- تىزىملاتقان
- 2015-2-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-3-11
- ھوقۇقى
- 20
- جۇغلانما
- 66
- نادىر
- 0
- يازما
- 8

- تۆھپە
- 13
- مۇنبەر پۇلى
- 44
- ئىشەنىچ
- 13
| 1.بالىلارنىڭ ئەقلىي كۈچىنى زايا قىلماسلىق. بالىغا تىل چىقىشىغىلا ئۇنىڭغا مۇكەممەل تىل ئۆگىتىش. مەسلەن، 6ياشقا كىرگۈچە ئانا تىلنى ، ئۆرپ ئادىتىمىزنى تۇلۇق ئۆگىتىپ بولۇش. كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپلا بالىلارنىڭ تەپەككۇر ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش. دائىم مەسىلە قويۇپ بالىلارنى جاۋاب بېرىشكە ئۈندەش. چوڭ بولغاندىمۇ كىتاپ ئوقۇش ئادىتىنى يىتىلدۇرۇش ئۇچۇن كۈندە كەچ بالىلىرىمىز ئۇخلاشتىن بۇرۇن ھىكايە چۆچەك ئىيتىپ بىرىش. تەكشۇرۇش نەتجىسىدىن قارىغاندا كۆپ قىسىم ئادەملەردىن بالىلىق ۋاقتىدىكى ئەڭ خوشاللىنارلىق ئىشىنىڭ قايسى ئىكەنلىكى سورالغاندا بوۋىسى -مومىسىنىڭ چۆچەك ئىيتىپ بەرگەن ئىشنىڭ ئىكەنلىكىنى ئىيتىشقان ،بالىلارئۆزلىرىمۇ ھېكايە- چۆچەك ئاڭلاشنى ياقتۇرىدۇ بۇ ئارقىلىق ئۇلارنى خوش قىلغىلى ،تەپەككۇرىنى ئاچقىلى كىتاپ ئۇقۇشقا قىزىقتۇرغىلى، ئەقىللىق قىلغىلى بۇلىدۇ .
2. داڭلىق كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى كىتاپ ئوقۇشقا ئامراق كىشىلەر ، كىتاپ ئوقۇشقا ئامراق بالىلارنىڭ ئەقىللىق بولىدىغانلىقىمۇ ئىلمىي جەھەتتە ئىسپاتلىنىپ بولغان . سادىرپالۋان .مىڭ بىر كىچە.نەسىردىن ئەپەندى دىگەندەك ھىكايە چۆچەكلىرىنى ئوقۇپ بېرىش. مەھمۇت قەشقىرى.يۈسۈپ خاس ھاجىپ قاتارلىق ئالىملىرىمىز توغرىسىدا چۆچەك توقۇپ بالىلارغا ئېيتىپ بېرىش، بۇ ئارقىلىق مىللىتىمىزنىڭ ئەنئەنىسىنى بالىلىلارغا ئاسانلا سىڭدۈرىۋەتكىلى ھەم بالىلارنىڭ دىنىي ئەسەبىي بوپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئىلىپ ، دۆلەتكە، مىللەتكە، ئائىلىمىزگە يارامسىز ئادەم بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ئۇيقۇسىغا تەسىر يەتكۇزمەسلىك ئۈچۈن ھىكايە چۆچەكلەر بەك دولقۇنسىمان بولۇپ كىتىشىدىن ساقلىنىش لازىم .
3.بالىلارنىڭ ئۆگىنىشكە بولغان ھەۋىسىنى قوزغاش. بالىلار سۇئال سورىسا جاۋاب بېرىش، بالىڭىز سىزدىن سوئال سورىغاندا ھەر قانچە ئالدىراش بولسىڭىزمۇ سەۋىرچانلىق بىلەن ئاڭلاڭ بالىڭىزغاسەن دېگەن دۆت، ھېچقانداق ئىشنى قاملاشتۇرالمايسەندېگەندەك گەپلەرنى قىلماڭ.بالىڭىزنىڭ بېسمىنى ئازايتىپ، بالىڭىزغا تاللاش ۋە ھۆكۇم قىلىش پۇرسىتى بېرىڭ . بالىڭىزنى تەنقىدلىگەندە، بالىڭىزنىڭ چۈشەندۈرۈش ۋە ئىنكاسىنى ئاڭلاپ كۆرۇڭ چوڭلار ئۆزى بىلمىگەن تەقدىردىمۇ ئىزدىنىش ئارقىلىق بالىنىڭ كۈتكەن جاۋابىنى ئىمكانقەدەر تولۇق تېپىپ ئېيتىپ،بالىلارنى قانائەتلەندۈرۈشى لازىم بۇلۇپمۇ2-6ياشقىچە بولغان بالىلارغا بۇ ۋاقىت بالىلارنىڭ مۇھىم ۋاقتى ئالىملار مۇنداق تەجىربە ئىشلىگەن 2-6ياشقىچە بولغان بالىلاردىن 2گۇرۇپپا تەشكىللەپ 1 -گۇرۇپپا بالىلارنىڭ قىلغان گەپلىرىدىن پۇتاق چىقىرىپ تۇرغان توغرا گەپ قىلسىمۇ خاتا دەپ خاتا گەپ قىلىشقا زورلىغان ،يەنە2-گۇرۇپپا بالىلارنى توغرا گەپ قىلىشقا يىتەكلىگەن .نەتىجىدە -گۇرۇپپىدىكى بالىلارنىڭ نۇرمال گەپ قىلىشى بىر ئۈمۈر تەسىرگە ئۇچرىغان .
4.بالىڭىز شوخلۇق قىلسىلا ۋاقىراپ قورقۇتماڭ. ئامال بار خوشال قىلىشقا تىرىشىڭ . پەرزەنتىڭىزنى قورقۇتماڭ . بوۋاق بولسا تېخىمۇ بولمايدۇ. بوۋاق بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۈيىدىكىلىرى يوق يەردە يىغلىغىنى ،ئۆزىنى بىخەتەر ھىس قىلمىغىنى باشقىلارنىڭ ئۆزىگە كۈيۈنمەيدىغانلىقىنى بىلدىغانلىقى بىلدۇرىدۇ بۇ ئىنكاس بوۋاقلارنىڭ خېلى ئىشلارنى بىلدىغانلىقىنى بىلدۇرىدۇ. ئاتا-ئانا بولغوچى بوۋاقنى قۇرقۇتۇپ يىغىسىنى توختىتىدىغاندەك خەتەرلىك ،قوپال ئىشلارنى قىلماسلىقى لازىم ئادەمنىڭ كەيپىياتىي ياخشى خوشال بولسا شۇئادەمنىڭ تېنىنىڭ ساق-سالامەت ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىغانلىقى ، ئەكىسچە ئاچچىقلانغاندا خاپا بولغاندا بەدەننىڭ زەھەرلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا كۈچلۈك پاكىت بىلەن ئىسپاتلىنىپ بولغان بۇنى بىزمۇ بىلىمىز .بوۋاق بالىنى قانچىلىك بەدەل كەتسىمۇ خوش قىلماقتا يوق ئەكىسچە قورقۇتۇپ توختىتىمە دىسە ئويلاپ باقايلى چوڭ ئادەمگە زىيىنى ئېغىر بولغان يەردە بوۋاق بالا نېمە بولماقچىتتى. توغرا ئۇسۇل -ئىلمىي ئۇسۇل بىلەن تەربىيەلىمىسە ، تۈپتۈز دەرەخنى ئەگىر قىلىپ قويغانغا ئوخشاش ئېغىر خاتالىق يۈز بېرىشى مۇمكىن. بىز ئىلمىي ئۇسسۇلدا پەرزەنت تەربىيەلەشنى ئومۇملاشتۇرساق ياخشى بولاتتى . |
|