كەچۈرۈم سوراشقا دەسمىي كەتمەيدۇ
ئالىم ياسىن ئارمانى ئارمان بىلەن ئارسىلان ئاكا-ئۇكىلاردىن بولۇپ،بىر كۈنى تۇيۇقسىز ئاكسىنىڭ تارتمىسى ئۇستىگە قويۇپ قويغان 20يۇەن پۇلى يۇقاپ كېتىپتۇ.ئۇ ئېنىسىدىن گۇمانلىنىپ ئۇنى پۇلنى قايتۇرۇپ بېرىشكە قىستاپتۇ،بىراق ئىنىسى پۇلنى ئالمىغانلىقىنى،باشقا جايلارنى ئىزلەپ بېقىشنى ئېيىتقان بولسىمۇ لېكىن ئاكىسى جاھىللىق بىلەن سۆزىدە چىڭ تۇرىۋېرىپتۇ.بۇ ئىش ئىنىسىنى بەك بىئارام قىپتۇ.ئاكسىغا تۇتقان پوزىتسىيەسىمۇ ئۆزگىرىپ،ئانچە ياقتۇرمايدىغان بولۇشقا باشلاپتۇ.بىر كۈنى تاسىدىبىي پۇرسەتتە ئاكىسىنىڭ ھېلىقى 20يۇەن پۇلى ئۆزىنىڭ بىر كىتاۋى ئارىسىدىن چىقىپتۇ،بۇنىڭ بىلەن ئاكىسى ناھايىتى خىجىل بوپتۇ ھەمدە ئۇكىسىدىن كەچۈرۈم سورىماقچى بوپتۇ،لېكىن نېمىشقىكىن ئۇكىسىدىن كەچۈرۈم سورىسا بولمايدىغاندەك كەچۈرۈم سورىماپتۇ.بىر كۈنى ئۇكىسى ئاكىسىنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلەۋاتقان پۇرسىتىدە بىر ئىستىكان چاي دەملەپ،تۇيدۇرماستىن شىرەسى ئۇستىگە قويۇپ قايتىپتۇ.ئەتىسى سىرىتتىن بىر چىنە دوغ ئىچىپ بولۇپ،يەنە ئاكىسىنى ئويلاپ بىر چىنە سېتىۋېلىپ،ئاكىسىغا ئەككىرىپ] بىرىپتۇ.بۇ ئىشلاردىن ئاكىسى ناھيىتى خىجىللىق ھېس قىپتۇ-دە،ئۆتكەن قېتىملىق ئورۈنسىز گۇمانلىرىنى كەچۈرىۋىتىشنى ئۆتۈنۈپتۇ،بۇنىڭ بىلەن ئۇكىسىنىڭ تېخىمۇ كۆڭلى يورۈپ،ئاكىسىغا بولغان ئامراقلىقى قايتىدىن كۈچىيىپتۇ. ھاياتلىقتا ياشاۋاتقان ھەر بىر كىشى ئارىسىدا ياكى ئۇنداق ياكى مۇنداق تاسادىبىيلىقلار بولۇپ تۇرىدۇ.بىردەملىك ھاماقەتلىك تۇپەيلىدىن باشقىلارنىڭ دىلىغا ئازار بىرىپ قويۇشتىن،باشقىلارنىڭ مەنپەتىگە زىيان سېلىشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ.بىلىپ-بىلمەي باشقىلارنىڭ پۇتىغا دەسسىۋېلىشىمىز،باشقىلارغا سۇۋۇنۇپ قېلىشىمىز،باشقىلارنىڭ ئىززىتىگە تىگىپ قويىشىمىز مۇمكېن.بۇنداق چاغدا بىز باشقىلارنىڭ ھەرقانداق ئېنكاسىنى توغرا چۈشىنىپ،ئۇلارغا سەمىمىيلىك بىلەن جاۋاپ قايتۇرشىمىز،ھۆرمەت بىلدۈرشىمىز،ئەپۇ سورىشىمىز كېرەك.ئۆزىمىزنىڭ ئالى جاناپلىقىنى پەش قىلىپ،يۇزىمىزنىڭ چۈشۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ كەچۈرۈم سوراشتىن ۋاز كېچىش بىزنى مەغلۇبىيەتكە باشلايدۇ.ھاياتلىقتا يەنە بىزمۇ باشقىلارنىڭ بىلىپ-بىلمەي ئازار بىرىشىگە ئۇچراو قېلىشىمىز مۇمكىن،شۇڭا بىزمۇ باشقىلارنىڭ كەچۈرۈم سورىغىنىنى سەمىمىي قوبۇل قىلىشىمىز،چۈشىنىشىمىز،ئەپۇ قىلىشىمىز،كەچۈرۋىتىشىمىز،ئۆزەمنىڭ توغرا دەپ تۇرىۋالماسلىقىمىز،كۆرەڭلىمەسلىگىمىز،ئاداۋەت ساقلاپ يۈرىۋەرمەسلىگىمىز كېرەك.«بۈرۈن تاغ چۆگلىسە ھازىر باغ چۆگلەيدىغان بولۇپ قالدى،كۆرۈنگەن تاغ يىراق ئەمەس،سىزگىمۇ كېلۇر»دىگەندەك،بىز باشقىلارغا مۇز بولۇپ قېتىۋالساق،ۋاختى كەلگەندە باشقىلارمۇ بىزگە تاش بولۇپ قېتىۋېلىشى مۇمكېن.شۇڭا باشقىلار بىلەن ئىناق،ئىتتىپاق ئۆتەي دەيدىكەنسىز ياكى كۆڭلۇم ئازادە خوشال بولسۇن دەيدىكەنسىز چوقۇم باشقىلارنىمۇ كەچۈرۋىتىشنى ئۈگىنىۋېلىڭ.ئەپۇ سوراش-باھار يامغۇرىغا ئوخشاش كۆڭۈللەرگە قېتىپ كەتكەن مۇز قاتلاملىرىنى ئېرىتىپ،يېشىللىققا پۇركەيدۇ،ئۇ يەنە مەيىن شامالغا ئوخشاش سىزگە ئىللىقلىق ئاتا قىلىدۇ،قاراڭغۇلاشقان دىلىڭىزنى يورىتىدۇ.ئۆزگىنى چۈشىنىشىڭىزگە يېڭى يول ئاچىدۇ. قىسقىسى-سىز ئازراق سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەندە ئەپۇ قىلىڭ،كەچۈرۈم سوراڭ.ئەپۇ سوراشقا،كەچۈرۈم سوراشقا دەسمىي كەتمەيدۇ.
|