تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 2333|ئىنكاس: 1

مەخەت ئابدۇرېھىم: پەرزەنت تەربىيەلەشتىكى ئىلمىي ئۇسۇللار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

39

تېما

4

دوست

2918

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
مەخەت ئابدۇرىھىم
تۆھپە
970
مۇنبەر پۇلى
1850
ئىشەنىچ
970
يوللىغان ۋاقتى 2015-10-4 23:01:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەرزەنت تەربىيلەشتىكى ئىلمىي ئۇسۇللار
مەحەت ئابدۇرېھىم

    بالىلارنى ياراملىق تەربىيلەش،تەلىم-تەربىيە ئۇسۇلىمىزنىڭ ئىلمىي بولىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.(ئىلمىي بولۇش دىگىنىمىز؛- شۇ ئوبىكىتنىڭ قانۇنىيەتلىك مۇناسىۋەتلىرىگە ئاساسەن قائىدىلىك،ئۆلچەملىك بولۇش دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.)
    شۇڭا، ئاتا-ئانىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بالىلارنى تەربىيلەشتە تۆۆۋەندىكى ئۇسۇللاردىن مۇۋاپىق پايدىلىنىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
      1.بالىلارغا ئۆزىنىڭ يىتىلىۋاتقان ئىقتىدارىنى كۆرسىتىش پۇرسىتى يارتىپ بىرش
     2. بالىلارغا مەدەت بىرىش تەدبىرىنى قوللۇنۇپ،بالىلارنى ئۆزىنى كەمسىتىشتىن ئۆزىگە ئىشىنىدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈش.
     3. بالىلارغا ئىلمىي يىتەكلەش ئۇسۇلىنى قوللۇنۇپ بالىلارنى ئوقۇشتىن زىرىكىش ھالىتىدىن قۇتۇلدۇرۇش.
    4. بالىلارغا سوغۇق مۇئامىلە قىلىش ئۇسۇلىنى قوللۇنۇپ،بالىلارنىڭ ئۆزىنى كونتىرول قىلىش ئىقتىدارىنى
يىتىلدۈرۈش.
      5. بالىلارغا ئۆزىنىڭ ئىشلىرىدىكى تەجىرىبە ساۋاقلارنى يەكۈنلىتىش.
       6.  بالىلاردا ئۆز ئىشىنى ئۆزى قىلىدىغان ئادەتنى يىتىلدۈرۈش.
       7. بالىلارغا يوشون ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرۈشكە پۇرسەت يارتىپ بىرىش.
       8. بالىلارنىڭ ئۆز خاتالىقىنى ئۆزى تونۇيالايدىغان قىلىش.
       9. بالىلاردا ئۆزىنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرۇپ ئۆزىنىڭ كەمچىللىكىنى تونۇيالايدىغان قىلىش.
        10. بالىلاردا ئاتا-ئانىلارنىڭ مېھرى-مۇھەببىتىنى ھىس قىلدۇرۇش.
        11. ئاتا-ئانىلار بالىلارغا ئۆلگە بولوپ ئۆزىنىڭ تۇنجى ئۇستاز ئىكەنلىكىنى تونۇتۇش.
         12. بالىلارنى رىغبەتلەندۈرۈپ،بالىلارنىڭ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرلىشىگە ئىلھام بىرىش.
        13. بالىلارنىڭ ھىسياتىنى ئەستايدىل چۈشۈنىش.
         14. بالىلارنى مەدىھلەش ئارقىلىق ئالغا ئىلگىرلىتىش.
          15. بالىلارغا ئۆزلىكىدىن توغرا يولغا مېڭىشنى ماھىرلىق بىلەن ئەسكەرتىش.
          16. بالىلاردا ئۆزىگە ئىشىنىش تۇيغۇسىنى پەيدا قىلىش.
         17. بالىلارغا نەسىھەت قىلىش ئارقىلىق توغرا يولدا مېڭىش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈش.
         18. بالىلارنى ئۆزىنىڭ تۇرمۇشى ئارقىلىق چېنىقتۇرۇش.
          19. بالىلارنى قارشىلىشىشتىن ھەمكارلىشىشقا يىتەكلەش.
         20. بالىلارغا خاتالىقىنى تونۇتۇش ئارقىلىق تەربىيە قىلىش.
         21. بالىلارنى ھۆرمەتلەش ئارقىلىق ئاتا-ئانىلارغا يېقىلاشتۇرۇش.
          22. بالىلار بىلەن باراۋەرلىك ئاساسىدا پىكىرلىشىش.
         23. بالىلارنى ھەرقانداق ئىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسى بىلەن ئەملەش.
          24. بالىلارنىڭ ھاكاۋۇرلىقىنى يوقۇتۇشقا ئۆلگە كۆرسىتىش.
          25. بالىلارغا ھەمراھ بولۇش ئارقىلىق بىللە تەربىيلىنىش.
         26. بالىلارنىڭ كەمچىللىكىنى ئىمكان قەدەر كىچكلىتىش.
        27. بالىلار بىلەن ئوقۇتقۇچىلارنى ئىمكان قەدەر يېقىنلاشتۇرۇش.
         28. مۇۋاپىق قائىدىلەرنى بەلگىلەش ئارقىلىق بالىلارنى ئۆزىنى كونتىرول قىلالايدىغان قىلىش.
         29. بالىلارغا زىيادە بېسىم قىلماسلىق.
          30. بالىلارنى ئىلھاملاندۇرۇش ئارقىلىق ئۆگۈنىشكە قىزىقتۇرۇش.
          31. بالىلارنى ئۆزىنىڭ ھەركىتىدىن خۇشاللىنىدىغان كەيپىياتقا ئىگە قىلىش.
          32.  بالىلارنىڭ كەمچىللىكلىرىنى سەۋىرچانلىق بىلەن تۈزۈتىش.
         33. بالىلاردا مەردانىلىق بىلەن ئالغا ئىلگىرلەيدىغان خارەكتىرنى يىتىلدۈرۈش.
         34. بالىلارنى چىن ھىسيات ئارقىلىق تەسىرلەندۈرۈش.
        35. بالىلارنى كۆڭلى-كۆكسى كەڭ قىلىپ تەربىيلەش.
        36. بالىلارنىڭ ئىرادىسىنى ۋە قەتئىلىكىنى يىتىلدۈرۈش.
            مەنبە؛ پىسخىك مەسلىھەتچىسى دىگەن كىتاپتىن.  

94

تېما

0

دوست

1588

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
417
مۇنبەر پۇلى
951
ئىشەنىچ
417
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-11 19:15:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپ رەھمەت!!  بىزگە تەقدىم قىلغان ھېكمەتلىرىڭىزگە!!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى 

GMT+8, 2016-8-2 20:30, Processed in 0.130815 second(s), 33 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش