- تىزىملاتقان
- 2014-2-19
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-6-27
- ھوقۇقى
- 50
- جۇغلانما
- 597
- نادىر
- 0
- يازما
- 44

- تۆھپە
- 54
- مۇنبەر پۇلى
- 441
- ئىشەنىچ
- 54
| ئەسكىلەرنى ئەيىپلەيلى ( «ئە » ھەرىپىدىن تۈزۈلگەن سۆز ئويۇنى )
ئابدۇۋەلى راخمان ھەققانىي
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئەزىزلەر،ئەجەپلەنمەڭلاركى،«ئە»گە ئەگىشىپ «ئە»دىن ئەسەر ئەپلەشتۈرۈپ «ئە»نىڭ ئەھمىيىتىنى، ئەۋزەللىكىنى ئەزۋەيلەپ،ئەمىلىيەتتە ئەكس ئەتتۈرۈپ، ئەتراپتىكى ئەزىمەتلەر، ئەركەكلەرگىچە ئەسلىتىپ«ئە»نى ئەۋرىشكىلاپ، ئەمگەكلەپ،«ئە»دىن ئەپلەشكەن ئەرزىمەس ئەمگىكىمنى ئەستايدىل ئەمىلىلەشتۈرمەكچىمەن،ئەلبەتتە.«ئە»دىن ئەپلەشتۈرگەن ئەسىرىمنى، ئەمگىكىمنى ئەدناسى ئەردەۋىل،ئەنجان، ئەرمىنىيە، ئەزەربەيجان، ئەركەشتام،ئەزھەرگىچە، ئەۋلىيا-ئەنبىيا ،ئەرۋاھلارغىچە، ئەتراپتىكى ئەتىرەتىتكلەردىن ئەكبەر،ئەمىن، ئەسقەر، ئەسمۇتۇللا،ئەھەت،ئەسئەت،ئەرسىلان، ئەلقەم، ئەرشىدىن،ئەلشىر،ئەزىمەت،ئەركىن،ئەركىزات،ئەكرەم،ئەينىدىن،ئەزىز،ئەلى،ئەليار،ئەقىدە، ئەخمەت،ئەختەر، ئەبەيدۇللا،ئەشرەپ،ئەمەتكىچە ئەسلىسە ئەجەپ ئەمەس. ئەنسىرەيدىغىنىم: ئەسكىلەرنىڭ ئەلپازى ئەسلىدىنلا ئەژدىھانىڭ ئەلپازىدىنمۇ ئەسكىكەن.ئەسكىلەر ئەتراپىدىكى ئەخمەقلەرنى،ئەفىيۇنكەش ئەخلەتلەرنى، ئەسەبىلەرنى،ئەنسىزلىكنى، ئەبلەخلەرنى،ئەمگەككە ئەسقاتمايدىغان ئەجىرىسىز ئەزمىلەرنى،ئەپقاچتىلارنى ئەتىۋالاپ ئەزىزلەپ ئەركىلىتىدىكەن. ئەكسىچە،ئەلقەم، ئەلا، ئەمرەمزە، ئەنبەر، ئەنەيتۇللا، ئەنۋەر، ئەلانۇر،ئەيسادەك ئەلىيۇل ئەلا ئەلسۆيەرلەرنى،ئەمىنلىكنى، ئەدەپ-ئەخلاقنى،ئەركىنلىكنى، ئەدىبلەرنى، ئەدەبىي ئەسەرلەرنى،ئەۋزەل ئەمەللەرنى،ئەۋرىشكىلەرنى ئەقىلىيەلەرنى ئەسكەرلەرنى،ئەمگەكچىلەرنى،ئەدەپلىكلەرنى،ئەلچىلەرنى، ئەقىللىقلەرنى،ئەتلەسلەرنى،ئەتراپتىكى ئەۋزەللىكلەرنى،ئەجەمنى،ئەۋجىسىنى، ئەنئەنىمىزنى ئەندىشىلىك ئەھكاملىرىدا ئەتىدىن ئەتىگىچە ئەيىپلەيدىكەن.ئەسلىدە ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئەسلىمىلىرى، ئەستىلىكلىرى، ئەقىللىكلەر ئەگىشىدىغان ئەبىدىلىك ئەينەك.ئەگەر ئەبلەخلەر ئەيمەنمەي ئەيىپلىسىمۇ ئەبىدى ئەمىنلىكنى، ئەدەپ – ئەخلاقنى ئەتىۋالاپ ئەتراپتىكىلەر ئەسرالىشىپ ئەقىدىمىزنى،ئەنئەنىمىزنى ئەگىتمەي، ئەۋزەل ئەدىبىياتىمىزنى، ئەدىلىيەلىك ئەنگۈشتۈرىمىزنى، ئەسەبىلەرنى ئەجەللىك ئەدەپلەيدىغان ئەندىزىنىڭ ئەۋجىسىنى ئەيىۋەشكە ئەپكىلىپ ئەستاغپۇرلا ئەيلىمەيدىغان،ئەپسۇسلانمايدىغان ئەھۋالنى ئەمىلىيەتتە ئەكس ئەتتۈرۈپ ئەسكىلەرنىڭ ئەگرىلىكىنى ئەستايدىل ئەيىپلەپ ئەدىيالنىڭ ئەڭ ئەسكى ئەستىرىگە ئەتلەپ ئەخلەت ئەپكېتىدىغان ئەۋرەزلەرگە ئەبەرتىپ ئەجەللىك ئەدەپلىگىنىمىز ئەۋزەل.
|
|