- تىزىملاتقان
- 2015-6-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-12-24
- ھوقۇقى
- 20
- جۇغلانما
- 146
- نادىر
- 0
- يازما
- 14

- تۆھپە
- 25
- مۇنبەر پۇلى
- 110
- ئىشەنىچ
- 25
| ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 24-ئىيۇن خەۋەر قىلىشىچە، ھەر يىلى 6-ئايدا ئىتالىيەنىڭ فلورىنسا شەھىرىدىكى سانىت كىرىت مەيدانى (Piazza Santa Croce) دا قەدىمكى پۇتبول (Calcio Storico) لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ. نومۇرغا ئېرىشىش ئۈچۈن، ھەربىر كوماندىدىكى 27 نەپەر توپچىنىڭ توپنى قارشى تەرەپ ۋارتاسىغا يەتكۈزۈشتە «ھەرقانداق زۆرۈر ۋاستە» قوللىنىشىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ. توپچىلار ئاسىرىدا مۇشتلىشىش، تىپىشىش، ئۆزئارا چېلىشىشقا بولىدۇ، دۇنيادىكى ئەڭ زوراۋان تەنتەربىيە مۇسابىقىسى دەپ ئاتىلىدۇ.
بۇ مۇسابىقىگە قاتناشقان توپچىلارنىڭ ھەممىسى ياش، يالىڭاچ بېلەكلىك مەيدانغا چىقىدۇ، مۇھىم بوغۇملىرىغا قوغدىغۇچ تاقىۋالىدۇ، ئۇلار توپا مەيداندا كەسكىن تىركىشىدۇ، خۇددى رەھىمسىز تۈرمىدىكى ئەسەبىيلەشكەن جىنايەتچىگە ئوخشايدۇ. لىكىن ئەمىلىيەتتە، بۇ بىر يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان فلورىنسا قەدىمكى پۇتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدىكى كۆرۈنۈش. بۇ تۈرلۈك مۇسابىقە ئىنتايىن ياۋايى، 1573-يىلى مۇسابىقە كۆرگەندىن كېيىن، فرانسىيەنىڭ ھېنرى پادىشاھى تەسۋىرلەپ «ئۇ ئۇرۇش، كۆلىمى كىچىك، ئۇ ئويۇن مۇسابىقىسى، ئەمما زىيادە ياۋايى.» دېگەن.
ھەربىر مەيدان مۇسابىقە 50 مىنۇت، ئىككى تەرەپتە 27 دىن ئادەم بار، ھەرقانداق شەكىل (پۇت-قولىنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ) دە توپنى قارشى تەرەپ ۋارتارىغا يەتكۈزۈپ نومۇر ئېلىشقا بولىدۇ. بۇ خىل مۇسابىقىگە ماسلىشىش ئۈچۈن، توپچىلار يىل بويى مەشىق قىلىدۇ. مۇسابىقە جەريانىدا ھېچقانداق دەم ئېلىش ۋاقتى يوق، يەنى توپچىنى نوسۇلكىدا كۆتۈرۈپ مەيداندىن چىقىرۋەتسىمۇ، مۇسابىقە ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ.
مەنبە: ئۇلىنىش تورى
|
|