تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 3523|ئىنكاس: 4

ئارمانى : بىر ئانىنىڭ ئوغلىغا ئېيىتقانلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

99

تېما

1

دوست

1626

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
ئالىم ياسىن
تۆھپە
422
مۇنبەر پۇلى
928
ئىشەنىچ
422
يوللىغان ۋاقتى 2015-8-21 21:54:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر ئانىنىڭ ئوغلىغا ئېيىتقانلىرى

ئالىم ياسىن ئارمانى



ئانا،ھەقىقەتەن مەڭگۈلۈك تېما.ئانىسىز پەرزەنتنىڭ بەخت-خوشاللىقىنى قىياس قىلىش تولىمۇ تەس.ئانا،پەرزەنتلەرنىڭ بەخىت-قۇياشى،پەرزەنتلەرنىڭ بۈگۈنى ۋە ئەتىسى.پەرزەنتلەر ئۈچۈن ئانا شۇ قەدەر مۇھىم بولغىنىدەك،ئانىلار ئۈچۈنمۇ بالا شۇ قەدەر ئېزىز ۋە ئۇلۇغكى،بالا ئۈچۈن كۆيمەيدىغان،بالا ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلىمايدىغان ئانا بولمىسا كېرەك. يېقىندا مەلۇم بىر ئانىنىڭ شىنجاڭ سىنىپىغا ئوقۇشقا مېڭىش ئالدىدا تۇرغان ئوغلىغا ئېيىتقان مۇنۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ،ئېختىيارسىز ئويلىنىش ئىچىدە تۇرۇپ قالدىم.
-ئوغلۇم، سەن شۇ تاپتا نەچچە ۋاقىتلاردىن بىرى چوڭقۇر مېھرى-مۇھەببىتىڭ چۈشكەن،ئىسسق تاماقلار تەل بولۇپ تۇرغان،ھەممە-ھەممە نەرسىللىرىڭ تەل بولۇپ تۇرغان ئائېلەڭدىكى كىچىك ھوجراڭدىن ئايرىلىش ئالدىدا تۇرىسەن،شۇنى ئېسىڭدە چىڭ تۇتقىنكى،سەن شۇ تاپتا كۆز ئالدىڭدىكى ساڭا ھەر كۈنى ئوتلۇق مېھرىنى بىرىدىغان،مېھرىبان ئاناڭدىن ۋاقېتلىق ئايرىلىش ئالدىدا تۇرىسەن،ئەتە بەلكىم سېنى باشقا بىر مۇھىت كۈتىۋالىدۇ.ئۇ يەرنىڭ ھاۋاسى،سۈيى،تۇپرىقى سېنى ئۆز قوينىغا ئالىدۇ.بەلكىم بۇ ھاۋا،سۇ ۋە تۇپراقلار ساڭا سەل باشقىچە تۇيۇلىشى مۇمكېن.بىراق ھەممىسى يەنىلا سەن ياشاۋاتقان ئەزىز ۋەتەننىڭ تۇپرىقى،سۇيى،ھاۋاسى.ئوغلۇم،سەن شۇ تاپتا ئېلىم-پەننىڭ سىرلىق داۋىنىغا چىقىش ئالدىدا تۇرىۋاتىسەن،بۇ داۋان تولىمۇ مۇشكۇل.سەن بۇ داۋانغا چىقىش جەريانىدا بەزىدە يىقىلىشىڭ،بەزىدە ھۇشۇڭدىن كېتىشىڭ مۇمكىن،بىراق سەن بۇنىڭدىن ھەرگىز قورقما.چۈنكى قورقۇنچاقلار بۇ داۋاندىن ھەرگىز ئاشالمايدۇ.مەن سېنىڭ باتۇرلىقىڭغا،ئالدىراپ بەل قويىۋەتمەيدىغانلىقىڭغا ئىشىنىمەن.سىنى كۈتىۋالىدىغان يېڭى ماكاندىمۇ يەنىلا ماڭا ئوخشاش ئانىلار بار،ئۇلار سېنىڭ جاپالىرىڭغا ھەمدەم بولىدۇ،يىقىلساڭ يۆلەيدۇ،مېنى سېغىنساڭ ئۆز باغرىغا باسىدۇ.سەن مېڭىۋاتقان مەنزىللەردە ساڭا ياخشى ھەمراھ بولىدۇ.
ئوغلۇم،سەن مېڭىش ئالدىدا تۇرىسەن،يېڭى ماكانىڭغا بېرىۋالغاندىن كېيىن تۆۋەندىكى تەرەپلەرگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشىڭنى ئۆتىنىمەن.
1. ھاياتىڭنى قەدىرلە،ۋاقېتنى چىڭ تۇت،سالامەتلىگىڭنى ئاسراپ،ئىشنى سەھەردىن باشلا.يۈچۈن تىلسىملار ئىچىدىن بىلىم دۇردانىللىرىنى قېزىپ،باشقىلارنى ھەيران قالدۇرالىغۇدەك سەۋىيەنى يارات.
2. باشقىلارنىڭ سېنى «ئىش قىلىشقا جۇرئەت قىلالمايدۇ»دەيدىغان گەپلىرىگە قالما.ئىش قىلىشتا يۈرەكلىك بول،بىرەر ئىشنى قىلىشتا «قىلالمايمەن»دىگەن سۆزدىن يىراق بولۇپ،ئۆزۇڭنى يېڭىلاشقا،بىلىمىڭنى تاۋلاشقا تىرىشچانلىق كۆرسەت،چۈنكى ھەر قانداق بىلىم ۋە تەجىربە ئىدىتلىق تاۋلانغاندىلا ئاندىن ئۆز قىممىتىنى نامايان قىلالايدۇ.
3. ياشاۋاتقان مۇھىتىڭنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ھەر ۋاقىت دىققەت قىل.چۈنكى ھەر قانداق بىر قائىدە-تەرتىپ،كىشىلەرنى ياخشى يولغا باشلاشنىڭ ئېھتىياقى ئاساسىدا مەيدانغا كېلىدۇ.مۇشۇ خىل قائىدە-تەرتىپلا كىشىنى تاكامموللاشتۈرۈپ،غەلىبە يولىغا باشلايدۇ.
4. قىيىنچىلىققا يولۇققاندا ئالدىراپ بەل قويىۋەتمە.ئالدى بىلەن روھىڭنى كۈچلەندۈر،پەقەت روھىيىتى ساغلام كىشىلەرلا نىمە ئىش قىلسا روياپقا چىقىرالايدۇ.كېمە يەلكەن ۋە پالاقنىڭ كۈچى بىلەن ئالغا ئىلگىرلىگىنىدەك،ئادەممۇ روھ ۋە ئىرادىنىڭ كۈچى بىلەن ئالغا ئىلگىرلەيدۇ.
5. باشقىلارنىڭ ئالدىدا تەكەببۇرلاردىن بولما،چۈنكى تەكەببۇرلۇق كىشىنى ھالاكەت يولىغا باشلايدۇ.دۈنيادا باشقىلارنىڭ ئېتراپ قىلىشىنى خالىمايدىغان بىرمۇ ئىنسان بولمىسا كېرەك،لېكىن تەكەببۇرلۇق بىلەن ئۆزنى تونۇتقىلى بولمايدۇ،كۆپ ماختىنىپ ئۆزنىڭ قىممىتىنى ئاشۇرغىلىمۇ بولمايدۇ.شۇڭا سەن ئكز ھاياتىڭنىڭ تۆمۈرچىسى بولۇشقا تىرشقىنكى،ئۆزۇڭ تەرپىندىن مەغلۇپ بولغۇچىلاردىن بولۇپ قالما.
6. باشقىلار بىلەن جېدەللىشىشتىن ساقلان.كىچىككىنە ئىشلار ئۈچۈن جېدەللىشىش ئالى جاناپلانرىڭ ئىشى ئەمەس،ئاقىللار،باتۇرلار كىچىككىنە ئاچچىقلىنىشلاردىن ساقلىنالايدۇ،ياىشى خىسلەتلىرىڭ ئارقىلىق يامان خىسلەتلەرگە تاقابىل تۇرالايدىغان روھنى يېتىلدۈر.سەن باشقىلار جېدەللەشسە يىراق كەت،ھېچكىم سېنى قورىقتى دىمەيدۇ،قولۇڭدىن كېلىشىچە ساڭا يامانلىق قىلغانلارغا ياخشىلىق قىل،قىلغان ياخشىلىقلىرىڭ ئۇنىڭ يۈرىگىگە تەككەندىلائۇمۇ بىر كۈنى قىلغان ئىشلىرىغا پۇشايمان قىلىدۇ.
7. ئەتراپىڭدا يۈز بەرگەن بارلىق ئىشلارغا گۇمان بىلەن قارىما.چۈنكى گۇمان ئېماننى قاچۇرىدۇ.سەن ياخشى ئەمەس دەپ گۇمان قىلغان نەرسىلەر بەزىدە ياىشى بولۇپ قېلىشىمۇ،ياخشى دەپ گۇمان قىلغان نەرسىلەر يامان بولۇپ قېلىشىمۇ مۇمكېن.ئەڭ مۇكەممەل دەپ قارالغان نەرسىلەرنىڭمۇ ھامان كىچىككىنە كەمتۈكلىكلىرى بولۇپ قالىدۇ.
8. باشقىلار ساڭا تاپشۇرغان ئىشلارنى ھەر ۋاقىت بىجانىدىللىق بىلەن ئورۈنداشقا تىرىشقىن،قىلالمىغان ۋاقىتلىرىڭدا ھەرگىزمۇ سېنىڭدە قارشىلىق ھېسياتى بولمىسۇن.بىجانىدىللىق غەلىبىنىڭ ئاساسى.
9. قىلغان ئىشلىرىڭنىڭ ھەمىشە ئوڭۇشلۇق بولىشىنى تىلە،ئەمما ئوڭۇشلۇق بولماي قالغان ۋاقېتىلىرىدا ئەپسۇسلانما،چۈنكى ئېدىتلىق ئادەملەر بىر ئوڭۈشسىزلىققا يولۇققاندا بىر ئەقىل تاپىدۇ،مەڭگۈلۈك غەلىبىمۇ تالاي ئوڭۇشسىزلىقلار تەرپىندىن قولغا كېلىدۇ.
10. ھەر كۈنلۈك ئىشلىرىڭنىڭ پىلانى بولسۇن.ياخشى تۈزۈلگەن پىلان،كىشىنى يېتەكلەشنىڭ،نەتىجىگە ئېرىشىشنىڭ نېشانى.سەن پەقەت ئەشۇ پىلانلىرىڭنىڭ ئېستەكلىرىدە ئالغا ئىلگىرلەيسەن،چۈنكى ئادەم ئۆز ئارزۇ-ئىستەكلىرىنىڭ قۇلىدۈر.
11. ھەر كۈنلىك ئۆز مەجبۇرىيىتىڭنى ۋە تاپشۇرۇقلىرىڭنى تاماملاشنى ئادەت قىلىۋال.بۈگۈن ئېشىپ قالغان ئىشلىرىڭ ئەتىگە يۈك بولۇپ قالىدۇ،بۇ يۈكلەر يىغىلىپ ئاخىرى سېنى كۆتىرەلمەيدىغان قىلىپ قويىدۇ.
12. تۈرلۈك تەنتەربىيە،ئەمگەك،مەدەنىيەت،تۇرمۇش پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتناش،ئەمگەكتىن قېچىش ئۆزنى ھالاكەتكە باشلىغانلىقنىڭ بىشارىتى،پەقەت ئەمگەك ئارقىلىقلا كىشىلىك ھاياتنىڭ مەنىسىنى چوڭقۇر چۈشەنگىلى بولىدۇ.
خەيىر-خوش ئوغلۇم،كۆپ سۆزلەرنى قىلىپ بېشىڭنى قايمۇقتۇرىۋەتتىم،بۇلارمۇ پەقەت سېنىڭ ياخشى كەلگۈسۈڭ ئۈچۈندۈر.كېلەر يىلى يۇقۇردىكى سۆزلىرىمگە ئەمەل قىلىپ غەلىبە مېداللىرىنى بوينۇڭغا ئېسىپ،خوشال ھالدا كېلىشىڭنى ئۈمۈت قىلىمەن!

0

تېما

4

دوست

998

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

真实姓名
0030
تۆھپە
576
مۇنبەر پۇلى
426
ئىشەنىچ
576
يوللىغان ۋاقتى 2015-8-24 18:35:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارمانى   ئەپەندىم---  ياخشى  يىزىپسىز.  تەربىۋى  ئەھمىيتى   چۇڭقۇركەن.   قۇلىڭىز  دەرت  كۇرمىسۇن.

0

تېما

0

دوست

252

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

真实姓名
زايىدە
تۆھپە
95
مۇنبەر پۇلى
158
ئىشەنىچ
95
يوللىغان ۋاقتى 2015-8-24 18:40:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى  يىزىپسىز.ئانىلىمىز ئامان بۇلسۇن.

0

تېما

0

دوست

2996

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
1033
مۇنبەر پۇلى
1966
ئىشەنىچ
1033
يوللىغان ۋاقتى 2015-8-24 19:41:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەربىيۋى ئەھمىيتى ھەقىقەتەن زور تىما بوپتۇ

245

تېما

1

دوست

4600

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
1451
مۇنبەر پۇلى
2381
ئىشەنىچ
1451
يوللىغان ۋاقتى 2015-8-25 15:13:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما ئىكەن. ئوقۇپ چۈشۈنىۋالدىم، تىما ئىگىسىگە رەخمەت.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى 

GMT+8, 2016-8-2 20:39, Processed in 0.123685 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش