- تىزىملاتقان
- 2012-12-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-3-2
- ھوقۇقى
- 200
- جۇغلانما
- 2263
- نادىر
- 0
- يازما
- 156
  
- تۆھپە
- 277
- مۇنبەر پۇلى
- 1847
- ئىشەنىچ
- 277
| ئاياللار مەخپىيەتلىكى  قېرىلىق چىرايدىن ئەمەس، بەلكى ئىچكى ئەزالارنى ئاسرىماسلىقتىن باشلىنىدۇ. يېقىندا ئامېرىكا تەتقىقاتچىلىرى ئاياللار قېرىشنىڭ ئالدىنى ئالماقچى بولسا، ئالدى بىلەن ئىچكى ئەزالىرىنى ياخشى ئاسرىشى كېرەكلىكىنى تەتقىق قىلىپ ئىسپاتلاپ چىققان. ئۈچەي.بۇ ئاياللارنى بالدۇر قېرىتىۋېتىدىغان ئەزا بولۇپ، تاماقنى نورمال يېمەسلىك، تاماكا چېكىش قاتارلىقلار ئۈچەينىڭ قېرىشىنى تېزلىتىۋېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ، قەۋزىيەتمۇ ئۈچەيگە ئىنتايىن زىيانلىق. قەۋزىيەت بولىدىغان ئاياللارنىڭ يۈزىگە ئوڭاي سەپكۈن چۈشىدۇ، چىرايىمۇ نۇرسىز كۆرۈنىدۇ، شۇڭا مۇتەخەسسىسلەر ئاياللارغا تالالىق يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىش ئارقىلىق قەۋزىيەت بولۇشتىن ساقلىنىشىنى ئەسكەرتىدۇ. تۇخۇمدان.مۇتەخەسسىسلەر تۇخۇمدان ئاياللارنىڭ ئانىلىق پىروگېستىن ئاجرىتىپ چىقىرىشىدىكى بىردىنبىر ئەزا ، ئانىلىق پىروگېستىنغا قاراپ ئاياللارنىڭ قېرىش ئالامىتىگە ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ ، دەپ قارايدۇ . مۇتەخەسسىسلەر ئاياللارنىڭ پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىدۇ . تىز.ئامېرىكا تەتقىقاتچىلىرى ئاياللار تىزىنىڭ زەخىملىنىشىنىڭ ئەرلەرگە قارىغاندا ئىككى ھەسسىدىن سەككىز ھەسسىگىچە يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى، شۇڭا بەش كۈن ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيسە، ئىككى كۈن پەس پاشنىلىق ئاياغ كىيىشىنى، بۇنداق قىلغاندا تىزغا چۈشىدىغان بېسىمنى يېنىكلەتكىلى بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان.
|
|