دالىدا قار تېيىلىش مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيۇنلىرى ئازادلىق ئارمىيە كوماندىسى بىلەن خاربىن كوماندىسىدىن چىقتى
ئۆز خەۋىرىمىز: 21-يانۋار ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 9:00دە مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى دالىدا قار تېيىلىش مۇسابىقىسىنىڭ ئاياللار قوش قوغلاش تۈرى فۇكاڭ مۇسابىقە رايونىدا باشلاندى. خاربىن كوماندىسىدىن كەلگەن لى شىن بۇ مۇسابىقە تۈرىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى. جىشى شەھىرى ۋەكىللەر كوماندىسىدىن چى چۇنشۆ ئىككىنچى بولدى، خاربىن كوماندىسىدىن كەلگەن لى خۇڭشۆ بۇ تۈردە ئۈچىنچى بولدى. شىنجاڭلىق ماھىرلاردىن ئالتاي ۋەكىللەر كوماندىسىدىن دىلنىگار ئىلھامجان شۇ كۈنىدىكى مۇسابىقىدە يېشى ئەڭ كىچىك ماھىر بولۇپ، بۇ يىل 14 ياشقا كىرگەن. ئۇنىڭ بۇ قېتىم تۇنجى قېتىم دۆلەت دەرىجىلىك مۇسابىقىگە قاتنىشىشى ئىكەن: ‹‹بۇ قېتىملىق مۇسابىقە ئارقىلىق مەن ئۆزۈمنىڭ يېتەرسىزلىكىنى ھېس قىلىپ يەتتىم، شۇنداقلا تەجرىبە يەكۈنلىدىم، كېيىن ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىمەن›› دېدى دىلنىگار. دالىدا قار تېيىلىش مۇسابىقىسىنىڭ ئەرلەر قوش قوغلاش تۈرىدە ئازادلىق ئارمىيە كوماندىسىدىن ۋاڭ چياڭ، ليۇ جىنمىڭ ۋە تاڭ جىنلې ئايرىم ھالدا بىرىنچى، ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى بولدى. ئۈرۈمچى كوماندىسىدىن يەن شىڭيۈەن بۇ تۈردە تۆتىنچى بولدى. |