ئاياللار دائىم ئاچچىقلانسا ئاسان سەتلىشىپ كېتىدۇ  1. يۈزىگە داغ چۈشىدۇ. ئاچچىقلانغاندا، قاندا پەيدا بولغان زەرداپ تۈك خالتىسىنى غىدىقلاپ ، تۈك خالتىسى ئەتراپىدا ئوخشىمىغان دەرىجىدە ياللۇغ پەيدا قىلىپ، يۈزىدە داغ پەيدا قىلىدۇ. 2. ھەيز قالايمىقانلىشىدۇ . ئاچچىقلىنىش ۋە بېسىم ھېس قىلىش سەپرانىڭ توسۇلۇپپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ھەيز قالايمىقانلىشىش، دەۋرىيلىكى تەرتىپسىز بولۇش، ھەيز مىقدارى ئازلاپ كېتىش ، ھەتتا ھەيز توختاش ياكى كېلىماكتىرىيە دەۋرى بالدۇر كېلىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. 3. سۈت بېزىنى زەخىملەندۈرىدۇ . ئاچچىقلىنىش سۈت بېزى ئۆسمىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . 4. چوڭ مېڭىنىڭ قېرىشىنى تېزلىتىدۇ. ئاچچىقلانغاندا چوڭ مېڭىدىكى يۈرەك ۋە قان تومۇرلارنىڭ بېسىمى ئېشىپ، قاندا زەرداپ كۆپىيىدۇ، شۇنىڭ بىلەن چوڭ مېڭىنىڭ قېرىشىنى تېزلىتىدۇ. 5. ئاشقازان يارىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . ئاچچىقلىنىش يۈرەك ۋە قان تومۇرغا تەسىر قىلىپ، ئاشقازان - ئۈچەيدىكى قاننىڭ مىقدارىنى ئازايتىپ، ئېغىر بولغاندا ئاشقازان يارىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . 6. يۈرەك مۇسكۇلىغا قان يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . كۆپ مىقداردىكى قان چوڭ مېڭىگە يىغىلىپ، يۈرەككە بارىدىغان قان ئازلاپ يۈرەك مۇسكۇلىغا قان يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
|