تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 2731|ئىنكاس: 3

ھايات ھەقىقەتلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

99

تېما

1

دوست

1626

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
ئالىم ياسىن
تۆھپە
422
مۇنبەر پۇلى
928
ئىشەنىچ
422
يوللىغان ۋاقتى 2015-10-23 16:48:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھايات ھەقىقەتلىرى
u=1328127919,1010478973&fm=21&gp=0.jpg

يۈك كۆتۈرۈش

بىر كىشى بىر تاغار ئاشلىقنى يۈدۈپ ماڭماقچى بولۇپتۇ،ئەمما ھەر قانچە كۈچەپمۇ يۈدەلمەپتۇ،بىر قانچە قېتىم ئۇرۈنغان بولسىمۇ نەتىجىسى يەنىلا ئوخشاش بوپتۇ.يىراقتىن بۇ جەرياننى كۆرۈپ تۇرغان بىر كىشى كېلىپ،يۈكنى يۈددۈرۈپ قويماقچى بوپتۇ،ئەمما يۈك كۆتەرگۈچى كىشى ئۆز كۈچىگە تايىنىپ كۆتۈرىدىغانلىغىنى،چوقۇم بۇ يۈكنى يۈدۈپ ئېلىپ كېتىدىغانلىغىنى ئېيتىپ ئۇنىماپتۇ.ھېلىقى ياردەم بەرگۈچى كىشى بولسا ئۇنىڭ غەيرىتىگە ئاپېرىن ئېيتىپتۇ ھەمدە يۈكنى ككتۈرۈشنىڭ ئەپچىل ئۇسۇلىنى كۆرسىتىپ بېرىپتۇ.شۈنىڭ بىلەن ھېلىقى يۈك كۆتەرگۈچى كىشى،ئانچە كۈچىمەيلا يۈكنى يۈدۈپ ئۆز يولىغا راۋان بوپتۇ.
تۇرمۇشتا ئەنە شۈنداق بىز كۆتىرىدىغان يۈكلەر ناھايىتى كۆپ بولۇپ،ئۇنىڭ بەزىسىنى ئۆزىمىز يالغۇز كۆتىرىشكە،بەزىسىنى باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ كۆتىرىشكە توغرا كېلىدۇ.يۇقۇرقىدەك ئەھۋالدا كۆپىنچە يۈكلەرنى ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىپ كۆتىرمەكچى بولىمىزىيۇ ئەمما كۆتىرەلمەيمىز،باشقىلارنىڭ ياردەم بېرىشىنىمۇ ئانچە خالاپ كەتمەيمىز،شۈنى بىلىشىمىز كېرەككى-باشقىلارنىڭ كۈچىدىن پايدىلانماي،فېكرىدىن پايدىلىنىش،قارىغولارچە كۈچ ئېشلىتىشتىن كۆپ ياخشى.

كىچىككىنە سەۋەنلىك

بىر كىشى ئۆز يۇرتىدىكى بىر تاللا بازىرىدىن ئۆزىگە كېرەكلىك نەرسە-كېرەكلەرنى سېتىۋالماقچى بولۇپ،بىر قىسمىنى تاللاپ،يەنە بىرقىسمىنى كۆرىۋاتقۈچە تېلىفۈن كېلىپ قاپتۇ ۋە قارشى تەرەپ بىلەن سۆزلەشكەچ ئېشىك سىرتىغا چىقىپ قاپتۇ.شۇ ئارىدا مال ساتقۈچى ئايال ئارقىسىدىن چىقىپ،ئۇ كىشىنىڭ قولىدىكى نەرسىلەرنى تارتىپ ئالغاچ،ئۇ كېشىنىڭ غۇرۇرىغا تېگىدىغان گەپ-سۆزلەر بىلەن تېل ساپتۇ.ھەمدە ئۇ كېشىنى ئوغرىغا ئايلاندۈرۈپ قويۇپتۇ.بۇ ئېشنى كۆرگۈچىلەرنىڭ ھەممىسى مال سېتىۋالماقچى بولغان ھېلىقى كىشىنىڭ تۇرقىغا قاراپ،لەنەت قىپتۇ ۋە توۋا ئېيتىشىپتۇ.ھېلىقى كىشى ئۆزىنى ھەرقانچە ئاقلىغان بولسىمۇ ھېچكىشى ئېشەنمەپتۇ.كىشىلىك ئېززەت-ھۆرمىتى دەپسەندە قىلىنغان بۇ كېشى ھېلىقى ئايال بىلەن بوغۇشماقچى بوپتۇ،ئەمما باشقىلارنىڭ ئارىغا كېرىشى بىلەن قايتىپ قاپتۇ.شۈندىن كېيىن بۇ كىچىك بازاردا ھەمىشە كۆرۈشۈپ تۈرىدىغان كېشىلەرمۇ بۇ كېشىگە باشقىچە قارايدىغان بولۇپ قاپتۇ.
دېمەك،ھاياتلىقتا ياشاۋاتقان ھەرقانداق بىر ئېنسان سەۋەنلىكلەردىن خالى بولالمايدۇ،ئولار بەزىسىنى بىلىپ سادىر قىلسىمۇ بەزىللىرىنى ئۆزلىرى بىلىپ-بىلمەي ئۆتكۈزۈپ قالىدىغان ئېشلار بولۇپ تورىدۇ.ھاياتلىقتا ئۆتكۈزگەن كىچىككىنە سەۋەنلىكلەرمۇ بەزىدە سىزنى كۆتۇرۇپ قوپقۇسىز ئېغىر ئازاپلارغا دۇچار قىلىشى مۇمكېن.لېكىن سىز شۇ كېچىككىنە سەۋەنلىكنىمۇ قەتئىي تۈزىتىشكە تېرىشىڭ.شۇ چاغدىلا قىلغان ھەر بىر ئېشىڭىزدىن چاتاق چىقمايدۇ،ھايات سىزگە كۈلۈپ باقىدۇ.

غەيۋەت قىلىشنىڭ ئاقىۋىتى

ئىككى كىشى ئۆز-ئارا بىر-بىرىنى كۆرۈشەلمەيدىكەن،بىر كۈنى بىرىنجى كىشى ئىككىنچى بىر كىشى يوق ۋاقىتتا ئۇنىڭ غەيۋىتىنى قىلىپ قاپتۇ.ئەتىسى ئېككىنجى كېشى باشقىلاردىن بۇ غەيۋەت جەريانىنى ئاڭلاپ،بىرىنجى كىشى بىلەن سوقۇشۇپتۇ.نەتىجىدە بىر ئورۈندا ئېشلەيدىغان بۇ ئېككى كېشى بىر-بىرى بىلەن سوقۇشۇپ،ئاخېرىدا پىچاق سېلىشىپتۇ.شۈنىڭ بىلەن ئولارنىڭ بىرى دوختۇرخانىدا يەنە بىرى بولسا تۇرمىدە يېتىش باسقۇچىغا بېرىپتۇ.
تۇرمۇشتا ئەنە شۈنداق زېددىيەتلەر ھەر ۋاقېت يۈز بېرىپ تۇرىدۇ.ھەسىتتىن غەيۋەت پەيدا بولىدۇ،غەيۋەتتىن ھەسەت تۈغىلىدۇ،ھەسرەتتىن يەنە نەپرەت توغىلىدۇ،نەپرەتتىن ئۆچ-ئاداۋەت توغۇلىدۇ.دېمەك،ھەسرەت،غەيۋەت ئاخېرى بېرىپ قىنايەتكە ئايلىنىدۇ.شوڭا بىز ھەر ۋاقىت ھەسەت ۋە غەيۋەتتىن خالى بولىشىمىز كېرەك.

5

تېما

1

دوست

122

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
13
مۇنبەر پۇلى
94
ئىشەنىچ
13
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-19 13:57:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇقۇرىدىكى -ھايات ھەقىقەتلىرى: ھەقىقتەنمۇ ياخشىكەن ،بىر-بىرىدىن ياخشى ئىبرەتلىك مەزمۇنلار بوپتۇ رەھمەت تېما ئىگسىگە جاپاچەكتىىڭىز بولسا يەنە داۋاملىق مۇشۇنداق ھايات ھەققىقەتلىرى ھەققىدە يوللاپ تۇرۇڭ

94

تېما

0

دوست

1588

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
417
مۇنبەر پۇلى
951
ئىشەنىچ
417
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-19 16:19:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق كۆڭۈلگە ياقىدىغان،ھېكمەتلىك ئەسەرلەر كۆپرەك بېرىلگەن بولسا!!

0

تېما

0

دوست

26

جۇغلانما

يېڭى ئەزا

Rank: 1

真实姓名
خوجا
تۆھپە
6
مۇنبەر پۇلى
20
ئىشەنىچ
6
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-22 19:34:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ 。
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى 

GMT+8, 2016-8-3 02:26, Processed in 0.131424 second(s), 28 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش