تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 6298|ئىنكاس: 14

"مىشا" نامى ھەققىدە دەسلەپكى ئىزدىنىش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

9

تېما

2

دوست

1202

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەد
تۆھپە
139
مۇنبەر پۇلى
1020
ئىشەنىچ
139
يوللىغان ۋاقتى 2015-6-23 14:08:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغ

(يەكەن ناھىيە مىشا يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىن)


"مىشا" نامى ھەققىدە دەسلەپكى ئىزدىنىش


  يەكەن شەھىرىنىڭ3 كېلومېتر شىمالىدا "مىشا" ناملىق بىر يېزا بار. يەنە يەكەن ناھىيەسىنىڭ خاڭدى بازىرىدا مىشا مەھەللىسى، پەيزاۋات ناھىيەسىدە مىشا دېگەن بىر يېزا بار.
مىشا نامى توغرىسىدا ئوخشاشمىغان مۇنداق قاراشلار بار؛
1. مىشا دېگەن بۇ نام "مۇشۇ يەر" دېگەندىن كېلىپ چىققان قاراش. بۇ خىل قاراشتىكىلەر تىلىمىزدىكى "مۇشۇ يەر" دېگەن سۆز جانلىق ئېغىز تىلىمىزدا ئۆزگىرىپ، "مىششە، مىششا" بولۇپ قالغان ،ھازىرمۇ مىشا يېزىسىدىكىلەر ئاداتتە "مۇشۇ يەر" دېگەن سۆزنى مىششە دەپ تەلەپپۇز قىلىدۇ" دەپ پاكىت كەلتۈرىدۇ.
2. تىلشۇناس، ئالىم ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى: مىشا دېگەن بۇ نام قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەركىبىگە كىرگۈزۈلگەن مىشەر قەبىلىسىنىڭ نامى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن دەپ قارايدۇ.
3. دىيارىمىزدىن يېتىشىپ چىققان ئاتاقلىق يەر-جاي نامى مۇتەخەسسىسى سۇلتان مامۇت ئىبراھىم ئەپەندى: بۇ نام قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى "تېرە خالتا" مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان "مىشە" دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ دەپ قارايدۇ.
4. "يەكەن ناھىيەسىنىڭ يەرناملىرى خەرىتىلىك تەزكىرىسى"دە: بۇنىڭدىن 700 يىل بۇرۇن بۇ يۇرتقا بەگ بولغان مىرزىشاھ دېگەن كىشى بىر ئۆستەڭ چاپتۇرغان بولۇپ، ئۆستەڭ نامى شۇ كىشىنىڭ نامىدا ئاتالغان. كېيىن بارا بارا بۇ نام جانلىق ئېغىز تىلىمىزدا ئۆزگىرىپ "مىرشاھ، مىرشا، مىشا" دەپ تەلەپپۇز قىلغان دەپ قارايدۇ.
ئەمدى 1-قاراشقا كەلسەك: بۇنى پۈتۈنلەي خەلقنىڭ ئاغزاكىي تىل ئادىتىكى بىر پەرەز دېيىشكە بولىدۇ.
  2-قاراشنىڭ تارىخىي ئاساسىنى ھازىرچە دەلىللەيدىغان ھېچقانداق يازما پاكىتقا ئىگە ئەمەسمىز.
4-قاراشقا نېسبەتەن گۇمانلىق ۋە زىددىيەتلىك نۇقتىلار بىر قەدەر كۆپ. يەنى، 700 يىل بۇرۇن مىشا ئۆستىڭىنىڭ قېزىلغانلىقى توغرىسىدا يازما پاكىت يوق، پەقەت خەلقنىڭ ئاغزىدىكى رىۋايەتكىلا تايىنىلغان. يەنە كېلىپ مىشا يېزىس بىلەن خاڭدى بازىرىدىكى مىشا مەھەللىسىنىڭ ئارىلىقى65 كېلومېتىر، بۇ جايدىن پەيزاۋات ناھىيەسىدىكى مىشا يېزىسىغا تەخمىنەن 100 كىلومېتر ئارىلىق بار. خاڭدى بازىرىدىكى مىشا مەھەللىسى توغرىسىدا"يەكەن ناھىيەسىنىڭ  يەر-جاي ناملىرى خەرىتىلىك تەزكىرىسى" دە: "بۇ كەنتكە مىشا يېزىسىدىن كۆچۈپ كەلگەن بىر قانچە ئائىلىلىك ئولتۇراقلاشقانلىقتىن، يۇرت نامى مىشا مەھەللىسى دەپ ئاتىلىپ قالغان" دەپ چۈشەندۈرۈلگەن.  بۇ ئۈچ يۇرتنىڭ ئارىلىقى نىسبەتەن يىراق، يەر-سۇلىرى جەھەتتىن ھېچقانداق ئورتاقلىققا ئىگە بولمىغان ئۈچ جايدىكى "مىشا" نامىنىڭ ھەممىسىنىلا "مىرزىشاھ" دېگەن كىشى ئىسمىغا باغلاش ئەقىلگە سېغمايدۇ. يەنى، مىرزىشاھ دېگەن كىشى ھەممىلا يۇرتقا ئۆستەڭ قېزىپ بەرمىگەن، ھەممىسىگە ئۆزىنىڭ ئىسمىنى قويۇۋالمىغان بولغىيدى؟!
  مېنىڭچە 3- قاراش ئەقىلگە مۇۋاپىق، يەنى مىشا دېگەن نام "تېرە خالتا" مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان "مىشە" نىڭ ئاھاڭ ئۆزگىرىشىدىن كەلگەن بولۇپ، "تېرە خالتا تىككۈچىلەر" ياكى "تېرە خالتا تىككۈچىلەرنىڭ يۇرتى" دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
  مىشا يېزىسى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىغا جايلاشقان   قوغۇنچىلار، ياغاچچىلار، كېسىمچى، مۇچچى، تاغارچى، پەكىچى دېگەندەك تۈرلۈك ھۈنەر-كەسپ ناملىرى بىلەن ئاتالغان يۇرت ناملىرىمۇ يۇقۇرىقى قارىشىمىزنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلاشقا مۇئەييەن دەرىجىدە ياردەم بېرەلەيدۇ.

0

تېما

0

دوست

48

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
4
مۇنبەر پۇلى
44
ئىشەنىچ
4
يوللىغان ۋاقتى 2015-6-25 00:04:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەتقىقاتىڭىزنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇڭ بۇ ياخشى باشلىنىش بولۇپتۇ.

0

تېما

0

دوست

6

جۇغلانما

يېڭى ئەزا

Rank: 1

تۆھپە
2
مۇنبەر پۇلى
4
ئىشەنىچ
2
يوللىغان ۋاقتى 2015-6-25 17:10:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىڭىز ناھايىتى ياخشى بوپتۇ.

4

تېما

1

دوست

146

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
25
مۇنبەر پۇلى
110
ئىشەنىچ
25
يوللىغان ۋاقتى 2015-6-27 00:10:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى تېما يوللاپسىز، رەخمەت سىزگە.

4

تېما

1

دوست

146

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
25
مۇنبەر پۇلى
110
ئىشەنىچ
25
يوللىغان ۋاقتى 2015-6-27 08:51:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھارمىغايسىز،مۇشۇنداق تېمىلارنى،يەنە يوللاپ تۇرغايسىز.رەخمەت

1

تېما

2

دوست

1445

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
111111
تۆھپە
425
مۇنبەر پۇلى
1023
ئىشەنىچ
425
يوللىغان ۋاقتى 2015-6-28 19:41:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھەقتە مېڭ ئارتۇقچە  مەسلھەت  بېرېشېمنڭ ئۇرنى يۇق بېراق  مشا دېگەن نامنڭ  كېلېپ چېقېشى مۇ شۇ يەر بۇلېدۇ دېيېلگەن ..  تۇغارا مۇشۇ يەرنڭ  مشا دېگەن نامېنڭ زادى مۇشۇ يەر دېگەن تۇغرا ئۇمۇ بېر ناھام .ئاتالغۇ مۇشۇ يەرنېڭ مشا بۇلۇپ، قېلېشنڭ ئاساسى بۇلېشى مۇمكۇن  مېشا  دېگەن سۇز ....  مۇشۇ  يەر بۇلېدۇ .. دېسەكمۇ بۇلېدۇ  مۇشۇ يەر . دېگەن سۇزنڭ .مۇشۇ يەر .دېگەنېڭمۇ  بېر ئاتالغاسى بۇلېشى مۇمۇكۇن بۇ ھەقتە يەنېمۇ ئېزدەنسېڭگز؟ تەنھا

12

تېما

3

دوست

1592

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
741
مۇنبەر پۇلى
820
ئىشەنىچ
741
يوللىغان ۋاقتى 2015-7-5 12:56:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tana يوللىغان ۋاقتى  2015-6-28 19:41
بۇ ھەقتە مېڭ ئارتۇقچە  مەسلھەت  بېرېشېمنڭ ئۇرنى يۇق بېر ...

قېرندىشىم  تانا  سىزنىڭ كامپىيوتۇرڭىزدا  ى ھەرپى  يوقمۇ  ياكى  سىز ې  ھەرپگە ئامىراقمۇ؟...

0

تېما

0

دوست

18

جۇغلانما

يېڭى ئەزا

Rank: 1

تۆھپە
4
مۇنبەر پۇلى
14
ئىشەنىچ
4
يوللىغان ۋاقتى 2015-7-6 12:23:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىشا--- «مەنشا»نىڭ ئۆزگەرگەن شەكلى بولۇپ ، «يېڭىدىن بەرپا قىلىنغان يۇرت»دېگەن مەنىنى بىلدۇرىدۇ.
بۇ بىر قانچە يۇرتلاردىكى ئوخشاش ئىسىمنىڭ مەۋجۇتلىقىغا ئۇيغۇن كىلىدۇ.
ئۇنىڭ ئۇستىگە تېرە خالتا تىكىش كەسپى ئۇچىۋالا ئومۇملاشقان كەسىپ ئەمەس.

17

تېما

8

دوست

1609

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
تۇرۋاتقان يىرىم سانجى شەھرى داشىچۈبازىرى
تۆھپە
346
مۇنبەر پۇلى
1242
ئىشەنىچ
346
يوللىغان ۋاقتى 2015-7-6 14:48:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە ئىجادىيتىڭىز ئۇتۇقلاريار بولسۇن.

12

تېما

3

دوست

2768

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
542
مۇنبەر پۇلى
2198
ئىشەنىچ
542
يوللىغان ۋاقتى 2015-7-6 23:41:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
فونتان يوللىغان ۋاقتى  2015-7-6 14:48
رەھمەت سىزگە ئىجادىيتىڭىز ئۇتۇقلاريار بولسۇن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى 

GMT+8, 2016-8-12 01:11, Processed in 0.138883 second(s), 33 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش