«قۇياش نۇرى،مىنىڭ ئائىلەم» تەنھەركەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى
بالىلارنى كىچىكىدىن باشلاپ تەنھەركەتنى سۆيىدىغان ياخشى ئادەتنى يىتىلدۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يىتىلىشىگە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن قاراقاش ناھىيەلىك 1-ئوقۇشتىن بۇرۇنقى «قوشتىل» لىق بالىلار باغچىسى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى 450 نەپەر كىچىك دوست،900 دىن ئارتۇق ئاتا-ئانا قاتناشقان «قۇياش نۇرى، مىنىڭ ئائىلەم» تېمىسىدىكى تەنھەركەت پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. پائالىيەتتە بالىلار سىنىپ كوللىكتىپى بويىچە ناخشا-ئۇسسۇل نومۇرلىرىنى كۆرسىتىپ ،ئۆزلىرىنىڭ ساغلام چوڭ بولۇۋاتقانلىقىنى نامايان قىلدى. پائالىيەتتە يەنە ئاتا-ئانىلار بىلەن بالىلار بىرلىكتە قاتناشقان ئارقان تارتىشىش، بالىسىنى مۈرىسىگە ئېلىپ تىزمېڭىش، پۇتىنى تېڭىپ قويۇپ مېڭىش، توساقتىن ئاتلاپ تىز مېڭىش،تىكتاكتوپنى ئېلىپ مېڭىپ مەنزىلگە ئاپىرىش قاتارلىق توققۇز تۈرلۈك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلۈپ بالىلارغىمۇ ،ئاتا-ئانىلارغىمۇ خۇشاللىق يەتكۈزۈلدى.
غۇجىئابدۇللامەمىتىمىن (18309036625) (قاراقاش ناھىيەلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىن)
|