بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uyaltun تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-7-3 17:55
نەق مال ئالتۇن كۈمۈش سودىسىدا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار
نەق مال ئالتۇن كۈمۈشكە مەبلەغ سېلىش قوشۇنىنىڭ ئۈزلۈكسىز زورىيىشىغا ئەگىشىپ،كۆپلىگەن مەبلەغ سالغۇچىلار ئۆزىنىڭ نەزەر دائىرىسىنى ئالتۇن كۈمۈش بازىرىغا قاراتتى،ئۇنداقتا نەق مال ئالتۇن كۈمۈشكە يېڭىدىن مەبلەغ سالغۇچىلارغا نىسبەتەن، ئالتۇن كۈمۈش سودا مەشغۇلاتى ناتونۇش ھېسابلىنىدۇ،مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ نەق مال ئالتۇن كۈمۈش سودىسىغا بولغان چۈشەنچىسىنى بىردەملىك بىلەنلا يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولمايدۇ، تۆۋەندە ئالاھىدە مەقسەت بىلەن مەبلەغ سالغۇچىلارغا ئاددىي مەشغۇلات ماھارىتىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز،كۆپچىلىكنىڭ نەق مال ئالتۇن كۈمۈش سودىسىغا بولغان چۈشەنچىسىنى تېز يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بىرىنچى ماھارەت: سودا بازىرىدا مۇتلەق پايدا ئېلىش ياكى زىيان تارتىش بولمايدۇ،سودا قىلغان ۋاقىتتا چوقۇم توغرا روھىي ھالەت تۇرغۇزۇش كېرەك،ئانالىز ئۇستىسىنىڭ بازار ھالىتىگە ھۆكۈم قىلىشى كەسپىي بىلىمى ۋە تەجرىبىسى ئاساسىدا مۇھاكىمە قىلىدۇ،يۈزدەيۈز توغرا دىيىشكە بولمايدۇ،شۇنىڭ ئۈچۈن مەيلى پايدا كۆرۈلسۇن ياكى زىيان كۆرۈلسۇن ئادەتتىكى كەيپىياتتا يۈزلىنىشى كېرەك. ئىككىنچى: ئالتۇن كۈمۈشكە مەبلەغ سېلىش خەۋپ-خەتىرىنى ئېنىق بىلىشى كېرەك،بەزى مۇنتىزىم بولمىغان ئالتۇن كۈمۈش سودا سىستېمىسىدا زىيان كۆرۈلمەيدۇ پايدا چىقىدۇ دەپ تەشۋىقات قىلىدۇ،بۇنىڭغا مەبلەغ سالغۇچىلار قارىغۇلارچە ئىشىنىشكە بولمايدۇ،ھەرقانداق بىر مەبلەغ سېلىش تۈرىدە خەۋپ-خەتەر بولىدۇ، كىرىم قانچە يۇقىرى بولسا خەۋپ-خەتەرمۇ يۇقىرى بولىدۇ،مەبلەغ سالغۇچىلار مەبلەغ سېلىشتىن بۇرۇن خەۋپ-خەتەرنى ئېنىق بىلىشى،مۇئەييەن خەۋپ - خەتەرگە بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى بولۇش كېرەك. ئۈچىنچى: سودا قىلىش پىلانى تۈزۈپ زىياننى تەڭشەش، زىياننى توغرىلىغاندا زىياننىڭ كېڭىيىشىنى تىزگىنلىگىلى بولىدۇ،مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى ساقلاپ قېلىشقا ياردەم بېرىدۇ. تۆتىنچى: قارىغۇلارچە سودا قىلىشتىن ساقلىنىش،ئەگەر بازار تەۋرىنىشى كىچىك بولغان ۋاقىتتا سودا ئېلىپ بېرىلسە ھەتتا رەسمىيەت ھەققىنىمۇ تاپقىلى بولمايدۇ، ھەرقانداق بىر مالدا بازارنى كۆزىتىپ ياخشى پەيتنى ئىگىلىشى كېرەك.
خەۋپ- خەتەرنى كونترول قىلىش
خەۋپ- خەتەر بولسا بىر خىل ئوبيېكتىپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان، ساقلانغىلى بولمايدىغان، ھەم مۇئەييەن شارائىتتا ئىگە بولدىغان مەلۇم بىر خىل قانۇنىيەت. شۇنىڭ ئۈچۈن، پەقەت خەۋپ - خەتەرنى كونترول قىلىپ ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرگىلى بولدۇ، لېكىن ئۇنىڭدىن پۈتۈنلەي ساقلىنىش ۋە ئۇنى يوقىتىش مۇمكىن ئەمەس. خەۋپ - خەتەرنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش ئۇسۇلى بولسا دەل ئاڭ ھەم خەۋپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىش بولۇپ، پەقەت ئۇنىڭغا ئاكتىپلىق بىلەن تاقابىل تۇرۇپ، ئىزدەنگەندىلا، ئاندىن خېيىم - خەتەرنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلغىلى، ھەم خەۋپ - خەتەرنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرگىلى بولدۇ.
تاشقى پېرېۋوت بازىرىنىڭ تەۋرىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار تاشقى پېرېۋوت سودىسى قىلغۇچىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھەر ۋاقىت مالىيە - ئىقتىساد خەۋەرلىرىگە دىققەت قىلىپ تۇرۇش زۆرۈر؛ چۈنكى، تەبىئىي ئاپەت، ئۇرۇش توقۇنۇشلىرى، ھەتتا - زىرائەتتىن كەم ھوسۇل ئېلىش قاتارلىق ئامىللارمۇ تاشقى پېرېۋوت پۇلغا چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ. يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان، يەر پوستى ھەرىكىتىنىڭ جانلىنىپ كېتىپ، پۈتۈن يەر شارى مىقياسىدا يەر تەۋرەش كۆپ يۈز بەرگەن، يەر تەۋرەش خانىۋەيران قىلىپلا قالماستىن، تاشقى پېرېۋوت پۇلنىڭ يۆنىىلشىدىمۇ چوڭ تەسىر پەيدا قىلغان، شۇڭا تاشقى پېرېۋوتقا مەبلەغ سالغۇچىلار مالىيە - ئىقتىساد خەۋەرلىرىگە بەكرەك دىققەت قىلمىسا، مۇشۇنداق تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ۋەقەلەر تەسىرىدە مەبلەغ سالغۇچىلار مەبلەغ زىيىنى خەۋپ - خەتىرگە دۇچ كېلىشى مۇمكىن. بۇنداق ئەھۋاللاردىن ساقلىنىش ئۈچۈن، سودا قىلغۇچىلار ھەر ۋاقىت يەر شارىدىكى ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارغا دىققەت قىلشى كېرەك. بىر خىل پۇلنىڭ قىممىتى ئىنتايىن كۆپ ئامىللارنىڭ تەسىرگە ئۇچرايدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىم بولغان ئامىل بولسا شۇ پۇل تەۋە بولغان دۆلەتنىڭ ئېكسپورت سودا ئەھۋالى. ئېكسپورت بىۋاسىتە پۇل جەھەتتە تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج ئوتتۇرىسىدىكى نىسبەتنى بەلگىلەيدۇ؛ بۇ خىل نىسبەت ھەر ۋاقىت ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، بۇمۇ تاشقى پېرېۋوت بازىرىنىڭ تەۋرىنىشىنى پەيدا قىلىدىغان تۈپ ئامىل. يەنە بىر مۇھىم ئامىل، سىياسىي ئامىل بولۇپ، سىياسىي ئامىل ۋە جۇغراپىيىلىك توقۇنۇش قاتارلىقلار پۇلنىڭ يۆنىلىشىدە تېخىمۇ چوڭ تەسىر پەيدا قىلىدۇ.
ئەسكەرتىش: بۈگۈن چۈشتىن كېيىن سائەت 3:50 دا، 1 گىرام نەق ئالتۇننىڭ خەلق پۇلدىكى باھاسى 230.63 يۈەن ؛ 1 گىرام نەق كۈمۈشنىڭ خەلق پۇلدىكى باھاسى 3.09 يۈەن ئەتىراپىدا بولدى ؛ ئادەتتە 1 ئۇنسىيە ئالتۇن 31.1035 گىرامغا تەڭ ؛ بۇ بىر ھەپتىلىك خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتى 6.1430 يۈەن ؛
( تېما يوللىغۇچى ئىلكان ئىقتىساد تورىدىن رابىگۈل ) ئەگەر سىز بۇ سودا تۈرىگە قىزىقسىڭىز ياكى بۇ سودا تۈرىنى تەپسىلى چۈشىنىپ بېقىشنى خالىسىڭىز 4000991014 بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولدۇ؛
|