كورىيە كوچىلىرىدا گىرىم قىلمىسىمۇ تەبىئىي گۈزەل كۆرۈنىدىغان قىزلار تولىمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ يۈز تېرىسى نۇقسانسىز ھالدا تەبىئىي، سۈزۈك. ئەلۋەتتە، كورىيەدىكى كىنو چولپانلىرىمۇ شۇنداق تەبىئىي گۈزەل ! ئۇلارنىڭ ئەمەلىيەتتىكى يۈز تېرىسى كىنودىكى كۆرۈنۈشلەردىكىدىنمۇ ئاق ھەم سۈزۈك. بۇ چولپانلارنىڭ يۈز تېرىسىنى قانداق ئاسرايدىغانلىقىنى بىلگىڭىز بارمۇ ؟ 1. جىن تەيشى جىن تەيشى 
جىن تەيشىنىڭ چىرايى ئىنتايىن ئۆلچەملىك تىپقا كىرىدۇ، ئۇنىڭ گۈزەللىكى كىلاسسىك گۈزەللىك بىلەن ھازىرقى زامانىۋىي گۈزەللىكنىڭ يىغىندىسى بولۇپ، كۈلۈمسىرىشى ئىنتايىن يېقىملىق. ئۇنىڭ يۈز تېرىسى سەزگۈر تېرىگە تەۋە بولۇپ،ئەگەردە ئۇزۇن ۋاقىت خىزمەت قىلىپ قالسىلا يۈزىدە دانىخورەك پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ. شۇڭلاشقا جىن تەيشى يۈزىدىكى دانىخورەك چىققان جاينى ئاساسلىق ئورۇنغا قويۇپ سۇ تولۇقلاش مەلھىمى ئىشلىتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئالوي شىرنىسىنى دائىم يۈزىگە سۈرىدۇ. ، جىن تەيشى مۇنداق دەيدۇ: «يۈز تېرىسىگە سۇ تولۇقلاش، نەملىك ساقلاش مېيىنى ئىشلىتىشلا يىتەرلىك ئەمەس، ئەڭ مۇھىمى ھەرقانداق ۋاقىتتا سۇ ئىچىشنى ئادەت قىلىش كېرەك، بەدەنگە سۇ تولۇقلاش ئارقىلىقمۇ يۈز تېرىسىدىكى سۇ تەركىبىنى تولۇقلىغىلى بولىدۇ.» خەن جيارېن كورىيە گۈزەللىرىنىڭ تىپىك ۋەكىلى. ئۇنىڭ يۇمران، سۈزۈك تېرىسىدىن باشقا، نازۇك يۈز شەكلى، ئۇچلۇق بۇرنى ۋە بۇلاقتەك قارا كۆزى ئۇنىڭ گۈزەللىكىنىڭ ئەڭ ئالاھىدە تەرىپى. خەن جيارېن ئادەتتە گىرىم قىلمايدۇ، ئۇ تېرە ئاسراشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدۇ. ھەتتا چوڭ تىپتىكى سەھنىگە چىققاندىمۇ گىرىم قىلماي چىقىدۇ. نەملىك ساقلاش، تېرى يۇمرانلاشتۇرۇش مېيى، سۇ تولۇقلاش يۈز مەلھەملىرىنى ئىشلىتىشكە ئەھمىيەت بېرىدۇ. سۈن يىجېن ئىنتايىن سالاپەتلىك، نازاكەتلىك، گۈزەل بولۇپلا قالماي، ئۇنىڭ يۈز تېرىسى سۈزۈك، پارقىراق،كىشىنىڭ مەستلىكىنى كەلتۈرىدۇ. سۈن يىجېن ئادەتتە يۈز تېرىسىنى ئاسراشتا، تەرتۆشۈكچىسىنى ئاسراشقا ئەڭ ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئۇ ھەر كۈنى لۆڭگىنى قىزىق سۇغا چىلاپ ئېلىپ يۈزىگە چاپلاپ تەر تۆشۈكچىسىنى ئېچىۋالغاندىن كېيىن، توڭلاتقۇغا سېلىپ مۇزلىتىپ قويغان پەردەزدا ئىشلىتىلىدىغان پاختىنى يۈز مەلھىمى ياكى تېرە ئاسراش مەلھىمىگە چىلىپ يۈزگە تەكشى سۈرىدۇ، ئاندىن سىڭىشىغا ئاسان بولسۇن ئۈچۈن يەڭگىل ئۇرۇپ بېرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن تەر تۆشۈكچىسى ئارقىلىق تېرىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغىچە ئوزۇقلاندۇرۇش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
|