ئۆپكە ھېسىپ دۇكىنىغا كېلىپ ئولتادىم ھەمدە قوللىرىمنى سۈركەپ بىرئاز ئىسسىتىۋالغۇچە ئالدىمغا ئىسسىق دەملەنگەن  بىرچەينەك چايمۇ كىلىپ قالدى ھەمدە مەن داۋاملىق كىلىپ تۇردىغان بولغاچ نېمە يىيىشىمنى سورىمايلا بىر تەخسە قېزا بىلەن چۈچۈرە ئېلىپ كېلىشكە تەمشەلدى، مەن يان تەرەپتىكى يولدا كېتىۋاتقان كىشىلەرگە كۆز يۈگۈرتۈپ بىرئاز ئولتاغاندىن كېيىن تامىقىممۇ كەلدى ھەمدە دۇكان ئىگىسنىڭ سىڭلىسى مۇلايىم قىز رەيھان چاقچاق قىلىپ__ۋۇي قايسى شائىر كېلىپ قالدى بىزنىڭ دۇكانغا بەكلا ياسىنىپ كېتىپسىزغۇ ھى ھى ھى ھە بىلدىم قارىغاندە يەڭگىمىز بىلەن كۆرۈشىپسىزدە ھى ھى ھى  خاپا بولماڭ ھە بىر يۇرتلۇغۇم بولغاچقا چاقچاق قىلىپ قويدۇم، قېنى ئېلىڭ دېدىدە»» ماڭا چوكا ئېلىپ بەرگەچ. مەن جاۋابەن تەبەسسۇم يۈگۈرتتۈم ۋە تاماققا ئىشتىراخ قىلدىم،تۇيۇقسىز يان تەرپىمدىن چىققان ۋاراڭ چۇرۇڭ مېنى ئۆزىگە تارتتى مەن ئۆرۈلۈپ بىرنەچچە ياشنىڭ كەيىپلىكتە كاۋاپچىنىڭ كاۋاپتىنىنى مېنىڭ كاۋىپىمنى نىمىشقا باشتا بەرمەيسەن دەپ تېپىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ دەرھاللا باردىمدە چىرايلىق گەپلەرنى قىلىپ جىدەلنى بىسىقتۇردۇم ھەم  ئۆز ئورنۇمغا كېلىپ ئولتۇردۇم لېكىن تامىقىم ئاللا قاچان سوۋۇپ مۇزلاپ كەتكەن ئىدى،سوغۇق تاماقنى يىگۈم كەلمەي ئۇيان بۇيانغا قاراپ ئولتادىم دەل مۇشۇ چاغدا بازارنىڭ سەل چېتىگە جايلاشقان ئاچچىق چۈچۈك ساتىدىغان تۇڭگان ئۇستامنىڭ كەينىدە بىر نازنىن تۇراتتى قىزنىڭ ئۇچىسىدا يۇلغۇن چېچىگى چاپان، پۇتىدا بولسا كۈزلۈك ساپما ئاياغ بولۇپ قوللىنى قەدەمدە ھورداپ پۇتلىرىنى يەرگە ئۇرۇپ قوي كۆزلىرىدە ياش لاغىلداپ تۇراتتى،ئالدىغا بىر داسقان سىلىنغان بولۇپ داسقان ئۈستىدە تىرناق ئالغۇچ،ئاياغ مىيى،چاچقىسقۇچ،بالىلار ئويۇنچۇقى،دىگەندەك نەرسىلەر تىزىلغان ئىدى، قىز بىردە قولىنى ھوردىغا بىردە پۇتىنى يەرگە ئۇرۇپ يەردىن ئۈستۇن قارىماي،كىرپىكىدە مۇز تۇتۇپ قالغان ياش تامچىلىرىنى قەدەمدە سۈرتەتتى، بۇ قىزنىڭ ئاددى ھەم يىلىڭ كىيىنىشلىردىن كۆزىدىكى ياشنىڭ قانداقتۇر مۇھەببەت ئازابىدىن ياكى ھىجىران ئازابىدىن چىقىۋاتقانلىقى ئەمەس،بەلكى جاندىن ئۆتكەن سوغۇقنىڭ ئازابىدىن كۆزدىن  ياش تامچەلاۋاتقىننى بىر قاراپلا بىلگىلى بولاتتى، مەن ئون مىنۇتچە قاراپ تۇردۇم لىكىن بىرەسىنىڭ قىزنىڭ ئالدىدىكى ماللاردىن بىرەنى ئالغانلىقىنى كۆرمىدىم، قىزغا قارىغانسىرى كۆزلۈرۈمدىن ئىختىيارىسز ئېقىۋاتقانھېسىداشلىق ياشلىرىنى سۈرتۈپ بولالمايۋاتاتتىم، مەن دەرھاللا ئاسمانغا بىر قاراپ ئۆزۈمنى توختىتىۋالغاندىن كىيىن رەيھاننى چاقىردىم،ھەمدە ماڭا قىزىدىن بىرتەخسە يەنە چۈچۈرە،تەييارلاپ بېرىشنى دېدىم،ئاردىن ئون مىنۇتچە ئۆتكەندىن كېيىن تاماقلارچىقتى لېكىن بۇ تاماقلارنى ئۆزۈم ئۈچۈن ئەمەس ئۇ قىز ئۈچۈن بۇيرۇتقان بولساممۇ ئۇ قىزغا قانداق ئاپىرىپ بىرىش مەن ئۈچۈن تولىمۇ مۈشكۈل ئىدى،قانداق قىلاي تاماقنى ئاپىرىپلا يەڭ دەيمۇ؟ئۇنداق قىلسام ئۇ قىز قانداق ئويلاپ قالىدۇ،يا بولمىسا بۇ يەرگە تولايمۇ؟ياق بۇ تىخىمۇ قاملاشمۇغۇدەك، دەل مۇشۇ چاغدا ____نېمە بولدى يىمەپسىزغۇ ئوخشىماپتىمۇ يا؟بولمىسا قايتا قىلىپ بەرسۇنمۇ»»دېگەن ئاۋاز بىلەن خىياللىرىم چېچىلدى، ھە يىنىمغا قارىسام رەيھان قولىنى سۈرتكەچ ماڭا قاراپ تۇراتتى، ياق ئۇنداق ئەمەس شۇ............___ھە ئەمىسە يېمەپسىزغۇ؟دېدى چىيىمنى يىڭىلاپ قويغاچ،
مەن شۇ...___ۋايۋۇي نىمە شۇ ھەجەپ تىلىڭىزنى چايناپ كەتتىڭىزغۇ؟
تۇيۇقسىز كاللامغا رەيھاندىن ياردەم سوراش خىيالى كەلدىدە خاپا بولماي ماڭا ياردەم قىلسىڭىز بوپتىكەن
___نېمە ياردەم
بۇ تاماقلارنى ئاۋۇ قىزغا ئاپىرىپ بەرگەن بولسىڭىز
___قايسى قىز قېنى
ئەنە ئاۋۇ قىز ئاۋۇ يايما ئىچىۋاتقان قىز شۇ، رەيھان ماڭا ھەيرانلىق بىلەن قاردى ھەمدە
___ئۇقىز سىزنىڭ نىمىڭىز
خاپا بولماي بىر ياردەم قىلىۋىتىڭە قالغىنىنى كېيىن دەپ بېرەي
___ئۇ ھە ماقۇل»»دېدى ھەمدە تاماقلارنى ئىلىپ ماڭدى.
مەن دەرھاللا ھە راس بۇلانى مىنىڭ ئەۋەتكەنلىكىمنى دىمەڭ ئۇ ئالغىلى ئۇنىمىسا مەن مىھمان قىلدىم پۇل ئالمايمەن دەڭ دىدىم،رەيھان تاماقلارنى ئىلىپ قىزنىڭ قىشىغا ماڭدى مەن قاراپ تۇردۇم رەيھان تاماقلارنى قىزغا سۇندى لىكىن قىز بولسا رەھمەت دىگۈنچە تاماقلارنى ئالغىلى ئۇنمىدى،ئىككىسى بىردەم مۇنازىرلەشكەندىن كىيىن قىز تاماقنى ئالدىدە ئىزىدا بىردەم ئولتۇرغاندىن كىيىن ئاستا ئاستا يىيىشكە باشلىدى، مەن ئارىلىقتا يەنە قىززىق بىر چاينەك چاي ئاپىرىپ بىرىشنى ئۆتۈندۈم قىز تاماقلارنى يەپ بولغاندىن كىين قولىنى دۇئاغا كۆتۈردى ھەمدە كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش ئاقتى قىزنىڭ بۇ ئالىنى كۆرۈپ ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالمىغىلى تاسلا قالدىم،قىز دۇئا قىلىپ بولۇپ چاي قۇيۇپ بىرپىيالە قىززىق چاي ئىچىۋالغاندىن كېيىن كىچىك ئۇلۇغ تىنىپ شۇكۇر ھاسىل قىلدى ھەمدى چەينەكنى چىڭ تۇتۇپ قوللىرىنى ئىسسىتتى،ئاندىن تاماق يىگەن تەخسىلەرنى ئەكىلىپ بىرىش ئۈچۈن تەمشەلدى، مەن قىزنىڭ كەلگىنىنى كۆرۈپ يانفونۇمنى ئېلىپ يانفوندىن باش كۆتۈرمەي ئولتادىم، قىز كېلىپلا رەيھانغا ۋە رەيھاننىڭ ئاچىسى بۇنىيازەگۈلگە رەھمىتىنى بىلدۈردى كۆپ مىننەتداربولدى، مۇشۇ ئارىلىقتا رەيھان ماڭا قاراپ يەڭگىل كۈلدى مەن مېنى ئاشكارىلىماڭ دېگەننى قىلىپ بىشىمنى چايقىدىم، قىز قايتىم كەتتى مەن قول سائىتىمگە قارىسام ۋاقىتمۇ خىلى بىر يەرگە بىرىپ قالغان ئىدى،مەن ھىسابات قىلىش ئۈچۈن يۈز سومنى بەردىم ھەمدە ئاشقىنىنى قايتۇرماڭ، مەن تاماق يېگىلى يەنە كىلىمەن، ئەگەر مەن كىلەلمەي قالسام ئۇ قىزغا تاماق قىلىپ بىرىڭ دىدىم، قايتىشىمدا قىزنىڭ يايمىسى ئالدىغا كىلىپ ھەربىر نەرسىدىن بەش تالدىن سېتىۋالدىم، لىكىن ئارانلا 23 يۈئەن بولغان ئىدى، مەن قىزدىن سورىدىم، ماللىرىڭىزنىڭ ئەڭ قىممىتى قايسى؟
___ئاياغ مىيى بىرسى 2.50 سوم
ھە قانچىلىك بار؟
___مۇشۇ قالدى»»دېدىدە ئاياغ مىيىنى ماڭا كۆرسەتكەچ قارىسام يەتتەتاللا ئاياغ مىيى تۇراتتى مەن ھەممىنى ئالدىم يەنە ئازىراق نەرسىلەرنىمۇ قېتىپ قىزدىن قانچە پۇل بولغانلىقىنى سورىدۇم ھەممىسى يىگىرمە يۈەن بولغان بولۇپ قىزنىڭ ئالدىدا مالمۇ قالمىغان ئىدى،مەن قىزغا پۇلنى بېرىۋەتكەندىن كېيىن سىتىۋالغان نەرسىلەرنى خالتىغا قاچىلاپ ياتاققا قايتتىم، يولدا كاللامنى چىرماپ ئالغان گىجماچ خىياللار مېنى بىئارام قىلاتتى.

داۋامى ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىدۇ

9

تېما

6

دوست

801

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

تۆھپە
276
مۇنبەر پۇلى
500
ئىشەنىچ
276
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-21 08:20:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا مۇشۇ خىياللار ئىلكىدە ئۆزۈمنىڭ ياتىقىم ئالدىغا كىلىپ قالغىنىمنىمۇ بىلمەپتىمەن،تۇيۇقسىز ماشىننىڭ لابا باسقان ئاۋازى خىيللىرىمدىن مىنى ئويغاتتى،بىزنىڭ ياتىقىمىز ئىككى ھويلا لىكىن بىر ئىشىك بولۇپ ئىچكىركى ھويلىدا قىزلار ياتىقى،تاشقىرقى ھويلىدا بولسا ئوغۇللار ياتىقى بارئىدى،مەن ھويلىغا كىرگىنىمدە ھويلىدا خىزمەتدىشىم مەرۇپجان ئۆيدىكىلەربىلەن تىلىفۇن سۆزلىشىۋاتاتتى مىنىڭ كىرشىم بىلەن تاڭ ئۇ ياتىقىغا كىرىپ كەتتى،بەلكىم باشقىلار ئاڭلىسا بولمايدىغان گەپلىرى بولسا كىرەك مەن ياتاققا كىرىپ چاپىنىمنى سالدىمدە يەنە قولۇمغا كىتاپنى ئالدىم،ئوقۇۋاتقان كىتابىم بولسا بۇلاق ناملىق ژورنالبولۇپ مەن بۇ ژورنالدىكى ئاتاقلىق يازغۇچىمىز «سەمەتدۇگايلى»نىڭ قومۇش پوپوگى ناملىق پوۋسىتىدىكى ئايتۇنىخان بىلەن قۇمىرخاننىڭ چۆل-جەزىردە چاشلىرى تاراقسىز يۈزلىرى توپا تەررەت ھالدا گەرچە قوسقى ئاچ بولسىمۇ بىرسى-بىرسىگە ئۆزلىرىنىڭ قوسقىنىڭ شۇنداق توق ئىكەنلىكىنى ئىيىتىشىپ ئۆزلىرىنى خوشال تۇتۇشۇپ سەپىرىنى داۋام قىلغان»»يىرى ئىدى تۇيۇقسىز ئىسىمگە يەنە باياتتىن بازاردا كۆرگەن يايمىچى قىز كەلدىدە كىتابنى قويۇپ يەنە ئوي خىياللارغا غەرەق بولدۇم،خىياللىرىم بولسا توۋا ئۇقىزنىڭ ئاتا ئانىسى يوقمىدۇ؟يا بولمىسا ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى ئىگىرمىدۇ؟ئەسلىدە بۇقىزمۇ خۇددى باشقا قىزلارغا ئوخشاشلا ئىسسىق ئۆيدە ئولتۇرۇپ ئىسسىق تاماقلارنى يەپ،ئاتا-ئانىسى ئاچا سىڭىللىرى بىلەن بىرگە ھەم سۆھبەت بولۇپ ئىللىق ئائىلىدىن بەھىرمان بولىشى كىرەك ئىدىغۇ دىگەنلەرنى ئويلاپ يىتىپ قاچانلاردا ئۇخلاپ قالغىنىمنى بىلمەيمەن.
تۇيۇقسىز ياتاقنىڭ ئىشىگى چىكىلدى مەن ئۇيقۇلۇق كۆزلىرىمنى مىڭبىرتەستە ئاچتىپ ئىشىك تۈۋىگە ماڭدىم،چالا ئۇيقا بولغاچقىمىكىن تاڭ تۇيۇقسىز ئاخشام بازاردىن ئىلىپ كىرگەن نارسىلەرگە پۇتۇپ ئىلمىشىپ قىلىپ ھەممىسى چىچىلىپ كەتتى،مەن ئارال ئىشىكنى ئىچىۋىتىپ ئاندىن ئۇ نارسىلەرنى يۇغۇشتۇرۇشنى ئويلۇدۇمدە ئىشىكنى ئاچتىم،ئىشىك تۈۋىدە خىزمەتدىشىم مەرۇپجان قاراپ تۇراتتى،
———ئاسسالامۇ ئەلەيكۇم ئاداش ئىشىكنى ھەجەپ ئۇزۇندا ئاچتىڭغۇ
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام مەن شۇ قاتىغراق ئۇخالاپ قاپتىمەن ئاداشدىدىمدە ئۇنى ياتاققا تەكلىپ قىلغاچ،ئۇياتاققا كىرىپ ئۆينىڭ ئوتتۇرسىدىكى قالايمىقان چىچىلىپ تۇرغان نارسىلەرنى كۆرۈپ———ۋاي ئاداش نىملەربۇ كىچىدىن بىرەسىنىڭ دۇكىننى بۇلىمىغانسىلە ھى ھى ھى ھى چاقچاق جۇمۇ ئاداش نىمانچە جق ئىلىۋالدىڭ ئاياغ مىيىنى؟
ھەشۇ   شۇ ئاخشام بازارئارلاۋىتىپ قارىسام ئەرزانلا ساتقىلى تۇرۇپ تىكەن سىلەرنىمۇ ئىشلەتسۇن دەپ جقراق ئالغان ئىدىم،
———ھە مۇنداق دە رەھمەت جۇمۇ ئاداش ئەمىسە تاتىنمىدىم»دىدىدە ئىككىتال ئاياغ مىيىنى قولىغا ئالغاچ دەل شۇ چاغدا قىرىشقاننىڭ كۆتىگە تەپ دىگەندەك منىڭبىرتەستە خالتىغا قاچىلىغان نەرسىلەر خاتىنىڭ يىرتىلىپكەتكەن ئاستى تەرپىدىن قايتا تۈكۈلۈپ كەتتى،
———ۋائۇۋۇي ئاداشھەي نىملەربۇ؟
نىمە ئىكەنلىكىنى ئۆزۈڭ كۆرگەنسەن ———ئاياغ مايلىرىنى سىلەربىلەن بىللە ئىشلەركىلى ئالدىم دىگەن ئىدىڭ ئاداش ئەمدى ماۋۇ تىرناق ئالغۇچلارنىچۇ؟يەنە تىخى چاچقىسقۇچمۇ تۇردۇ ھە بىلدىم قارىغاندا،رىستۇراندىكى قىزلاردىن بىرەسىگەھى ھى ھى...........
بولدى قىلە ئاداش ساڭا چۈشەندۈرۈپمۇ بولالمايمەن قالغىننى كىيىن ئۆزۈڭ چۈشىنىۋالارسەن دىدىم تازلىق ئۆيگە ماڭغاچ مەرۇپمۇ باشقا گەپقىلمىدى مەن تازلىق ئۆيگە كىرىپ يۈزۈمنى يۇيۇپ بولغۇچە———ئاداش مەن ماۋۇ چايقايناتقۇچنى ئىلىپ چىكەتتىم ھە ھازىرلا ئەكىرىپ بىرمەن دىدى»» مەرۇپ مەن ئاغزىمدا لىق چىش پاسسى بولغاچ ھىم ھىم دىگەنچە ئۆزئىشىمنى قىلىۋەردىم،ئاردىن يىگىرمە مىنۇتچە ئۆتكەندىن كىيىن خىزمەت دىشىم تۇرسۇن ئاي ناشتىلىقنىڭ تەييار بولغانلىقى ئۇختۇرۇپ قويغىلى كىرىپ كەلدى ھەمدە يۇيۇپقويغان سەھنە كىيىملىرىنى قاتلاپ قويغاچ———چىقىپ تىزراق ناشتا قىلىۋىلىڭ بولمىسا سۇيۇپ قالمىسۇن دىدى»»سىرىتقا ماڭغاچ،مەن ئاخشام ئەكىرگەن نەرسىلەردىن بىرتال چاچقىسقۇچ بىلەن چىرايلىق نەپىس ئىشلەنگەن تىرناق ئالغۇچ ۋە ئۇماققىنا بىر كىچىك قونچاقنى ئۇنىڭغا بەردىم ئۇ بۇنەرسىلەرنى قولۇمدىن ئالغۇچە مىنىڭ كۆزۈمگە تىكىلىپ قاراپ تۇرۇپ ———رەھمەت سىزگە دىدى ھەمدە خىزمەتچىلەر ناشخانىسى تەرەپكە ماڭدى،مەن كىيىملىرىمنى تۈزەشتۈرگەندىنكىيىن ناشتا قىلىش ئۈچۈن خىزمەتھىلەر ئاشخانىسىغا كىردىم ئاشخانىدا بىرنەچچە خىزمەتداشلار ئولتۇرغان بولۇپ بەزسى ناشتا قىلىپ بولۇپ ئۆزئارا پاراڭلىشىپ ئولتۇراتتى،مەرۇپجانمۇ سەل بىر چەتتە ئولتۇرۇپ قانداق تۇربىر خەۋەرلەرنىڭ گەپلىرىنى قىلىشىپ باراتتى،مەن ناشتامنى قىلىپ بولۇپ تاجىگۈلگە مىنىڭ ياتىقىم ئالدىغا بىرشىنى ئۇنىڭغا بىردىغان نەرسە بارلىقىنى دىدىم،ئۇمۇ باشقا گەپ قىلمىدى،مەن ياتاققا كىرىپ ئەمدى قولۇمغا كىتابنى ئىلىشىمغا ئىشىك چىكىلدى،كىرىڭ ئىشىك ئوچوق،تاجىگۈل ئىشىكنى ئىچىۋىتىپ ئىشىكنىڭ سىرتىدا قاراپ تۇراتتى مەن باشقىلارنىڭ سۆزچۆچەك قىلىشىدىن ئۈچۈن بولسىمۇ ئۇنى كىرىشكە تەكلىپ قىلمايلا ئۇنىڭغىمۇ چىرايلىق چاچقىسقۇچتىن بىرنى تىرناق ئالغۇچ ۋە ئىككى دانە ئاياغ مىيى بەردىم،تاجىگۈل بۇلارنى ئىلىپ ماڭا بىرنى قارۋەتكەندىن كىيىن ———رەھمەتسىزگە ئابدۇسوپۇر مەن بۇ سوغىڭىزنى چوقۇم ئاسىرايمەن»»دىدى،مەن يەنە كىتابنى قولۇمغا ئالدىم تازا قىززىقىپ كىتاب ئوقوۋاتقىنىمدا——— ئەسسالامۇلەيكۈمممممممممممم سوپۇرەكجان خە خە خە خە ئوتتادۇقما يىئاۋۋۋۋۋۋ ما كىتاب موللىسىنىڭ»»دىگىنىچە تاماكىنى خۇددى ئانىسىنى ئىمىشكە تەشنا بولغان موزايدەك بولىشىغا ئىمىپ ئىتۈتەكنى تەرەپ تەرەپكە پوقۇرتۇپ پۇدەپ ئاۋۇت ئاشاڭ كىردى،بۇ ئاۋۇت قاشاڭ بولسا مىنىڭ خىزمەت دىشىم بولۇپ تىگى مەن بىلەن بىريۇرتلۇق ئۆزى ئۇستا ئاشپەش،بۇنىڭ باشقىلاردىن بەرمىگەنگە ئۇنىماي بىرنەرسە سورشى ۋە قىزلارغا سەت چاقچاقلارنى قىلىشى،يەنە ئادەم باريوق دىمەي يەل قويۋىتىپ ۋوي پالانچى ئاۋۇ يە ساقمۇيە دىيىشلىدىن باللار بۇنىڭغا قاشاڭ دەپ قەلەپ قويۇپ قويغان ئىدى، بۇ لەقەممۇ بۇنىڭغا خۇددى قۇمغا چاچقان سۇدەكلا سىڭىپ كەتتى تىخى بەزىدە قاشاڭلىق دىگەن ياشاشنىڭ بىرخىل يولى دەپ ئۆزىدىن پاخىرلىنىپمۇ قۇياتتى،———ھە ئادىش نىمە قىلىپ يەنە كىتاب ئوقوپما؟ئى بىزنىڭ ياتاققا چىقىپ قەتپەت ئوينىساق بوممامدا،قاچان قارسا كىتابلا ئوقوغان يە بىريەرگە باشلىق بولالمىدىڭ سەن خە خە خە خە»»دىدى قولىدىكى تاماكىسىنى قىقىۋەتكەچ بولدى ئاداش مەن بۇ كىتابنى ئوقوپ بولايلادىدىم مىنىڭ ئاشۇنداق قارتا دىگەنبىلەن تازا خوشۇميوق ئۆزۈڭمۇ بىلىسەنغۇ مەن بىر بولسا تورغا چىقىپ خەۋەركۆرمەن بىربولسا كىتاب ئوقويمەن،
———ھە بوپتۇ ئەمىسە ئاڭلىسام بىزئۈچۈن مايپاي تىرناق، ئالغۇچ،پىرتىۋال،دىگەندەك نەرسىلەنى ئەكىرىپ تىكەنسە سەن تارقاتقان ئاشۇ تۆۋەن تۇرمۇشتىن مەنمۇ بەھىرمان بولاي دەپ كىردىمغۇ ئادىش خەخەخە»»دىدى سەت قۇلۇق بىلەن كۈلۈپ،ئۇنىڭ بۇ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ئەرۋايىم ھەرقانچە ئۇچقان بولسىمۇ يەنىلا سۈكۈتتە تۇردۇم چۈنكى ئۇنىڭغا گەپ قىلىشنىڭ ئۆزىمۇ بىرمۇنچە ئاۋارچىلىق ئىدى،ھە قىنى ئۆزۈڭ ئىلىۋال ئەنە ئاۋۇ قارا خالتىدا با دىدىم كىتابدىن بىشىمنى كۆتۈرمەي،———ھە ئەمسا تاتىنمىدىم جوما مايدىن ئۆتتال ئىلىۋالدىم»»دىدى ھىجايغان پەدىدە چىقىپ كەتتى،ئۇنىڭغا يىچنىمەبەرگۈم بولمىسىمۇ ئامالىم يوقئىدى ھىلىغۇ تەييار نەرسىكەن يوق نەرسىنى سورسىمۇ چوقۇم ئالاتتى ياكى بولمىسا ئىچى كۆيگەن نەرسىنى ئىگىسىگە لازىمى باريوق بولىشىدىن قاتتى نەزەر قاشاڭلىق قىلىپ تۇرۇپ،ئالاتتى شۇڭا ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ئامالى سورغان نارسسىنى بىرىپلا يولغا سىلىش ئىدى،قۇلاقتىن قۇلاق ئاڭلار دىگەندەك باشقىلارمۇ بىر-بىرلەپ كىرىشكە باشلىدى،مىنىڭ بۇ كۈندىكى تىنىچ ياتىقىم گويا توپ ئەكىلىپ پارچە تارقىتىش ئورنىغا،ياكى بولمىسا تىز يەتكۈزۈش ئورنىغا ئوخشاپ قالغان ئىدى،بەزلىرى چىرايليق ھەشقاللا ئىتىپ ئىلىپ چىقىپ كەتسە بەزلىرى،ساختىكەن ئۇنداقكەن بۇنداقكەن دىگىنچە ئىلىپ چىقىپ كىتىشەتتى،مانا ئۈگۈن بىركۈن مۇشۇنداق كەچ بولدى،كەچ كىرشى بىلەن تەڭ ھەممىمىز خىزمەتكە چىقتۇق رىستۇران ئاساسلىقى كەچلىكى ئىچىلىدىغان بولغاچقا،كەچتە ھەممىمىز ئالدىراش بوپ كىتەتتۇق،بۇ ئالدىراشچىلىقلارمۇ تۈگەپ ئىشتىمۇ چۈشتۈم،بۈگۈنمۇ يەنە شۇ كەچلىك بازارغا بىرىش ئۈچۈن تەمشىلىپ تۇرغۇنۇمدا خىزمەتدىشىم سەدىردىن كىرىپ كەلدى،ھەمدى——— ئاداش سىرتلارغا چىقىپ ئايلىنىپ كىرەمدۇق»»تاماكىسىدىن بىرتالنى ماڭا تەڭلىگەچ،مەن نىمەدىيىشىمنى بىلمىدىم ئەمدى قانداق قىلغۇلۇق بۈگۈنمۇ ئۇ يايمىچى قىزنىڭ ئاززىراق ماللىرىنى ئىلىپ ئۇنىڭغان ئازغىنە بولسىمۇ ياردەم قىلىش ئۈچۈن بايا تىخى بانكىدىن ئىككى يۈز يۈئەن ئالغان ئەمەس مىدىم رەت قىلايمۇ؟ئۇنداق قىلسام بۇ خىزمەت دىشىم خاپا بولۇشتا تۇرغانلاگەپ،ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز بۇرۇندىن نەرگىلا بارساق بىللە بىرىپ كۆنۈپ قالغان،نە ئامال ئۇنىڭ تەلىۋىگە ماقۇل بولۇپ ئىككىمىز بىللە سىرتقا ماڭدۇق،بۈگۈنكى سوغۇق تۈنۈگۈنكىدىنمۇ قاتتىق بولۇپ ئىچىرقىغان ياۋۇز بۆردەك ھۇژقۇيۇپلا تۇراتتى،بىزخزمەت توغۇرلۇق ۋە باشقا ئىشلار توغۇرلۇق پاراڭلاشقاچ كەچلىك بازارنىڭ ئالدىغىمۇ كىلىپ قالدۇق،مەن بازارغا كىلىپلا قىقىپ قويغان قوزۇقتەك تۇرۇپلاقالدىم،———ماڭمامسەن ئاداش؟
دىدى سەدىردىن ماڭا قاراپ،ئاداش چۈچۈر ئىچەمدۇق دىدممەن رەيھاننىڭ دۇكىنى تەرەپكە مىڭىپ،سەدىردىنمۇ باشقا گەپ قىلمىدى،بىزرەيھاننىڭ دۇكىنىغا كىلىپ بىرئورۇندا ئولتۇردۇق،رەيھانمۇ مىنى كۆرۈپلا دەرھال يايمىچى قىز تەرەپكە بىرقارۋەتكەندىن كىيىن،———ھە سىزغۇ داۋاملىق بىرخىل مۇنۇ دىستىڭىز نىمە يەيدىكىن»» دىدى كۈلۈم سىرەپ،مەن سەدىردىنگە قاردىم———ھە ئوخشاش بولسۇن ئاداش»»دىدى ئۇبازارغا كۆزيۈگۈرتكەچ مەن ئاغىنەمنىڭ ماڭا دىققەت قىلمىغان ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ ئۇ قىز تەرەپكە قاردىم،ئۇ قىز بولسا بۈگۈنمۇ ئوخشاشلا قوللىرىنى ھورداپ كۆزلىرىدا ياش لاغىلداتقىنىچە تۇراتتى،قىزنىڭ بۇ ھالىنى كۆرۈپ مىنىڭ يەنە ھىسداشلىق ياشلىرىم ئختىيارىسز ئاقاتتى،كۆڭلۈمدە ئۇ قىزغا بۈگۈن تاماق ئاپىرىپ بارگەنمىدۇ،دىگەنلەرنى ئويلاپ ئولتۇرغۇنۇمدا قىزنىڭ ئالدىدا تۇرغان،چاي چەينىكىگە كۆزۈم چۇشتى،دەل شۇچاغدا ئۆزۈمنىڭ ئالدىغا تۇرغان چاي چەينىكىگە قاردىم ئىككى چەينەك ئوخشاشلا بولۇپ،ئۇقىزغا چاينى رەيھاننىڭ ئاپىرىپ بەرگىنى ئىنىق ئىدى،بىزنىڭ ياماقلارمۇ چىقىپ قالدى،مەن تاماققا ئىغىز تىگىشىمگىلا رەيھان———سىز تۈنۈگۈن ماڭا بىقىڭ دەپ بەرگەن ئارىسلانچاققا ئەتىن تىخى تاماق بەردىم ئەنسىرەپ كەتمەڭھە»»دىدى چىيىمىزنى يىڭىلاپ قويۇپ بەرگەچ مەن تۇيۇقسىز قىلىنغان بۇ گەپنى قاڭلاپ بىركۈلگۈنۈمچە ئىغىزىمدىكى تاماك پۇرقۇلۇپ ئاغىنەمنىڭ قاچىسىغا چۈشتى،ئاغىنەم بولسا———ۋاي ۋاي  نىمە قىلغىنىڭ بۇۋوي،بىرئوبدان تاماقنى يوق قىلدىڭ مانا شالىڭنى چىچىپ،ئۇيانغا قاراپ كۈلسەڭ بولمامتى ھەي سىنىزە ئاداش»»دىدى كىيىملىرىدىكى پۇرقۇلغان تاماقلارنى تازلىغاچ،مەن خىجىللىقتا خاپا بولمىغىنە ئاداش مەن يەنە بۇيرۇتاي،دىدىم ئۇنىڭغان تازلىق قەغىزى ئىلىپ بەرگەچ———يا بولدى ئاداش خاپا بولمۇدۇم ئاداش ئادەتتىمۇ شۇنداق تۇرساڭ سەن،شۇڭا سەن تاماق يەۋاتقاندا مەن كۈلكۈلۈك گەپقىلمايتتىم»» دىدىئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ،مەن يەنە بىرقاچاچۈچۈر بۇيرۇتقاندىن كىيىن رەيھانگۈلگە،قاراپ كۆلدۈم ھەم ئۇنىڭدىن تولىمۇ مىنەدداربولدۇم،گەرچە مەن ئۇنىڭ چۆپقىتى بولساممۇ ئۇ مىنىڭ تاپىلىغان ئىشىمنى جايدا بىجىرىپ قويغانلىقىدىن مەمنۇنلۇق ئىلكىدە چىسرىمغا تەبەسسۇم يۈگۈرتتۈم،يەنە ئۇنىڭ ئەقلىگە باركاللا ئوقومايمۇ بولمايتتى،ئاغىنەمنىڭ ئالدىغا ئۇقىزنىڭ گىپىنى ئوچوق ئاشكارە قىلماستىن ئۇنى ئۇماق بىر ئارىسلانچاققا ئوخشۇتۇپ ئۇنىڭ قوسقىنى تويغۇزۇپ قويغانلىقىن مىنى خەۋەردارقىلشىنى ئۇنىڭ تولىمۇ ئەقىللىق ئىكەنلىكىنى بىلىندۈرەتتى،بىزمۇ قايتىدىغان بولۇپ قالدۇق،ئەمدى قانداق قىلىش كىرەك؟ئۆزۈم يالغۇز بولغۇنۇمدا ئۇقىزنىڭ يەنە ئاززىراق ماللىرىنى ئىلىپ كەتسەم ئۇقىز ئاززىراق بولسىمۇ سودا قىلاتتى ئەمەسمۇ؟ئەسسىيادىم ئاغىنەمدىن بىرئامال قىلىپ ئايرىلىش ئىدى،لىكىن مۇمكىن بولمىدى،مەن ئاخىرى ساقال تىغىنى باھانە قىلىپ،ئۇيايمىچى قىزنىڭ ئالدىغا باردىم،ھەمدە ئۇنىڭ ئالدىدىكى نەرسىلەرنى كۆرگەن بولۇپ ئاغىنەم ۋە ئۇقىز دىققەت قىلمىغان،ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ تاماقتىن ئاشقان يەتمىش سوم پۇلنىڭ ئەللىگ كويسىنى قىزنىڭ دوستىخىنى ئۈستىگە تاشلاپ قويدۇم،ھەمدە ئۇنىڭ ئالدىدىكى پىرتىۋالنىڭ ھەممىنى سىتىۋالدىم شۇنداق قىلىپ بۈگۈنمۇ ئۇقىزغا ئازتولا سودا قىلىپ بەرگەن بولدۇم،بىزياتاققا كەلگىنىمىزدە رىستۇران خوجايىنىبىلەن بىرنەچچە باللار ھويلىدا پاراڭلىشىپ تۇرغان بولۇپ،ئارسىدا خىزمەت دىشىم گۈلسارەممۇ بارئىدى،بىز ھويلىغا كىرشىمىزگە گۈلسارەم مەندىن كىچىك جاۋۇرنى سوردى مەن ماقۇللۇق بىلىندۈرۈپ ياتىقىمنىڭ ئىشىكىنى ئاچتىم ھەمدە جاۋۇرنى ئىلىپ بەرگەچ گۈلسارەمگىمۇ بىرتال چاچقىسقۇچ ۋە باشقا نەرسىلەردىن بەردىم،ئۇمۇ رەھمەت دىگىنچە قايتتى مەنمۇ سەل چارچاپ قالغان بولسام كىرەك،كىتابمۇ ئوقومايلا ئارام ئالدىم،بىرچاغدا بىرسىنىڭ ئىشىكنى غەزەببىلەن ئۇرۇشكىردىن چۈچۈپ ئويغاندىم سائىتىمگەقارىسام تاڭ ئىتىپ سائەتمۇ توققۇز يىرىم بولغان ئىدى،مەن تىزلىك بىلەن ئىشىكنى ئاچتىم ئىشىك ئالدىدا تۈنۈگۈن مەن چاچقسقۇچ بىلەن قونچاق بەرگەن خىزمەتدىشىم تاجىگۈل ئاچچىقى بىلەن قاراپ تۇراتتى،ئۇ مىنى كۆرۈپلا———ئىسىت ئابدۇسوپۇر سىزگە ئىشەنگنلىرىم سىزنىڭ  سىزنىڭ بۇنداق ئۈجمە كۆڭۈل ئىكەنلىكىڭىزنى ئويلىماپتىمەن»»دىدىدە يىغلاپ تۇرۇپ،مەن نىمەبولغىننى ۋە نىمنى خاتا قىلغىنىمنى ئاڭقىرالمايلا قالدىم ھەمدە

داۋامى ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىدۇ

12

تېما

3

دوست

1592

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
741
مۇنبەر پۇلى
820
ئىشەنىچ
741
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-1 17:14:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇقام يوللىغان ۋاقتى  2016-2-21 08:20
مانا مۇشۇ خىياللار ئىلكىدە ئۆزۈمنىڭ ياتىقىم ئالدىغا ك ...

ياخشى باشلاپسىز  داۋامىنى كۈتىكۈزمەڭ .
نامسىز  يوللىغان ۋاقتى 2016-5-29 11:52:33
[code]ئەسسىلاممۇ ئەلەيكۇم ئابدۇسۇپۇر،ياخشى يىزىپسىز ،لىكىن داۋامىنى ئۇقۇش ئۈچۈن يەنە كۈتىمەن .
سىز ئۇقۇر مەنلىرىڭىزنى داۋاملىق ساقلىسۇن دىمەكچىمۇ؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى 

GMT+8, 2016-8-3 02:25, Processed in 0.137260 second(s), 28 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش