تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 4631|ئىنكاس: 2

نىدائىي: نوبېل مۇكاپاتىنىڭ تارقىتىلىش جەريانى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

64

تېما

8

دوست

1338

جۇغلانما

باشقۇرغۇچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

真实姓名
نىدائىي
تۆھپە
118
مۇنبەر پۇلى
991
ئىشەنىچ
118
يوللىغان ۋاقتى 2015-10-9 14:56:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

نوبېل مۇكاپاتىنىڭ تارقىتىلىش جەريانى


تەرجىمە قىلغۇچى: توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي



   پۈتۈن دۇنيا كۆز تىكىدىغان نوبېل مۇكاپاتىنىڭ تارقىتىلىش جەريانى تۆۋەندىكى يەتتە باسقۇچ بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ:
   بىرىنچى، ھەر يىلى 9-ئايدىن كېلەر يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە، تۈرلۈك نوبېل مۇكاپاتىغا تەۋسىيە قىلىنغان نامزاتلار قوبۇل قىلىنىدۇ. ئادەتتە ھەر يىلى تەۋسىيە قىلىنغان نامزاتلار 1000 دىن 2000 غىچە ئەتراپىدا بولىدۇ.
  ئىككىنچى، نامزاتلارنى تەۋسىيە قىلغۇچلار نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر، نوبېل تىنچلىق كومىتېتى، ئالاھىدە بېكىتىلگەن ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ پىروفېسسورلىرى، نوبېل مۇكاپاتى باھالاش كومىتېتىنىڭ تەكلىپلىك پىروفېسسورلىرى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسلىرى (ئەدەبىيات مۇكاپاتى)، خەلقئارا يىغىن ۋە تەشكىلاتلار (تىنچلىق مۇكاپاتى) بولۇشى كېرەك.
   ئۈچىنچى، ئۆز-ئۆزىنى تەۋسىيە قىلىشقا بولمايدۇ.
   تۆتىنچى، شۋېتسىيە ھۆكۈمىتى ۋە نورۋېگىيە ھۆكۈمىتىنىڭ نوبېل مۇكاپاتىنىڭ باھالاش خىزمىتىگە ئارىلىشى ھوقۇقى يوق، بۇ ئىككى ھۆكۈمەتنىڭ تەۋسىيە قىلىنغان نامزاتلارنى قوللىشىغا ياكى قارشى تۇرۇشىغا بولمايدۇ.
   بەشىنچى، 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، نوبېل مۇكاپاتى كومىتېتى تەۋسىيە قىلىنغان نامزاتلارنى تاللاش، بېكىتىش ئىشلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ، خىزمەت ئەھۋالى قاتتىق مەخپىي تۇتۇلىدۇ.
   ئالتىنچى، ھەر يىلى 10-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا تۈرلۈك نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ ئىسىملىكى ئېلان قىلىنىدۇ.
   يەتتىنچى، 12-ئاينىڭ 10-كۈنى نوبېلنىڭ ۋاپات بولغان خاتىرە كۈنى، بۇ كۈنى ستوكھولم ۋە ئوسلودا ئايرىم-ئايرىم ھالدا داغدۇغىلىق نوبېل مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ. شۋېتسىيە پادىشاھى مۇراسىمغا قاتنىشىدۇ ھەمدە مۇكاپات تارقىتىپ بېرىدۇ.





توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي

12

تېما

3

دوست

2741

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
538
مۇنبەر پۇلى
2175
ئىشەنىچ
538
يوللىغان ۋاقتى 2015-10-10 16:44:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىدائى ئەپەندىنىڭ سەمەرىلىك ئەمگىكىگە ئاپىرىن.تورداشلارنى تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلار بىلەن  تەمىن ئەتكەيلا!

5

تېما

0

دوست

90

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
10
مۇنبەر پۇلى
66
ئىشەنىچ
10
يوللىغان ۋاقتى 2016-5-31 22:06:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توختىنىياز مۇئەللىم كوپ راخمەت جاپا چىكىۋاتىسىز...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى 

GMT+8, 2016-8-3 02:29, Processed in 0.122681 second(s), 24 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش