تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 846|ئىنكاس: 2

خىسلەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

19

تېما

1

دوست

1116

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
217
مۇنبەر پۇلى
790
ئىشەنىچ
217
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-4 19:04:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خىسلەت
(ھېكايە)
   تۇرغۇن مىجىت قادىرى

ناھىيەلىك قۇرلۇش ئىدارىسىنىڭ بىر كادىرى قولىمىزغا ئۇقتۇرۇشىنى تۇتقۇزۇپ قويدى، بىز ئەر-ئايال بىر قولىمىزدىكى ئوقتۇرۇشقا، بىر قۇرلۇش ئىدارىسىنىڭ كادىرىغا قاراپ، ئاغزىمىزنى كاماردەك ئاچقانچە تۇرۇپلا قالدۇق. ئۇ كادىر چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى، بىز ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشلىرىگە ئىشىنىپ-ئىشەنمەي دىلغۇلچىلىقتا مەزمۇنىنىلا چۈشەندۇق. ئۇنىڭ دېيىشىچە بىزنىڭ ناھىيەنىڭ مەركىزى بولغان نۇرباغ رايۇنىغا جايلاشقان بىرمو بىر پۇڭ يەر ۋە شۇ يەرگە سېلىنغان 378 كۋادىرات مىتىرلىق خىش-ياغاچ قۇرۇلمىلىق ئالدى90-يىللار، كەينى يېقىنقى يىللاردا سېلىنغان ئۆي-زىمىنغا ناھىيەنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان ئۈچ دەريا ئولتۇراق رايونىنىڭ 2-،3-،4-قەۋەتلىرىدىن 80 كۇۋادىرات مىتىرلىق بىنا ئۆيدىن ئىككىسى، 85 كۇۋادىرات مىتىرلىق بىنا ئۆيدىن بىرسى، قالغان ئۆي ۋە زىمىنغا تۆپىدىن 256 مىڭ يۈەن نەق پۇل بىرىدىكەن...ئۇ كادىر بىز بىلەن خوشلۇشۇپ چىقىپ كەتتى.
بۇ بىزنىڭ چۈشىمىزدەك ئىشەنمەيتۇق، ھەم بىر قولىمىزدىكى ئۇقتۇرۇشقا، بىر بىر-بىرىمىزگە قارايتتۇق،بىردىنلا ئايالىم قولۇمدىكى ئۇقتۇرۇشنى قولىغا ئېلىپ، تەپسىلى قاراپ چىققاندىن كېيىن ئۇقتۇرۇشنى باغرىغا بېسىپ، قاھقاھلاپ كۈلدى، بىردىنلا ھۆركىرەپ يىغلاپ كەتتى.
-قاراڭ ئۈچ چوڭ تامغاباركەن، بۇ راسكەن، مىڭ شۈكرى! مەن بىر ئۆمۈر مۇشۇنداق سېرىق تال ھالەتتە، ئۇئايدىن بۇ ئايغىچە مائاشىمىزنى يەتكۈزەلمەي، قەرزدىن قۇتۇلالماي، مۇشۇ قەرزلەرنى باللىرىمىزغا ئاشۇرۇپ قويۇپ كېتەرمىزمۇ دەپ غەم قىلاتتىم، بۇنداق ئۆي ۋە پۇلنىڭ ئىگىسى بولۇشنى چۈشۈمدىمۇ كۆرمىگەندىم...
-ياراتقۇچىنىڭ بەندىسىگە بەرمەسلىككە ۋادىسى يوقمىش،-دېدىم مەنمۇ ھاياجىنىمنى باسالماي،- شۇ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئىككى ئوغلىمىزنىڭ پىشانىسى، بەخىت-تەلىيى ۋە رىسقى ئۈچۈن بولسىمۇ ئاسماندىن توككىدە چۈشكەندەك قولىمىزغا تېگىشىنى مەنمۇ خىيالىمغىمۇ كەلتۈرمەپتىكەنمەن، پارتىيەگە، ھۆكۈمەتكە مىڭ رەخمەت!
-شۇ بىچارە ئىككى ئوغلىمىز ھەر ئايدا تىتىرەپ تۇرۇپ سالغان 600 يۈەندىن 1200 يۈەن پۇلنى تۇرمۇش ۋەباشقا ئىشلارغا تەستە يەتكۈزۈپ،  ياخشى كەيگەننىڭ ئۇچىسىغا، ياخشى يىگەننىڭ ئاغزىغا قاراپ تامىقى ئىشىپ قالاي دېگەن شۇ پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئاخىردىكى 1-، 2-يىلىدا كۆڭلى تۇق، يانچۇقى توم، بالىلارنىڭ قولىغا قاراپ قالماي تۇرمۇش كەچۈرۈپ، ئادەم بالىسىدەك ياخشى ياشايدىغان بولدى...

      *           *                  *                *                     
مەن بۇ بىر قانچە ئاي ئىچىدە قاتىراپ يۈرۈپ ئۈچ ئۆينىڭ ئاچقۇچىنى قولىمغا ئېلىپ، 256 مىڭ يۈەن نەق پۇلنى كارتىغا  سېلىپ خاتىرجەم بولۇپ، ئايالىم بىلەن 2-قەۋەتتىكى ئۆي چوڭ ھەم پەستە بولغاچقا بىز ئەر-ئايال ئولتۇرۇشنى، 3- قەۋەتتىكىسىنى چوڭ ئوغلىمىزغا، 4- قەۋەتتىكىنى ئۆينى كىچىكىگە بىرىشنى، 50-60 مىڭ يۈەنلىك ماشىنىدىن بىرنى ئېلىپ، ئۆمرىمىزنىڭ ئاخىرنى خاتىرجەم ئۆتكۈزۈشنى مەسلىھەتلەشتۇق.

*                   *                *                  *               
مېنىڭمۇ شوپۇرلۇق پىراۋام بولغاچقا، مەسلىھەتىمىز بويىچە پۇلنى كاغا سالغان ھەپتىسىلا ئايالىم بىلەن ۋىلايەتتىكى ماشىنا بازىرغا بېرىپ، ئايلىنىپ، تاللاپ ئاخىرى تۆمۈرنىڭ كونىسىدىن كۆڭۈلنىڭ ئالىسىدىن خۇدايىم ساقلىسۇن دىيىشىپ، ئاخىرى 70 نەچچە مىڭ يۈەنگە يېڭى كىچىك ماشىنىدىن بىرنى ئالدۇق. شۇنىڭ بىلەن يېزا-قىشلاقتىكى، يىراق-يېقىندىكى ئۇرۇق-تۇققان، ئەل-ئاغىنە ۋە تونۇش-بىلىشلەرنىڭ ئۆيلىرىدىكى توي- تۆكۈن، نۇرغۇن تۈرۈملەرگە ماشىنا بىلەن بېرىپ-كىلىپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە ناھىيەلىك سوت مەھكىمىسىدىن بىرەيلەن ئۆيگە كىرىپ:
-ئۈستىڭلاردىن قېرىندىشىڭلار ئەرز قىپتۇ، 9-چىسلا سوت ئېچىلىدىكەن مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى تەييارلاپ سوتقا تەييارلىق قىلىڭلار...-
بىز بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ مېڭىمىزدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى.
-ئۇكام بۇ نېمە ئىشكەن، گاڭگىراپ قالدىمما؟
-تەپسىلاتى ئۇقتۇرۇشتا بار، قالغان ئىشلەرنى ئەدلىيە ئىدارىسىنىڭ ئەدلىيەلىك مەسلىھەت بېرىش ئورنىدىن سوراڭلار،-دەپلا چىقىپ كەتتى.
  مەن ئۇقتۇرۇشنىڭ مەزمۇنىدىن تولۇق خەۋەرتاپقاندىن كېيىن، ئايالىمغا تۇتقۇزدۇم، ئايالىم ئۇقتۇرۇشنى كۆرۈپ، بېشىنى لىڭشتتى.
ئەسلى ئىش مۇنداق ئىدى:خىلى يىللار ئىلگىرى قىيناتام-قىيىنئانام مېنىڭ ئايالىمدىن باشقا پەرزەت كۆرمەي،يەنە بىر پەرزەنت كۆرۈشنى تېلەپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە قىينئانامنىڭ ئىنىسىنىڭئايالى ئاغرىپ قېلىپ ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى ئايالىنىڭ كېسىلىنىئېنىقلىيالماي ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا يوللاپ بىرىپتۇ، ئۇلار تەكشۈرتۈپ قايتاشىداماشانا ۋەقەسىدە قازا قىپتۇ، ئۇلارنىڭ ئۈچ ياشلىق، بەش ياشلىق ئىككى ئوغلى قارايىتىم بولۇپ قاپتۇ، قىيىنئاتام ئەر-ئايال مۇزاكىرلىشىپ بۇ ئىككى بالىنىبېقىۋېلىشنى ئويلۇشۇپ بېقىۋاپتۇ، شۇ چاغلاردا قىيىنئاتام مۇھىت ئاسراش ئىدارىسىنىڭئىشچىسى، قىيىنئانام ئائىلە ئايالىكەن، تۇرمۇشىمۇ دېگەندەك ياخشى ئەمەسكەن،شۇنداقتىمۇ نۇرغۇن يوللارنى مېڭىپ ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ نوپۇسىغا كىرگۈزۈپ بالىلارنىخىلى چوڭ قىلغاندىن كېيىن تەقدىرنىڭ قىسمىتى بىلەن قىيناتام بۇ دۇنيا بىلەنخوشلۇشۇپتۇ، قىينئاتام قازا قىلغان يىلى ئايالىمنىڭ تۇلۇق ئوتتۇرنىڭ 1-يىللىقغاچىققان ۋاقتى بولۇپ، ئايالىمنى مۇھىت ئاسىراش ئىدارىسىنىڭ تازىلىق ئىشچىلىقىغاۋاقىتلىق توختام بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ. ئايالىمنىڭ ئازغىنە مۇئاشى بىلەنئاپىسى  ۋە ئىككى ئىنىسنىڭ تۇرمۇشىنى ئارانقامداپ، ئىككى ئىنىسىنى تولۇقسىزغىچە ناھايتى تەستە ئوقۇتۇپتۇ، لېكىن ئۇ ئىككىئىنىسى ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك دېگەندەك ياخشى ئوقۇش ئۇ ياقتا تۇرسۇنكۇچا-كۇيلاردىكى بالىلارنىڭ ئارقىسىغا كىرىپ، تولۇقسىزدىكى ۋاقتىدىن تارتىپ «داداباشلىمىغاننىڭ بىنمىسى چوڭ دېگەندەك» تاماكا چىكىش، پىۋا ئىچىشتەك يامان ئادەتلەرنىئۆگۈنۈپتۇ. بىچارە ئانا قېرىغان جېنىدا ھاسىسىنى توكۇلدىتىپ، ئىككى بالىنىئەگەشتۈرۈپ، تۆت تۆمۈرچىگە، ئىككى موزدوزغا،، ئۈچ ياغاچچى، سەيپۇڭ، ساتىراش،ناۋاي، ئاشپەز... قاتارلىق ئون نەچچە ھۆنەرۋەنگە ئاغزىنىڭ بىر قات تېرىسى سۇيۇلۇپكەتكۈدەك يالۋۇرۇپ شاگىرتلىققا بەرسە، جىقراق تۇرغاندا بىر ئاي ئاز تۇرغندا بىرسائەت تۇرۇپ ئۆيگە يېنىپ كەپتۇ. «تۇغۇۋالمىغىچە بالا بولماپتۇ، بېقىۋالمىغىچە كالابولماپتۇ» دېگەندەك، بۇ بىچارە ئانىنى ھاردۇرۇپ ھالىدىن كەتكۈزۈپتۇ، ئانا شۇھالەتتە ئىلىڭ-سىلىڭ ئاغرىق يۈرۋاتقان كۈنلەردە، ئائىلنىڭ بىردىن بىر مۈلىكى،قىزىغا ئاخىرقى كۈنلىرى ئۆز قۇلى بىلەن قۇلىقىغا سېلىپ قۇيۇشنى ئويلىغان ئالتۇنھالقىسنى ئوغىرلاپ سېتىپ، بىر كۈندىلا پەختىكىنى ئۇچۇرۋېتىپ يەنە تىرنىقىنى تاتلاپئۆيگە قايتىپ كەپتۇ، ئۇلار بۇندىن بۇرۇنقى كۈنلەردىمۇ ئۆيدىكى قولغا چىققىدەك،پۇلغا يارىغىدەك نەرسىلەرنى سېتىۋېتىپ، ئائىلنى قۇرتىۋىتەي دېگەن بولسىمۇ ئانائۆزنىڭ ئىنىسىنىڭ باللىرى بولغاچقا قىزىغا تىنماي دەردىنى يۈتۈپ كەلگەنكەن، شۇقېتىملىق ئالتۇن ھالقا ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۆزىدىن كېيىن قالسا قىزىغا ياخشى كۈنيوقلىقىنى پەرەز قىلىپ يىتىپ، تېزىكى قېتىپ، يېزىدىكى ئۇرۇق-تۇققانلىرىنى يىغىپ كېلىپ، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ئارقىلىقئانا بالىلىق مۇناسىۋەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئاتا-ئانىسىنىڭ مەھەلىسىگە يولغاسېپتۇ. بىچارە ئانا نە تۇرمۇش، نە ھايات، نە بالا خۇلىقىنى كۆرمەي كېسەلنىڭدەردىدىنمۇ ۋە ياكى شۇ ئىككى ئوغلىنىڭ دەردىدىنمۇ ئۇزۇنغا قالماي بۇ ئالەم بىلەنكۈزى ئۇچۇق خوشلۇشۇپتۇ...
بىزنىڭ يېرىم يىلغايەتمىگەن بۇ خاتىرجەملىكىمىز خۇددى قايناۋاتقان قازانغا كاللامدەك مۇزنىتاشلىغاندەك يوقاپ، خوشاللىقىمىز جۇد بوراندا قالغان قامقاقتەك، غەم-ئەندىشىلىككۈنلىرىمىز يەنە باشلاندى.
بىز سوت مەھكىمىسىدىن كەلگەن ساقچىنىڭ دېگىنىبويىچە ئەدىليە ئىدارىسىگە  چاپتۇق.ئىدارىنىڭ بىر ئىشخانىسىغا ئۈسۈپلا كىرىپ، قۇلىمىزدىكى ئۇقتۇرۇشنى كۆرسەتتۇق، بىزكىرمەكچى بولغان ئىشخانىمۇ دەل شىۇكەن. قانۇن مەسلىھەتچىلىرى، ئادېۋكاتلار بىزگەناھايتى قىزغىن مۇئامىلدە بولدى. ئادېۋكات ۋە قانۇنىي مەسلىھەتچىلەرنىڭ بىزگەبەرگەن مەسلىھەتى مۇنداق بولدى: بىرىنچىدىن، خوتۇننىڭ ئىككى نەۋرە ئىنىسىنىچاقىرتىپ كېلىپ، ئۇلار بىلەن چىرايلىق سۆزلىشىش، پىكىر بىردەكلىككە كېلىش؛ يەنەبىرى ئۇلارنىڭ «ھۇجىمى»غا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ماددئى پاكىتلارنى ۋە شۇ چاغدىكىئەمىلى ئەھۋالنى بىلىدىغان پىشقەدەملەردىن دەلىل-ئىسپات، گوۋالىقىنى ئېلىپ، ئۇچۇقسوتنىڭ ئېچىلىشىنى كۈتۈپ تۇرۇش.
بۇ ئىشلارغا تۇرۇپياقامنى چىشلەپ مىڭ بىر توۋىلارنى قىلىمەن، ئانام قازا قىلىپ ئىككى يىلدىن كېيىنبىز توي قىلدۇق، بىز توي قىلغاندىن كېيىن بۇ مەھەلە رايۇندىكى ئوڭ-سول،ئالدى-كەينىدىكى خوشنىلار دېيىشىپ قويغاندەك، بىرنىڭ كەينىدىن بىرى يەر تەۋرەشكەچىداملىق خىش قۇرۇلمىلىق ئۆي سېلىشىپ كەتتى. قۇلۇم-خوشنىلارنىڭ ئۆيلىرىكەينى-كەينىدىن پۈتۈپ، ئانامدىن قالغان بۇ ئۈچ ئېغىزلىق كونا قۇرما تام باشقاتاملار ئالدىدا، توخۇ كاتىكىدەك پاكارلاپ، بارا-بارا يەرگە چۆكۈپ كېتىۋاتقاندەككۈرۈنسە، ياز كۈنلىرى يامغۇر-يېغىن بولغاندا باشقىلارنىڭ ئۆي ئورنىنى كۆتۈرۈپسالغاچقا، پەقەت بىزنىڭ ئۆيلا يېڭى سېلىنماي ئۆي ئورنى كۆتۈرۈلمىگەچكە ھويلائارامغا، ئىشىك تۈۋىگە سۇ يىغىلىپ كۆلگە، قىش كۈنلىرى قار ياققانداچۈشتىن كېيىنپاتقاقلىققا، چۈشتىن بورۇن مۇزلاڭغا، ئەتىياز بولسا لۆم-لۆم پاتقاقلىققا ئايلىنىپئۆيگە ئادەمنىڭ قارىغۇسىمۇ كەلمەيدىغان بىر جىن ئۇۋىسىغا ئايلىنىپ قالغاندى.
مۇئاشىمىز يامان ئەمەسئۆسكەن بىلەن ئىككى ئوغلىمىزنىڭ كەينى-كەينىدىن نوختىلىق ئالى مەكتەپكە مېڭىشى،ئۆينىڭ ئۇ ھالى ۋە خۇلۇم-خوشنىلارنىڭ بىزنى ئۆينى يېڭىلاش توغرىسىدىكى دەۋەتلىرىئاخىرى بىزنى مىدىرلاشقا سەۋەپ بولدى. شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ مۇئاشىمنى ئاساس قىلىپ،بىزگە مۇئاشنى تارقىتىپ بىرىدىغان بانكىدىن 70 مىڭ يۈەن ئىستىمال قەرزى ئېلىپئۆينى سېلىشقا تۇتۇش قىلدۇق. ئۆي سېپ باقمىغان ئادەم بۇنىڭ تەسلىكىنى بىلمەيدىكەن،بولۇپمۇ بىزدەك پۇلى ئاز ئادەمگە تېخىمۇ شۇنداق،پۇلىمىز جىقراق بولسا ياكى يېزايېرىدىكى دېھقان بولسىاققۇ ھۆكىمەتنىڭ 30، 35 مىڭ يۈەن تولۇقلىمىسىنى ئېلىپ،كۆتىرە بىرىپ، بەگنىڭ بالىسىدەك قولىمىزنى يانچۇقتىن چىقارماي خاتىرجەم سالغانبولاركەنمىز، پۇل ئاز بولغاندىكىن تامچى ئۇستام بىر تەرەپتىن، ياغاچچى ئۇستام بىرتەرەپتىن پۇستانى نەرسە تۆگىدى، پۇكىنى نەرسە تۆگىدى دېسە نەدە نەرقىدىكى نەرسەباركىن دەپ سەككىز يەرگە ئون ئالتە قېتىم قاتىراپ، باھا تالىشىپ، ئاياقلىرىمنىڭچەمى تىشىلىپ، نەچچە قېتىم يول قىرىدىكى تۈرۈكلەرگە ئۈسىۋېلىپ، كىشلەرنىڭكۈلكىسىگە قېلىپ، كۇچىدىكى جەڭگى-جىدەلنى كۆرسە بىر توققۇز ناننى كۆتۈرۈپبارىدىغان ئۇرۇشقاق ئادەمدەك باش-كۈزۈم يېغىر يۈرگەنلىرىم...
شۇنداق قىلىپ ھېلقىيەتمىش مىڭ يۈەنگە ئۆيدا بار ئازراق پۇلنى قۇشۇپ، يەنە كۆكىگە 30 مىڭ يۈەن قەرزبولۇپ 230 كۇۋادىرات مىتىرلىق ئۆينى كىشلەرنىڭ كۆزلىرىگە چېلىقىدىغان تەرەپكە باشئەتىيازدا تۇتۇش قىلىپ كەچ كۈزدە ئۆيگە كىرگىدەك قىلغاندۇق. زىمىننىڭ ئىچىتەرىپىدىكى كىشلەرنىڭ كۆزلىرىگە ئانچە چېلىقىپ كەتمەيدىغان يەردىكى ئۈچ ئېغىزلىققۇرما تامنىڭ چۈشۈپ كەتكەن يەرلىرىنى، تام تۇرۇسلىرىنى، يېڭى سالغان ئۆيدىن ئاشقانسېمىنۇت، چاقچۇق ۋە ھەر خىل پەنەركىلەر بىلەن ئۇنىمۇ ياساپ-جابدۇساق ئۇمۇ ئۆزيولىدا يارىشىغىدا بىر ئۆي بولۇپ، بۇ بىرمو بىر پۇڭ زىمىننىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئۆيبولۇپ كەتكەندى.
ئۆيغۇ پۈتتى، ئەمماكۈنلىرىمىز تېخىمۇ قىيىنلىشىپ تالادا بايرام، ئۆيدە ماتەم كۈن ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇربولدۇق. بۇنداق كۈنگە بۇنداق تۇرمۇشقا بىز ئەر-ئايال چىشىمىزنى چىشلەپ كۆنگەنبىلەن ئۆيدىكى توپاقتەك ئىككى ئوغۇللىرىمىز كۈنەلمەي، ھەپتىدە بىرەر قېتىمگۆش-كاۋاپنىڭ غەلۋىسىنى قىلىپ بېشىمىزنى ساڭگىلتىشقا مەجبۇر قىلاتتى. مەيلى باي-باياشات،راھەت-پاراغەتلىك كۈنلەر، مەيلى جاپالىق، ئاچ-زېرىن كۈنلەرنىڭ بىرى بىر كۈن بولۇپبىرنىڭ كەينىدىن بىرى قوغلۇشۇپ ئۆتۈپ كېتىۋەردى، لېكىن يەنىلا بىز ساق-سالامەتئېشىپ قېلىپ، تۇرمۇشنى ئادى-ساددا قامداپ ياشاپ كېلىۋەردۇق. شۇنداق كۈنلەردە ئىككىئوغلىمىز بىرنىڭ كەينىدىن بىرى نوختىلىق ئالى مەكتەپلەرگە ئۆتۈپ، بېشىمىزنىڭئىچىنىمۇ-تېشىنىمۇ قاتۇرغاندى، «كۆزىدىن ئايرىغان خۇدايىم ھاسىسىدىنئايرىماپتۇ»دېگەندەك ھەر ئىككىلىسى سىفەن خارەكتىلىك ھەقسىز مەكتەپلەرگە تەكلىپكېلىشىگە، ناھىيەلىك پارتكوم، خەلق ھۆكىمىتى مائارىپتا كۈچلۈك ناھىيە بەرپا قىلىشسىتارتىگىيسىگە ئاساسەن مەخسۇس ھۆججەت چىقىرىپ نوختىلىق ئالى مەكتەپنىڭ1-تۈركىمىگە قۇبۇل قىلىنىپ ماڭغان ئوقۇغۇچىنىڭ ھەر بىرىگە بەش مىڭ يۈەندىن نەق پۇلبىرىپ ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقىمىزنى ھەل قىلىپ باللىرىمىزنىڭ تىرىشچانلىقىنى يەردەقويماي رىغبەتلەندۈردى.

*           *               *                  *                     
8-چىسلا ئەدىليەئىدارىسىنىڭ قانۇندىن مەسلىھەت بىرىش ئىشخانىسىدىكى خادىملار چاقىرتىپتۇ، بىزئەر-ئايال بارساق، ھېلقى ئادېۋكات بىلەن ئەدىليەلىك مۇراسسە خادىمى ئايالىمنىڭئۈستىدىن مىراس تالىشىپ ئەرز قىلغان ئىككى نەپەر نەۋرە ئىنىسى بىلەن بىزنى ساقلاپئولتۇرۇپتۇ. بىز ھەممەيلەن كۆرۈشۈپ بولغاندىن كېيىن:
-سېلەر يېقىنتۇققانلاردىنكەنسىلەر،-دەپ سۆز باشلىدى ئادېۋكات،- ئازراق نەپنى دەپ بۇتۇققاندارچىلىققا دەز كەتسە تازا ياخشى بولمايدۇ، شۇڭا ئادېۋكات دېسەڭلار مانا مەنتۇرۇپتىمەن، مۇرەسسە دېسەڭلار مانا مۇۋا ئىنىمىز بار، «بىر تۇققاننىڭ ئەرتالاشقاننى كۆرۈڭ»دېگەندەك سوتلۇشۇپ سەتلىشىپ يۈرمەي، بۇ ئەرز قىلغۇچى دېھقانئىنىلىرمىزنىڭ ئەر قىلىشتىكى ئاساسى مەقسىدىنى دەپ باقسۇن، ئۇلارنىڭ تەلىپىگە،سېلەرنىڭ گېپىڭلەرگە ئاساسەن بىز مۇراسسە قىلىپ قويساق قانداق دەيسىلەر؟!
-باشقا پىكرىمىزيوق،-دېدىم مەن خۇتۇنۇمنىڭ ئىككى نەۋرە ئىنىسىگە قاراپ،-بۇ ئىككى ئىنىمىز نىمەدەيدىكىن؟
-سىلەر نىمەدەيسىلەركىن؟-دەپ ئۇ ئىككەيلەنگە قارىدى.
-بىز...بىز...-دەپدۇدۇقلاپ چىرايىمىزغا قاراشتىن قورۇنۇپ، بېشىنىمۇ كۆتەرمەي تىرنىقىنى تاتلاپ تۇرۇپسۆزىنى داۋاملاشتۇردى ئايالىمنىڭ چوڭ نەۋرە ئىنىسى،- سىلەرمۇ بىلىسىلەر بىزيەرلەرنى بۆلۈپ بىرىپ بولغاندا كەنتكە بېرىپتىكەنمىز، ئۇنى قىلىپ، بۇنى قىلىپيۈرۈپ ئىككەيلەن يەردىن سەككىز مو قىلدۇق، لېكىن بۇ ئازغىنە يەر بىلەن ئېشىنماقمۇتەس ئىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر ئىككىلىمىزنىڭ يېشىمۇ ئۆيلىنىش يېشىدىن ئېشىپ كەتتى،مۇئاپىق لايىقلارمۇ چىقتى، پۇل بولمىغاچقا ئۆيلىنەلمىدۇق، كەنىتتىكىلەر نەۋرەئاچامنىڭ ئىسىل ماشىنىغا چىقىپ تۇققانلارنىڭ ئۆيلىرىگە بارغانلىقىنى، ئانىسىدىنقالغان زىمىننىڭ نۇرغۇن پۇلغا يارغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، چوڭلارنىڭ گېپى بىلەنيۈزىمىزنى داپتەك قىلىپ بۇ ئەرزنى يېزىپتۇق...
-سېلەر قانداققارايسىلەر؟-دېدى ئادېۋكات بىزگە تەكشى قاراپ.
-بىز ئۇرۇقتۇققان،-دېدى ئايالىم ماڭا قاراپ،-ئۇلار قىيىنچىلىققا يولۇقسا بىزنىڭ ياردەم بىرىشمەجبۇريىتىمىز بار، شۇڭا بىز ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بىرەيلى، بىزمۇئەينى چاغدىكى نامراتچىلىقنىڭ دەردىنى بولىشىغا تارتىپ باققان، ھەم شۇ چاغلاردائالاھ بەندىسىنى يوقسۇلچىلىق، نامراتلىقتىن ساقلاشنى تىلىگەن، پارتىيەنىڭ چەكسىزغەمخورلىقى بىلەن مۇشۇنداق تۇرمۇشقا ئىرىشىپ، قولىمىز پۇل كۆردى، قاراپ تۇرساقبولماس.
مەن ئايالىمنىڭ بۇئىنسانى خىسلىتىدىن چەكسىز سۆيۈنۈپ، مەمنۇنلۇق بىلەن ئادېۋكات ۋە مۇراسسە خادىمىغاقاراپ بېشىمنى ئاستا لىڭڭىشتىم.
بىز ئەدىليەئىدارىسىدىكىلەر بىلەن خوشلۇشۇپ، ئايالىمنىڭ نەۋرى ئىنىلىرىنى باشلاپ بانكىغابېرىپ، 20 مىڭ يۈەن نەق پۇلنى قۇللىرىغا تۇتقۇزۇپ، ئاشخانىغا باشلاپ گۆش باسقانپولودىن تۆتنى ئېلىپ، قورساقنى تويغۇزۇپ ئۇلارنى يولغا سېلىپ، بىزمۇ ئۆز ئىشىمىزغايۈرۈپ كەتتۇق.
2015-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى

0

تېما

0

دوست

168

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
58
مۇنبەر پۇلى
110
ئىشەنىچ
58
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-10 01:05:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى قىپتۇ. ئەگەر ئۇلار بىلەن داۋالاشقان بولسا تۈگىمەس باش ئاغرىقى تىپىۋالاتتى.

باھا سۆز

غۇرۇر ئادەملەر «ئاش بەرگەنگە ،مۇش بەر » دېگەن شۇ . «ۋاپا قىلغانغا ،جاپا » ۋىجدانىنى ئىشىت يەپ كەتكەنلە ر شۇ ...  يوللىغان ۋاقتى 2016-3-1 17:35

0

تېما

0

دوست

168

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
58
مۇنبەر پۇلى
110
ئىشەنىچ
58
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-12 12:34:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
rana3345 يوللىغان ۋاقتى  2016-2-10 01:05
ناھايىتى ياخشى قىپتۇ. ئەگەر ئۇلار بىلەن داۋالاشقان بول ...

راست دەيسىز.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى 

GMT+8, 2016-8-2 21:45, Processed in 0.150329 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش