- تىزىملاتقان
- 2015-1-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-12-18
- ھوقۇقى
- 20
- جۇغلانما
- 69
- نادىر
- 0
- يازما
- 4

- تۆھپە
- 5
- مۇنبەر پۇلى
- 53
- ئىشەنىچ
- 5
|
بۇ ماقالىدە بىز سوچىرو خوندا(Soichiro Honda)نىڭ ئىش ئىزلىرى توغرىسىدىكى ھىكايىدىن ھەمبەھىرلىنىمىز. بۇ كىشى ئۆز دۆلىتىنىڭلا ئەمەس پۈتۈن دۇنيادىكى ھەممە دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋىي سودا ئەندىزىسى توغرىسىدىكى كۆز قاراشنى ئۆزگەرتكەن كىشى. بۇ كەشپىيات، تەجىربە سىناق، مەغلۇبىيەت ۋە مۇۋەپىقىيەت توغرىسىدىكى ھىكايىنى ئوقۇپ ھوزۇرلىنىڭ. سوچىرو خوندا (1906-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈندىن 1991-يىلى 8-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە) بولسا ياپونىيلىك كارخانچى ۋە كەشپىياتچى، ۋىلسىپىت موتو، موتوسىكىلىت ۋە ماشىنا ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەرەققىقىي قىلدۇرۇش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ ياپونىيە ۋە ئامىركىدىكى خوندا موتۇر چەكلىك شىركىتى ۋە ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى. سوچىرو خوندا موتوسىكىلىت ۋە ماشىنىنىڭ مودا مودىلى ئوتتۇرغا چىقارغۇچى، سۇپىر كاب، سىۋىك، ئاكورد، پىرىلۇيد (Super Cub, Civic, Accord, Prelude) ۋە باشقىلار. ئۇ نەچچە مىليارد دوللار قىممەتكە ئىگە ئورۇندىكى كىشى. بەلكىم خوندا موتور شىركىتىنى ئاڭلاپ باقمىغان كىشىلەرنى تىپىش ناھايتىمۇ تەستۇ، ۋە بۇمۇ بەك ھەيران قالارلىق ئەمەس، چۈنكى دۇنيا مىقياسىدا 140تىن ئارتۇق دۆلەتتىكى كىشىلەر ئۇنىڭ ۋىلسىپىت، ماشىنا، قولۋاق موتورى، كىچىك تراكتور، ئاپتوماتىك توك پونكىتى، يەر ئاغدۇرۇش ماشىنىسى ۋە گاز-ماي ماتورلۇق باشقا خىل شەكىلدىكى ماشىنا قۇراللىرىنى سىتىۋالىدۇ. 1956- يىلىغا قايتساق، بۇ شىركەت خىزمەتچىللىرىگە ئۈگەنمىسە بولمايدىغان «ئۈچ خۇشاللىق» دەپ ئاتالغان خىزمەت چۈشەندۈرشىنى ئوتتۇرغا چىقارغان. ئۇنىڭ بىرىنچىسى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ خۇشاللىقى. بۇ پەقەت ئىنژىنىرلالام بىلەلەيدىغان خۇشاللىق. بۇ يۇقىرى سۈپەتتىكى ياخشى مەھسۇلاتنىڭ جەمئىيەت تەرپىدىن قارشى ئىلىنغان ۋاقىتتىكى ئىنژىنىرلارنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك خۇشاللىقى. ئىككىنچى خۇشاللىق بولسا بىر مال ساتقۇچىنىڭ خۇشاللىقى، چۈنكى بۇ مال ساتقۇچى خوندا مەھسۇلاتلىرىنى ساتىدۇ. ئۈچۈنچى خۇشاللىق بولسا سىتىۋالغۇچىلارغا مەنسۇپ، بۇ سىتىۋالغۇچى خوندا مەھسۇلاتلىرىنى سىتىۋالغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇشال. خوندا شىركىتى بەش قىتئەدە بازىرىدا غەلبە قازانغان بىر شىركەتنىڭ بىردىنبىر ۋەكىلى، ئۇ داڭلىق تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ ئەزاسى، ئۇ يۇقىرى پەن-تېخنىكا تۈرلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا مەبلەغ سالغان شىركەت، ۋە مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش مۇھىت ئۈنۈمىنى تۈپتىن ھەل قىلغان. خوندا ئىنژىنىرلىرىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى بولسا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ساتقۇچىلارنىڭ كەسپى ئىقتىدارى بىلەن بولغان يۈكسەك بىردەكىلك. بۇ خىل بىرلىك بۇ شىركەتنىڭ بىر قانچە يىللىق مۇۋەپىقىيىتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان، ۋە كەلگۈسىدىمۇ مۇۋەپىقىيەت قازىنىشىغىمۇ ئىشەنچ ئاتا قىلغان. سوچىرو خوندا(Soichiro Honda)، خوندا شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، 1906-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى ياپونىينىڭ ھاماماتسۇ شىزۇئوكا (Hamamatsu, Shizuoka) دا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ئاپىسى مىكا(Mika) بولسا توقۇمچى ئىدى، ۋە ناھايتى مۇرەككەپ شەكىلدىكى توقۇمچىلىققا ئۆزى بىر ماشىنا لاھىيلەپ چىقارغان. ۋە ئۇنىڭ دادىسى گىخېي(Gihei) بولسا بىر تۆمۈرچى ئىدى، ۋە ۋىلسىپىت رىمونت قىلىش بىلەن شۇغۇللىناتتى. بۇ يىللاردا ۋىلسىپىت قاتنىشى چوڭ شەھەرلەردە ناھايتى مودا سۈرۈپ كىتىپ بارغان ئىدى. ئۇنىڭ دادىسى توكيودىن بىراك بولغان ۋىلسىپىتلەرنى ناھايتى ئەرزان باھادا سىتىۋالاتتى، رىمونىت قىلغاندىن كىيىن كەلگەن كىشىلەرگە سىتىپ بىرەتتى. سوچىرو ئاددىي بولغان جازىلار ۋە ئۆزى ياقتۇرپ ئوينايدىغان ۋىلسىپىت زاپچاستلىرىدىن باشلاپ دادىسىغا ياردەملىشەتتى. تۆمۈرچىلىك دۇككىنىدا دادىسىغا ياردەملىشەتتى، ئىس-تۈتەكتىن ناھايتى مەينەت بولۇپ كىتەتتى، لىكىن بەك چىۋەر ئەقىللىق ئىدى. مەكتەپتىكى ئەڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە، ھەممە ئوقۇغۇرچىلار ئاتا-ئانىسى ئىمزا قويۇپ تامغا باسقان يىللىق دوكىلاتىنى تاپشۇراتتى. سوچىرو ئانچە بەك ئەلاچى ئوقۇغۇچىلاردىن ئەمەس ئىدى، لىكىن ئۇ ئاتا- ئانىسىنى ئۈمۈتسىزلەندۈرۈشنى خالىمايتتى. شۇڭا ئۇ ئائىلە نەسەپ تەسۋىر تامغىسىنى بىر كامىرغا ئويۇپ، ئۆزى يىللىق دوكلاتىغا ئىمزا قويغان. سوچىرو ئەسلى تامغىنىڭ ئۈستىدە كىچىك رەسىم بارلىقىنى تونۇپ يەتمىگەن ئىدى. ئۇ باشقا ساۋاقداشلىرىغىمۇ ساختا تامغا ياساپ بەرگەن. ئۇنىڭ فامىلىسى خوندا، تىك يىزىلغاندا سىممىتىرىك كىلەتتى، شۇڭا ئۇ مەسىلە دىققەتنى قوزغىمايتتى، لىكىن بەزى بالىلارنىڭ فامىلىسى سىممىتىرىك ئەمەس ئىدى. ئوقۇتقۇچى بۇنىڭغا دىققەت قىلغان ۋاقىتتا، كۈلۈپ تۇرۇپ بەزى نەسەپ تەسۋىر تامغىسى كىچىك رەسىم يوقكەن دەيتتى. سوچىرو خوندانىڭ دادىسى ئۇنىڭغا چۈشلۈك تاماق بەرمەي ۋە پۈتۈن بىر كۈن بىر بۇلۇڭدا تىزلىتىپ ئولتۇرغۇزۇپ جازالايتتى، ۋە دادىسى بۇنى ساختا ياسىغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس بەلكىم سوچىرونىڭ تامغا شەكلى ۋە پوچتا ماركىسىنىڭ مۇناسىۋىتىغا دىققەت قىلمىغانلىقىدەك رىئاللىقى ئۈچۈن ئىدى. 1922-يىلى، 12 يىللىق ئوقۇشتىن كىيىن، سوچىرو گىزىتتىن بىر خىزمەت ئېلانىغا دىققەت قىلغان ئىدى، بۇنىڭدا توكيودىكى شوكاي سەنئىتى(Art Shokai) ئاپتومبىل رىمونت دۇككىنىغا بىر ياردەمچى لازىملىقى ئىدى. بۇنىڭدىن كىيىن ئۇ ياپونىينىڭ پايتەختى يۈرۈپ كەتتى. ئۇ قوبۇل قىلىندى، ھەم ئەڭ ياش ئىشچىسى ئىدى، ئۇنىڭ ئۈچۈن تازىلىق قىلىش ۋە تاماق تەييارلاش خىزمىتىلا قالغان ئىدى. بۇنداق بولسىمۇ ئاپتومبىل دۇككىنىنىڭ خوجايىنى سوچىرونى ئىككىنچى بىر خىزمەتكە ياردەم قىلىشقا قوشۇلغاندى، بۇ بولسىمۇ ھەر كۈنى كەچتە مۇسابىقە ماشىنىللىرىنى لاھىيلەش ئىدى. 1923-يىلدىكى يەر تەۋرەشتە، سوچىرو كۆيىۋاتقان ماشىنا ئامبىرىدىن ئۈچ ماشىنىنى ھەيدەپ چىققان ئىدى، ئۇ ھەرگىز ماشىنىنىڭ ئارقىسىدا ئولتۇرمايتتى. خوندا شوكاي سەنئىتى دۇككىنىدا بىر ياردەمچى بولۇپ تەقسىملەندى،ئۇ دۇككان خوجايىنىغا ياردەملىشەتتى، ساكاكىبارا ئاكا-ئۇكىلارغا، ئاليومىن ماتىرياللىق ماشىنا لاھىيلەشكە. سوچىرو مۇسابىقە ماشىنىسى ساھەسىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇراتتى، ۋە ئۇلارنىڭ گورۇپپىسى 1924-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنىدىكى ياپونىيە بەشىنچى نۆۋەتلىك موتور ماشىنا چىمپىيونلۇق مۇسابىقىسىدە بىرىنچىلىكنى قولغا كەلتۈرگەن ئىدى. ئۆزلەشتۈرگۈچى: ئەپچىلەم تەرجىمە گورۇپپىسىدىن Astana داۋامى بار تېخىمۇ ياخشى ئۆزلەشتۈرمە ئەسەرلەرنى كۆرمەكچى بولسىڭىز ئەپچىلەم تورىنى زىيارەت قىلىڭ. تور بەت ئادرىسى: www.epchilem.cn
|
|