تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 718|ئىنكاس: 0

راھمان شەرەپ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

3

تېما

0

دوست

126

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
13
مۇنبەر پۇلى
104
ئىشەنىچ
13
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-22 14:52:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېكايە
(xohtekin)

راھمان ساقچىنىڭ يېشى 65 تىن ئېشىپ جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىدە ئىشلىگىنىگە 43 يىل بولغان بولسىمۇ تېخىچە ئارام ئېلىشقا چىقمىغان ئىدى.تەشكىل بىرنەچچە قېتىم دەۋەت قىلسىمۇ ماقۇل -دەپ يەنىلا جاپالىق ئىشلەشتىن باش تارتمىدى.ئۇنىڭ 28 كۇۋاىرات مېتىرلىق مېھمانخانىسىڭ تۆت تېمى پۈتۈنلەي مېدال، تەقدىرنامە،شەرەپ گۇۋاھنامىلەر بىلەن توشۇپ كەتكەن بولۇپ ،ئۆيىگە كىرگەن چوڭ-كىچىك مېھمانلارغا كۆز-كۆز قىلىشنى ھەرۋاقىت ئۇنتۇماي كەلگەچكە كىشىلەر تەرىپىدىن ‹‹راھمان شەرەپ ››دەپ ئاتىلىپ قالدى.
بۇ بىرەر دېلو يۈز بېرىپ بولغىچە نەق مەيدانغا بېرىپ بولاتتى.ئۇ ئىش بىجىرگەندە ناھايىتى سىلىق،سەۋرىچان ئىدى.قانۇننى ھەممىدىن ئەلا بىلىپ ئادىل،توغرا بىر تەرەپ قىلىشقا تىرىشاتتى.ئۇرۇق-تۇققان،دوستلىرىغا نىسبىتەن ھەرگىز چاپان ياپمايتتى.باشقىلارنىڭ سىرلىرنى بەك ساقلاش بىلەن بىرگە جىنايەتچىلەرنىمۇ سىرنى چىڭ ساقلاشنى تاپىلايتتى.
يېقىنقى يىللاردا يولغان قويۇلغان قاتتىق زەربە بىرىش كۆرىشىدە ئۇ تېخىمۇ ئاكتىپ بولۇپ ياش ساقچىلارغا ئارام بەرمەي رىغبەت بىرىپ،كۈندۈزنى كېچىگە ئۇلاپ مۇشەققەتلىك ئىشلەپ كەتتى.ئالدىراشچىلىقتا ئىككىنچى نەۋرىسىنىڭ تويىنىمۇ ئارقىغا سۈرىۋەتتى.ئۇنىڭ تۆھپىسى نەتىنجىسدە جاھانمۇ خېلى تىنجىپ قالدى.
بىر كۈنى ئىشخانىدا ئەمدى بىر ماتىرياللارنى رەتلىۋېتەي دەپ تۇرسام خىزمەتدىشىم ئەسقەر :ـ ئاداش، ئاخشام تېلىۋېزور كۆردۈڭمۇ؟ ‹‹ راھمان شەرەپ ›› قانۇن تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغانلىقىنى كۆرسەتتى-دەپلا ھەيرانلىق ئىچىدە سۆزلەپ كەتتى.بۇ گەپنى ئاڭلاپ مەنمۇ كۈندۈزى يۇلتۇز كۆرگەندەكلا ياقامنى تۇتۇپ تۇرۇپ قالدىم.پەرىشتىلەرمۇ ئىشتانغا چىقىرىپ قويامدۇ –نىمە؟!.
ئىككى ئايدىن كېيىن ‹‹راھمان شەرەپ ›› دېلوسى گېزىتتا ئېلان قىلىندى.
ئۇ ئەسلىدە قوي تېرىسىگە ئورىنىۋالغان چىلبۆرە بولۇپ ساقچىلىق تارىخىدا دېھقان.سودىگەرلەرنى تۇتقا قىلىپ،ئۇلارنى نامرات،نادان چاغلاپ،قانۇننى ھەيۋە قىلىپ قورقىتىپ،يالغاندىن سىياسەت چىقىرىپ ھىساپسىز پارا ئېلىپ ئىشلەپ كەلگەن ئىكەن.ئۇ پاش بولۇپ قېلىشتىن ھەر ۋاقىت ئىھتىيات قىلىپ  جىنايەتچىلەرگە سىر ساقلاشنى تاپىلىغىنى بىكار ئەمەسكەن.ئۇ ھەتتا نەپ ئۈچۈن تېرورچىلاردىنمۇ پارا ئېلىپ ئۇلارغا نۇرغۇن دېلو سادىر قىلىشقا يۇچۇق ئېچىپ بىرىپ يەنە شۇ دېلونى ئۆزى پاش قىلىپ  مايمۇن ئويۇنى ئويناپ كەلگەن ئىكەن.
بۇ سىرنى 8 يىل ئىزچىل تۇتۇلماي كەلگەن بىر ئەسەبىي پاش قىلغاندا پارتىكوم شۈجىسى ئاڭلاپمۇ ھەيران قالغان.قانۇن خادىملىرى مەخپى بىر پىلان تۈزۈپ يالغان دېلو شەكىللەندۈرۈپ ‹‹راھمان شەرەپ ›› نەق مەيداندا پارا ئېلىۋاتقاندا پاكىت بىلەن قولغا چۈشۈرگەن.كېيىن ئۇنىڭ ئۆيىنى قېدىرىپ تەكشۈرگەندە نەق پۇل ۋە باشقا ماددىي بۇيۇملارنىڭ قىممىتى 17 مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن.
كېيىن ئۇنىڭ پىچەتلەنگەن ئۆيىنىڭ ئالدىدا ئوينىۋاتقان ئۇششاق بالىلار قىيدىشىپ قالسا بىر –بىرىنى ‹‹راھمان پارىخور››،‹‹راھمان قويمىچى››-دەپ تىللىشىدىغان بولىۋالدى.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى 

GMT+8, 2016-8-3 02:25, Processed in 0.123333 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش