تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 3026|ئىنكاس: 34

«ئۇزىدىكى كۈچ»ئۇقۇمىنىڭ نەزەريىۋى ئاساسلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

48

تېما

8

دوست

5854

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
1628
مۇنبەر پۇلى
4045
ئىشەنىچ
1628
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-10 19:03:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


«ئۇزىدىكى كۈچ»ئۇقۇمىنى كىرگۆزۆشنىڭ نەزەريىۋى ئاساسلىرى


قاسىم سىدىق


ئاپتۇرنىڭ ئىزاھاتى:

كىلاسسىك "كۈچ"ئۇقۇمى زەررىچە ياكى جىسىملار ئوتتۇرىسىدىكى ئۇزئارا تەسىرنى تەسۋىرلەش ئاساسىدا تۇرغۇزۇلغان.ھازىرقى زامان فىزىكىسى كۈچ ئۇقۇمىنىڭ ئۇز ئىچىگە ئالغان دائىرىسىنىڭ چەكلىمىلىكلىگى سەۋەبىدىن بىر مۇنچە قىيىنچىلىقلارغا يولۇقتى.بۇ قىيىنچىلىقلارنى كىلاسسىك كۈچ ئۇقۇمىنىڭ ئۇقۇم دائىرىسىنى كىڭەيتىش ئارقىلىق تامامەن ھەل قىلغىلى بولاتتى.نىيوتۇننىڭ ئىنىرىتسىيە قانونىنىڭ بايانىدىكى بەزى زىدىيەت ۋە ئىنىقسىزلىقلارنى تۆزۆتۆپ ،ئۇنى مۆمكىن بولغان ،تەبىئەت دۇنياسىدا ئۇچرايدىغان ھەممە ھالەت ۋە ھەركەت شەكىللىرىنى ئۇز ئىچىگە ئالىدىغان قىىلىپ قايتا بايان قىلىش ئەڭ ئاقىلانە تاللاش ئىدى.ھالبۇكى،ئىلىم دۇنياسى گەرچە نىيوتۇن ئىنىرىتسىيە قانونىدىكى چەكلىمىلىكلەرنى تونۇپ يەتكەن بولسىمۇ ،ھازىرغىچە ئۇنى تولۇقلاش،قايتا بايان قىلىش قەدىمىنى باسمىدى.مۇبادا ئىنىرىتسىيە قانونىنى قايتا تولۇقلاپ بايان قىلىش تەشەببۇسلىرى دىققەتكە سازاۋەر بولمىسا ،ئۇنداقتا،بۇ قانچىكى ئورنىنى تاپمىغان تىرىشچانلىق بولىشىدىن قەتئى نەزەر، "ئۇزىدىكى كۈچ"تىن ئىبارەت يېڭى ئۇقۇمنى كىرگۆزۆش ئارقىلىق نۆۋەتتىكى ئالاقىدار قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىشقا توغرا كىلىدۇ.


ھەممىمىزگە مەلۈم،"كۈچ"تىن ئىبارەت بۇ ئۇقۇمغا فىزىكىدا جىسىم ۋە زەررىچىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۇز ئارا تەسىر،دەپ ئىنقلىما بېرىلىپ كەلگەن.
يۇقۇرقى ئىنىقلىما ۋە ئۇقۇمنى قانائەتلەندۆرۆش ئۈچۈن كەم بولغاندىمۇ ئىككى زەررىچە ياكى جىسىم بولىشى كىرەك.ئۇلارنىڭ ئۇز ئارا مۇناسىۋەتلىرى بىر - بىرسىگە نىسبەتەن "تاشقى كۈچ" سۈپىتىدە رول ئوينايدۇ.

فىزىكىدا گەرچە "ئىچكى كۈچ"ئۇقۇمى تۇرغۇزۇلغان بولسىمۇ ،بۇ ئۇقۇم يەنىلا بىر سىستىما ئىچىدىكى تەركىپلىگۆچىلەرنىڭ ئۇزئارا تەسىرلىرىنى تەسۋىرلەش،چۈشۆنۆش مەقسىدىدە تۇرغۇزۇلغان.يەككە جىسىم ياكى زەررىچىدە"كۈچ"بار دەپ پەرەز قىلىش،ئۇنىڭ خاس ھەركىتىنى "كۈچ"نۇقتىسىدىن چۈشەندۆرۆش ھازىرقى زامان  فىزىكىسىدا بىر ئاق نۇقتا دىسەك خاتالاشمايمىز.نەتىجىدە،ئۇقۇم ۋە ئىدىيە چەكلىمىسى تۈپەيلى ھازىرقى زامان فىزىكىسى بىر مۇنچە قىيىنچىلىققا يولۇقتى،بۇ قىيىنچىلىقلار كەم دىگەندىمۇ:

1.«غەيرى نۇقتا» ئۇزىنى ۋە «غەيرى نۇقتا» دىكى غايەت چوڭ تارتىش كۈچى بىلەن،ئۇنىڭ«پارتىلىشى» ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى چۈشەندۆرۆپ بېرەلمەسلىك.

2. 29-تىئورمىچە ئېغىشنى چۈشەندۆرۆپ بېرەلمەسلىك.

3.بىر پۈتۆن ئېينىشتېيىن ئالىمىنى «كۈچ»نۇقتىسىدىن چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەسلىك.
4. 0-ئىلىمىنىتنى چۈشەندۆرۆپ بېرەلمەسلىك.
"سەرگەردان يۇلتۇز"لارنىڭ ھەركىتى ۋە مەۋجۆتلىگىنى چۈشەندۆرۆپ بىرەلمەسلىك.
6.ۋە باشقىلار...

يۇقۇرقىدەك بىر يۆرۆش قىيىنچىلىقلارنى(يۇقۇرقىلاردىن باشقا قىيىنچىلىقلارمۇ بار) ھەل قىلىش ئۈچۈن يېڭى ئۇقۇم _ "ئۇزىدىكى كۈچ" ئۇقۇمىنى كىرگۆزۆشنى تەشەببۇس قىلىمەن.

"ئۇزىدىكى كۈچ"نىڭ ئىنىقلىمىسى:
ئۇزىدىكى كۈچ ___ مۇئەييەن جىسىم ياكى زەررىچىدە ئىپادىلىنىۋاتقان ،ئۇزىنىڭ بىز كۇزىتىۋاتقان پەيىتتىكى ئىنىرىتسىيىلىك ھالىتىنى ئىپادىلەيدىغان فىزىكىلىق مىقدارلاردىن ئىبارەت.

"ئۇزىدىكى كۈچ"ئۇقۇمىنىڭ تەدبىقلىنىش دائىرىسى:
"ئۇزىدىكى كۈچ"ئۇقۇمى"ئىچكى كۈچ"ئۇقۇمىنىڭ ئەكسىچە، جىسىم ياكى زەررىچىنىڭ تەركىپلىگۆچىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى تەتقىق قىلمايدۇ ۋە ئۇلارغا تەدبىقلانمايدۇ.بىر پۆتۆن جىسىمنىڭ تاشقى شەكلى ۋە ھەركەت شەكلى،تىزلىكى قاتارلىقلارغا تەدبىقلىنىدۇ.

"ئۇزىدىكى كۈچ"ئۇقۇمىنىڭ ئاساسلىرى



1.«كۈچنىڭ سوبىكتى»بولمىسا،«كۈچ»ئۇقۇمىنى تۇرغۇزغىلى بولمايدۇ.مۇشۇ نۇقتىدىن قارىغاندا «كۈچ»ئالدى بىلەن يەككىلىكتە ئىپادىلىنىدۇ.گەرچە«ئۈز ئاراتەسىر»كەم دىگەندىمۇ ئىككى يەككىلىكنى،ئىككى نىسبى مۇستەقىل سوبىكىتنى شەرىت قىلسىمۇ.بۇ يەردە بىز يەنە«كۈچ»ئۇقۇمى بىلەن «ئۆز ئارا تەسىر» ئۇقۇمىنىڭ پەرىق - خاسلىقلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ ئېلىشىمىز كېرەك.
ھەركەت بىلەن كۈچنىڭ مۇناسىۋىتى مۇئەييەنلەشتۆرۆلگەن ئەھۋال ئاستىدا بىزيەككىلىك ھەركىتىنىڭ «كۈچ»نىڭ ئىپادىلىنىش شەكلى ئىكەنلىگىنى تەن ئېلىشقا مەجبۇر بولىمىز.چۈنكى تەبىئەت دۇنياسىدا ھەركەت قىلمايدىغان زەررىچە ياكى جىسىم(يەككىلىك)مەۋجۈت ئەمەس. ئىنىرىتسىيە قانۇنىنىڭ ئۆزىدىن يۇقۇرقىچە خۇلاسە كەلتۈرۈپ چىقارغىلى،«ئۇزىدىكى كۈچ»ئۇقۇمىنى تۇرغۇزغىلى بولىدۇ.«كۈچ»ئۇقۇمىنى ئىچكى تۆزۆلۈشكە ئىگە بولمىغان ھەقىقى مەنىدىكى ئىلىمىنتار زەررىچە - «ئېن»غىچە كىڭەيتىپ تەسۋىرلىگىلى بولىدۇ.بۇنداق تىرىشچانلىقتىن قولغا كېلىدىغان نەتىجە نىمە؟،جاۋاپ شۇكى،بۇ ھالدا بىز29-تىئورمىچە ئېغىش،«ئېن»، «غەيرى نۇقتا»ۋە بىر پۇتۇن فىزىكىلىق ئالەمنى «ئۇزىدىكى كۈچ»ئۇقۇمى ئارقىلىق تەسۋىرلەش،چۈشۈنۈش مەقسىدىگە يىتەلەيمىز.
ھازىر مەن بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ياكى ئىنىرىتسىيە قانۇنىڭ بايانىنى مۇمكىن بولغان ھەرقانداق «ھالەت»لەرنى ئۇزئىچىگە ئالىدىغان قىلىپ تولۇقلاش،ياكى «ئۈزىدىكى كۈچ»ئۇقۇمىنى ئېلىپ كىرىش كېرەك ئىكەن دىگەن قاراشقا كەلدىم.مىنىڭچە،ئىنىرىتسىيە قانۇنىنى قايتا بايان قىلىش ئاقىلانە تاللاش بولسىمۇ ،"ئۇزىدىكى كۈچ"ئۇقۇمى ئۈستىدە ئىزدىنىپ كۇرۇش ھەر خىل ئېھتىماللىقلارنى نەزەردە تۇتقان يەنە بىرخىل تاللاش.
2.«كۈچ»نىڭ نۇۋەتتىكى قىسقىچە چۇشەندۈرۈلىشى:

كۈچ-ماددىلار ئوتتۇرىسىدا ئومۇمىيۈزلۆك مەۋجۈت بولىدىغان ئۇز ئاراتەسىر،ئۇنىڭ ئۇنۇمى جىسىمنىڭ ھەركەت ھالىتىدە ياكى شەكلىدە ئۇزگىرىش پەيدا قىلىشتىن ئىبارەت،جىسىمنىڭ ھەركەت ھالىتىدە ئۇزگىرىش پەيدا بولغان چاغدا،جىسىم تىزلىنىشكە ئىرىشىدۇ،شۇڭا كۈچنى جىسىمنى تىزلىنىشكە ئىگە قىلىدىغان ئۇز ئاراتەسىردەپ قاراشقىمۇ بولىدۇ(ف.ل735-بەت)."ئۇنىڭ ئۇنۇمى جىسىمنىڭ ھەركەت ھالىتىدە ياكى شەكلىدە ئۇزگىرىش پەيدا قىلىشتىن ئىبارەت"دىگەن بۇ بايان بىزنىڭ "ئۇزىدىكى كۈچ"ئۇقۇمىنى كىرگۆزىشىمىزگە يول قويۇدۇ.

3.ھەقىقى مەنىدىكى ئىلىمىنتار زەررىچە بار دەپ قارالسا،بۇنداق زەررىچىلەر بىر-بىرىگە نىسبەتەن مۇستەقىل سوبىكىت بولۇپ ھېساپلىنىشى،ئالەمدىكى ھەقىقى مەنىدىكى ئىلىمىنتار زەررىچىلەر سانىنىڭ ئازراق ياكى كۆپرەك بولىشىنىڭ كارائىتى چاغلىق بولىشى كىرەك.كۋانىت ئۇقۇمى ھەقىقى مەنىدىكى ئىلىمىنتار زەررىچە مەۋجۆت دىگەن ئىدىيەنى ئاساس قىلىدۇ.ھەقىقى مەنىدىكى زەررىچىلەر يەنە ئۇزىدىن كۈچ توشىغۇچى زەررىچە قويۇپ بەرمەيدىغانلىغى ئۈچۈن،ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئۇز ئاراتەسىرنى پەقەت ئۇز ئارا سوقۇلۇشتىن ئىبارەت بىرلا تەسىرگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.مۇشۇ بىر تەسىر مۇستەسنا قىلىنغىنىدا ھەقىقى مەنىدىكى ئىلىمىنتار زەررىچىلەرنىڭ ھەركىتى ۋە ھالىتى ئەسلى ئۇزىدە بار بولغان،سىتىخىيىلىك ھەركەت ۋە ھالەت دەپ قارىماي چارە يوق.بىزنىڭ  بۇنداق زەررىچىلەرنىڭ ئىچكى تەركىپلىگۆچىلىرى ۋە بۇ تەركىپلىگۆچىلەرنىڭ ئۇز ئارا تەسىرى ھەققىدە تەپەكككۆر قىلىشىمىزنىڭ ھاجىتى بولمايدۇ.
4.نۇۋەتتىكى فىزىكابىر پۆتۆن فىزىكىلىق ئالەمنىڭ ھەركىتىگە تەسىر قىلىدىغان تاشقى تەسىرلەشكۆچى ماددى رىياللىق،بۇ ئالەمگە تەسىر كۇرسىتىدىغان تاشقى كۈچ تەسەۋۋۇرىغا ئىگە ئەمەس.گەرچە ھازىر "كۇپ ئالەم"قاراشلىرى ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان بولسىمۇ ،بۇ ئالەملەرنى ماھىيەت جەھەتتىن بىرلا ئالەمگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.خۇددى بىز ھازىرغىچە گالاكتىكىلارنى بىر پۆتۆن ئالەمنىڭ تەركىپلىگۆچىسى دەپ قاراپ كەلگەنگە ئوخشاش،بۇ "كۇپ ئالەم"لەر يەنىلا بىر پۆتۆن ئالەمنىڭ تەركىپلىگۆچىسى بولۇپ قالىدۇ.
5.مۇ ئەييەن ماددى مەۋجۆتلۆك ۋە ئۇنىڭ ھالىتى يىتەرلىك كۈچ تەسىر قىلمىغىچە ئۆزگەرمەيدۇ.مانا بۇ شۇ مەۋجۆتلۆك ئۇزنىڭ مۇ ئەييەن كۈچنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلى ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلايدۇ.بۇ يەردىكى تەسىر قىلدۇرولغان «تاشقى كۈچ»ئۇز نۇۋىتىدە يەنە بۇ «تاشقى كۈچ»تەسىر قىلغان جىسىمنىڭ «ئۇزىدىكى كۈچ»نىڭ مىقدارىنى ئۇلچەيدىغان ئۇلچەملىك رولىنى ئوينايدۇ.



2013.9.3

پايدىلانمىلار:


0号元素
- 维基百科,自由的百科全书



力与运动的关系


قاسىم سىدىق:بەشىنجى نامزات - ئىنىرىتسىيە كۈچى

http://www.kayinat.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=13721&extra=page%3D1



48

تېما

8

دوست

5854

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
1628
مۇنبەر پۇلى
4045
ئىشەنىچ
1628
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-13 12:12:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

نىيوتۇن 1-قانۇنىنىڭ بايانىنىڭ  2-ئابزاسى "ئۆزىدىكى كۈچ "ئۇقۇمىنى تۇرغۇزۇشقا يول قويۇدۇ.

نىيوتۇننىڭ ئىنىرىتسىيە قانۇنىنىڭ مۇپەسسەل بايانى:

ھەر بىر جىسىم ئۆزىنىڭ تىنىچ ھالىتىنى ياكى تۆز سىزىقلىق تەكشى ھەركەت ھالىتىنى ساقلايدۇ،پەقەت تاشقى كۈچ تەسىرى بولغان ئەھۋال ئاستىدىلا ئۇزىنىڭ ئەسلىدىكى ھالىتىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولىدۇ.(1-ئابزاس)

تاشلانغان جىسىم ئەگەرھاۋانىڭ قارشىلىغى ۋە ئېغىرلىق كۈچىنىڭ  تۆۋەنگە يېتەكلىشى بولمىسا ئۇزى تاشلانغان پەيىتتىكى ھەركەت ھالىتىنى ساقلايدۇ.پىقىرىغۇچ(نۇر)نىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىدىكى يىغىندى كۈچ ئۈزلۆكسىز ھالدا تۇز سىزىقلىق ھەركەتتىن يىراقلىشىپ ئېغىشىدۇ.ئەگەر ھاۋانىڭ قارشىلىغى بولمىسا،توختىماي پىقىراۋىرىدۇ.سەييارىلەر ۋە كۇمىتىلارغا ئوخشاش چوڭ جىسىملار ئەركىن بوشلۇقتا ھىچقانداق قارشىلىققا ئۇچرىمىسا،ئۇزۇن ۋاقىت ئىلگىرلىمە ھەركەت ۋە ئايلانما ھەركىتىنى ساقلايدۇ.(2-ئابزاس)


ــــــــــ ئىسائاك نىيوتۇن« «تەبىئەت پەلسەپەسىنىڭ ماتىماتىكىلىق پىرىنسىپلىرى»-بىجىڭ ئونۋىرىستىتى نەشىرياتى 2006-يىلى خەنزۇچە نەشىرى 2011-يىلى 9-قىتىملىق باسمىسى 8-بەتتىن.

48

تېما

8

دوست

5854

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
1628
مۇنبەر پۇلى
4045
ئىشەنىچ
1628
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-13 17:41:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

48

تېما

8

دوست

5854

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
1628
مۇنبەر پۇلى
4045
ئىشەنىچ
1628
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-15 20:24:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


银河系周围或存数百流浪黑洞


http://www.56.com/u83/v_OTk4MDQ1Njg.html


سەرگەردان قارا ئۆڭكۆرلەرنىڭ تىرايىكتۇرىيىسى 29-تېئورېمىنى قانائەتلەندۆرىدۇ.ھالبۇكى،بۇنداق تىرايىكتۇرىيىنى ۋە قارائۆڭكۆرلەرنىڭ ئوقىدا ئايلىنىشىنى  تاشقى كۈچ كەلتۆرۆپ چىقارغان،دەپ قارىشىمىزغا ھېچقانداق ئاساسىمىز يوق.بۇلار پەقەت قارا ئۆڭكۆرنىڭ ئىچكى خاسلىغى.بۇ ،ئۆزىدىكى كۈچ،ھەركەت ئۆزى ئەگرى دىگەن ئىدىيەلەرنى قوللايدىغان ئاساس.ھەقىقەتەن مۇشۇنداق سەرگەردان قارا ئۆڭكۆرلەر بولسا دىگەن ئالدىنىقى شەرىت ئاستىدا بۇ تەشەببۇسنى ئوتتۇرغا قويۇۋاتىمەن.سامان يولى مەركىزىدە بار دەپ قارىلىپ كېلىۋاتقان غايەت چوڭ قارا ئۆڭكۆرنىڭ ئوقىدا ئايلىنىشى ۋە ھەركىتىنى تاشقى كۈچ بىلەن باغلاپ چۈشەندۆرەلەيدىغان ھېچقانداق نەزەرىيە ۋە پاكىت مەۋجۈت ئەمەس.مۇبادا ئۇنىڭ ھەركىتىنى تاشقى كۈچ بەلگىلىگەن دېيىلسە،بۇ كۈچىنىڭ مەنبەسى تخىمۇچوڭ ماسسىغا ۋە تېزلىككە ئىگە مەنبە بولىشى كىرەك.بۇ ھالدا،سامان يولى مەركىزىدىكىسى ھازىرقىسى بولماي،ئەشۇ چوڭ ماسسىلىق مەنبە بولىشى كىرەك ئىدى.


48

تېما

8

دوست

5854

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
1628
مۇنبەر پۇلى
4045
ئىشەنىچ
1628
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-15 20:30:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جىسىم ئۆزىدە مەۋجۈت بولمىغان نەرسىنى باشقا نەرسىگە يەتكۈزۈپ بېرەلمەيدۇ.ئېغىرلىقمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسە.

48

تېما

8

دوست

5854

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
1628
مۇنبەر پۇلى
4045
ئىشەنىچ
1628
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-17 23:33:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ق.سىدىق يوللىغان ۋاقتى  2016-2-13 12:12
نىيوتۇن 1-قانۇنىنىڭ بايانىنىڭ  2-ئابزاسى "ئۆزىدىكى كۈچ " ...

نىيوتۇن«تەبىئەت پەلسەپەسىنىڭ ماتىماتىكىلىق پىرىنسىپلىرى»دا ماددا مىقدارىغا تۆۋەندىكىچە ئېنىقلىما يازغان:

ماددىنىڭ مىقدارى ماددىنىڭ ئۆلچىمى بولۇپ،ئونىڭ زىچلىغى ۋە ھەجىمىدىن كەلتۈرۈپ چىقىرىلىدۇ.
ـــــــــ «ئېنىقلىمىلار» بابىدىن ئېلىندى.


كۇرۇنۆپ تۇرۇپتىكى،يۇقۇرقى ئېنىقلىما مۇ قەررەر ھالدا زىچلىق سەۋەبىدىن«مۇتلەق ھەجىم»، «كۇرۇنمە ھەجىم»،«ھەجىملىك تىزلىك»ئۇقۇملىرىغائىلىپ بارىدۇ.
«ھەجىملىك تىزلىك»ئۇقۇمىنى يۇقۇرقى ئېنىقلىما بىلەن  ھەركەت مىقدارى ھەققىدىكى «ھەركەتنىڭ مىقدارى ھەركەتنىڭ ئۆلچىمى بولۇپ،تىزلىك ۋە ماددا مىقدارىدىن كەلتۈرۈپ چىقىرىلىدۇ ( نىيوتۇن)»دىگەن بۇ ئېنىقلما بىلەنبىرلەشتۈرۈپ  كەلتۈرۈپ چىقارغىلى بولىدۇ.

«ئېنىقلىمىلار»دىكى«ئىنىرىتسىيىلىك كۈچ»كە بېرىلگەن ئېنىقلىمىدا«vis insita»دىگەن سۇز بولۇپ،خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغۇچى بۇ سۆزنى تەرجىمە قىلماي ئەينەن ئالغان،مەنمۇ ئىنگىلىزچە بىلمىگەنلىگىم ئۈچۈن تەرجىمە قىلغاندا شۇپېتى ئالدىم،ئېنگىلىزچە بىلىدىغانلار،ئىمكانىيىتى يار بىرىدىغانلار يۇقۇرقى سۇزنىڭ مەنىسى،ئىتمۇلۇگىيىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ بېقىپ ئىنكاس قالدۇرسا تولىمۇ خۇرسەن بولاتتىم.مەن قىلغان تەرجىمە تۆۋەندىكىچە:

نىيوتۇننىڭ ئىنىرىتسىيىلىك كۈچكە بەرگەن ئېنىقلىمىسى:

vis insita،ياكى ماددىدا ئەزەلدىن بار بولغان كۈچ - بىرخىل قارشىلىق كۇرسۇتۆش رولىنى ئوينايدىغان كۈچ بولۇپ،ئۇ ھەربىر جىسىمدا مەۋجۈت،چوڭ - كىچىكلىگى بۇ جىسىم بىلەن باراۋەر،ئۇزىنىڭ ھازىر بار بولغان ھالىتىنى -ياكى جىملىقىنى ياكى تۆز سىزىقلىق تەكشى ھەركەت ھالىتىنى ساقلايدىغان كۈچ.

_______________

天文学家发现质量是太阳170亿倍的“黑洞

قاسىم سىدىق:مۇتلەق ھەجىم ھەققىدە  

48

تېما

8

دوست

5854

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
1628
مۇنبەر پۇلى
4045
ئىشەنىچ
1628
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-17 23:34:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1كىلوگىرام ماسسا  مانچىلىك كۇپ مېتىر(كۇپ سانتىمېتىر،كۇپ مىللىمېتىر...كۇپ .....) مۇتلەق ھەجىم بىلەن تەڭ دىگەن بىر مۇناسىۋەت بىرلىكىنى تۇرغۇزۇۋالساق ئىشلار ئاسانلىشىدۇ.بۇ ماددىنىڭ ماسسىدىن باشقا ماسسا ئۇقۇمىغا قارىغاندا تېخىمۇ ئېنىق ،كونكىرىت،ئوبرازلىق بىرلىكى ۋە ئۆلچىمى بولۇپ قالىدۇ.ماسسا ماددا ئۆزىدىكى نەرسە بولغىنىغا ئوخشاش،ھەجىممۇ ماددا ئۆزىدىكى نەرسە ھېساپلىنىدۇ.
بۇ ھالدا 9.8N/kg دىگەن بۇ ئىپادىدىكى kgنىڭ ئورنىغا ھەجىمنىڭ ئىپادىسىنى ۋە بىرلىكىنى قويساق ئېغىرلىق جىسىم ئۆزىدىكى نەرسە دىگەن ئىدىيەنى قانائەتلەندۆرگىلى بولامدۇ-يوق؟
ئەلۋەتتە بولىدۇ.چۈنكى ئوخشاش بىر موھىتتا ھەجىم كېمەيسە ئېغىرلىقمۇ مۇناسىپ كېمىيىدۇ.ئىپتىدائى ئۆلچەم قوراللىرىنىڭ ئىچىدىكى كۈرە دىگەن قورال مانا شۇنداق پىرىنسىپنى ئاساس قىلغان.
ھەجىم ۋە ماسسىنىڭ ماددىنىڭ ئۆزىدىكى نەرسە ئىكەنلىگى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدۇ.كۈچ ماددىنىڭ ئۆزىدىكى نەرسە دىگەن بۇ ئىدىيە مۇنازىرە نۇقتىسى بولۇپ قىلىشى مۆمكىن.
ئالدى بىلەن جىسىمدىن ئايرىلغان،ماسسىدىن ئايرىلغان كۈچنىڭ مەۋجۈت ئەمەسلىكىنى ئۇنتۇپ قالماسلىق كىرەك.بىر پۈتۈن ئالەمنىڭ ئۆزىدە كۈچ بارمۇ-يوق،دىگەن سوئالنىڭ توغرا جاۋابى بىزنى ئارتۇقچە دەتالاشلاردىن ئازات قىلىشى مۆمكىن.
يەنە بىر نۇقتا بار.ئۇ بولسىمۇ ئىنىرىتسىيىنىڭ ھەر قانداق پەيىتتە ھەرقانداق جىسىمدا مەۋجۈت بولىدىغانلىغى.ھەرقانداق جىسىم،ھەرقانداق پەيىتتە مۇئەييەن ھالەتتە بولىدۇ.بۇ ھالەت مۇئەييەن كۈچنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلى ،بۇ ھالەتنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن كۈچ سەرىپ قىلىش كىرەك.مۇبادا جىسىم ئۆزىدە كۈچ بولمىسا،بۇ جىسىمنىڭ ھالىتىنى ئۆزگەرتىشكىمۇ كۈچ سەرىپ قىلىشنىڭ زۆرۆرىيىتى يوق.

48

تېما

8

دوست

5854

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
1628
مۇنبەر پۇلى
4045
ئىشەنىچ
1628
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-17 23:34:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر تارتىش كۈچى بايقالدى دىگەن خەۋەر قىززىق نۇقتا بولۇپ قالدى.ئىكى قارا ئۆڭكۈرنىڭ ئۆز ئارا سوقۇلۇشقىچە بولغان ھەركەت شەكىللىرى 29-تېئورېمىنىڭ ئورۇنلۇقلىغىنى ئىسپاتلىدى.
دولقۇننى قارا ئۆڭكۈرنىڭ تارقاتقانلىغى دولقۇننىڭ سەۋەپ ئەمەس نەتىجە ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلىدى.ئەمدى توخۇ بۇرۇن پەيدا بولغانمۇ تۇخۇممۇ دىگەندەك ئايىغى چىقماس مۇنازىرىلەرنىڭ ئاياقلىشىشىغا ئاز قالدى.جىسىم ۋە ئۇنىڭ ھەركىتىنىڭ سەۋەپ ئىكەنلىگى ،دولقۇننىڭ نەتىجە ئىكەنلىگى ۋە بۇ ھەركەتنىڭ شەكلى ئىكەنلىگى ئېنىق بولدى.لىكىن،قىلىدىغان ئىش خېلىلا بار........

_______________________



پىلانىتلارنىڭ ئوقىدا ئايلىنىشىنىڭ ئۆزى نىيوتۇنچە تارتىش كۈچى ئىدىيىسىگە قارشى ئىسپات



48

تېما

8

دوست

5854

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
1628
مۇنبەر پۇلى
4045
ئىشەنىچ
1628
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-17 23:35:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دولقۇن-دولقۇن مەنبەسىنىڭ ھەركىتىنىڭ نەتىجىسى دىگەن ئالدىنقى شەرىت پۇت تىرەپ تۇرالىغان ئالدىنقى شەرىت ئاستىدا مەنبەدىن تارقالغان دولقۇنلارنىمۇ مەنبەنىڭ ئۆزىگە خاس  نەرسە دېيىشكە بولىدۇ.چۈنكى بارلىق رادىئاتسىيىلەرنى رادىئاتسىيە مەنبەسىسىز پەرەز قىلغىلى بولمايدۇ.رادىئاتسىيىنىڭ تارقىلىش دائىرىسى ئۆزىدىكى نەرسىنىڭ تىرىتورىيىسى-مەيدانى بولۇپ قالىدۇ.بۇھالدا مەنبەنىڭ ھەركەت يۆنىلىشىنى ئۆزىنىڭ مەيدانى بەلگىلەيدۇ دېيىشكە بولمايدۇ.چۈنكى مەيدان مەنبەنى چۆرىدەپ ئۈچ ئۆلچەملىك بوشلۇقنى ئاساسەن باراۋەر ئىگەللىگەن بولىدۇ.ئەگەر مەنبە ئۆز مەيدانىنىڭ يۆنىلىشى بۇيىچە ھەركەت قىلىدۇ،دېيىلسە ئۇنداقتا بۇنداق مەنبە ئۈچ ئۆلچەملىك بوشلۇققا تارقىلىپ كېتىپ،مەۋجۇتلۇقىنى يوقۇتۇشى كىرەك.مەسىلەن قوياش رادىئاتسىيىسى ۋە قوياشنىڭ مۇناسىۋىتىدە شۇنداق.دىمەكچىمەنكى ،مەيدان مەنبە تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ،مەنبەنىڭ ھەركىتى ئۆزىنىڭ مەيدانى تەرىپىدىن بەلگىلەنمەيدۇ.مەنبە يۆتكەلسە بۇ مەنبەنىڭ مەيدانىمۇ مۇناسىپ قەدەم ۋە يۆنىلىشتە يۆتكىلىدۇ.
يەنە بىر مەنبەنىڭمۇ  ئەھۋالى شۇنداق.بۇ غەيرى مۇلاھىزىلەر مەيدان ئۆز مەنبەسىنىڭ ھەركەت شەكلىنى بەلگىلىمەيدىغانلىغىنى چۈشەندۆرۆدۇ.ھازىر ھەركەت شەكلىگە تەسىر قىلىۋاتقىنى تاشقى مەيدان-تاشقى كۈچ دەپ قارىلىدۇ.

48

تېما

8

دوست

5854

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
1628
مۇنبەر پۇلى
4045
ئىشەنىچ
1628
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-17 23:35:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-17 23:37  

تاشقى كۈچ،تاشقى تەسىر ئىدىيىلىرى ئىلاستىك سوقۇلۇش مۇستەسنا قىلىنغىنىدا ھەقىقى مەنىدىكى ئىلىمىنتار زەررىچىلەر ئارىسىدا ئەسلا يۈز بەرمەيدۇ.زەررىچە ئالماشتۇرۇش تىپىدىكى ئۆز ئارا تەسىرنىڭ پەقەت ئىچكى تۈزۈلۆشكە ئىگە زەررىچىلەر ئارىسىدىلا يۈز بېرىشىنى پەرەز قىلغىلى بولىدۇ.
بۇ ھالدا ئېنلار ئۆزىدىكى كۈچنىڭ ئەڭ يارقىن ئىسپاتى بولۇپ قالىدۇ.

مەلۈم مەنىدىن ئېيىتقاندا جىسىمنىڭ شەكلى ۋە تۈزىلىشى ئالەملىك تارتىش كۈچىنىڭ نەتىجىسى ئەمەس.ئۇ ئىچكى سەۋەپلەرنىڭ نەتىجىسى.يەر يۈزىدىن تېپىۋىلىنغان بىر دانە يۇملاق تاشنىڭ شەكلى مۇبادا تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرىدىن شەكىللەنگەن دېيىلسە بۇ ھالدا بۇ تاش يۇمۇلاق بولماي،ئەكسىچە يەر پوستىغا يېپىشقان نېپىز پىياز پوستىدەك بىر نەرسە بولار ئىدى.نىيوتۇننىڭ ئالمىسىغىمۇ شۇنداق دېيىش مۆمكىن.

بىز جىسىمنىڭ ئاتۇم مالىكولا ،مىكرۇ زەررىچىلەر قاتارلىقلاردىن تۈزۆلگەنلىگىنى بىلىمىز.پەرەز قىلايلى :ئالەم بوشلۇغىدىكى 0ئېغىرلىق كۈچى شارائىتىدا بىر مىكرۇ ئادەم بىر دانە مىكرۇ تارازا بىلەن مالىكولىدىن ئىبارەت ئالەم ئىچىدە ئىلىكتىرۇن،نىتىرون،پىروتۇنلارنىڭ ئېغىرلىغىنى ئۆلچىيەلەيدۇ.مانا بۇ ئېغىرلىقنىڭ جىسىم ئۆزىدىكى نەرسە ئىكەنلىگىنىڭ  ئىسپاتى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى 

GMT+8, 2016-8-3 02:31, Processed in 0.134755 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش