تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
ئىگىسى: ئەلتۇغ

"مىشا" نامى ھەققىدە دەسلەپكى ئىزدىنىش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

1

دوست

1262

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
باتۇر تۇرسۇن
تۆھپە
385
مۇنبەر پۇلى
868
ئىشەنىچ
385
يوللىغان ۋاقتى 2015-7-7 01:42:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-7-7 02:02  

مېنىڭچە 1-قاراشنىڭ ئاساسىي بار.
    مەن 1993-يىلى 11-ئايدىن 1994-يىل 1-ئايغىچە مىشا يېزىلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى باشقۇرۇش پونكىتى(ئەينى چاغدا تىراكتۇرزەن ئاتىلاتتىكەن)دە پىراكتىكا قىلىش جەريانىدا، مىشا يېزىسىنىڭ نۇرغۇن كەنتلىرىگە بارغان. شۇ ۋاقىتتا مەن مىشا يېزىسىنىڭ ئىسمىنىڭ قويۇلىشى توغرۇلۇق خېلى ئىزدىنىپ، شۇ يېزىدىكى نۇرغۇن پىشقەدەملەردىن مىشا ئىسمىنىڭ قۇيۇلۇشى توغرۇلۇق ئەھۋال ئىگىلىگەن. كۆپلىگەن پىشقەدەملەر مىشا نامىنىڭ قۇيۇلۇشىنىڭ مۇشۇ يەر (ئېغىز تىلىدا مىشە دىيىلىدۇ.) دېگەن ئىسىمنىڭ ئۆزگىرىشىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى ئېيتقان ھەمدە بىر قانچە مۇشۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك رىۋايەت تۈسىنى ئالغان ھېكايىلەرنى ئېيتىپ بەرگەن ئىدى. ئارىدىن 20 يىلدىن ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتۈپ كەتكەچكە خاتىرە يازغان دەپتىرىمنى تاپالمىدىم.

   مەن گەپنى ئوچۇق قىلىدىغان ئادەم. ئالدى بىلەن سىزدىن كەچۈرۈم سورىۋالاي، گەپلىرىم ئېغىر كەتسە رەنجىمىگەيسىز.
  سىزنىڭ تارىخ تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىۋاتقانلىقىڭىزغا ئاپىرىن ئوقۇيمەن. ھەمدە كېيىنكى ئىزدىنىشلىرىڭىزگە تېخىمۇ زور ئۇتۇقلارنى تىلەيمەن.
سىزنىڭ 3- قاراشنى تاللىشىڭىزدىن «گاچا بولسىمۇ باينىڭ بالىسى سۆزلىسۇن!)، «داڭلىق شەخس نېمىلا دېمىسۇن، دېگىنىنىڭ ھەممىسى توغرا» دېگەندەك مەنا چىقىپ تۇرۇپتۇ. بۇ بىر تارىخ ھەققىدە ئىزدەنگۈچىنىڭ ئەخلاقىغا مۇناسىپ كەلمەيدىغان بىر ئىش.
چۈنكى تارىخنى قانداقتۇ بىر مۇتەخەسىس ياكى ئالىم ياراتمايدۇ. بەلكى خەلق ئاممىسىنىڭ ئەمەلىي تۇرمۇشىدا يۈز بەرگەن ھەقىقىي جەريان يارىتىدۇ. گەرچە سۇلتان مامۇت ئىبراھىم ئاكىمىز «تېرە خالتا» مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى «مىشە» دېگەن سۆزىگىلا تايىنىپ «مىشا» نامىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا باھا بەرگەن بولسىمۇ بۇنى راستقا چىقىرىشىمىزنىڭ قىلچە ئاساسى يوق. يەكەن دىيارىغا ئائىت نۇرغۇن تارىخى ماتىرياللاردا  «تېرە خالتا» ۋە «تېرە خالتا تىككۈچىلەر يۇرتى» دېگەن توغرۇلۇق ھېچقانداق بايان يوق. قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدىكى ئوخشاش مەنانى بىلدۈرىدىغان بىر سۆزنى تۇتۇۋېلىپلا شۇ يۇرت نامىنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخىنى بۇنداق ئاددىيلا يەكۈنلىۋەتسەك بولمايدۇ.
  يەنىمۇ كۆپ گەپ قىلىۋەتسەم سىزنى رەنجىتىپ قويغۇدەكمەن. توختاپ قالاي.
لېكىن سىزدىن ئۈمىدىم: سىز دەل مىشا يېزىسىدا خىزمەت قىلىدىكەنسىز. ۋاقتىڭىز چىقسا كەنتلەرنى ئارىلاپ يېشى 70تىن ئاشقان مويسىپىتلار بىلەن موڭدىشىپ مۇشۇ ھەقتە قايتا ئىزدىنىپ بېقىڭ! مەن ئەينى ۋاقىتتا مۇشۇ ھەقتە ئىزدەنگىنىمدە نۇرغۇن مويسىپىتلار يېشى 65تىن ئېشىپ كەتكەن(بۈگۈن ئۇلار ھاياتمۇ ياكى ۋاپات بولدىمۇ مەن ئېنىق بىلمەيمەن. چۈنكى ئارىدىن 22 يىل ئۆتۈپ كەتتى ئەمەسمۇ.) كىشىلەر ئىدى.
   نۇرغۇن ئاددى كىشىلىرىمىز بار، ئەمما ئۇلارنى ئازراق نام قازىنىۋالغانلار ۋە نوپۇزى بارلار ياراتمايدىغان. ئەمما ئاشۇ ئاددى كىشىلىرىمىز(نۇرغۇنلىرى دېھقان) نۇرغۇن تارىخنى ئەۋلاتمۇ ئەۋلات سۆزلەش(يىزىق ئارقىلىق خاتىرىلەش) ئارقىلىق كېيىنكىلەرگە يەتكۈزىدۇ. بەلكىم مۇشۇ ئىنكاسىمنى كۆرگەندىن كېيىن بەزى پىشقەدەملەرنى زىيارەت قىلسىڭىز مىشا نامىنىڭ قويۇلۇشى توغرىسىدىكى ھەقىقىي بايانغا ئېرىشىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن.  
  

1

تېما

1

دوست

1262

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
باتۇر تۇرسۇن
تۆھپە
385
مۇنبەر پۇلى
868
ئىشەنىچ
385
يوللىغان ۋاقتى 2015-7-7 01:55:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-7-7 01:57  

ئويلىنىپ قالىمەن: مەنمۇ نېمىشقا باشقىلارغا ئوخشاش «ياخشى يېزىپسىز» دېگەندەك، يازمىدىكى بايانلارنىڭ توغرا-خاتالىقىغا ھۆكۈم قىلمايلا يېزىلىدىغان خوشامەت ئىنكاسلارنى يازالمايمەن دەپ. بەلكىم كاللامنىڭ مەلۇم ھۈجەيرىسى زىيادە ئىشلەپ كەتسە كېرەك.

9

تېما

2

دوست

1202

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەد
تۆھپە
139
مۇنبەر پۇلى
1020
ئىشەنىچ
139
يوللىغان ۋاقتى 2015-7-7 17:01:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى 

GMT+8, 2016-8-12 07:23, Processed in 0.129148 second(s), 24 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش