ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پىسخىك پەزىلىتى مەخەت ئابدۇرېھىم: ئوقۇتقۇچىلار تۆۋەندىكىدەك پىسخىكىلىق پەزىلەتكە ئىگە بولۇشى كىرەك. 1 . ئىللىق،چۈشۈنىشلىك،دوستانە بولۇش،مەسئۇلىيەتچان،تەرتىپلىك بولۇش،تەسەۋۋۇر قىلىش ئىقتىدارى ۋە قىزغىنلىغى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان بولۇش. 2. ئوقۇغۇچىلارغا مۇۋاپىق ئىشىنىش،ئىلھام بىرىش،ئوقۇغۇچىلارنى كۆپ ئەيىپلىمەسلىك. 3. بارلىق ئوقۇغۇچىلارنى ئوخشاشلا ياخشى كۆررۈش ۋە ئۇلارغا كۆيۈنىش. 4. ساغلام ھىسياتقا،سەمىمى ئىتقاتقا،توغرا كەيپىياتقا ئىگە بولۇش. 5. ئوقۇغۇچىلار ۋە كىشىلەر ئارىسىدىكى ئىززەت-ھۆرمىتىنى ساقلايدىغان،ئۆزىگە ئىشىنىدىغان بولۇش. 6. ئۆزىنىڭ كەسپى خىزمىتىگە بولغان پوزىتسىيەسى ئاكتىپ بولۇش.ئوقۇتۇشنىڭ شەرت-شارائىتىنى ياخشىلاشقائەھمىيەت بىرىدىغان،ئارزۇ،غايە ۋە رىياللىقنى ئىلمىي ماسلاشتۇرۇپ ئىپادىيەلەيدىغان ئىقتىدار بولۇش. 7. يۇقۇرى سەۋىيەلىك ئوقۇتۇش ماھارىتىگە ئىگە بولۇش. 8. كەمتەرلىك بىلەن باشقىلاردىن ئۈگۈنىدىغان،قىزغىنلىق، دادىللىق بىلەن ھەمكارلىشىدىغان ئىلمى رىقابەت پەزىلىتى بولۇش. 9. ئوقۇتۇشنىڭ قانۇنىيتىگە ئۇيغۇن كىلىدىغان ئوقۇتۇش ئۇسۇلىدىن جانلىق پايدىلىنالايدىغان بولۇش. 10. مەكتەپ،ئائىلە ۋە جەمىيەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەڭشىيەلەيدىغان ۋە ماسلاشتۇرالايدىغان بولۇش.
ئاپتۇرى،مەخەت ئابدۇرېھىم.
|