تاشقى پېرېۋوت زاپىسى نېمىشقا ئۇدا بەش ئاي تۆۋەنلەيدۇ؟
يېقىنقى كۈنلەردە، جۇڭگو خەلق بانكىسى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 9-ئايلىق تاشقى پېرېۋوت زاپىسى 432.6 مىليون دوللاردىن 35100 مىليون دوللار تۆۋەنلىگەن، بۇ ئېلىمىزنىڭ تاشقى پېرېۋوت زاپىسى ئۇدا 5 ئاي تۆۋەنلىگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە، تاشقى پېرېۋوت زاپىسىنىڭ يىلدىن - يىلغا ئېشىشى ئاللىقاچان ئادەتتىكى ئىشقا ئايلىنىپ قالدى. يېقىنقى بىر نەچچە يىلنى مىسالغا ئالساق، ئېلىمىزنىڭ تاشقى پېرېۋوت زاپىسى 2012 - يىلىدىكى 33100 مىليون دوللاردىن 2013-يىلى 38200 مىليون دوللارغا يەتكەن، يەنە 2014-يىلغا بارغاندا تاشقى پېرېۋوت زاپىسى قالدۇق سوممىسى 38400 مىليون دوللار بولغان. لېكىن ، 2014 - يىلى 3- پەسىلدىن باشلاپ، تاشقى پېرېۋوت زاپىسى ئازىيىشقا باشلىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆلىمىمۇ بىر مەھەل زورىيىپ، 2015-يىلى 8-ئايدا 939 مىليون دوللارغىچە تۆۋەنلەپ تارىخىي تۆۋەنلەش ھالىتىنى شەكىللەندۈرگەن. ستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2015-يىلى 9- ئاينىڭ ئاخىرى ، ئېلىمىزنىڭ تاشقى پېرېۋوت زاپىسى قالدۇقى 35141 مىليون دوللار بولغان، ئەمما 2014-يىلى 6-ئاينىڭ ئاخىرى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى تاشقى پېرېۋوت زاپىسى قالدۇقى 39932 مىليون دوللار بولۇپ، 1 يىل ئىچىدە، تاشقى پېرېۋوت زاپىسى سوممىسى جەمئىي 4791 مىليون دوللار تۆۋەنلىگەن. يىغىپ ئېيتقاندا، تاشقى پېرېۋوت زاپىسدىكى ئۆزگىرىشلەر كۆپ خىل ئامىللارنىڭ ئۇنىۋېرسال تەسىرىنىڭ نەتىجىسى. تاشقى پېرېۋوت زاپىسى كۆلىمى ئۆزگىرىش ئامىلىنىڭ تەسىرى، مەركىزىي بانكىنىڭ تاشقى پېرېۋوت بازىرى مەشغۇلاتى، تاشقى پېرېۋوت زاپىسى سېلىنمىسى مۈلۈك باھاسىنىڭ ئۆزگىرىشى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا دوللار تاشقى پېرېۋوت زاپىسىنىڭ ئۆلچەش پۇلى بولۇش سۈپتى بىلەن، باشقا ھەر خىل پۇللارغا نىسبەتەن دوللار پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ ئۆزگىرىشى ياكى تاشقى پېرېۋوت زاپىسى كۆلىمىنىڭ ئۆزگىرىشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ QE سىياسىتىنى مۇزاكىرە قىلىش سەل بالدۇرلۇق قىلىدۇ
ياۋروپا مەركىزى بانكىسى (ECB) ئىجرائىيە ھەيئىتى (Ewald Nowotny) ئالدىنقى ھەپتە زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى، ياۋروپا مەركىزىي بانكىسى تەدبىر بەلگىلىگۈچىلىرى قىسقا مۇددەت ئىچىدە كەڭ مىقدارلاشتۇرۇش سىياسىتى (QE) پىلانىنى 2016-يىلى 9-ئايدىن كېيىن يولغا قويۇشنى تېخى قارار قىلالماسلىقى مۇمكىن. چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ ئالدىنقى ھەپتە ئېلان قىلغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، تەھلىلچىلەر ئومومىيۈزلىك ياۋروپا مەركىزىي بانكىسى (ECB) كەڭ مىقدارلاشتۇرۇش سىياسىتى (QE) پىلانىنى 2016-يىلى 9-ئايدىن كېيىن يولغا قويۇشى مۇمكىن دەپ قارىدى. ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ نۆۋەتتىكى ھەر ئايدا 600 مىليون ياۋرولۇق زايوم سېتىۋېلىش كۆلىمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش- كۆتۈرمەسلىكىگە نىسبەتەن، تەھلىلچىلەرنىڭ مەيدانى ئانچە روشەن بولماسلىقى مۇمكىن. ئۇ يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى (Fed) سىياسىتى ياۋروپا مەركىزىي بانكىسى تەدبىر بەلگىلىشىنىڭ « ھەل قىلغۇچ ئامىلى » بولالمايدۇ، چۈنكى بۇنىڭ مۇھىم نۇقتىسى يەنىلا ياۋرۇ رايونى. بۇنىڭدىن سىرت، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئاستىلىشى ياۋروپا رايونى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا نىسبەتەن ئانچە چوڭ تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ. ياۋرو رايونىنىڭ يادرولۇق پۇل پاخاللىقى » روشەنكى « تۆۋەن نىشان.
داڭلىق تېخنىكا ئانالىز قىلىش ئاپپاراتى: ئالتۇن باھاسىنىڭ كېيىنكى يۆنىلىشى
جۈمە 10-ئاينىڭ16-كۈنى ئاسىيا سودا بازىرى ۋاقتىدا ئالتۇن باھاسى 1180دوللاردىن تۆۋەن چۈشكەن،گەرچە بۇندىن بۇرۇن ئۇدا نەچچە سودا كۈنى ئۆسۈش ھالىتىنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ،بىراق 1190دوللاردىكى ئۆتكەلدىن بۆسۈپ ئۆتەلمىگەن،تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان ئامېرىكا CPIسانلىق مەلۇمات نەتىجىسى مۆلچەردىكى قىممەتتىن ياخشى چىقىپ، دوللارنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولۇپ،ئالتۇن بازىرى بېسىمغا ئۇچرىغان. چەت ئەلدىكى داڭلىق تېخنىكا ئانالىز قىلىش ئاپپاراتى FX Empireجۈمە 10-ئاينىڭ16-كۈنى بەرگەن دوكلاتىدا كۆرسىتىشىچە،پەيشەنبە كۈنى ئالتۇن باھاسى چوڭ دائىرىدە چۈشكەن،بىراق ئاخىرىدا يەنە قايتا 1180دوللاردىن يۇقىرى نۇقتىغا كەلگەن،ئالتۇن بازىرىدا يېتەرلىك تىرەش كۈچى مەۋجۇت،ئالتۇن باھاسى بولقا شەكىللىك سىزىق ھاسىل قىلغان،نۆۋەتتە بازار يەنىلا ئۆسۈش ھالىتىدە،ئەگەر دوللار ئىپادىسى ئاجىز بولسا،ئالتۇن باھاسى داۋاملىق يۇقىرى ئۆرلىشى مۇمكىن دەپ كۆرسەتتى.
ئەسكەرتىش: ئادەتتە 1 ئۇنسىيە ئالتۇن 31.1035 گىرامغا تەڭ ؛ بۈگۈنكى خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتى 6.3527 يۈەن ؛ ئەگەر سىز بۇ سودا تۈرىگە قىزىقسىڭىز ياكى بۇ سودا تۈرىنى تەپسىلى چۈشىنىپ بېقىشنى خالىسىڭىز 4000991014 بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولدۇ؛
|