- تىزىملاتقان
- 2014-10-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-7-30
- ھوقۇقى
- 70
- جۇغلانما
- 2918
- نادىر
- 0
- يازما
- 495
 
- 真实姓名
- مەخەت ئابدۇرىھىم
- تۆھپە
- 970
- مۇنبەر پۇلى
- 1850
- ئىشەنىچ
- 970
| قۇربان ھېيت ھارپىسىدا نومۇسسىز تىلەمچىلەر ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا خۇددى يامغۇردىن كېيىنكى بامبۇك نوتىلىرىدەك قاپلاپ كەتتى.دوقۇمۇش-دوقۇمۇشلاردا،يەر ئاستى ئۆتۈشۈش يوللىرىنىڭ ئېغىزلىرىدا،پىيادىلەر ئېقىمى زىچ بولغان ئازاتلىق يولى،غالىبىيەت يولى،يەنئەن يوللىرىنىڭ ئىككى قاسنىغىدىكى دۇكان ئالدىلىرىدا دۇكان ئېچىشىپ ئولتۇرشىدۇ.ئادەمنى ھەممىدىن بىئارام قىلىدىغىنى ھەممىسى دېگۈدەك بىر-ئىككىدىن كىچىك بالىنى سودىسىنىڭ دەسمىسى قىلىۋالغان،تىلەمچىلەر بارغانسېرى ياشلىشىپ،كىيىنىشلىرى مودىلىشىپ كېتىپ بارىدۇ.دىققەت قىلسام 20ياش ئۆپچۆرىسىدىكى بوي بەستى خېلى كېلىشكەن،بەش ئەزاسى ساغلام قىز-چوكانلار،ياغلىق بىلەن يۈزىنى ئورىۋېلىپلا كوچىغا چىقىۋاپتۇ،ئاڭلىماققا توختىماي يىغلاۋاتقاندەك ئاۋاز چىقىرىپ،ئۆتكەن-كەچكەنلەرنى تەسىرلەندۈرۈشكە ئۇرىنىدىكەن،ئاڭلىسام بۇ خىل ئاۋازنى خۇددى ناخشا مەشق قىلغاندەك توختىماي نەچچە كۈن مەشق قىلغاندا ئاندىن يىغلاپ تۇرۇپ سۆزلەش ھالىتىنى شەكىللەندۈرگىلى بولىدىكەن.بىرسىنىڭ دەپ بېرىشىچە،بۇلار كۈنبويى شۇنداق يالغان يىغلاپ سۆزلەپ كۆنۈپ قالغاچقا،ئادەتتىمۇ شۇنداق سۆزلەيدىغان بوپقالىدىكەن.بۇ 《بىچارە》لەرنىڭ ئالدىدا بىر بوۋاقلار ھارۋىسى بولۇپ،ئۇنىڭ ئىچىگە كىچىگە نەچچە ئايلىق بولغان،چوڭىمۇ 2-3ياشلىق،كاج تەلەي بىچارە بالىلار ياتقۇزۇلغان بولۇپ،خەقنىڭ ئىچىنى ئاغرىتىش ئۈچۈن،ئۇ بالىلارنىڭ باشلىرى،قورساقلىرى ئاق داكىدا ئورالغان،يۈز-كۆزلىرى قارىغۇسىز مەينەت،قورساقلىىرى ئاچ،تومۇز ئاپتاپتا،قەھرىتان سوغۇقتا،ئوخشاشلا يەنە شۇ بىچارە بالىلار.......شۇنداق،بىز ئەتراپىمىزدىكى نائىنساپلارنىڭ بالىلىرمىزدىن پايدىلنىپ ھارام پۇل تېپىۋاتقانلىغىنى،بالىلارنىڭ گۈزەل چاغلىرىنى نابۇت قىلىۋاتقانلىغىنى كۆرۈپ تۇرىۋاتىمىز،مۇشۇ پەسكەش،نادان،قارا ئۆپكىلەرنى قاچان يۇغۇشتۇرۇپ تۈگىتەرمىز............................... |
|