ئايبانۇم
ھەبىبە تاھىر دىدار
(ھېكايە)
بۇنىڭدىن ئون يىل ئىلگىرى،مەن مەلۇم تىببىي ئىنىستىتۇتنىڭ 5-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان شوخ، تىتىك، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئىدىم. فاكۇلتېت ئاخىرقى يىلى بىزنى ئاشۇ ئىنىستېتۇت قارمىغىدىكى 1-دوختۇرخانىنىڭ تاشقىي كېسەللىكلەر بۆلۈمىدە پىراكتېكا قىلىشقا ئورۇنلاشتۇردى. ئەشۇ چاغدا، ئۆز كەسپىمدە پىراكتېكا قىلغىنىم، داڭلىق مۇتەخەسىس ۋە كەسپىي دوختۇرلارنىڭ داۋالاشتىكى ئەمەلىي تېخنىكىلىرىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ، بىلىپ تۇرغىنىم ئۈچۈن دوختۇرلۇق كەسپىدە ئوقۇغىنىمغا ئالەمچە خوشال بولاتتىم، ھە دېسىلا زىلۋا قامىتىمگە خوپ ياراشقان ئاق خالىتىمغا قاراپ كۈلۈمسىرەپ، دوختۇرلۇقنىڭ تۇنجى ھوزۇرىدىن مەست بولۇپ يۈرەتتىم... شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە، مەن پىراكتېكا قىلىۋاتقان بۆلۈمگە ئېغىر دەرىجىدە رىماتىزىم كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىر ئايال كەلدى. ئايالنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ كەلگىنى چىرايىدىن جەسۇرلۇق، جەڭگىۋارلىق، قەيسەرلىك ھەم ئاق كۆڭۈللۈك ئۇرغۇپ تۇرغان ياش بىر ھەربىي يىگىت ئىدى... ئۇلارنىڭ تەلەپپۇزىدىن تۇرپان ياكى قومۇل تەرەپتىن كەلگەنلىكى بىلىنىپ تۇراتتى. ئايالنىڭ كېسىلى خېلىلا ئېغىر بولۇپ ھاسا تاياقتا ئارانلا ماڭاتتى. ئۇنىڭ كۈتۈنىشىگە مەن مەسئۇل بولغاچقا، نەچچە كۈنگە قالمايلا ئۇنىڭ بىلەن يېقىن تۇغقانلاردەك بولۇپ قالدىم، ھەربىي يىگىت ئايالنىڭ ئوغلى ئىكەن، ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم قىسىمدا ھەربىي ۋەزىپە ئۆتەيدىكەن. ئۇنىڭ جىددىي كىرىپ - چىقىپ يۈرۈشلىرىدىنلا خىزمىتىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئالدىراش ئىكەنلىكى بىلىنىپ تۇراتتى. شۇڭىمۇ ئۇ ئانىسىنى دەسلەپتە بالنېستقا ئورۇنلاشتۇرغاندا، بىمارنىڭ ھەرىكەت قىلىشىنىڭ قىيىنلىقىغا، ياشىنىپ قالغانلىقىغا قاراپ: «بۇ ئايالمۇ ماڭا قالغۇدەكتە، ھەقاچان جىددى بۇيرۇق ئىچىدە تۇرىدىغان ھەربىي ئادەمنىڭ ئانىسىغا قارايدىغانغا نەدە ۋاقتى؟... دەپ ئويلاپ ئۈلگۈرگەن ئىدىم، ئەمما مەن خاتالاشقان ئىكەنمەن. ھەربىي يىگىت كۈندە دېگۈدەك دوختۇرخانىغا كېلىپ ئاپىسىنى يوقلاپ، ھال ئەھۋال سوراپ، لازىمەتلىكلەرنى تەق قىلىپ بېرىپ تۇراتتى. ئاپىسىنىڭ بەدەنلىرىنى سۈرتۈش، كىر قاتلىرىنى يۇيۇش، دوختۇرغا ماسلىشىپ تامىقىنىڭ تۈرلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشتىن تارتىپ، ئاپىسىنىڭ ھاجەتكە چىقىشىغىچە ھەممىسىنى تولىمۇ جايىدا ئورۇنلاشتۇراتتى. قىلغان ئىشلىرى ھەربىيلەرگە خاس ھالدا تولىمۇ ئېدىتلىق، تەرتىپلىك ئىدى، ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ دېيىشىچە قىسىممۇ ئۇنىڭ ئاپىسىغا قارىشىغا مۇۋاپىق پۇرسەت يارىتىپ بېرىپتۇ. ئەمما قىسىمدا تۈزۈم چىڭ، ھەر ۋاقىت جىددىي ۋەزىپە چىقىپ تۇرىدىغان بولغاچقا، ئانىسىنىڭ يېنىدا ئۇزۇن تۇرالمايدىكەن. ئوغۇل سالماق، ئوچۇق-يورۇق ئىدى. چىرايى ئاق–سېرىق، قاڭشارلىق، بوي بەستى ھەربىيلەرگە خاس ئۆلچەملىك ھەم سۈلكەتلىك ئىدى. كۆزلىرىدىن جۇشقۇنلىقى، زىرەكلىكى چىقىپ تۇراتتى. يېقىشلىق مىجەزى كىشىگە ئىللىقلىق تۇيغۇسى بېرەتتى. بەزى كۈنلىرى ئۇ ئۆزى كېلەلمىسە، باشقا بىرلىرىنى (تولاراق مۇھاپىزەتچى ياكى يېڭى كەلگەن جەڭچىلەر) دوختۇرخانىغا ئەۋەتىپ ئاپىسىغا لازىملىقلارنى يەتكۈزۈپ بېرەتتى. بۇنداق چاغلاردا ئۇنىڭ يېتىشىپ بولالماي قېلىۋاتقانلىغىنى ھېس قىلاتتىم. ئاخىرى بىر كۈنى ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىش، قايىل بولۇش ھېسسىياتى ئىچىدە شۇنداق دېدىم: ــ خىزمىتىڭىز ئالدىراشكەن، يېتىشىپ بولالمىغان چاغلاردا كەلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، مەن كۈندە مۇشۇ بۆلۈمدە بولغاندىكىن ئاپىڭىزنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ قويىمەن، ئەنسىرەپ كەتمەڭ. بۇ گېپىمنى ئاڭلاپ يىگىت خىجىللىق نەزىرى بىلەن بېشىنى ئىتتىك ماڭا بۇرىدى: ــ رەھمەت، ھېلىمۇ سىزنى بەك كۆپ جاپاغا سېلىۋەتتۇق، ئاپام ئىككىمىز سىزدىن مىننەتدارمىز. بۇ شەھەردە ئاپامنىڭ مەندىن باشقا يېقىن ئادىمى يوق، شۇڭا كەلمىسەم غېرىپسىنىپ قالارمۇ، دەپ ئەنسىرەيدىكەنمەن. مەن يوق چاغلاردا ئىشلىرىغا قارىشىپ قويىۋاتقىنىڭىزنى ئاپام ماڭا دەپ تۇرىۋاتىدۇ. ياخشىلىق يەردە قالمايدۇ، سىزگە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن!ــ دەپ ئۆزىنىڭ مىننەتدارلىقىنى ئىپادىلىدى. ئۇنىڭ بۇ گەپلىرى كۆڭلۈمدە تاتلىققىنە بىر سۆيۈنۈشنى پەيدا قىلدى. كىشى كۆڭلىنى ئاۋۇندۇرۇش ئەجەپمۇ كۆڭۈللۈك ئىشكىنا!... داۋامى بار... |