تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 4621|ئىنكاس: 1

نوبىل مۇكاپاتىنى كىملەر ئېلۋاتىدۇ؟ (3)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

دوست

3

جۇغلانما

يېڭى ئەزا

Rank: 1

تۆھپە
0
مۇنبەر پۇلى
3
ئىشەنىچ
0
يوللىغان ۋاقتى 2015-9-17 22:03:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىمىزنىڭ بۇ قىسمىدا نوبىل مۇكاپاتى بىلەن يەھۇدىلار توغرىسىدا توختىلىمىز. بۇ ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەردە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بىر قەدەر توغرا قاراش شەكىللەنسە دىگەن ئۈمۈتتىمىز.
يەھۇدىلار  ئىبرانىلار ياكى ئىسرائىللار دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ (希伯来语:יְהוּדִים‎,Yehudim)4000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە قەدىمى مىلللەت . ئۇلار 2000 يىل ۋەتەنسىز، سەرگەردانلىقتا، يەكلەش، قىرغىنچىلىققا ئۇچراش بىلەن  ئۆتكەن. تەۋرات ئىنجىلدا ئۇلارنىڭ نەسەبى تاكى ياقۇپ ، ئىبراھىملارغىچە ئۇلىنىدۇ. ھازىر دۇنيادا 15مىليۇندىن ئارتۇق يەھۇدى ۋە يەھۇدى قان سىستىمىىىىدىكى كىشىلەر بولۇپ يەھۇدىلارنىڭ فىقھى كىتاپلىرى بولغان تالمۇد ۋە خالاكا قاتارلىق كىتاپلىرىدا يەھۇدى دىگەن بۇ سۆزگە يەھۇدى دىنىغا ئىشىنىدىغانلار ۋە ئانسىسى يەھۇدى بولغانلارنىڭ ھەممىسى يەھۇدى سانىلىدۇ دەپ پەتىۋا بىرىلگەن.
گەرچە يەھۇدىلارنىڭ سانى ئەشۇنداق ئاز بولسىمۇ بىراق ئۇلارنىڭ ئىنسانىيەتكە قوشقان تۆھپىلىرى ئاز ئەمەس. مەسىلەن، ئالدىنقى بىر ئەسىردە 680 ئادەم نوبىل مۇكاپاتى ئالغان بولۇپ بۇلارنىڭ ئىچىدە 138 نەپىرى يەھۇدى  ياكى يەھۇدى قان سىستىمىسىدىن.  بۇ سان نوبىل مۇكاپاتى سانىنىڭ 5تىن بىرىنى ئىگەللەيدۇ. جۇڭگۇنىڭ نوپۇسى دۇنيا نوپۇسىنىڭ بەشتىن بىرىنى ئىگەللەيدۇ، يەھۇدىلارنىڭ نوبىل مۇكاپاتىغا ئىرىشىش نىسبىتىمۇ بەشتىن بىر. ھەر مىليۇن كىشىنىڭ نوبىل مۇكاپاتىغا ئىرىشىش نىسبىتى يەھۇدىلاردا 0.64 ئەتراپىدا ، بۇ دۇنيا بويىچە ھىساپلانغان ئوتتۇرىچە سانندىن خېلى بەك يۇقۇرى.
15 مىليۇن نوپۇسلۇق بىر ئاز سانلىق مىللەتنىڭ مۇشۇنداق دەرىجىگە كىلەلىشى بەلكىم ئۇلارنىڭ مائارىپنى چىڭ تۇتىدىغان خاراكتىرى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بولىشى مۈمكىن. چۈنكى يەھۇدىلاردا « ئوقۇتقۇچى سۇلتاندىن ئۇلۇق » دەيدىغان گەپ بار. ئۇلاردا يەنە مەكتەپ يوقالمىسا يەھۇدىلار يوقالمايدۇ، مائارىپقا سېلىنغان مەبلەغ يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن سېلىنغان سەرمايىدۇر، مائارىپ بولمىسا كەلگۈسى بولمايدۇ دىگەن قاراشلار ئومۇملاشقان.
ئۇندىن باشقا يەھۇدىلار كىتاپ ماتىرىيال مەستانىسى . بەش مىلييۇن نوپۇسلۇق ئىسرائىلدا ھەر بەش ئادەم بىر نۇسخا ئىرۇسالىم كۈندىلىك پوچتا گېزىگە مۇشتىرى بولغان. كەنت مەھەللىلىرەردىمۇ كۈتۈنخانا بار. بۇلار دەل يەھۇدىلارنىڭ 30 دانە فىزىكا نوبىل مۇكاپاتى، 15 دانە خىمىيە نوبىل مۇكاپاتى، 33 دانە مىدىتسىنا نوبىل مۇكاپاتى، 7دانە ئىقتىزاد، 8دانە ئەدەبىيات، 5دانە تىنىچلىق نوبىل مۇكاپاتىنى ئېلىشىنىڭ مۇھىم بىر سەۋەبى بولىشى مۈمكىن. ( 1987-يىلدىكى سىتاتىستىكا)
تېما ئاخىرىدىكى ئەسكەرتىش:
1. ئىلگىرى بەزى كىشىلەر نوبىل مۇكاپاتى ئالغانغانلارنىڭ يېرىمى ياكى كۆپ قسىمى يەھۇدى دەپ قارىغان بولىشى ياكى شۇنداق گەپلەرنى ئاڭلىغان بولىشى مۈمكىن. بىراق ئەمەلىيەتتە ئەھۋال ئۇنداق ئەمەس، بەلكى 20 پىرسەنت ئەتراپىدا.
2. يەھۇدىلارنىڭ ھەممىسى يەھۇدى دىنىدا بولىشى ناتايىن، چۈنكى نوبىل مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن  639 ئادەمگە قارىتىلغان بىر قتېىم  سىتاتىستىكىدا بۇلارنىڭ 619 نەپىرى دىنغا ئىشىنىدىغان بولۇپ بۇ 619 ئادەمنىڭ 596 نەپىرى خىرىستىيان (ئەيسا مەسىھ مۇرىتى) ، 8 نەپىرى يەھۇدى دىنى مۇرتى، 10 نەپىرى بۇددا ۋە ھىندى دىنى مۇرىتى، 4 نەپىرى ئىسلام دىنى مۇ
رىتى بولۇپ چىققان.
3. بەزى مەشھۇرلارنى يەھۇدى زورلاپ يەھۇدىغا چىقىرىۋېلىش مەسىلىسى، بەزىلەر كىم داڭلىق بولسا شۇنى  يەھۇدى دەپ كىشىلەرگە تۇنۇشتۇرۇشقا ئامراق ، بىراق ئۇلاردىن دەلىل تەلەپ قىلسڭىز تۇتامغا چىققىدەك دەلىل چىقمايدۇ. بۇ بەلكىم توردىكى ئۇلارغا مۇناسىۋەتلىك ئەپقاچتى، بىر بىرىگە زىت ئۇچۇرلار بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك بولىشى مۈمكىن. براق كۆپ قىستىم كىشىلەر يەھۇدى دەپ قارايدىغان پاي چېكى شاھى بافىتنىڭ كىتاۋىدا ئۇ ئۆزىنىڭ يەھۇدىلارنىلا ئىشلىتىدىغان بانكىغا خىزمەتكە كىرەلمىگەنلىكىدىن سۆز ئاچىدۇ. بىل گەيتىسنى يەھۇدى دىگەن تور يازمىلىرىدا بولسا ئۇنى 7 يېشىدا «ئىنجىلى مەتتا» نى يادلاپ بولغان دىيىلىدۇ، ئەپسۇسكى يەھۇدىلار ھەرگىزمۇ ئىنجىلنى ئىتىراپ قىلمايدۇ . چۈنكى ئىنجىلى مەتتا كونا ئەھدە دەپ ئاتالغان تەۋراتقا ئەمەس، بەلكى يېڭى ئەھدە ئىنجىلنىڭ بىر پارىسىدۇر.  يەھۇدىلار پەقەت زەبۇر، تەۋرات ۋە ئۆزلىرىنىڭ فىقھى كىتاپلىرى بولغان تلمۇد قاتارلىقلارغىلا ئىشنىدۇ. ئىنجىلنىڭ ھەرقانداق پارىسىنى ئىتىراپ قىلمايدۇ.
پايدىلانغان مەنبەلەر:
http://www.360doc.com/content/14/0512/11/53148_376890262.shtml
http://www.douban.com/gro up/topic/47655028/

0

تېما

0

دوست

6

جۇغلانما

يېڭى ئەزا

Rank: 1

تۆھپە
2
مۇنبەر پۇلى
4
ئىشەنىچ
2
يوللىغان ۋاقتى 2015-10-5 16:12:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
bu timigizni baxka manbalarga yollisak bulamdu ya  ...aptur apandim
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى 

GMT+8, 2016-8-3 02:39, Processed in 0.123587 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش