تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 2507|ئىنكاس: 3

ئالىم، تىلشۇناس، ئەدىپ مەرھۇم- ھاجى ئىمىن تۇرسۇن ھېكمەتلىرىدىن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
4097
مۇنبەر پۇلى
5795
ئىشەنىچ
4097
يوللىغان ۋاقتى 2015-8-26 12:19:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇرتىمىزدا ئادەم تولا، لىكىن ھېچكىم بىربىرىگە ئوخشىمايدۇ؛ پەقەت بىرلا جەھەتتىن ، يەنى تۆرىلىش، ئۆلۈش جەھەتتىنلا ئوخشايدۇ. تۆرىلىشتە، ئانىنىڭ قورسىقىدىن يۇمشاق كۆرپىگە چۈشىدىغانلىرىمۇ، بورا ياكى داق يەرگە چۈشىدىغانلىرىمۇ بولىدۇ.
بەزىلەر ئۆمرىنى راھەت-پاراغەتتە ۋە بەزىلەر جاپا-مۇشەققەتتە ئۆتكۈزىدۇ، بۇ –نىسبىيلىكتۇر. شاھ بولسۇن ياكى گاداي، ئۆلىما ياكى ھۆكۈما، ھاجىب بولسۇن ياكى كاسىپ، زېمىندار بولسۇن ياكى ھۆكۈمدار، نادان بولسۇن ياكى تەدان، بەڭباش بولسۇن ياكى يۇۋاش ئىنسان بەرىبىر ئۆلىدۇ.بۇ  مۇتلەقتۇر.
بەزى كىشىلەر ئىنسانىيەتنىڭ ۋاقىت ھېسابىدا ئەرزىمەس سان بولغان قىسقىغىنا ئۆمرىنى مەنىلىك-ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزىدۇ. ئەل بىلەن بىللە ئېلىچە ياشايدۇ. ئېلىگە كۆيۈنىدۇ. ئېلىنىڭ دەردىگە مەلھەم بولىدۇ، ئېلىنىڭ پايدىسىنى قوغداشقا مەھرەم بولىدۇ. بەزىلەر « مۇت » دىېسە « زەھەر بولسىمۇ يۇت » دەپ نەپسى بالاسىدا ھەريان شاپاشلاپ، ھەسەتنى بولۇشىچە ھاپاشلاپ، ئۆزگىنى قاخشىتىدۇ، ئېلىنى كۆيدۈرىدۇ. ئۆزىنىڭ نام-شۆھرىتى ئۈچۈن ئېلىنى ئوتقا ئىتتىرىدۇ. بەزىلەر ئۆز نەپسىدىن كېچىپ، ئۆزى داغ سۇ ئىچسىمۇ ، ئېلىگە ھالاۋەتتىن داستىخان ئېچىپ ئۆتىدۇ.
ئادەملەر مىجەز-خۇلقى، تۇرمۇش ئادىتى، ئەدەپ-ئەخلاقى، پەيلى- نىيىتى، ھۈنەر-سەنئىتى، ئىشقىلىپ پىكرى-زىكرى، ياشاش تەرىزى جەھەتلىرىدىن ھەرخىل بولىدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ ئىنسانىيەت ئىچىدە قىممىتى، ئورنى-مەرتىۋىسى، قىسقىسى، ئالىدىغان باھاسى ئوخشاش بولمايدۇ.
{« شىنجاڭ سەنئىتى» ( قوش ئايلىق سەنئەت ژۇرنىلى »  1987 يىلى 6-سانىنىڭ 8- بەتتىكىى« چىن سەنئەتكار !         -ئەمەت  ئۆمەرنى ئەسلىگىنىمدە » ماۋزۇلۇق تەزىيە نۇتقىدىن ئىلىندى)
يوللىغۇچى: خېجىڭ 2-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ پىنسىيۇنېرى:
تۇردى ئەبەيدۇللا  (13899080671)

0

تېما

0

دوست

24

جۇغلانما

يېڭى ئەزا

Rank: 1

تۆھپە
14
مۇنبەر پۇلى
10
ئىشەنىچ
14
يوللىغان ۋاقتى 2015-9-7 16:02:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەرھەق

5

تېما

2

دوست

639

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

تۆھپە
244
مۇنبەر پۇلى
393
ئىشەنىچ
244
يوللىغان ۋاقتى 2015-9-8 12:37:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېكمەتكە لايىق ھېكمەتكەن.

باھا سۆز

-azmat- ... pasahatlik hekmatkan, hammimizga ozuk bolhusi  يوللىغان ۋاقتى 2015-10-6 04:30
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى 

GMT+8, 2016-8-2 20:52, Processed in 0.127137 second(s), 29 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش