- تىزىملاتقان
- 2012-11-29
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-2-22
- ھوقۇقى
- 50
- جۇغلانما
- 539
- نادىر
- 0
- يازما
- 97

- تۆھپە
- 144
- مۇنبەر پۇلى
- 267
- ئىشەنىچ
- 144
| گەرچە ھازىر كىيىم-كېچەك ھەپتىلىكلىرىدە ئەرلەرنىڭمۇ يوپكا كىيگىنىنى ئاندا-مۇندا كۆرگىلى بولسىمۇ، ئەمما ئەمەلىيەتتە يوپكا كىيىدىغان ئەرلەر ئۇنداق كۆپ ئەمەس. دۇنيا مىقياسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، يوپكا كىيىشكە ئادەتلەنگەن ئەرلەر ساناقلىقلا بولۇپ، ئۇلار شوخ قىزىل رەڭدىكى كاتەكچە سىزىقلىق قىسقا يوپكا كىيىدىغان ئىرېلاندىيەلىك ئەرلەر، ئوت-چۆپ يوپكىسىنى كىيىشكە ئادەتلەنگەن تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرىدىكى ئەرلەر ۋە يەمەننىڭ جەنۇبىدىكى يۆگىمە يوپكا كىيىدىغان ئەرلەر. يەمەن ئەرلىرىنىڭ يوپكىسى ئەمەلىيەتتە پەقەت بىر پارچە رەخت بولۇپ، ئۇلار بۇ رەختنى ئەپلىكلىك بىلەن بېلىگە يۆگىۋالدۇ. بۇ يوپكا قارىماقتا دۆلىتىمىزدىكى دەيزۇ مىللىتى قىزلىرىنىڭ يوپكىسىغا بەكمۇ ئوخشاپ كېتىدۇ. يەرلىكلەر بۇ يوپكىنى « مائاۋاز » دەپ ئاتايدۇ. يەمەنلىك ئەرلەر ئاستىغا « مائاۋاز »نى يۆگەپ، ئۈستىدىن كەمەر باغلىۋالىدۇ، ئۈستىگە بولسا ئادەتتىكى بىر مايكا ياكى كاستوم چاپاننى ماسلاشتۇرىۋالىدۇ، پۇتىغا ساپما كەش سۆرىۋالىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، يەمەن ئەرلىرىنىڭ يوپكا كىيىپ يۈرگىنىگە تەخمىنەن 600 يىللارچە بولغان ئىكەن.
|
|