ئاشىق مەشۇقلار كۈنىنى كىتاب ئوقۇش كۈنىگە ئايلاندۇرۇش توغرىسىدىكى ھېسلار نىجات نىياز (ئېھسان)  رىقابەت ۋە خىرىسقا تولغان 2016-يىلىنى كۈتۈۋېلىۋاتقان، باھار بايرىمى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلىۋاتقان پەيتتە، ھەر يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى كۈنىنى كىتاب ئوقۇش كۈنى قىلىپ بېكىتىش تەشەببۇسى ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىنى بىر ئالدى. بۇ تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويغۇچى، 2015-يىلىنى كىتاب ئوقۇش يىلى قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان روزىمۇھەممەد تۇردى ئارتۇچ مۇئەللىم بولۇپ، ئارتۇچ مۇئەللىم يەنە بىر قېتىم تور دۇنياسىدا كىتاب ئوقۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىنى «قالايمىقان» قىلدى. تەشەببۇس ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن، بۇ پىكىرنى قوللايدىغانلارمۇ، بۇ پىكىرگە قارشى چىققانلارمۇ ئوخشاشلا ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەيلى قانداقلا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر پىكىرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى شۇنداقلا ئۇنىڭ تور دۇنياسىدا غۇلغۇلا قوزغىشى ئۇ پىكىرنىڭ، ئۇ كۆز قاراشنىڭ تورداشلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. مۇنازىرىنىڭ، مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەھمىيەتلىك مۇنازىرىلەرنىڭ ئېلىپ بېرىلىشى ھەممىمىزنى سۆيۈندۈرىدۇ، چۈنكى مۇنازىرە بولغاچقا شۇ ئىش ياكى شۇ ۋەقەگە بولغان كۆز قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ، مۇلاھىزە ۋە تەتقىق يۈرگۈزۈلىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا كىشىلەر ئۆزلىرى قايىل بولغان نەتىجىگە ئېرىشىدۇ. ئارتۇچ مۇئەللىمنىڭ بۇ قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان پىكرىگە تورداشلار زادى قانداق ئىنكاسلاردا بولغاندۇ؟ بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن تورداشلارنىڭ ئىنكاسى ئىككى خىل بولغان. بىرىنچى خىل قاراشتىكىلەر ئارتۇچ مۇئەللىمنىڭ كۆز قارىشىنى قوللىغان، ھەمدە بۇ ئۇچۇرنى ئۆزىنىڭ دوستلار چەمبىرىكىدە شۇنداقلا ئۈندىدار توپلىرىدا كۈچەپ تارقاتقان، ئۇلارنىڭ قارىشىچە كىتاب ئوقۇش يىلىدىلا كىتاب ئوقۇش، كىتاب ئوقۇش كۈنىدىلا كىتاب ئوقۇش دېگەنلىك بولماستىن بەلكى مەلۇم بىر كۈن، مەلۇم بىر پەيتنى تاللاپ كىتاب ئوقۇش تەشەببۇسىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش، كىشىلەرگە كىتابنىڭ مۇھىملىقى ۋە ئەھمىيىتىنى تونۇشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ئىكەن؛ يەنە بىر خىل قاراشتىكىلەر بۇ پىكىرنى قوللىمىغان، ئۇلارنىڭ قارىشىچە 2-ئاينىڭ 14-كۈنى ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى دېگەن ئۇقۇمنى كاللىمىزدىن چىقىرىۋېتىپ، بۇنى پەقەت ئادەتتىكى بىر كۈن سۈپىتىدە ئۆتكۈزۈۋەتسەكلا بولىدىكەن، شۇنداقلا بۇ كۈننىڭ ئۆزىدە چوقۇم كىتاب ئوقۇيمەن دەپ ئۆزىگە بېسىم قىلىۋېلىشنىڭ ھاجىتى يوقكەن. ھەر كاللىدا ھەر خىيال دېگەندەك يەنە بەزى ئۈندىدار سالونلىرىدا بۇ كۈننى يەنە خەير-ساخاۋەت كۈنى قىلىپ بېكىتىش توغرىسىدا بەزى ئۇچۇرلار تارقالغان. ھەر كىمنىڭ ئۆزى خالىغان تەشەببۇسنى قوللاش ھوقۇقى بولىدۇ، ئۈندىدار دوستلار چەمبىرەكلىرىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەرنىڭ ھېچقايسىسى مەجبۇرلاش خاراكتېرىنى ئالمىغان بولۇپ، ئۇ پەقەت شۇ پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويغان كىشىلەرنىڭ تەشەببۇسى، شۇنداقلا قايسى خىل ئىدىيەنى تاللاش، قايسىسى بويىچە ئىش كۆرۈش ئۇ تورداشلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئىشى. مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئارتۇچ مۇئەللىمنىڭ كىتاب ئوقۇشنى تەۋسىيە قىلىش، كىتابنى سۆيۈش، ئىلىمنى قەدىرلەش توغرىسىدا ئوتتۇرىغا قويغان بۇ پىكرى يەنە بىر قېتىم تورداشلارنىڭ قەلب تارىنى چەكتى، بۇ پىكىرنى قوللىغانلار ۋە ياكى قارشى تۇرغانلار بولسۇن، ئازدۇر-كۆپتۇر «كىتاب» تىن ئىبارەت بۇ ئاچقۇچلۇق سۆز بىلەن ئۇچرىشىپ، «كىتاب ئوقۇش» توغرىسىدىكى پىكىرلەر بىلەن زەرەتلەندى. كىتاب ئوقۇشنىڭ ئىنساننىڭ ھاياتىغا ئېلىپ كېلىدىغان مەنپەئەتىنى سۆزلەپ ئولتۇرمىساقمۇ ئۇ كۆپچىلىككە ناھايىتى ئايان. بەلكىم بەزىلەر بۇ كۈننى مەيلى «كىتاب ئوقۇش كۈنى» قىلىپ بېكىتتۇقمۇ دەيلى، لېكىن خىلمۇ خىل ئالدىراشچىلىق تۈپەيلى بۈ كۈنى كىتاب ئوقۇشقا ۋاقىت يەتمىدى ياكى بىر كۈندە بىر كىتابنى ئوقۇپ تۈگەتكىلى بولمىسا دېيىشى مۇمكىن. توغرا، بىر كۈندە بىر كىتابنى ھەقىقىي ئوقۇپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ، لېكىن شۇ كۈننى «دەستەك» قىلىپ تۇرۇپ بىر كىتابنى ئوقۇشنى باشلىۋالسىڭىز ئۇنىڭ ئەھمىيىتى ھەممىدىن زور بولىدۇ. 2-ئاينىڭ 14-كۈنى مەيلى كىتاب ئوقۇش كۈنى بولسۇن-بولمىسۇن خەلقىمىزدە كىتاب ئوقۇش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغىلى خېلى ئۇزۇن بولدى، شۇنداقلا نۇرغۇنلىغان تورداشلار بۇ پىكىرگە ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، ئۆز ئەمەلىيىتىدە ئىپادىلىدى، 2-ئاينىڭ 14-كۈنىنى چوقۇم كىتاب ئوقۇش كۈنى قىلىپ بېكىتىش ۋە ياكى سىزنىڭ قايسى كۈنى كىتاب ئوقۇشىڭىز مېنىڭچە ئۇ مۇھىم ئەمەس، مۇھىمى كىتاب ئوقۇيچۇ دەپ رەسمىي ھالدا قولىڭىزغا بىر كىتابنى ئېلىشىڭىزدا ياكى بىرەر كىتاب سېتىۋېلىشىڭىزدا...
|