مەنمۇ دېھقان مەخەت ئابدۇرېھىم نەسىر بوۋام دېھقان ئىكەن،داداممۇ دېھقان ئىدى،مەنمۇ ھازىر رەسمى دېھقان.بىز ئۈچ ئەۋلاتنىڭ نامى ئوخشاشلا دېھقان،ئەمما سۈپىتىمىز ئوخشىمايدۇ،نامىمىز ئوخشاش.زامانىمىز ئوخشمايدۇ، ماكانىمىز ئوخشاش. دېھقانچىلىق ئۇسۇلىمىز ئوخشىمايدۇ،مەخسەت-نىشانىمىز ئوخشاش. بوۋام ياللانما دېھقان دەپ ئاتالغان ئىكەن،چۈنكى؛باي-پومچىكلار <خانلىق>تەختى بولغان يەرلەرنى تولوق ئىگەللىۋاغاچقا،باي-پومچىكلارغا ياللىنىپ ئىشلىمەي ئامال بولمىغان.شۇڭا بوۋام ياللانما دېھقان چورىقىنى كىيىپ، ياغاچ گۈرجەكتە يەر تاتىلاپ ئىنسانىيەتكە،ئۇچار-قۇشلارغا،يەر شارىدىكى جانلىقلارغا ھاياتلىقنىڭ بىردىن-بىر مەنبەسى بولغان ئارپا-تېرىق،بۇغداي-قوناق؛-دان ئاتا قىلغان.ئەمما،شۇ جاپاكەش بوۋام بىرەر قېتىممۇ يۇمشاق نان يەپ باقمىغان،يەيدىغىنى شۇ بايلاردىن ئاشقان -تاشقان نان. بوۋام بىرەر قېتىم ئۆيدە يېتىپ باقمىغان،ياتار جايى ئېغىل-قوتان،ئېرىق-ئازگال ۋە خامانلىقتا بولغان. دادام كەمبىغەل دېھقان دەپ ئاتالغان، دادام كەمبىغەل دېھقان كەمىرىنى باغلاپ، تۆمۈر گۈرجەكتە يەر ئاغدۇرۇپ،جانلىقلارغا يىتەرلىك يىمەكلىك،ئىنسانلارغا قىممەتلىك ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىپ ئىنسانىيەتنىڭ ھاياتلىقىنى ساقلاپ قالغاچقا،كەمبىغەل دېھقانلار ياشىسۇن!دىگەن شەرەپكە ئىرىشىپ رەئىس سەھنىسىدىن ئورون ئالغان.ئۆزىنىڭ شەرەپلىك نامىنى دۇنياغا تاراتقان. قابىلىيتىگە يارشا ئىشلەپ،ئىھتىياجىغا قاراپ ھەق ئالىدىغان يېڭى تۈزۈم يېڭى مۆھجىزنى ياراتقان. مەن زامانىۋى دېھقان،يەنى،ئىپتىدايى جەمىيەتتىكى دېھقانلاردەك ئات-ئۇلاقلارنى ئىشلەتمەيدىغان،ھەر تۈرلۈك زامانىۋى ماشىنا-تەرەكتۇرلارنى ئىشلىتەلەيدىغان،زامانىۋى ئوروندۇقتا ئولتۇرۇپ،ئىنتىرنىت تورىدىن كۆلەملىك ئىگىلىك ئىزدەۋاتقان،زامانىۋى ماشىنىلاردا يەر ئاغدۇرۇپ ئىنسانىيەتكە سورتلۇق يىمەكلىكلەرنى ئىشلەپچىقىرىپ،ئۇلارنىڭ ھاياتىغا، ساغلام لىقىغا كاپالەتلىك قىلىۋاتقان،ئەمما،دېھقانچىلىقنىڭ زامىۋى قۇراللىرىنى ئۆلچەملىك ئىشلەتمەي، دېھقانچىلىقنىڭ پەن-تېخنىكىلىق قانۇنىيەتلىرىنى پۇختا ئىگەللىمەي،ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتا زىيان كۆرۈلۈپ قېلىپ دۆۋلەتتىن تولەم پۇلى ۋە تۆۋەن تۇرمۇش پۇلى ئېلىۋاتقان،شۇ سەۋەپتىن خەلق ئالدىدا،دۆۋلەت ئالدىدا خىجىل بولىۋاتقان ئالاھىدە دېھقان مەن. مەن زامانىۋى دېھقان بولۇش مەسئۇلىيتىم بىلەن شۇنداق ۋەدە بىرىمەنكى؛-بوۋامنىڭ،دادامنىڭ يېڭىلمەس ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ،ھازىرقى زامان يىزا ئىگىلىك پەن- تېخنىكىسىنى پۇختا ئىگەللەپ،يىزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشتا يېڭلىق يارتىپ ئىنسانىيەتنى ئاشلىق بىلەن تەمىللەشتە دېھقانلىق مەجبۇرىيتىمنى تولق ئادا قىمەن.چۈنكى؛- مەن دېھقان. دېھقان بولماي دان نەدە، دان بولمىسا نان نەدە.
نان بولمىسا ھەيۋەتلىك، شەھەرلەردە خان نەدە. مەنبە؛ئۆزەمنىڭ ئىجادىيتى
|