- تىزىملاتقان
- 2016-1-1
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-2-12
- ھوقۇقى
- 10
- جۇغلانما
- 15
- نادىر
- 0
- يازما
- 1

- تۆھپە
- 1
- مۇنبەر پۇلى
- 11
- ئىشەنىچ
- 1
| سېلىشتۇرۇش ئەگەر سەن ئۆزۈڭنى ئەمىلى ئىش قىلمايدىغان،سۆلەتمەن،مەنمەنچى كىشىلەرگە سېلىشتۇرساڭ،ئاخىرى بېرىپ تۇرمۇشنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قالىسەن. ئەگەر سەن ئۆزۈڭنى كۆڭلىگە ئۇلۇغۋار پىلاننى پۈككەن،غايىلىك ،ئىرادىلىك،ئەمەلى نەتىجىسى بار كىشىلەرگە سېلىشتۇرساڭ، ئۇچاغدا كىشىلەر قەلبىدە مەڭگۈ ياشايدىغان گىگانىت ئادەمگە ئايلىنىسەن .
قابىلىيەت
قابىلىيەت سەمىمىيلىك ۋە ئىلمىيلىك بىلەن بىر گەۋدە بولغاندا،ئۇنىڭدىن ئىلمى كەشپىيات بارلىققا كىلىدۇ. قەبىلىيەت ساختىپەزلىك بىلەن بىر گەۋدە بولغاندا، ئۇنىەدىن پاقەت ئالدامچىلىقنىڭئاچچىق مىۋىسى بارلىققا كىلىدۇ . ئىشلەتمىەەن پىچاق خۇددى داتلاشقان تۈمۈرگە ئوخشايدۇ .
كىشلىك تۇرمۇش
تولۇپ-تاشقان قىزغىنلىق ۋە قايناق ھىسىيات – كىشىلىك تۇرمۇش قازىنى ئۈچۈن ئۆچمەس ئوتتۇر . مۇشۇ خىل ئوت بولغاندىلا ،ئاندىن كىشلىك تۇرمۇش سۇيىنى پۇرۇقلىتىپ قايناتقىلى بولىدۇ . كىشلىك تۇرمۇشتىكى مۇۋاپىقىيەت مىداللىرى كۆپ ھاللاردا كىشلىك تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيۈش، ئۆز كەسپىگە چوڭقۇر مۇھاببەت باغلاش، ھەرخىل جاپا-مۇشەققەت،بېسىم ۋە مازاق مەسخىرلەرگە تىز پۈكمەسلىكتىنكىلىدۇ .
تەييارلىغۇچى: دەۋرىم سالونى ؛ ‹ھىكمەت ئۈنچىلىرى› دىن ئېلىندى ؛
|
|