تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 7447|ئىنكاس: 14

مۇھەببەتنىڭ چىگراسى يوق(پوۋسىت)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

22

تېما

8

دوست

1999

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
تاھىرجان
تۆھپە
295
مۇنبەر پۇلى
1584
ئىشەنىچ
295
يوللىغان ۋاقتى 2015-4-28 13:34:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەببەتنىڭ چىگراسى يوق
(پوۋسىت)
33332.jpg


   ھەش-پەش دېگۈچە ئۆمرۈمنىڭ 16باھار،16 ياز،16 كۈز،16 قىشىنى بېسىپ تۈگۈتۈپ بوپتىمەن، كۈنلەر نېمە دېگەن تىز ئۆتكەن ھە،تېخى تۆنۈگۈنلا ئېغى يوق ئىشتان كىيىپ،تال چىۋىقنى ئات قىلىپ ئويناپ،باشقىلارنىڭ باغلىرىدىن غورا ئوغۇرلاپ يەپ يۈرگەن كىچىك بالا ئىدىم،مانا ئەمدىلىكتە ئېڭىكىمگە سېرىق تۈكلەر چىقىپ ،ياشلىق باھارىغا قەدەم قويۇش ئالدىدا تۇرۇپتىمەن.باشلانغۇچ مەكتەپتە خېلى ،خېلى ئوقۇتقۇچىلار بېلەن گەپ تالىشىپ ،دەرىس ئاڭلايدىغان ئەلاچى ئوقۇغۇچى ئىدىم،ھەتتا باشقا ساۋاقداشلىرىم كاللامنىڭ ئىشلىگەنلىكىگە قاراپ،ماڭا-خۇالوگىڭ-دەپ لەقەم قويۇپ قويغان ئېدى.لېكىن نېمە سەۋەبتىنكىن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە چىقىپلا ،ماڭا دەرىسلەر ئېغىر كېلىپ،ئۆگۈنۈش خوش ياقمايدىغان بولۇپ قېلىپ ،نەتىجەممۇ تۆۋەنلەپ كەتتى،مەكتەپكە بېرىشقا خوش ياقمايدىغان ،ئوقۇشۇمنىڭ بالدۇرراق پۈتىشىنى تىلەيدىغان بولۇپ قالدىم.
مانا ئەمدىلىكتە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرىدىغان ۋاقتىمدا ،ئۆرلەپ ئوقۇش ياكى ئوقۇشتىن توختاش توغرىىسىدا ئۆيدىكىلەرنىڭ ئارىسىدا ئىختىلاپ تۇغۇلۇپ،ئانام -ئوقۇسۇن،بېلىم ئالسۇن،بېلىملىك ئادەم بولسۇن دېسە،دادام-ئوقۇپ نېمە قىلىدۇ يا خىزمەت بولمىسا،ئاكىسىنىڭ تىجارىتىگە ياردەملەشسۇن -دەپ جىدەللىشىشكە باشلىدى.ماڭا ئوقۇش خوش ياقماي ئاران تۇرغان ۋاقىتتا دادامنىڭ سۆزلىرى تازا خوش يېقىپ ،بالدۇرراق ئوقۇشتىن توختاش ئۈچۈن ،يۇقىرى ئۆرلەش ئېمتىھانىغىمۇ تىزىملاتماي،ماۋسۇملۇق ئېمتىھان بېرىپلا مەكتەپكە بارمىدىم،ئاكام ئۈرۈمچىدىكى بىر نەچچە چوڭ سودا سارايدا كېيىم كېچەك دۇككىنى ئاچىدىغان بولۇپ،ئۆزى يېتىشەلمىگەچكە باشقىلارنى مۇئاش بېرىپ ياردەملەشتۈرەتتى، شۇڭا ئۇمۇ ئۆيدىكىلەرگە -مۇھەممەتنىڭ بالدۇرراق ئوقۇشى پۈتسە ،كېلىپ ماڭا ياردەملەشسە بولاتتى -دەپ بىر نەچچە قېتىم تېلفونمۇ قىلىپ بولغان ئىدى.

-بالام،كاجلىق قىلىپ،مېنىڭ سۆزۈمنى ئازراقمۇ ئاڭلاپ قويمۇدۇڭ،بېلىملىك كىشى نەدە،بېلىمسىز كىشى نەدە،ئەسلىدە ئوقۇساڭ بولاتتى،ئاكاڭ ھازىر سەندەك بىكالىق ئىشلەمچىگە مۇھتاج بولغاچقا،سېنىڭ ئوقۇماسلىقىڭنى خالايدۇ، داداڭ بولسا قارا تۈرۈك ئادەم ئۇقۇغاننىڭ پايدىسىنى بىلمەيدۇ،بىراق سەن تولۇقسىزغىچە بولسىمۇ ئوقۇدۇڭ،ھېچ بولمىسا نېمىنىڭ قارا ،نېمىنىڭ ئاق ئىكەنلىكىنى بىلگۈچىلىكىڭ بار ،مۇشۇنداق تۇرۇپ ئوقۇشقا ئۇنمايۋاتىسەن ،ئۇقۇساڭ ئۆزۈڭنىڭ كەلگۈسىىڭ يورۇق،ئىستىقبالىڭ پارلاق بولاتتى،خەيىر ئەمدى سەنمۇ 16 ياشقا كىرىپ قالدىڭ ،ئوقۇمايمەن دېسەڭ،زورلاپ ئوقۇتساممۇ پايدىسى يوق،ئادەم دېگەندە ئېرادە،جاسارەت بولمىسا بېلىم ئالغىلى بولمايدۇ،بوپتۇ،مەن داداڭ ئىككىڭلارغا باش ئەگكەنمۇ بولاي، مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە سېنى ئۈرۈمچىگە يولغا سېلىپ قويايلى ،ئۆزۈڭ ئالدىراپ كەتكەنلەرنى كۆرۈپ ،تويۇپ باق،ھازىر ئوقۇتۇپ قويىلى دېسەك ئۇنىمىغانغا كېيىن،پۇشايمان قىلىىدىغان ۋاختىڭمۇ كېلىپ قالار،ئۇ چاغدا بىزدىن ئەمەس،ئۆزۈڭدىن ئاغرىنىپ ئۆتەرسەن-ئالاقزادە بولۇپ ئىچىم پۇشۇپ ئولتۇرغان چېغىمدا ئانامنىڭ كىرىپ ئېيىتقان بۇ سۆزلىرى ماڭا ياغدەك خوش ياقتى،ئەمدى مېنىڭ يولۇمنى توسۇپ تۇرغان ئاخىرقى توسالغىمۇ غايىپ بولۇپ ،ئاناممۇ مېنىڭ ئاكامنىڭ يېنىغا بېرىشىمغا قوشۇلغان ئېدى.
-رەھمەت ئانا ،رەھمەت،جېنىم ئانام مېنىڭ-خۇشاللىقىمدا ئانامنى چوكۇلداپ سۆيۈپ كەتتىم.

-چوپچوڭ بولۇپ قالغاندا نېمە قىلىق بۇ بالام،بولدى قىل سەت تۇرىدۇ-دېدى ئانام بايىقى رەنجىشلىرى ئاللىقاياقلارغىدۇر غايىپ بولۇپ ،ماڭا قاراپ كۈلۈپ-يات شەھەرگە كېتىۋاتىسەن بالام،ئەمدى كىچىك بالىدەك خۇيۇڭنى تاشلا،ئاكاڭنىڭ گېپىنى ئاڭلا،ئەدەپلىك ،ئەخلاقلىق بول،خېرىدارلارغا سىلىق بول،كونىلاردا بولمىساڭ ئىللىق چىراي ئاچمىغىن دۇككان ساراي دىگەن گەپ بار،خېرىدارغا سىلىق بولساڭ سوداڭمۇ روناق تاپىدۇ.

-ھۆرمەتلىك،ئالىيجاناب ئانام جانابلىرى ،دىگەنلىرىنى چوقۇم بەجا كەلتۈرگەيمەن-دېدىم مەن كىنايە بېلەن ئانامغا قاراپ ئېگىلىپ تازىم قىلىپ-قانداق ئوغۇللىرى ئەدەپلىكمىكەن.

-ۋوھا ھا ھا........-ئانام مېنىڭ قىلىقلىرىمدىن قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتكەندىن كېيىن ،مېنىڭ چاچلىرىمنى سىلاپ كۆزىگە ياش ئالدى،ئۇ ماڭا قىيمايۋاتقاندەك قىلاتتى.

-بولدى يىغلىمغىنە ئانا،نېمىگە يىغلايسەن ،مەن يا كەلمەيدىغان يەرگە كەتمىسەم،مەن ئۈرۈمچىگە چىققاندىن كېيىن ،جىق پۇل تېپىپ،دادام ئىككىڭلارنىمۇ ئۈرۈمچىگە ئېلىپ چىقىپ كېتىمەن،خاتىرجەم بولە-دېدىم مەن ئانامنىڭ كۆزلىرىدىكى ياشنى ئېيتىپ تۇرۇپ.

-ۋاي،كۆڭلۈمنى چۈشىنىدىغان بالام،رەھمەت مىڭ مەرتىۋە رەھمەت،مۇشۇ سۆزلىرىڭنىڭ ئۆزى بىزگە يېتىپ ئاشىدۇ،سىلەر ياخشى ياشىساڭلىلار بىزگە شۇنىڭ ئۆزى كۇپايە-سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ ئانامنىڭ يۈزىگە كۈلكە يۈگۈردى.

ئانام ماڭا بىر مۇنچە گەپلەرنى تاپىلاپ بولۇپ ماڭا قىيماي يېنىمدىن چىقىپ كەتتى.بۈگۈن كۆزۈمگە ھېچ ئۇيقۇ كېلىدىغاندەك ئەمەس ئېدى.

ئاكامنىڭ بۇرۇن كەلگەن چاغلىرىدا دەپ بەرگەن ئۈرۈمچى توغرىسىدىكى سۆزلىرى يادىمغا كېلىۋېلىپ ،بالدۇرراق ئۇ شەھەرنى بالدۇرراق كۆرۈشكە ئالدىرىدىم.مەن ئۈچۈن مۇشۇ ۋاقىتلاردا بىر مىنۇت بىر سائەتتىنمۇ تەستە ئۆتكەندەك بىلىنمەكتە ئېدى.

ئاخىرى تەشنالىق ئىچىدە ئۈچ كۈننى ئۆتكۈزدۈم،دادام مۇشۇ كۈنى مېنى شەھەرگە ئەكىرىپ ئۈرۈمچىنىڭ ماشىنىسغا سېلىپ قويماقچى بولغان ئېدى.دادام ئىكككىمىز مېنىڭ يۈك تاقلىرىم قاچىلانغان چامىداننى ئۈچ چاقلىق توكلۇق ھارۋىغا كىرا قىلىپ،شەھەرگە ئەكىرگەندىن كېيىن،ئۈرۈمچىنىڭ ماشىنىلىرى ئۆتىدىغان بىر دوقمۇشتا ئولتۇردۇق،دادامنىڭ ئېيتىشىچە ،مۇشۇ دوقمۇشتا ئولتۇرساق،بېكەتتىن ئورۇن توشماي كەلگەن ماشىنىلارغا ئەرزان كىرا بېلەنلا چىقىۋالاليدىكەنمەن.

-دادا ،ناۋادا ئۇ ماشنىلار بېكەتتىلا توشۇپ بولسا قانداق قىلمىز-دېدىم مەن ماشىنىنىڭ تولۇق كېلىپ قېلىپ بۈگۈنمۇ يولغا چىقالماي قېلشىمدىن ئەنسىرەپ.

-خاتىرجەم بول بالام،ماشىنا بېكەتتتە توشۇپ كېتىشىى مۇمكىن ئەمەس،ئالدىرماي تۇر-دېدى دادام كۆڭلۈمنى جايىغا چۈشۈرۈپ.لېكىن مەن يەنىلا ئەندىشە قىلمەقتە ئىدىم.ئارىدىن 2 سائەتتەك ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن،ئۈرۈمچى دەپ خەت يېزىلغان چوڭ بىر ماشىنا بىز تەرەپكە قاراپ كەلدى،دادام قوللىرىنى سوزۇپ ماشىنىنى توستى.ماشىنا يېنىمىزغا كېلىپ توختىدى.دادام تالىشىپ يۈرۈپ ،ئەسلىدە بېكەتتە 350 كويلۇق ئورۇننى 200 كويغا دېيىشىپ مېنى ماشنىغا چىقاردى.

-ئاللاھقا ئامانەت بالام،ئۆزۈڭنى ئاسىرا،تاماقنى ۋاقتىدا يە،ئاكاڭنىڭ سۆزىنى ئاڭلا-دادامنىڭ مېنىڭ ماشنىغا چىقىرىپ بولۇپ ،قىلغان گەپلىرىنى ئاڭلىغاچ ئۇنىڭ چىرايىغا سەپسېلىپ،دادام كۆزۈمگە بىر دىنلا قېرىم قالغاندەك كۆرۈنۈپ كەتتى.-نەچچە ۋاقىتنىڭ ياقى نېمىشقا سەپسالمىغاندىمەن،دادام 50 ياشقا كىرمەي تۇرۇپلا نىمانچە قېرىپ كەتكەندۇ؟ئۇ بىزنى باقىمەن دەپ ئاز جاپا تارتىمىدى-دە،مانا ئەمدىلىكتە ،مەنمۇ ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ يۈكىنى يەڭگىللىتەي دېمەي،ئۈرۈمچىگە قېچىۋاتىمەن-شۇلارنى ئويلاپ ئۆزۈمنىڭ شەخسىيەتچىلىكىمگە ئازراق ئاچچىقىم كەلدى.-بولدىلا ،مەن ئۈرۈمچىگە چىققاندىن كېيىن،ئاكامغا ياردەملىشىپ جىقىراق پۇل تېپىىپ ئاندىن دادام بېلەن ئانامنى يېنىمغا ئەكىلۋېلىپ ،ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرىمەن،شۇنداق قىلسام ئۇلارمۇ بۇ جاپالاردىن قۇتۇلىدۇ-شۇنداق ئويلاپ بايىقى پۇشايمانلىرىمنى ئاللىقاياقلارغىدۇر چۆرىۋېتىپ،ماشىنىنىڭ تېلىۋوزۇرىدا قويۇلىۋاتقان ھېندىستاننىڭ كېنوسىنى بېرىلىپ كۆرۈشكە باشلىدىم.

چوڭ شەھەرنىڭ  قىززىقچىلىقىدا يول ئازابىمۇ كۆزۈمگە كۆرۈنمەيلا ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلدىم.مەن ئۈرۈمچىگە كەلگەندە ئاكام بېكەتنىڭ ئىچىدە مېنى ساقلاپ تۇرغان ئېكەن،ئۇ مېنىڭ چامدىنىمنى كۆتۈرۈپ ،ئۆزى بىلەن بىللە كەلگەن بىر ئاغىنىسىنىڭ ماشىنىسنىڭ كەينىگە سالدى.مەن ماشىنىڭ كەينى ئورۇندۇقىغا چىقىپ ئولتۇردۇم،ئاكام ئاغىنىسنىڭ يېنىغا چىقىپ ئولتۇرۇپ،يول بويى ماڭا شەھەرنىڭ ھەممە يېرىنى تونۇشتۇرۇپ ماڭدى.شىنجاڭ ئۇنېرسىتىىتىنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەندە،مەكتەپنىڭ ئىچىنىڭ ھەقىقەتەن چوڭ ئىكەنلىكىگە سەپ سالدىم.بىز 20 مىنۇتتەك ماڭغاندىن كېيىن،ياشلار باغچىسى تەرەپكە يېتىپ كەلدۇق،ئاكام مېنى ئۆيگە ئەكىرىپ قويغاندىن كېيىن ،
-بۈگۈن ياخشى ئارام ئېلۋال،چارچاپمۇ قالغانسەن،ئەتە،دۇككانغا ئېلىپ چىقاي-دەپ چىقىپ كەتتى.مەن ئۆيدە خاناچام (ئاكامنىڭ ئايالى)بېلەن قالدىم،بۇرۇندىن بىر ئۆيدە تۇرمىغاچقىمۇ ،مەن ئۇنىڭدىن بەكلا ھېيقاتتىم .

-نېمە تاماق يەيسىز،تاماق ئېتىپ بېرەي-دېدى خاناچام ماڭا،بۇ دەدىن كەلدى ئەمدى دېگەندەك ھومۇيۇپ قاراپ.

-بولدى ،قوسۇغۇم توق،يولدا تاماق يەۋەپتىكەنمەن-دېدىم مەن خىجىل بولۇپ.

-ھە بوپتۇ ئەمىسە كەچتە تاماق ئېتىمەن شۇ چاغدا يەسىز-ئۇ شۇنداق دەپ بولۇپ مەن تۇرىدىغان ھوجرىنى كۆرسىتىپ قويۇپ چىقىپ كەتتى. كېچىچە ئاكامنىڭ دۇككىنىنىڭ قانداقلىقىنى ،خېرىدارلارغا قانداق مال سېتىشنى خىيال قىلىپ ئۇيقۇسىز دېگۈدەك تاڭ ئاتقۇزدۇم.

-قوپە،ئۇكام دۇكانغا ماڭىمىز،سائەت 6 يېرىممۇ بولمىغان چاغدا ئاكام مېنى چاقىردى.بۇنداق ئەتىگەندە چىقىدىغانلىقىمىزنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن،شۇڭا بامدات نامزىمنى ئوقۇپ بولۇپ يېتىۋالغان ئېدىم.

-مۇشۇنداق سەھەردە ئاچامدۇق-دېدىم مەن كېيىملىرىمنى كېيىپ جابدۇنۇپ چىققاندىن كېيىن ئاكامغا قاراپ ئەجەبلىنىپ.

-توپ تارقىتىش بازرىدىكى دۇكاننى مۇشۇندا ئەتىگەن ئاچمىساق بولمايدۇ،سەنشىخاڭزىدىكى دۇكانلارنى كېيىنرەك ئاچىمىز-دېدى ئاكام ماڭا چۈشەندۈرۈپ،ئاندىن ھۇجرىسى تەرەپكە قاراپ قويۇپ ماڭا خىجىل بولغاندەك قاراپ قويدى،چۈنكى،خاناچام تېخىچە ئورنىدىن تۇرمىغان ئېدى -ناشتىنى دۇكاندىلا قىلايلى  يۈرە
-ئەسلىدە ماشنىدىن بىرنى ئالاي دېگەن ،لېكىن شوپۇرلۇق كېنىشكەم بولمىغاچقا ،كېنىشكە ئېلىپ بولاپ ئاندىن ئالاي دەپ ئويلۇدۇم.كېنىشكىگىمۇ يول مېڭىپ قويدۇم ئۇزاققا قالماي چىقىدۇ،ئاندىن ماشىنا ئالسام شۇنىڭ بېلەن بېرىپ كېلىمىز-دېدى ئاكام بىز ئاپتۇبۇسقا چىققاندىن كېيىن ،ماڭا چۈشەندۈرۈپ.مەن ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈپ قويدۇم.

يېرىم سائەتتەك يول يۈرگەندىن كېيىن دۇكانغا كەلدۇق.

-بۇ ئاچاڭنىڭ ئىسمى ھەنىپە،بۇندىن كېيىن ئىككىڭلار مۇشۇ دۇككاننى بىللە ئاچىسىلە،ئۇ ساڭا سودا توغرىسىدىكى ھەممە ئىشلارنى ئۈگۈتۈپ قويىدۇ،قانداق گېپىڭ بولسا ئۇنىڭدىن سورىساڭ بولىدۇ-دېدى ئاكام بىز كەلگەن چاغدا دۇككاننى ئېچىپ بولۇپ رەتلەۋاتقان مەندىن 7-8 ياش چوڭ بىر ئاچاشنى كۆرسىتىپ ،قوي كۆزلۈك، قاڭشارلىق،رەڭگى ئاپپاق،چىرايلىق ياغلىق ئارتقان بۇ ئاچاش ماڭا باشقىچە ئىللىق كۆرۈنۈپ كەتتى.

-تېنىچ ئامان كەلدىڭىزمۇ ئۇكام ،بۇ يەرگە كېلىپ ئولتۇرۇڭ-ھەنىپە ئاچام ماڭا بەك ئوڭلۇق سالام قىلغاندىن كېيىن ماڭا ئورۇندۇقنى كۆرسىتىپ بەردى،مەن كېلىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن ئەتراپىمدىكى رەڭگارەڭ چىراقلارنىڭ نۇرىدا جۇلالىنىپ تۇرغان ھەرخىل كېيىم كېچەكلەرگە بىر قۇر سەپ سالدىم.

-ئەمىسە مېنىڭ ئازراق ئىشىم بار ئىدى،دۇكان سىلەرگە قالدى-ئاكام بىردەم ھەنىپە ئاچامغا دۇكان تۈزۈشتۈرشۈپ بەرگەندىن كېيىن سىرىتقا چىقىپ كەتتى.

-ئۇكام چاي ئىچەمسىز-ھەنىپە ئاچام ماڭا شۇنداق ياخشى مۇئامىلە قىلىۋاتاتتى،بىردىنلا خاناچامنىڭ ئاخشامنىڭ ياقى ماڭا قىلغان سوغاق مۇئامىلىرىنى ئېسىمگە ئېلىپ ،ئۇنىڭ بىلەن سېلىشتۇرۇپ ئىككىيلەننىڭ ئىككى دۇنيادەك پەرقى بارلىقىنى ھېس قىلدىم.

ھەنىپە ئاچام ماڭا پۈتۈن ماللارنىڭ باھاسىنى ،چوڭ كىچىك نومۇرى،قويۇلغان ئورنى قاتارلىقلارنى ئەستايىدىل چۈشەندۈرۈپ قويدى،بىز سائەت 4لەر بىلەن دۇكاننى تاقاپ سەنشىخاڭزىدىكى دۇكانغا كېلىپ ئاكامغا ھېساب ئۆتكۈزدۇق،بۇ يەرنىڭ قائىدىسى شۇ بولۇپ،ئەتىگەن سائەت 7دە ھەممە ئادەم دۇكان ئېچىپ بولىدىكەن،چۈشتىن كېيىن 4كە قالمايلا دۇكانلىرىنى تاقاپ بولىدىكەن.

ماڭا دۇكاندىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسى يېڭىلىق بولغاچقا تىجارەتنىڭ ئېپىنى چۈشەنمىكىم تەسكە توختاۋاتاتتى،ئارىدىن بىر ئايغا يېقىن ۋاقىت ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ يەنىلا خېرىدارلارغا گەپ قىلىپ ،چۈشەندۈرۈپ مال سېتىشتىن خىجىل بولىۋاتاتتىم،لېكىن ھەنىپە ئاچام ماڭا،زېرىكمەي،گەپ قىلىشنى ،مال سېتىشنىڭ ئۇسۇللىرىنى ئۆگىتىۋاتاتتى.بەزىدە ئۇنىڭ خېرىدارلارغا قىلىۋاتقان گەپ -سۆزلىرىنى ئاڭلاپ،ئاغزىغا قاراپ ئولتۇرۇپ كېتەتتىم،ئۇنىڭ سۆزلىرى شۇ قەدەر ئىلمىي ھەم يۇمشاق چۈشەندۈرىشى تەپسىلى بولغاچقا،مەيلى توپ ياكى پارچە خېرىدارلارغا بولسۇن مال سېتىش نىسبىتى 90 پىرسەنىتتىن ئاشاتتى.
مەن ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن كېيىن ھەنىپە ئاچام بىلەن ئەڭ يېقىن سىرداشلاردىن بولۇپ قالدىم،قانداق گەپ سۆزۈم بولسا ئۇنىڭغا دەپ،خۇشاللىقىمنىمۇ قايغۇمنىمۇ ئۇنىڭ بېلەن ئورتاقلىشىدىغان بولدۇم،ھەنىپە ئاچاممۇ ماڭا ھارقانداق سىرىنى يوشۇرماي ئېيتىدىغان ،دەرىتلىرىنى تۆكىدىغان بولدى،ئۇ ماڭا ئۆزىنىڭ ئەسلى يۇرتىنىڭ شايار ناھىيەسىدىن ئىكەنلىكىنى،پەيزىۋاتلىق بىر يېگىتى بارلىقىنى ئارلىشىۋاتقانلىقىغا 3 يىلدىن ئاشقانلىقىنى پات يېقىندا تويى بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىپ،مېنى ئۇ يىگىت بىلەن تونۇشتۇرۇپ قويدى.مەن ئۇ ئىككىسىنىڭ بىر-بىرىگە بەك ئامراقلىقىغا قاراپ،بۇرۇن كېنولاردا كۆرىدىغان مۇھەببەت دېگەن مۇشۇنداق بولسا كېرەك دەپ ئويلاپ قالاتتىم،ئۇ ئىككىسىنىڭ ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز قويغاندەك ماسلاشقانلىقىغا قاراپ  ھەۋىسىم كېلەتتى،ئۇلارنىڭ مەڭگۈ ئايرىلماي مۇشۇنداق بەخىتلىك ياشىشىنى تىلەيتتىم.
-ئۇكىڭىزنى يۇرتقا قايتۇرىۋەتسىڭىز بولمامدۇ،نېمىشقا ئۇنى بىزنىڭ ئىشىمىزغا شېرىك قىلغۇڭىز كەپ قالدى،ھازىر بىكارغا ئىشلەپ بەرگەندەك قىلغان بىلەن ،ھېلى تۆت كۈن ئۆت-ئۆتمەي بىزنىڭ يەۋاتقان ئېشىمىزغا شېرىك بولغۇسى كېلىدۇ،مىڭ جاپادا تىكلىگەن ئېگىلىكىمىزگە ئۇنى بۇنداقلا شېرىك قىلىپ قويساق قانداق بولىدۇ-ئەتىگەندە دۇكانغا مېڭىش ئۈچۈن تەييارلىنۋېتىپ خاناچامنىڭ مېنى سۆكۈپ دەۋاتقان سۆزلىرى قۇلقۇمغا كىرىپ قالدى.

-ھەي نېمە دەۋاتىسەن ،ئۇ دېگەن مېنىڭ ئۇكام ،خەق ئەمەس،شېرىك دەيسەنغۇ تېخى،بىلىپ قوي مەن ئىككى موچەن پۇل تاپسام ،بىر موچىنى ئۇنىڭ،دۇنيالىقتىكى بىردىنبىر قېرىندىشىم ئۇ مېنىڭ،ئەڭ ياخشىسى زۇۋانىڭنى يىغىپ يۈر-ئاكامنىڭ خاناچامغا رەدىيە بېرىپ ئېيىتقان گەپلىرى مېنى تەسىرلەندۈرۈم كۆزلۈرۈمگە ياش كەلدى.

-ۋاي غوجام نەدە ئۇنداق ئىش باكەن،ئۇنداقتا مەنچۇ؟ما باللىرمىزچۇ؟ئۇنتۇپ قالمىسا ئىككى باللىرى بار تېخى سىلنىڭ-خاناچام بارغانسىرى ئەزۋەيلەشكە باشلىدى.

-باللىرىم ،مەن بولىدىكەنمەن ،ئاچ قالمايدۇ،سېنىڭمۇ ئۈستبېشىڭ يالىڭاچ قورسىقىڭ ئاچ قالغان يېرى يوقتۇ،مەن گەپنى دەپ بولدۇم،ئاۋال ئېنىم،ئاندىن باللىرىم،بۇندىن كېيىن ،بۇنداق،سۆزلىرىڭنى ئاڭلىغۇم يوق مېنىڭ.

-ئۇنداق بولسا ئۇنى نەگە ئاپارسىڭىز ئاپىرىڭ،مەن ئۇنىڭ خىزمەتكارى ئەمەس ،كىر قاتلىرىنى يۇيۇپ،تامىقىنى ئېتىپ بېتىدىغانغا،مەن ئىككىڭلاغا ئەمەس،سىزگىلا تەگكەن،ئۇنىڭ خىزمىتىنى قىلدىغان يولۇلۇم يوق مېنىڭ.

خاناچامنىڭ شۇ سۆزىدىن كېيىنلا كەينى-كەينىدىن تەگكەن شاپىلاق ئاۋازى ئاڭلاندى.مەن قورىققىنىمدىن ھوجۇرامغا كىرۋالدىم،خاناچامنىڭ ھۆڭۈرەپ يىغلىغان ئاۋازى كىچىككىنە بىنا ئۆينىڭ ئىچىنى لىق ئالدى.مەن بەك خىجىل بولماقتا ئىدىم،مېنىڭ سەۋەبىمدىن ئاكامنىڭ تۇرمۇشۇ بۇزۇلۇپ كېتەرمۇ ؟دەپ ئەنسىرەيتتىم.

-مۇھەممەت يۈرە ئۇكام دۇكانغا ماڭايلى-ئەندىشە ئىچىدە ئولتۇرسام ئاكامنىڭ سىلىققىنە چاقىرغان ئاۋازى ماڭا ئازىراق بولسىمۇ جان بەردى.بېشىمنى تۆۋەن سالغىنىمچە ئاكامنىڭ ئالدىغا چىقتىم.شۇ تاپتا نومۇستىن يەرنىڭ ئاستىغا كىرىپ كەتكۈدەك بولۇپ كېتىۋاتاتتىم.

-ئۇكام ،باياتىنقى جىدەللەرنى ئانام بېلەن دادام ئۇقمىسۇن ،ئۇلار بىلسە سەندىن ئەنسىرەپ قالىدۇ،ئۇلارنىڭمۇ خاپىلىق كۆتۈرگۈچىلىگى يوق،ئۇ گەپلەرنى ئاڭلىمىغان بول،مەن ساڭا ۋەدە بېرەي ،ئەمدى ئۇنداق ئىشلار بولمايدۇ-دېدې ئاكام مېنىڭ چىرايىمغا قاراپ ،ھەممە ئىشنى بىلىپ بولغانلىقىمنى بىلىپ،باياتىنقى ئىشلاردىن كۆڭلۈم يېرىم بولىۋاتقان بولسىمۇ لېكىن،ئاكامنىڭ سۆزلىرى ماڭا قرىنداشلىق مېھرىنىڭ نەقەدەر چوڭقۇر بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۋاتاتتى،ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىم بارغانسىرى ئېشىپ بېرىۋاتاتتى.

-خاتىرجەم بول ئاكا،ھەرگىز دېمەيمەن،رەھمەت ساڭا-مەن ئاكامغا قاراپ تەبەسسۇم قىلدىم،ئاكام بېشىمنى تۇتۇپ بىر قانچىنى سىلكىپ ئاكىلىتىپ قويغاندىن كېيىن بىز دۇكانغا قاراپ يۈرۈپ كەتتۇق.

-ئۇكام نېمە بولدىڭىز،بۈگۈن كۆڭلىڭىز بەك يېرىم كۆرىنىسىزغۇ-دېدى ھەنىپە ئاچام مەن دۇكانغا كەلگەندىن كېيىن چىرايىمدىكى ئۆزگىرىشكە قاراپ مەندىن ئەنسىرگەندەك-بۇنداق جىمىپ كەتسىڭىز مەن سىزدىن ئەنسىرەپ قالىدىكەنمەن.

-ھېچ ئىش بولمىدى ئاچا-مەن شۇنداق دەپ بولۇپلا يىغلاپ كەتتىم.

-ئۇكام نېمە بولدى ،نېمىشقا يىغلايسىز؟قانداق ئىش بولغان بولسا ماڭادەڭ،سىزگە زادى نېمە ئىش بولدى-ھەنىپە ئاچام شۇنداق دەپ كۆزلىرىمدىكى ياشنى بارمىقى بىلەن سۈرتتى،مەن چوپچوڭ ئوغۇل بالا تۇرۇپ يىغلىغانلىقىمدىن خىجىل بولۇپ تېزلا يىغىدىن توختىدىم ھەم  ئۆيدە بولغان ئىشلارنى ئۇنىڭغا سۆزلەپ بەردىم.

-كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ ئۇكام،ئەكبەر ئاكام بىرنەرسە دېمىگەندىكىن ھېچنەرسە بولمايدۇ،ئۇ خوتۇن نېمە دېسە دەۋەرسۇن،ئاكامنىڭ ئۆيى دەپ تۇرۇۋەرمەمسىز،بۇندىن كېيىن كيىملىرىڭىزنى دۇكانغا ئالغاچ كېلىڭە،مەن ئۆيدە يۇيۇپ ئالغاچ چىقىمەن،ئۇ خوتۇنغا يۇيغۇزىدىغان كىر يوق-ھەنىپە ئاچامنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ بىردىنلا كۆڭلۈم يورۇپ قالدى.

-رەھمەت ئاچا،سىز مېنىڭ ئۆز ئاچامدەكلا-دېدىم مەن ئۇنىڭغا قاراپ ئەكىلەپ.

-سىزدىن خاپا بولۇپ قالدىم جۇمۇڭ مۇھەممەت،مەن سىزنى ئۆز ئۇكام دەۋاتسام ،سىز تېخى ئۆز ئاچامدەك دەۋاتامسىز؟-ھەنىپە ئاچام ماڭا يالغاندىن تەرىنى تۈرۈپ قويدى.

-ياق ياق ،ئاچا خاپا بولماڭا،سىز مېنىڭ ئۆز ئاچام،ئۆزەمنىڭ ئاچام-مەن ئۇنىڭغا قاراپ ئەركىلەپ قويدۇم.

-ھە،راس،كەچتە بىزنىڭ ئۆيدە دوسلار ئولتۇرىشى بار ئىدى.سىزمۇ بېرىپ ئولتۇرۇپ كېلىڭ ھە ئۇكام-دېدى ھەنىپە ئاچام، بىز بىردەم چاخچاقلاشقاندىن كېيىن بىر ئىشنى ئېسىگە ئالغاندەك قىلىپ.مەن ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن كېيىن ،تۈزۈكرەك چۆگىلەپ،باشقىلار بىلەن ئارلىشىپ باقمىغاچقا ئىچىم پۇشۇپ ئاران تۇراتتىم،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاكاممۇ،مېنى شەھەر ئايلاندۇرىمەن -دەپ قويۇپ ئالدىراشلىقتا ۋاقتى يەتمەيۋاتاتتى.شۇڭا دەرھاللام ماقۇل دەۋېتەي دەپ بولۇپ،ھەنىپە ئاچامنىڭ دوسلىرىنىڭ ئارىسىغا قىسلىۋالسام قانداق بولار دەپ ئۇلاپ قالدىم.

-قانداق ئولتۇرۇش ئۇ،مەن سىلەرنىڭ ئاراڭلارغا قىستۇرىلىۋالسام قانداق بولار-دېدىم مەن بارغۇم بولسىمۇ،خىجىل بولۇپ.

-ھېچنىمە بولمايدۇ،ئۇكام ئەنۋەر ئاكىڭىزمۇ بارىدۇ(ھەنىپە ئاچامنىڭ لايىقىنىڭ ئىسمى ئەنۋەر ئىدى)يەنە سىزبىلەن تەڭتۇشلارمۇ بار،ئولتۇرۇپ كەلسىڭىز كۆڭلىڭىز ئېچىلىپ قالىدۇ-دېدى ھەنىپە ئاچا مېنى تېخىمۇ قىزىقتۇرۇپ.ئۆزۈمنىڭمۇ بارغۇپ بار بولغاچقا يەنە ئۆزرە ئېيىتمايلا قوشۇلدۇم.كەچتە ھەنىپە ئاچام ،ئەنۋەر ئاكاملار بېلەن خەلىقئارا چوڭ بازارنىڭ ئارقا تەرىپىگە كەلدۇق،بۇ يەردە بىزنى ساقلاپ تۇرغان 20 گە يېقىن يىگىت قىز بار بولۇپ،ئۇلارنىڭ ئاساسەن دېگۈدەك جۈپتى بارلار ئىدى.مەن بىلەن تەڭتۇش دېگىلى بولمىسىمۇ مەندىن 2 -3 ياش پەرىق قىلىدىغان بىر نەچچە قىز بالا بار بولۇپ ئۇلار ھەنىپە ئاچامنىڭ دوسلىرى ئىكەن.بىز 20 نەچچە يىگىت قىز 920.يول دەيدىغان بىر كونا ئاپتۇبۇسقا چىقىپ ھەنىپە ئاچاملارنىڭ ئۆيى تەرەپكە قاراپ ماڭدۇق.ھەنىپە ئاچاملارنىڭ ئۆيى تېلىۋېزىيە ئىستانسىسى تەرەپتە بولۇپ ،ئاتا-ئانىسى بىلەن بىر ئىجارە ئۆيدە تۇرىدىكەن،بىز ئاپتۇبۇستىكى  ھەممە كېشىنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ،15مېنۇت ئەتراپىدا يول يۈرگەندىن كېيىن ،ھەنىپە ئاچاملارنىڭ ئۆيىگە يېتىپ كەلدۇق،بىزگە مەسلىكى كەلگەنلەرمۇ،زاڭلىق قىلغۇچىلارمۇ بولدى،لېكىن ماڭا تولىمۇ يېقىملىق ھەم يېڭىلىقتەك تويۇلۇپ، ئۆزۈمنى روھىم كۆتۈرۈلۈپ قالغاندەك ھېس قىلدىم.

بىز ئۆيگە كەلگەن ۋاقتىمىزدا ھەنىپە ئاچامنىڭ ئاتا-ئانىسى ئون نەچچە خىل قورۇما تەييارلاپ، داستىخان سېلىپ ھەممىنى تەييار قىلىپ قويغان ئىكەن، ئۇلار بىزنى ئەركىنرەك ئولتۇرۇشسۇن دەپ، ئۈرۈمچىدىكى يەنە بىر قىزىنىڭ ئۆيىگە كەتتى. ئۆينىڭ ئىچى بىزنىڭ ۋاراڭ -چۇرۇڭلىرىمىز بىلەن لىق تولدى. مېنىڭ كۆڭلۈم ئۆزۈم بۇرۇن كۆرۈپ كۆرۈپ باقمىغان بۇ سورۇندىن باشقىچە بىر خۇشاللىققا ئېرىشىپ قەلبىم شادلاندى.بىردەم قىزغىن پاراڭلار قىلىشىپ تاماقلار تاتىلىپ بولغاندىن كېيىن،ناخشا مۇزىكىلار قويۇلۇپ،ئۇسۇل تاڭسىلار باشلىنىپ كەتتى.

-ئۇكام قوپۇڭە ئىككىمىز ئوينايلى، ھەنىپە ئاچام مېنىڭ ئالدىمغا كېلىپ ،مېنىڭ تانسىغا تارتتتى،-ياق،ياق،مەن ئوينىيالمايمەن. مەن بۇرۇن تانسا ئويناپ باقمىغان ھەم ئەمەلىيەتتە ئوينالغاننى كۆرۈپ باقمىغاچقا رەت قىلىپ تۇرۋالدىم.
-قوپۇڭە ئۇكام قورىقماڭ ئۆزۈم ئۆگۈتۈپ قويىمەن-ھەنىپە ئاچام مېنى مەجبۇرلاشقا باشلىدى.

-قوپۇڭە،ئوينىىڭە-باشقىلارمۇ ئارقا ئارقىدىن زولاۋەرگەچكە ئاستا ئورنۇمدىن تۇردۇم.قولۇمنى شۇنداق ھەنىپە ئاچامنىڭ مۆرىسىگە قويۇشۇم بىلەن تەڭ ھەممەيلەن قاقاھلاپ كۈلۈپ كېتىشتى.نېمە ئېش بولغىنىنى ئاڭقىرالماي تۆت ئەتراپىمغا قارىدىم.ئەسلىدە مەن بەل تەرەپتىن تۇتماي،ھەنىپە ئاچامنىڭ مۆرىسىدىن تۇتقاچقا ھەممەيلەنگە بەك قىززىق تويۇلۇپ كەتكەن ئېكەن،لېكىن مەندىمۇ نېمە ئامال بار بۇرۇن يا بىرسى ماڭا تانسا ئويناشنى ئۆگۈتۈپ قويمىسا.

كەچ سائەت12 گە يېقىن ئولتۇرۇش ئاياغلىشىپ ،ئۆيگە قايتىپ كەلدىم،بۈگۈن مېنىڭ بۇ شەھەرگە كەلگەندىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق خۇشال بولغان كۈنۈم ئىدى،بۇنداق سورۇندىمۇ تۇنجى قېتىم ئولتۇرۇپ بېقىشىم ئېدى.

-ئەمدى كەلدىڭىزما ،كەلمەي تۇرۇپ ئىش تاپتىم دەڭە،ئاكىڭىز پۇلنى مىڭ بىر جاپادا يىغسا ،سىز خەجلەپ تۈگىتىدىكەنسىزدە نوچى، ،بۇ چاغدا ئۆيگە كەلگۈچە،ئوينىغان يەلىرىڭىزدە تاڭ ئاتقۇزۇپ كەلسىڭىزچۇ؟-خاناچامنىڭ زەھەردەك گەپلىرى يۈرىكىمگە نەشتەردەك سانجىلماقتا ئىدى.

-مەن ئاكامغا دەپ قويغان،بۈگۈن ھەنىپە ئاچاملارنىڭكىدە ئولتۇرۇش باكەن،شۇ يەرگە بارىمەن دەپ،ئاكاممۇ ماقۇل بولغان شۇڭا باردىم،بىر يەردە،پۇل خەجلەپ ئويناپ كەلگىنىم يوق.

-ھە يوغان يەرگە بېرىپلا ،چوڭ يەرگە بارالايدىكەنلا ،ئۆيگە كەممىسلىرى بوممامدا يېرىم كېچىدە ئىشىكنى ئۇرۇپ ئادەمنى بېسەرەمجان قىلغۇچە-خاناچام بارغانسىرى ئەزۋەيلەشكە باشلىدى.ئاكاممۇ تېخىچە ئۆيگە قايتىپ كىرمىگەندەك قىلاتتى.

گەپ سۆز قىلماي ھۇجرامغا كىرىپ يېتىۋالدىم،بايامقى خۇشاللىقلىرىم خاناچامنىڭ ۋالاقلاشلىرى بىلەن ئاللىقاياقلارغىدۇر غايىب بولۇپ كەتكەن ئىدى.

-ئاكا،ماڭا ئۆي ئېجارە ئېلىپ بەرگىن ياكى يۇرتقا يولغا سەپ قوي-دېدىم بىر كېچە ئويلانغاندىن كېيىن ئەتىگەندە ئاكام بېلەن دۇكانغا ماڭغاچ.

-نېمە بولدۇڭ،ئۇكام،خاناچاڭ يەنە بىر نەرسە دېگەن ئوخشىمامدۇ؟-دېدى ئاكام بىر ئىشنى سەزگەندەك قىلىپ ،

-......-مەن ھېچنەرسە دېمىدىم.

-ئۆزۈڭ يالغۇز تۇرۇشقا كۆزۈڭ يېتەمدۇ،ئانام بىلەن دادام بىلسە قانداق بولىدۇ.

كۆزۈم يېتىدۇ ئاكا،مەن ئۇلارغا ئېيىتمىساملا بولدىغۇ،ماقۇل دېگىنچۇ-مەن ئاكامغا يالۋۇرۇشقا باشلىدىم.ئاكام گەپ سۆز قىلماي بوينىنى لىڭشىتىپ قويدى.بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ئاكام ماڭا ئىككى ئېغىزلىق بىر بىنا ئۆينى ئىجارە ئېلىپ بەردى.شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈمنى شەخسى تۇرمۇشۇمنى باشلىۋالدىم،ئاددى بولسىمۇ بىر كارۋاتنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ھوجىرا ياسىۋالدىم،ھەنىپە ئاچام بىر قوللۇق ياردەملىشىپ ئۆيۈمنى سەرەمجانلاشتۇرۇپ بەردى.

ئارىدىن ئىككى ئايدەك ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئاكام بىر ماشىنا سېتىۋالدى،لېكىن ئىككىمىزنىڭ ئۆيىنىڭ ئارىلىقى خېلى يىراق بولغاچقا ،مەن يەنىلا ئاپتۇبۇس بېلەن دۇككانغا بېرىپ كەلدىم ،بەزىدە ئۆزۈمنى بەكلا يالغۇز ھېس قىلاتتىم.ئانام بىلەن تېلىفوندا پاراڭلاشقاندىن باشقا ماڭا ئەڭ زور تەسەللى مەدەت يەنىلا ھەنىپە ئاچام ئىدى،ئۇ ئاللىقاچان مېنىڭ تۇرمۇشۇمنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ كەتكەن ئىدى.

بۈگۈنمۇ كۈندىكىدەك ھەنىپە ئاچامدىن بۇرۇنراق دۇكانغا كېلىش ئۈچۈن ئەتىگەندە يولغا چىقتىم ،مەن دۇكانغا كەلگەندە ھەنىپە ئاچام تېخى كەلمىگەن بولۇپ ،بىر كۈن بولسىمۇ ئۇنىڭدىن بالدۇر كېلەلىگىنىم ئۈچۈن ئۆزۈمنى خۇشال ھېس قىلىپ ئولتۇردۇم،لېكىن سائەت ئاللىقاچان توققۇز بولۇپ كەتسىمۇ ،ھەنىپە ئاچام دۇكانغا كېلىپ بولالمايۋاتاتتى،ئەمدى مېنىڭ بايىقى خۇشاللىقىمنىڭ ئورنىنى ئەندىشە ئېگەللەپ بارماقتا ئېدى.سائەت ئون بولاي دېگەن چاغدا ھەنىپە ئاچام دۇكانغا كەلدى،ئۇنىڭ چىرايى،سارغىيىپ كەتكەن بولۇپ ،كۆزلىرى تولا يىغلىغاندەك ئىششىپ قىزىرىپ كەتكەن ئىدى.

-ئاچا-نېمە بولدىڭىز-ئۇنىڭ چىرايىغا قاراپ ئەندىشە بىلەن سورىدىم .

-ھېچنىمە بولمىدىم،بولدى سورىماڭ ئۇكام.

-ئاچا ،ماڭا دېمسىڭىز كىمگە دەيسىز،بىز نېمە دېيىشكەن،سىزگە زادى نېمە ئىش بولدى ،دەپ بەرسىڭىزچۇ.

-ئەنۋەردىن ھېچقانداق خەۋەر يوق-ھەنىپە ئاچام مىشىلداپ يىغلاشقا باشلىدى.مەن ھەنىپە ئاچامدىن ئەنۋەر بىر ئاينىڭ ئالدىدا يۇرتقا بېرىپ كېلەي دەپ كەتكەنلىكىنى ،ھازىرغىچە ھېچقانداق خەت _خەۋەر يا تېلىفون كەلمىگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئېدىم.

-تېخىچە تېلىفون قىلمىدىمۇ ئاچا،ئۇنىڭغا زادى نېمە ئىش بولغاندۇ؟ئۇ سىزنى تاشلىۋېتىدىغان يىگىتلەردىن ئەمەس،ئۇنىڭغا چوقۇم بىر ئىش بولغان گەپ،پەيزاۋاتقا بىر بېرىپ كېلەمسىز يا-دېدىم مەن ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىپ.

-مېنىڭغۇ ،ھازىرلام ئۇچۇپ بارغۇم،بار بىراق ،ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى نېمە دەيدۇ؟

-ئىككىلەنمەڭ ئاچا،نېمە دەيدۇ دەپ ئولتۇرسىڭىز ،ناۋادا ئۇنىڭغا بىر ئىش بولغان بولسا مەڭگۈلۈك پۇشايماندا قالىسىز -دېدىم مەن ئۇنى ئەنۋەرنى ئىزدەپ بېرىشقا ئۈندەپ.

ھەنىپە ئاچاممۇ بىر ھازا ئويلانغاندىن كېيىن ،ئەنۋەرنى ئىزدەپ بېرىش توغرىلىق بىر قارارغا كېلىپ،ئەتىلا يولغا چىقماقچى بولدى،شۇ تاپتا ئۇنىڭ چىرايىغا قارىساملا ئىچىم سېرىلىپ كېتىۋاتاتتى،ئەنۋەرنىڭ ئامان ئېسەن بولۇشىنى ئىككىسىنىڭ بالدۇرردق مۇرادىغا يېتىشىنى تىلەيتتىم.مەنمۇ خۇددى ھەنىپە ئاچامنىڭ دەردىگە شېرىكتەك مىڭ تەسلىكتە كېچىنى تاڭ ئاتقۇزۇپ،ھەنىپە ئاچامنىڭ قېشىغا قاراپ ماڭدىم.

مەن ھەنىپە ئاچامنى يولغا سېلىپ قويۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن بېكەتكە بىللە يولغا چىقتىم،ھەنىپە ئاچام قاتتىق جىددىيلىشىۋاتاتتتى،دېمىسىمۇ،بىر قىز ئۈچۈن ئىزدېرىكى بولمىغان يېگىتىنى ئىزدەپ يۇرتىغا بېرىش ھەقىقەتەنمۇ تەس ئىدى.بىز ئاپتۇبۇستىن چۈشۈپ بېلەت ساتىدىغان يەرگا كېتىۋاتساق ،ھەنىپە ئاچامغا بىر تېلفون كەلدى،ئۇ تېلىفوننى ئېلىپلا يىغلاپ كەتتى،بىر ئازدىن كېيىن جىمغىنە تېلفوننى قۇلقىغا تۇتۇپ تۇرغاندىن كېيىن تېلفونى يەرگە چۈشۈپ كەتتى.مەن خۇددى ھەيكەلدەك قېتىپ ،چىرايى تاتىرىپ كەتكەن ھەنىپە ئاچامنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭ بېلىكىدىن تۇتتۇم ،چۇنكى ئۇ ھازىرلا يىقىلىپ چۈشىدىغاندەك بىر ھالەتتە تۇراتتى.مېنىڭ تۇتۇشۇم بىلەنلا ھەنىپە ئاچام ماڭا قاراپ يىقىلدى،ئۇ بىر ئاز كۆزىنى يۇمۋالغاندىن كېيىن ،ئاستاغىنە كۆزىنى ئاچتى،مېنىڭ سورىغان سوئاللىرىمغا ھېچنىمە دېمىدى،ماڭا بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمەي روھسىز قىياپەتتە مەن بېلەن دۇكانغا يېنىپ كەلدى.

-ئەنۋەر توي قىلىۋاپتۇ،مۇھەممەت ئۇ توي قىلۋاپتۇ،مېنىڭ ئەنۋېرىم توي قىلۋاپتۇ-مېنىڭ ئەندىشە ئىچىدە سوراۋەگەن سوئالىمدىن زېرىككەن ھەنىپە ئاچام بىراقلا پارتىلىدى-مەن ئەمدى قانداق قىلىمەن،قانداق ياشايمەن،ئۇلۇغ ئاللا مېنى ئۇنىڭدىن ئايرىغۇچە جېنىمدىن ئايرىساڭ بولمامدۇ.

ھەنىپە ئاچامنىڭ ئرچىنىشلىق نالە زارى يۈرەك باغرىمنى قان قىلۋەتتى،ئۇنىڭغا بۇ ھالىغا  قاراپ ئىچىم سىيرىلدى.نېمە دېيىشنى ،نېمە قىلىشنى زادىلا بىلمىدىم،پەقەت بىرلا ئىش قىلغۇم كېلەتتى،يەنى ھەنىپە ئاچامدەك ،خىرۇستال كەبى پاك،سۈزۈك بىغۇبار،ئاقكۆڭۈل بىر قىزنى مۇشۇنداق خار قىلغان ھېلىقى ئەنۋەر دېگەن بىر نەرسە ئالدىمدا بولسا،ئۇنى راسا بىر ئۇرىۋالسام دەپلا خىيال قىلاتتىم.

ئارىدىن بىر ھەپتىدەك ۋاقىت ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ ھەنىپە ئاچامنىڭ ئازابى ھېچ ئۇنتۇلىدىغاندەك ئەمەس ئېدى.ئۇ يەنىلا ھېلىقى ۋاپاسىز يارىغا ھەركۈنى نەچچە يۈز قېتىم تېلىفون قىلىپ زېرىكمەيتتى،ئالمايدىغىنىنى بىلىپ تۇرسىمۇ يەنە ئۇراتتى.يىغلايتتى،لېكىن ئۇنى تىللاشقا ئاغزى بارمايتتى.

-ۋۇ جالاپ،ئەر سېغنىپ قالدىڭما،ئەرگە تەگكىڭ كەپ قالدىما،نېمە مېنىڭ ئېرىمگە تېلىفون قىلىۋېرسە بېشىنى ئاغرىتىپ-ئەتىگەندە دۇكانغا كىرىپلا ھەنىپە ئاچام قۇلقىغا تۇتۇپ تۇرغان تېلىفوندىن چىققان بىر بىرىدىن سېسىق تىل-ھاقارەتلەرنى ئاڭلاپ جۇدۇنۇم قىرىق گەز ئۆرلىدى.

-ساراڭ بولدىڭىزما ئاچا،سىز مۇشۇ تىل ھاقارەتلەرنى ئاڭلايدىغان ئادەمما،جاھاندا ئەركەك زاتى قالماپتىما،ئۇ لالما ئىتتىن كىچەلمىگۈدەك،بۇنداق قىلماڭ ئاچا،ئۆزىڭىزگە ئىچىڭىز ئاغرىمىسىمۇ ماڭا ئىچىڭىز ئاغرىسۇن،بىلەمسىز مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن ،ئۇ بېرەلمىگەن بەخىتىنى مەن سىزگە بېرەلەيمەن،ئۇ بولمىسا مانا مەن بارغۇ-ئۆزۈمنىڭ بۇ گەپلەرنى قانداق دېگەنلىكىمنى ئۆزۈممۇ بىلەلمەي قالدىم.مەن ھەنىپە ئاچامنى ياخشى كۆرەتتىم،لېكىن بۇنىڭ مۇھەببەتلىكىنى ،ياكى قېرىنداشلارچە سۆيۈش ئىكەنلىكىنى ئۆزۈممۇ بىلمەيتتىم.-ياق ئاچا،مەن ساراڭ ئەمەس،ھەربىر دەۋاتقان سۆزلىرىمنى ئىچىمدىن،يۈرۈكۈمدىن چىقىرىپ دەۋاتىمەن،مەن ئەمدى سىزنىڭ بۇنداق ئازابلىنىشىڭىزنى خالىمايمەن.
-بولدى قىلىڭ مۇھەممەت،ئەمدى گەپ قىلماڭ،مەن سىزنى ئۆز ئېنىمدەك كۆرىمەن،سىزنى بۇنداق گەپلەېنى قىلىدۇ دەپ ئويلاپ باقماپتىكەنمەن،ئەمدى توختاپ قېلىڭ.

-بىراق ئاچا سىز بۇنداق....

-بىلىمەن ،سىزنىڭ ماڭا ئىچىڭىز ئاغرىپ شۇنداق دەۋاتىسىز ،بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ،مەن سىزگە ۋەدە بىرەي ئۇكام،ئەمدى ئۆزۈمنى رۇسلايمەن،ئۇنى ئۇنتۇپ كېتىشكە ،قەلبىمدىن چىقىرىۋېتىشكە تىرىشىمەن،بايىقى گەپلەرنى سىز دېمىگەن بولۇڭ،مەنمۇ ئاڭلىمىغان بولاي،سىزدەك ياخشى ئىنىمدىن ئايرىلىپ قالغۇم يوق.

-ماقۇل-ھەنىپە ئاچامنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ كەلگۈسىدىن سەل ئۈمۈتلەنگەندەك بولدۇم،لېكىن ئۇنىڭ مېنى رەت قىلىپ ،مېنىڭ سۆزلىرىمنى كىچىك بالىنىڭ ئوينىشىپ دېگەن گېپىدەك ھېس قىلىشى كۆڭلۈمنى بەكلا يېرىم قىلدى.چۈشلۈك تاماق ۋاقتىغىچە ئىككىمىز بىر =بىرىمىزگە بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلىشماي،كىرگەن خېرىدارلارغا قاراپ ئولتۇردۇق.

-ئۇكام ،تاماقنىڭ يولنى قىلمامسىز ،قورساقلار بەك ئېچىپ كەتتىغۇ؟

ھەنىپە ئاچامنىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلاپ ھەيرانلىق بېلەن ئۇنىڭ چىرايىغا قارىدىم،نەچچە كۈندىن بۇيان ،تاماق ئەكىرىپ،ئازىراق يەۋېلىڭ دەپ شۇنچە زورلىساممۇ قاراپمۇ قويمىغان ھەنىپە ئاچامنىڭ بۈگۈن چۈش بولماي تۇرسا بۇنداق دېگىنىدىن ھەم ھەيران بولسام ھەم خۇشال بولدۇم.

-قاراپ تۇرسىزغۇ؟

-مانا،مانا ھازىرلا ئەكىرىمەن ،نېمە تاماق يەيسىزكىن.

-نېرىن چۆپ يەيمىكىن،سىزچۇ؟

-مەنمۇ ئوخشاش،ئەمىسە نېرىن چۆپتىن ئىككىنى زاكاس قىلۋېتەي ھە ئاچا.

خۇشلىقىمدا ئالدىراپ تېلفوننى قولۇمغا ئېلىپ تاماق زاكاس قىلۋاتتىم،ئارىدىن ئانچە ئۇشا ئۆتمەي مۇلازىم ھورى چىقىپ تۇرغان ئىككى چىنە نېرىن چۆپنى كۆتۈرۈپ كىردى،ھەنىپە ئاچام ئىككىمىز قاچىدىكى ئاشنى ئىشتىھا بىلەن يىيىشكە باشلىدۇق.

كەچتە دۇكاننى تاقىغاندىن كېيىن ،ھەنىپە ئاچامنى ئۇنىمىغىنىغا قارىماي ،ئۆيىگىچە ئاپىرىپ قويۇپ ئاندىن ئۆيگە قايىتتىم.ئۇ ماڭا ھېچ ئىش بولمىغاندەك ئوچۇق -يورۇق مۇئامىلە قىلىۋەردى.لېكىن مېنىڭ قەلبىمدە يەنىلا يېشىملەيدىغان بىر تۈگۈن پەيدا بولۇپ قالدى.كۆڭلۈم ئۆيگە قايتىپ كەلگۈچە بىر خىل يېرىم ھالدا تۇردى.ئۆيگە كەلگەندىن كېيىن ،مۇنچىغا كىرىپ مۇزدەك سۇدا يۇيۇنۇپ سەگەكلەشتىم.

يەنىلا شۇ يېرىمچىلىق ،ئۇ نېمىشقا مېنى رەت قىلىدۇ،مېنى نېمىشقا ياراتمايدۇ،مېنى نىمىشقا ئۇ ۋاپاسىز ئەبلەختەك كۆرمەيدۇ،تېخى گېپىمنىڭ ئاخىرى تۈگىمەيلا مېنى رەت قىلىۋەتتى،ئەجىبا مەن تېخىچە كىچىك بالىدەك كۆرۈنىۋاتقاندىمەنمۇ؟مەنمۇ بۇ يىل 17 ياشقا كىرىپ قالغان يىگىت بولۇپ قالدىم،يەنە بىر يىلدىن كېيىن،18يشقا كىرىمەن،بىزنىڭ يېزىدا 18 يشقا كىرگەن ئوغۇللارنى بالاغەتكە يەتتى دەپ ،ئۆيلەشكە ئالدىرايدۇ،ئەجەبا مېنىڭ يېشىمنىڭ كىچىك بولغانلىقى مەندىكى ئەيىپمۇ؟مەن نېمىشقىمۇ ھەنىپە ئاچام بېلەن تەڭ بولۇپ قالمىغاندىمەن-مۇشۇنداق خىياللار بىلەن تۈن يېرىم بولۇپ ئۆتكەن بولسىمۇ يەنىلا كۆزۈمگە ئۇيقۇ كەلمىدى.مەن ئۇنى قاچاندىن بېرى ياخشى كۆرۈپ قالغاندىمەن،بۇرۇن ئۇنى ئۆز ئاچامدەكلا كۆرەتتىم،لېكىن بۈگۈن ئۇنىڭغا ھېلىقى گەپنى دەپ بولغاندىن كېيىن،ھەممە ئىشتا ئۆزگىرىش بولۇپ ،قەلبىمدە ئۇنىڭغا بولغان بىر خىل ھېسيات يالقۇنجىماقتا ئېدى.

نېمىلا بولسا بولمامدۇ،ھەنىپە ئاچام ھازىر مېنىڭ يېنىمدىغۇ؟ئۇ مېنىڭ يېنىمدىلا بولدىكەن ماڭا يەنە پۇرسەت بار دېگەن گەپ،شۇ خىياللار كاللامدىن ئۆتكەندىن كېيىن،يوتقۇنۇمنى تۈزەشتۈرۈپ،ئۇخلاش ئۈچۈن كىرىشتىم.

باھار ئۆتسە ياز،ياز ئۆتسە كۈز،كۈز ئۆتسە قىش،قىش كەتسە يەنە باھار كېلىدۇ،بىر يىل شۇنداق تېزلا ئۆتۈپ كېتىپ ئىنسان يەنە بىر ياش چوڭ بولىدۇ.

ۋاقىت نېمە دېگەن تېز ئۆتكەن ھە،مانا ئۈرۈمچىگە كەلگىنىمگىمۇ بىر يېرىم يىل بولۇپ قاپتۇ،ئۈرۈمچىنىڭ تولىمۇ سوغاق قەھرىتان قىش پەسلىدىن ئىككىنى بېشىمدىن ئۆتكۈزۈپ،18 ياشقا قەدەپ قويۇپتىمەن،ئويلاپ باقسام،بۇ جەرياندا ھاياتىمدا نۇرغۇنلىغان ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىپتۇ،لېكىن بىرلا نەرسە يەنى ھەنىپە ئاچام ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋېتىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولماپتۇ،مەن ئۇ مېنى ئەشۇ قېتىم كەسكىن رەت قىلغاندىن كېيىن، ھېلىقى گەپنى يەنە بىر قېتىم ئېيتىشقا جۈرئەت قىلالمىدىم،لېكىن،قەلبىمدىكى ئۇنىڭ ئىشقىدا تۇتاشقان ئوت تېخىمۇ ئۇلغۇيۇپ يۈرۈكىمنى كۆيدۈرىدىغان گۈلخانغا ئايلىنىپ مېنى ھەر كۈنى قىيناپ تۇردى.ھەنىپە ئاچاممۇ بىر قېتىم ئوڭۇشسۇزلۇققا ئۇچرىغاندىن كېيىن قايتا بىرەر يىگىت بىلەن ئارلىشىپ باقمىدى،ئۆيدىكىلەر-يېشىڭ چوڭۇيۇپ قالدى ۋاقتىدا تويۇڭنى قىلۋەتسەك بولاتتى-دەپ زورلىغان بولسىمۇ،مەن توي قىلىدىغان يىگىت تېخى دۇنياغا كەلمىگەن ئوخشايدۇ-دەپ چىرايلىق رەت قىلىۋېتىپ ئولتۇرۇۋەردى.بىز گەرچە ئارلاشمىغان بولساقمۇ،ئاللىقاچان بىر-بىرىمىزنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىدىغان  سىرداشلاردىن بولۇپ قالدۇق.ھەر قېتىم ئۇ ماڭا ئۆيدىكىلىرىنىڭ تويغا ئالدىرتىۋاتقانلىقىنى ئېيىتقان چېغىدا ،باشقىچە جىددىيلىشىپ كېتەتتىم،لېكىن تەلىيىمگە،بۇ يەردىكى ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ تۇرمىشىغا بىزنىڭ يۇرتتىكىدەك ئارلىشىۋاممايدىكەن، قىزلىرىنىڭ كۆڭلىنى سورىمايلا ئۆزى تاپقان بىر يىگىت بىلەن توينى قىلىۋەتمەيدىكەن،شۇڭا باشتا جىددىيلەشكەن بىلەن ،كېيىنچە ئانچە ئەندىشە قىلىپ كەتمەيدىغان بولۇپ قالدىم،ئەمما ھەنىپە ئاچامنىڭ يېشىنىڭ بارغانسىرى چوڭىيىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئويلىساملا ،قەلبىمدە يەنە بىر خىل ئەندىشە تۇغۇلۇپ،ئۇنىڭغا يەنە بىر قېتىم كۆڭۈل ئىزھار قىلىش ئىستىكىم كۈچىيەتتى ،بىراق ،ئۇنىڭ يەنە مېنى رەت قىلىۋېتىشىدىن ،ئارىمىزدىكى يېقىن مۇناسىۋەتنىڭ يىراقلاپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ يەنە بۇ نېيتىمدىن يېنىپ قالاتتىم.

بۈگۈن كەيپىم چاغ ،چۈنكى بۈگۈن مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم ،ئۆمرۈمدە بىرلا قېتىم كېلىدىغان 18 ياشقا توغقان كۈنۈم ئېدى.شۇڭا سەھەر ئورنۇمدۇن تۇرۇپ، قاق سەھەردە دۇكانغا قاراپ ماڭدىم.غىڭشىپ ناخشامنى توۋلاپ،دۇكاننىڭ ئالدىغا كېلىپ ئاچقۇچنى چىقىرىپ،ئىشىكنى ئېچىشقا تەمشىلۋېتىپ،ئېشىككە يۆلەپ قويۇپ قويۇلغان گۈلدەستىگە كۆزۈم چۈشۈپ ئۇنىڭ قولۇمغا ئالدىم،گۈلنىڭ ئىچىدە بىر كونۋېرىت تۇراتتى،ئالدىراپ ئىشىكنى ئاچتىم-دە،كونۋېرىتنى ئېچىپ ئىچىدىكى خەتنى ئېلىپ،ئوقۇشقا باشلىدىم.

-ھەنىپە ياخشىمۇسىز،مەن سىزنى تۇنجى قېتىم كۆرگەن چېغىمدىلا ،سىزنىڭ ئاي يۈزىڭىزگە،بۇلاقتەك كۆزىڭىزگە،سۇمبۇل ساچلىرىڭىزغا،گۈلدەك بويىڭىزغا قاراپ سىزنى ئاسماندىن چۈشكەن پەرىشتىمىدۇ دەپ ئويلاپ سىزنىڭ ئادىمىزات بالىسى ئىكەنلىكىڭىزگە گۇمان قىلغان ئىدىم،كېيىن ،سىزنىڭ مېجەز-خۇلقىڭىزنىڭ ئېسىللىكى مېنى تېخىمۇ قايىل قىلىپ ،ئۆزىڭىزگە مەپتۇن قىلىۋالدىڭىز،شۇ تاپتا،كېچىللىرىم ئۇيقۇسىز،چۈشلۈرۈمدە پەقەتلا بىرسىز.51تال ئەتىرگۈل مېنىڭ سىزگە بولغان مۇھەببىتىمنىڭ ۋەكىلى،سىزدىن ئۆتۈنەي پىراقىڭىزدا مەجنۇن كەبى كۆيىۋاتقان يۈرىكىمگە ۋېسالدىن بىر شەربەت تۇتسىڭىز،سىزگە بولغان سۆيگۈمنىڭ ئەبەدىيلىكىگە ئىشەنسىڭىز،سىز بىلەن بىر ئۆمۈر جابادىمۇ ،ھالاۋەتتىمۇ بىرگە بولۇپ،دەردىڭىزگە دەرمان،يىقىلغاندە يۆلەك بولۇپ،سىزگە ساداقەت كۆرسىتىپ ئۆتكەيمەن.

چۈشۈمدە كۆرگەن مەلىكەمگە:

پەرھاتتىن.

خەتنى ئوقۇۋېتىپ يۈرەكلىرىمنىڭ سوقۇشى تىزلىشىپ ،ئۆزەمنى تۇتالماي جىددىيلىشىشكە باشلىدىم،زادى قانداق قىلىشىم كېرەك،نېمە دېگەن شېرىن-شېكەر سۆزلەر بۇ،ناۋادا بۇ خەتلەرنى ھەنىپە ئاچام كۆرۈپ قېلىپ،ئۇنىڭغا ئىشىنىپ كېتىپ قالسا مەن ئاغزىمنى ئېچىپ قاراپ قالمامدىمەن،ياق،بۇ خەتنى ھەنىپە ئاچام كۆرۈپ قالمىسۇن،ھەرگىز كۆرۈپ قالمىسۇن،پەرھات دېگىنى ھەقاچان كەينىمىزدىكى قەشقەردىن يېڭى كەلگەن بالا شۇ بولسا كېرەك،كەلگەننىڭ ياقى ھەنىپە ئاچامنى چۆگۈلەپ كېتەلماي قالغىنىغا قاراپ كۆڭلۈم بىر ئىشنى سەزگەن زادى.ئەڭ ياخشىسى بۇ خەتنى ئەكەلگەن گۈلى بىلەن  قوشۇپلا ئوجۇقتۇرىۋېتەي،مەن كۆرمىدىم دېسەملا كىم بىلەتتى ئۇنى-،شۇلارنى ئويلىغاندىن كېيىن گۈلنى خەت بىلەن قوشۇپ بىر چوڭ خالتىغا سېلىپ،پەسكە ئېلىپ چۈشۈپ،خېلى يىراق بىر يەردىكى ئەخلەت ساندۇقىدىن بىرگە تاشلىۋەتتىم.

مەن قايتىپ چىققان چاغدا ھەنىپە ئاچام ئاللىقاچان دۇكانغا كېلىپ ئولتۇرۇپ بولغان ئېدى.

-نەگە باردىڭىز مۇھەممەت،دۇكاننى ئوچۇق قويۇپ.

جىددىيچىلىكتە دۇكاننىڭ ئىشكىنى ئېتىشنىمۇ ئۇنتۇپ چىقىپ كەتكەنلىكىم يادىمغا كېلىپ،تېخىمۇ جىددىيلىشىپ كەتتىم.

-تېخى دۇكاننى تۈزۈكرەكمۇ ئېچىپ بولماپتىكەنسىز بولمىسا .

-ناشتا قىلمىغان ئاچا،قوسغۇم ئېچىپ كېتىپ ناشتا قىلىپ چىقتىم.

-ھە ياخشى قىپسىز ئۇكام ،ئەتىگەنلىك ناشتىلىق بەك مۇھىم،ناشتا قىلمىسا ئاسانلا ئاشقازان كادىن چىقىدىغان گەپ.

-ئاچا،بۈگۈن مەن 18 ياشقا كىردىم،ئەمدى مېنى كىچىك بالىدەك كۆرمىسىڭىز قانداق،ئەمدى مېنى ئۇكام دېمەي،ئىسمىمنىىلا چاقىرسىڭىز قانداق-ھەنىپە ئاچامغا بۇ گەپنى دېيىشنى ئۇزۇندىن بېرى ئويلىشىپ كېلىۋاتاتتىم،چۈنكى ئۇ ھەر قېتىم مېنى ئۇكام دېگىنىدە ،مېنى كىچىك كۆرۈپ بىر خىل مەنسىتمەيۋاتقاندەك ھېس قىلاتتىم.

-ماقۇل،ماقۇل،مەن دېمەي،ئەمىسە سىزمۇ مېنى ئاچا دېمەڭ.

-ئەمىسە نېمە دەيمەن،-راستىنى دېگەندە ھەنىپە ئاچامنى ئاچا دېمەي ئىسمىنى چاقىرىشتىن خېجىل بولاتتىم .

-مەنمۇ ئىسمىڭىزنى چاقىرغاندىكىن،سىزمۇ ئىسمىمنى چاقىراسىز،ئىككىمىز تەڭ بولغاندىكىن.

-بىراق مەن ئۇنداق چاقىرىشقا كۆنەلمەيمەن.

-ئۇنداقتا مەنمۇ ئىسمىڭىزنى چاقىرىشقا كۆنەلمەيمەن.

-ئىشقىلىپ ،بۇندىن كېيىن نېمە دېسىڭىز دەڭ،لېكىن ئۇكام دېگەن گەپنى قىلماڭ.

-ئۇنداق بولسا نېمە دېسەم بولار،قەشقەر پەدىسىدىلا غوجام دەيمۇيا-ھەنىپە ئاچام شۇ گەپنى قىلىپ بولۇپلا قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى.

-مەيلى ،سىز مېنى غوجام دەڭ،مەن سىزنى خېنىم دەي،قەشقەر پەدىسى-مەنمۇ ئۇنىڭ بىلەن تەڭلا كۈلۈپ كەتتىم.

-ماقۇل،غوجام،تۇغۇلغان كۈنلىرىگە مۇبارەك بولسۇن.

-ئاشتاق قۇرۇقلا مۇبارەكلەيدىغان گەپ بارمۇ،خېنىم،سوۋغات يوقمىكەن؟

-سوۋغات بار لېكىن كەچتە  بېرىمەن،قانداق ئۆتكۈزمەكچى بولۇۋاتىسىز،ئۆيدىمۇ ياكى سىرىتتىمۇ؟

راس گەپنى دېسەم مەن تۇغۇلۇپ مۇشۇ ۋاقىتقا كەلگۈچە بىر قېتىممۇ دوسلىرىم بىلەن تۇغۇلغان كۈن ئۆتكۈزۈپ باقمىغان ئېدىم،ئانام ئانچە مۇنچە يادىغا يەتكەن چاغلاردا ،بۈگۈن تۇغۇلغان كۈنۈڭ دەپ،ياخشىراق تاماق ئېتىپ بېرىپ ئۆيدىكىلەر بىلەنلا ئاددى ئۆتكۈزۈپ بېرەتتى،بەزى چاغلاردا ئالدىراشچىلىقتا ئۇنتۇپ قېلىپ ئۆتكۈزىۋېتەتتۇق.شۇڭا دەماللىققا بىر نەرسە دېيەلمەي قالدىم.

-ئۆيدە ئۆتكۈزگۈم بار،ئۆزۈمنىڭ ئۆيىدە ئىككىمىزلا ئۆتكۈزەيلى بولامدۇ؟

-نېمە دەيدىغانسىز،باشقا ھېچكىمنى چاقىرمامدۇق،ئاكىڭىزچۇ ؟خاناچىڭىزچۇ؟ئۇلارنىمۇ چاقىرمامسىز.

-ياق چاقىرغۇم يوق،ھەم ئۇلار بۈگۈن تۇغۇلغان كۈنۈم ئىكەنلىكنىمۇ بىلمەيدۇ،بىلسىمۇ ئۇنتۇپ قالدى .ماقۇل دەڭچۇ،ئاچا.

-غوجام يەنە ئۇنتۇپ قاللىمۇيا ؟ئاچا دەيمىزغۇ-ھەنىپە ئاچامنىڭ قاملاشتۇرۇپ قەشقەر پەدىسىدە دېگەن گېپىنى ئاڭلاپ  كۈلۈپ كەتتىم.

-ئۇنتۇپ قاپتىمەن خېنىم خاپوممىسا،بودا دېمەي،بىر قېتىم بىر ماقۇل دەپ قويسا.

-ماقۇل،ماقۇل غوجام ،كەچتە مەن ئوخشىتىپ تاماق ئېتىپ بېرەي،ئىككىمىز بىلللە ئۆتكۈزەيلى تۇغۇلغان كۈنلىرىنى.


كەچتە ھەنىپە ئاچام ئىككىمىز بازادىن لازىمەتلىكلەر بېلەن تورت سېتىۋېلىپ مېنىڭ ئۆيۈمگە قاراپ ماڭدۇق.ئۆيگە كەلگەندىن كېيىن ھەنىپە ئاچام تاماققا تۇتۇش قىلدى،مەن ئۇنىڭ تاماق ئېتىۋاتقان ھالىتىگە قاراپ ھوزۇرلاندىم.[p=30, 2, le

-ئاچا ،سىز ھەركۈنى ماڭا مۇشۇنداق تاماق ئېتىپ،بەرسىڭىز،مەن يېنىڭىزدا قاراپ تۇرۇپ تاماق ئەتكىنىڭىزنى كۆرسەم نېمە دىگەن ياخشى بولاتتى ھە،

-نېمىلەرنى دەيدىغانسىز،ئالدىرماڭ ئۇكام، سىزمۇ بىر كۈنى لايىقىڭىزنى تاپىسىز،شۇ چاغدا ئۇ سىزگە ئوخشىتىپ تاماق ئېتىپ بېرىدۇ،سىز بېشىدا قاراپ تۇرۇپ زېرىكىپ قالىسىز تېخى.

-مەن باشقىلارنىڭ ئەمەس سىزنىڭ تاماق ئەتكىنىڭىزنى كۆرگۈم بار.

ھەنىپە ئاچام زۇۋان سۈرمىدى،ئۇ تۇغۇلغان كۈنۈمدە ماڭا ئازار بېرىشنى خالىمىدىمۇ ياكى مەندىن تەسىرلىنىپ كۆڭلى ئىللىدىمۇ،ياكى بۇرۇنقى ئىشلار يادىغا كېلىپ كۆڭلى بۇزۇلدىمۇ بۇنىسى ماڭا قاراڭغۇ ئىدى.

ئارىمىزدىكى جىمجىتلىقنى ئىشىكنىڭ چېكىلگەن ئاۋازى بۇزىۋەتتى،ھەنىپە ئاچام ئىشىكنىڭ چېكىلگەن ئاۋازى بىلەن تەڭلا جىددىيلىشىپ كەتتى،مەن بېرىپ ئىشىكنى ئاچتىم،ئىشىكنىڭ ئالدىدا ئاكام،خاناچام،يەنە ئۇكىللىرىم تۇراتتى(ئاكامنىڭ باللىرى)بۇ كۈتۈلمىگەن مېھمانلارنى كۆرۈپ مەنمۇ سەل جىددىيلىشىپ نېمە قىلارىمنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدىم.

-قاراپ تۇرىسەنغۇ يېگىت بىزنى ئۆيۈڭگە باشلىمامسەن.

ئاكامنىڭ سۆزىدىن ئۆزۈمنى تاپقاندەك بولۇپ بىر چەتكە ئۆتۈپ يولنى بىكارلىدىم.

-باشلاي،باشلىمامدىغان ،مېنىڭ ئۆيۈمگىمۇ قەدمىڭلار يېتىدىكەن ھە.

-قەدىمىمىز يېتىدۇ،يەتمەمدىغان،ئاكىڭىز بۈگۈن مۇھەممەتنىڭ تۇغۇلغان كۈنى بېرىپ كەلمىسەك بولمايدۇ،دەپ،ھەممىمىزنى بايرامغا ئەكەلگەندەك ئېلىپ كەلدى،سىزغۇ،بىر كەتكەنچە،ماۋۇ ئاكامنىڭ ئۆيىتى دەپ بىر قېتىم دەسسەپمۇ قويمىدىڭىز-خاناچامنىڭ گەپلىرى يەنىلا شۇنداق سېسىق ئىدى-ئاللا ئۆيدە باشقىلارمۇ باركەنغۇ ،نېمە ئىش بوپ كەتتى بۇ.

خاناچام ئۆيگە كىرىپلا ئاشخانا ئۆيدە نېمە قىلارىنى بىلەلمەي تىترەپ تۇرغان ھەنىپە ئاچامغا قاراپ زەھىرىنى چاچتى.

-مەن بۈگۈن مۇھەممەتنىڭ تۇغۇلغان كۈنى بولغاندىكىن ئۇنىڭغا تاماق ئېتىپ بېرەي دەپ شۇ-ھەنىپە ئاچامنىڭ چىرايى شەلپەردەك قىزىرىپ كەتكەن ئىدى.

-ھە شۇنداقمىتىيا،مەن تېخى ئىككىڭلارنى ئۆي تۇتىۋالغان ئوخشايدۇ دەپتىمەن،بىزنىڭ مۇھەممەت تېخى كىچىك ئەمەسمۇ؟ئاكىسىنى ئازدۇرالماي ئۇكىسىنىڭ بېشىنى ئايلاندۇرۇپ يۈرمىگەنسىز ھە.

-ئاغزىڭنى يۇمساڭ بولمامدۇ، ھەنىپە ئۇنداق قىزلاردىن ئەمەس مەن ئۇنى ئۇبدان بىلىمەن،ئۇ مۇھەممەتنى ئۆز ئۇكىسىدەك كۆرىدۇ.

ئاغزىم قىچىشىپ بىر نەرسە دەي دەپ تۇرشۇمغا ئاكامنىڭ قىلغان گەپلىرى بىلەن يەڭگەمنىڭ زۇۋانى تۇتۇلۇپ جىمىپ قالدى.

ھەنىپە ئاچام يەڭگەمنىڭ سۆزلىرىدىن كۆڭلى يېرىم بولغاندەك قىلىپ تاماقنى پۇشۇرۇپ بولۇپلا ،ئۆيدە ئىشىم بار ئىدى-دەپ قويۇپ كېتىپ قالدى،ئۇنىڭ چىرايىدىن ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىغانلىق ھەم كۆڭلىدىكى يېرىمچىلىقنى كۆرىۋالغىلى بولاتتى.

-ئاچا خاناچامنىڭ گەپلىرىنى كۆڭلىڭىزگە ئېلىپ كەتمەڭ،ئۇنىڭ مىجەزى ئاشۇنداق،سىزمۇ بىلىسىزغۇ ماڭا قىلغان ئەسكىلىكلىرىنى،ئۇ سىزنىڭ كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلىشىڭىزغا ئەرزىيدىغان ئادەم ئەمەس-دېدىم مەن ھەنىپە ئاچامنى ئۇزاتقىلى چىقىپ ،ئۇنىڭغا تاكسى توسۇۋاتقان ۋاقتىمدا.

-ھەنىپە -ھېچقىسى يوق -دەپ قويۇپ باشقا گەپ قىلماي تاكسىغا چىقىپ كېتىپ قالدى ،لېكىن ئۇنىڭغا ھار كەلگەنلىكى چىرايىدىن چىقىپ تۇراتتى،شۇنداق قىلىپ مېنىڭ 18 ياشقا تولغان تۇغۇلغان كۈنۈم مۇشۇنداق كۆڭۈلسىز ئاخىرلاشتى.گەرچە ئاكامنىڭ ،ھەم ئۇكىللىرىمنىڭ كەلگىنىدىن كۆڭلۈم خۇشال بولغان بولسىمۇ ،لېكىن خاناچامنىڭ قىلغان قىلىقلىرى ھەنىپە ئاچام ئىككىمىزنىڭ ئارىلىقىنى يىراقلاشتۇرىۋېتىشى مۇمكىن ئىدى،شۇ سەۋەبتىن كۆڭلۈمدە بىر ئەندىشە تۇغۇلماقتا ئىدى.

بىرمۇنچە غەم بىلەن قانداق ئۇخلاپ قالغىنىمنىمۇ بىلمەپتىمەن،ئورنۇمدىن تۇرغان چېغىمدا سائەت 6 بولاي دەپ قالغان ئىدى.يادىمغا تۈنۈگۈن ئىشىك ئالدىدا تۇرغان گۈل كېلىشى بىلەن،بىر ئەندىشەمگە يەنە بىر ئەندىشە قوشۇلۇپ،چاققانلىق بىلەن نامزىمنى ئوقۇدۇمدە،دۇكانغا قاراپ يولغا چىقتىم.

دۇكانغا كېلىپ يەنە تۆنۈگۈنكىگە ئوخشاش بىر دەستە گۈلنى كۆردۈم،گۈلنىڭ ئىچىدە كونۋېرت،كونۋېرتنىڭ ئىچىدە تۆنۈگۈنكىدىنمۇ تەسىرلىك قىلىپ يېزىلغان بىر پارچە خەت تۇراتتى.

-ھەنىپە،خېتىمگە ھېچقانداق جاۋاب قايتۇرمىغىنىڭىزدىن كۆڭلۈم بەكلا يېرىم بولىۋاتىدۇ،شۇ تاپتىكى ھالىمنى بىر بىلسىڭىز ئىدى،يۈرىكىڭىز تاش بولسىمۇ ئېرىپ كەتكەن بولاتتى،بەلكىم سىز ياخشىراق ئويلىنۋېلىپ ئاندىن جاۋاب بېرەي دەپ ئويلاۋاتقانسىز لېكىن،مەندىكى تەشنالىق بىر مىنۇت سەۋىر قىلىشىمغىمۇ يول قويمايۋاتىدۇ،شۇ سەۋەبتىن يەنە بىر قېتىم سىزگە خەت يېزىىشقا مەجبۇر بولدۇم،سىز ئۈچۈن باغرىم كاۋاپ،يۈرىكىم زەرداب بولىۋاتقان مەندەك بىر ئاشىقىڭىزنىڭ ،دېڭىزدىنمۇ چوڭقۇر،دەريالاردىنمۇ ئۇزۇن،ئاسماندىنمۇ كەڭ سۆيگۈسىنى قوبۇل قىلىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن.كەچتە سىزنى سودا ساراينىڭ ئالدىدا ساقلايمەن.

پەرھات..

خەتنى كۆرۈپ بىر تۇرۇپ ئاچچىقىم كەلسە بىر تۇرۇپ كۈلكەم قىستىدى،چۈنكى ئۇنىڭ بۇنداق كىتابى تىل بىلەن يازغان كورىيەچە مۇھەببەت ئىزھار قىلىش ئۇسۇلى ماڭا ناھايىتى كۈلكۈلۈك تويۇلۇپ كەتكەن ئېدى،گۈل بېلەن خەتنى تۆنۈگۈنكىدەك پاكىزە يىغىشتۇرىۋەتتىم.

كەچتە بۇ خېلىچەم ئاچام بىلەن چىقىپ كېتىۋېتىپ ،ئۇنىڭ ئىشىك ئالدىدا شۈمشىيىپ تۇرۇپ بىزگە قاراۋاتقان ھالىتىگە قاراپ ئۆزۈمنى بېسىۋالالماي كۈلۈپ كەتتىم.

-نېمە بولدىڭىز،نېمىشقا كۈلىسز-ھەنىپە ئاچام نېمە ئىش بولغىنىنى بىلمەي تىڭىرقاپ تۆت تەرىپىگە قارىدى.ئۇنىڭ كۆزى ئۆزىگە تەلمۈرۈپ قاراپ تۇرغان پەرھاتنى پەقەتلا كۆرمەيۋاتاتتى.

-ھېچ ئىش بولمىدى ئاچا،يۈرىڭە كېتەيلى-مەن تېخىمۇ بەك كۈلگىنىمچە ھەنىپە ئاچامنى ئېلىپ كېتىپ قالدىم.

گۈل ۋەقەسى بىر ھەپتىگىچە توختىماي داۋام قىلىۋەردى،ئۇ ساراڭ خەت يېزىپ،گۈل ئېۋەتىپ زېرىكمىدى،ھېلىقى كۈندىن بېرى ھەنىپە ئاچام مەندىن ئۆزىنى ئېپقېچىۋاتقاندەك تويۇلۇپ ئاران تۇرغاندا،مەن جىمىقتۇرۇپ بولالماي زېرىكىپ قالدىم،شۇنىڭ بىلەن ئاخىرى ئۇنىڭ دۇككىنغا بېرىپ-ھەي ساراڭ سېنى ھەنىپە ئاچام ساراڭكەن ،يەنە مۇشۇنداق قىلىۋەرسە ساقچىغا ئەرىز قىلىمەن دەيدۇ-دېدىم،شۇنىڭ بىلەن گۈلمۇ خەتمۇ كېلىشتىن توختاپ قالدى.
گۈللەر كېلىشتىن توختىغان بولسىمۇ ،ئىچىمدە يەنىلا بىر ئەندىشە ،چۈنكى ھېلىقى كۈندىن بۇيان ھەنىپە ئاچام مەندىن قەستەن يىراقلاشماقتى بولىۋاتاتتى،ئىككىمىز بىر دۇكاندا ئولتۇرساقمۇ،ئۇ ماڭا بۇرۇنقىدەك كۆپ گەپ قىلمايدىغان،كۈلۈپ تۇرۇپ قارىمايدىغان،ئۆيىدە ھەم تۇرمۇشىدا يۈزبەرگەن قىززىق ئىشلارنى سۆزلەپ بەرمەيدىغان،مەن بىلەن بىللە ئۆيگە قايتىشتىن قاچىدىغان بولىۋالغان ئېدى.بۇنداق بولۇۋەرسە مېنىڭ قەلبىمدىكى خۇشاللىقلىرىم پۈتۈنلەي يوق بولىشى ئېنىق ،شۇڭا تېزراق ئۇنىڭ قەلبىدىكى تۈگۈننى يېشىدىغان بىر ئامال تېپىپ چىقىشىم كېرەك ئېدى.
بۈگۈن ئامال قىلىپ ھەنىپە ئاچامنى قايىل قىلىپ ،ئۇنى ماڭا بۇرۇنقىدەك مۇئامىلە قىلدىغان قىلمىسام،شۇ خىياللار بېلەن ئەتىگەندە دۇكانغا چىقسام ھەنىپە ئاچام ئېڭىكىنى يۆلەپ،خىيالغا پېتىپ ئولتۇرۇپتۇ.

-نېمانداق سەھەر چىقىۋالدىڭىز ئاچا-ھەنىپە ئاچام سوئالىمغا جاۋاب قايتۇرماستىن،غەمكىن پېتى ئولتۇراتتى-خېنېم،نېمە بولدى سىلىگە،مانداق قىمممىسا جۇما،بىز نېمە دېيىشكەن،مەندەك ئىنىلللىرىغا مانداق قىسىللىرى كۆڭلۈمگە كەپ قالىدا قۇما مېنىڭ-مېنىڭ قەشقەر پەدىسىدە ئېيىتقان سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ چىرايىغا كۈلكە يۈگۈردى.

-دەردىم كۆپ غوجام ،سىلە ئۇقمايلا دەردىم بەك كۆپ.

-ئاچا نېمە دەردىڭىز بولسا ماڭا ئېيتىڭ،بىز سىرداش ئېدىققۇ،بۇرۇنمۇ قانداق گېپىڭىز بولسا ماڭا دەيتىڭىزغۇ،بۇنداق مەندىن ئۆزىڭىزنى ئېلىپ قاچسىڭىز مەن بەك ئازابلىنىپ كېتىدىكەنمەن،سىزدىن ئايرىلىپ قالىدىغاندەك ھېس قىلىدىكەنمەن.سىزنىڭ ماڭا بۇرۇنقىدەكلا مۇئامىلە قىلىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن .

-مەن سىزدىن ئۆزۈمنى ئېلىپ قاچقىنىم يوق نەچچە كۈندىن بېرى بېشىمدا بىر غەم بار،شۇ غەم مېنى قىيناپ بەلكىم سىزگىمۇ ياخشى مۇئامىلە قىلالمىغان بولىشىم مۇمكىن-ھەنىپە ئاچام ئېغىر بىر تىنۋەتكەندىن كېيىن گەپ باشلىدى-بوپتۇ سىزگە دەپ بېرەي،سىزگە دېسەم ئىچىم بوشاپ قالا،بىزنىڭ ئۆيگە يۇرتتىن بىر ئەلچىلەر كەپتىكەن،ھەركۈنى كېلىۋېلىپ پەقەتلا ئارام بەرمەيۋاتىدۇ،ئانام بىلەن دادامنى ئاللىقاچان كۆندۈرۈپ بولدى،ئۇلار مېنى،لايىقىڭ بولسا باشلاپ كەل،بولمىسا مۇشۇ يىگىت بېلەن تويۇڭنى قىلىۋېتەيلى -دەپ،بەك قىستاپ كېتىۋاتىدۇ،زادى قانداق قىلشىمنى پەقەتلا بىلەلمىدى،ئويلاپ باقسام 25 كە كىرىپ ئېشىپتىمەن،بىر ھېساپتا ئاتا-ئانامنىڭ ئالدىراتقىنىمۇ توغرا، بىراق ئۆزۈم قىلچە چۈشەنمەيدىغان بىلىشمەيدىغان بىرى بىلەن توي قىلغۇم يوق.بېشىمنىڭ ئىچىمۇ ،تېشىمۇ بەك قېتىۋاتىدىغۇ.

ھەنىپە ئاچامنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ،ئۈنۈم ئىچىمگە چۈشۈپ كەتتى،تۇيۇقسىزلا كەلگەن بىر ئاغرىق يۈرىكىمنى چىڭ قاماللاپ ،ئۆزۈمنى نەپەس ئالالمايۋاتقاندەك ھېس قىلدىم.

-ئاچا سىزنىڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادىمىڭىز بارمۇ؟يوقمۇ؟-بىر پەس جىمجىتلىقتىن كېيىن ئېغىز ئاچتىم.

-قىززىق گەپ قىلدىڭىزغۇ؟بار بولسا سىز بىلمەي قالامتىڭىز.

-سىزنىڭ ئۇ يىگىت بىلەن توي قىلغۇڭىز بارمۇ يوقمۇ؟

-ئەلۋەتتە يوقتە،مەن ئۆزۈم چۈشەنمەيدىغان ئىنسان بىلەن ھەرگىز توي قىلمايمەن،

-سىزنىڭچە مەن قانداقراق-تۇيۇقسىزلا بىر ئامال تاپقاندەك بولۇپ ھاياجان ئىچىدە گەپ باشلىدىم-مەن ھەم ياۋاش،ھەم مۇلايىم گېپىڭىزنى ئاڭلايمەن،ھەم ۋېجدانلىق،سىزگە ھەممە تەرپىم بەش قولدەك ئايان.

ھەنىپە ئاچام قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى.

-تولا چاخچاق قىلمىڭە،سىز تېخىچە شۇ مۇقامدىمۇ؟ئۇكام-ئۇ يۈلىرىمنى كىچىك بالنى ئەكىلەتكەندەك ئەكىلتىپ چىمداپ قويدى.

-ئاچا كۈلمىڭە ،مەن چاخچاق قىلمىدىم،راس دەۋاتىمەن،ئاتا-ئانىڭىزنىڭ يېنىغا مېنى ئاپارسىڭىز قانداق؟شۇنداق قىلساق بۇ توي بالاسىدىن قۇتۇلالايسىز ئەمەسمۇ؟

-ئۇكام مەن سىزگە بۇرۇن نېمە دېگەن،سىز بېلەن مېنىڭ توي قىلالىشىم مۇمكىنمۇ،مەندىن قاچتىڭىز دەيسىز،يەنە مۇشۇنداق گەپلەرنى قىلسىڭىز قاچماسلىققا ئامالىم بارمۇ مېنىڭ.

-ئاچا،مەن راس توي قىلمىز دېمىدىم ،مېنى باشلاپ بارىسىز ،مەن سىزنىڭ يالغاندىن يېگىتىڭىز بولىمەن،بىر يىلدىن كېيىن توي قىلىمىز دەيمىز،شۇنىڭ بېلەن ئاتا-ئانىڭىزنىڭ ئاغزى بېسىقىپ ،ئۇ ئەلچىلەرنى يولغا سېلىۋېتىدۇ،بىر يىلغىچە كىم بار،كىم يوق،سىزمۇ بەختىڭىزنى تېپىپ قالامسىز،تېخى-ھەنىپە ئاچامنىڭ مېنىڭ سۆزۈمنى قوبۇل قىلىش ئېھتىماللىقى تۆۋەن بولسىمۇ ،يەنىلا سىناپ بېقىش قارارىغا كەلدىم،چۈنكى مۇشۇنداق بولسا ماڭىمۇ پۇرسەت تۇغۇلىدۇ،ھەنىپە ئاچامغىمۇ بۇنىڭدىن باشقا ئامال يوق،چۈنكى مەندىن باشقا ھېچكىم ئۇنىڭغا يالغاندىن يېگىت بولۇپ ،ئاتا-ئانىسىنىڭ يېنىغا كۆرۈشكىلى بارمايدۇ-دە.

ھەنىپە ئاچام ھېچقانداق گەپ قىلماستىن جىمىپ كەتتى،بۇ ئۇنىڭ مېنىڭ سۆزۈمنى ئويلىنىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى. مەن ئىچىمدە بۇ جىمجىتلىقنىڭ ئۇزۇنراق داۋاملىشىشىنى تىلەيتتىم،چۈنكى ئۇنىڭ-ياق بولىغۇدەك-دېگەن بىر ئېغىز گەپنى قىلىپ،قىلىشىنى پەقەتلا خالىمايتتىم،ئۇ گەپنى ئاڭلىغاندىن كۆرە،ئۇنىڭ مېنىڭ تەلپىمنى  ئويلىشىۋاتقان ھالىتىنى كۆرۈش ماڭا بەكرەك ھوزۇر بېرەتتى.

ھەنىپە ئاچام تاكى كەچ بولغانغا قەدەر بۇ توغرىسىدا ھېچقانداق گەپ سۆز قىلمىدى،چۈشتىن كېيىن دۇكاننى تاقاپ،سەنشىخاڭزىغا بېرىپ ھېساب ئۆتكۈزۈپ بولۇپ،ئۆيگە قايتىۋاتقان چاغدىلا ئاندىن ئېغىز ئاچتى.

-ئۇكام بۇنداق قىلساق،ئۇلار ئىشىنەرمۇ؟سىز مەندىن بەكلا كىچىك تۇرسىڭىز،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار سىزنى تونۇيدۇ،مېنىڭچە بۇ ئىش بولمايدىغاندەك تۇرىدۇ.

-سىز مۇشۇنداق مېنى بىر ئاغزىڭىزدا مىڭ ئۇكام دېسىڭىز ئىشىنەمتى ئاندىن،ئۇلار مېنى تونىغان بېلەن يېشىمنىڭ چوڭ كىچىكلىكىنى بىلەمتى،قىزلار ئۆزىدىن چوڭ ئەرلەرگە تەگسە بولىدىكەن،ئوغۇللار ئۆزىدىن چوڭ ئاياللارنى ئالسا بولمامدىكەن،بىزنىڭ تونۇش بولغىنىمىز ياخشى تېخى ،ئۇلارنى قىلچە گۇمانسىز ئىشەندۈرەلەيمىز.

-ئۇكام دېمىسەم نېمە دەيمەن،ئەمىسە،،خەقنىڭ ئالدىدا سەت تۇرمامدۇ غوجام دەپ يۈرسەم-ھەنىپە ئاچام چاقچاق قىلغاندەك مىيقىدا كۈلۈپ قويدى.

-ئۇكام دېمەيسىز،غوجاممۇ دېمەيسىز،ئەمدى بىر-بىرىمىزنىڭ ئىسمىنىلا چاقىرىمىز،مەنمۇ ئەمدى سىزنى ئاچا دېمەي ھەنىپە دەيمەن.

-سىز ئۇنداق دېسىڭىز بەكلا غەلىتە ئاڭلىندىكەن.

-غەلىتە ئاڭلانسىمۇ چىداڭ ئەمدى ،ھەنىپە خېنىم،ئەمىسە شۇنداق كېلىشتۇق ھە،

-ئالدىن دەپ قوياي،يالغاندىن جۇمۇڭ ،راسقا ئايلاندۇرۇشقا كۈچىمەيسىز.

خوپ خېنىم ،خوپ.

ھەنىپە ئاچامنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويغاندىن كېيىن،ئاپتۇبۇسقا چىقىپ ئۆيگە قايتتىم،مەن ئەتىنىڭ بالدۇرراق كېلىشىنى ئارزۇ قىلاتتىم،ھەنىپە ئاچامنىڭ ئەتىگىچە پىكىرىنىڭ ئۆزگۈرۈپ قالماسلىقىنى تىلەيتتىم،ھەم بىر خىل جىددىيلىق ھەم مەندە ھېچقاچان بولمىغان بىر خىل شېرىن ئېقىم ۋۇجۇدۇمنى لەرزىگە سېلىپ،قاچانلاردىدۇر ئۇخلاپ قالغىنىمنى سەزمەي قاپتىمەن،لېكىن ئاخشام كۆزلىرىمگە ھېچ ئۇقۇ كېلىدىغاندەك ئەمەسلىكى ھېلىمۇ يادىمدا،كۆزۈمنى ئاچقاندا تاڭ سۈزۈلۈپ قالغان ئىدى،ئادىتىم بويىنچە ئالدىراپ نامىزىمنى ئوقۇپ بولۇپلا دۇكانغا قاراپ ماڭدىم،بۈگۈن پېلان زور،ھەنىپە ئاچام،ياق ھەنىپە خېنىم دېيشىم كېرەك،ھەنىپە خېنىمنى ئالدىرىتىپ بۈگۈنلا ئۆيىگە بارمىسام بولمايدۇ،ئەگەر ھېلىقى ئالدىراڭغۇ ئەلچىلەر ئالدىراپ كېتىپ تويلۇق ئەكىلىپ قالسا،ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئېلىپ قالسىلا ھەممە ئىش سۇغا چىلىشىدۇ.شۇڭا ئالدىرىشىم كېرەك.بۈگۈن مەن بىلەن قېرىشقاندەك جىددىيلەشتۈرۈپ ئۇ مەن دۇكان ئېچىپ بولغىلى بىر سائەت بولۇپ كېتىۋاتسىمۇ تېخىچە كەلمەيۋاتاتتى.

-ئۆيدىكىلەرگە دېدىڭىزمۇ .ھەنىپە-دېدىم مەن ئۇ دۇكانغا كېلشىگە سالام-سائەتمۇ قىلماستىن .

-ئاللا،ئاللا سىزگە نېمە بولدى ئەمدى،مەن ئالدىرىمىسام سىز نىمانچە ئالدىراپ كېتىسىز مېنىڭ ئىشىمغا.

ھەنىپە ئاچامنىڭ سۆزىدىن سەل خىجىل بولۇپ قالدىم.
-ئەمدى سىزنىڭ ئىشىڭىزغا ئالدىرىمىسام بولماس ھەنىپە خېنىم بىز قانداقتۇق دەيمەن.

-ۋاي ئۇنداق غىدغىمنى كەلتۈرۈپ قېرى خوتۇننى چاقىرغاندەك خېنىم ،خېنىم دەۋەمىڭە دەيمەن.

-بىزنىڭ قەشقەردە كىچىك قىزلارنى ئاشتا خېنىم دەيدۇ،چوڭ ئاياللارنى چوكان دەيدۇ،ئەمدى گېپىمىزگە كېلەيلى قانداق بولدى-سوئالىمنىڭ جاۋابىنى بىلىشكە ئالدىرايتتتىم.

-دېدېم،غوجدم دېدىم،لېكىن سىزلىكىڭىزنى دېمىدىم،يېگىتىمنى باشلاپ كېلىمەن دېدىم شۇ،ھەي ماڭا بۇ ئىشلار پەقەتلا قاملاشمايدىغاندەك تويۇلىۋاتىدۇ جۇمۇڭ.

-ئۇنداق ئاغزىڭىزنى ئۈشۈتمىڭە،قاملىشىدۇ دەپ تۇرىڭە ،بىز كىمۇ ؟قاملاشتۇرىمىز دەيمەن،ھەرقانداق قاملاشمىغان ئىشنىمۇ؟

-ئاخسالىق قىلماڭ جۇمۇڭ،ھە.كەچتە يېلىڭىز چىقىدۇ تېخى ئاتامنىڭ ئالدىغا بارغاندا كۆرىمىز قالغان ئىشنى.

ھەنىپە (ئەمدى ھەنىپە دەپ ئاتاي)ئىككىمىز چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا ئۈستۈنكى قەۋەتكە چىقىپ ماڭا بىر قۇر شىم كەستۇن سېتىۋالدۇق،قالدىم،كېيىم-كېچەكنىڭمۇ ئادەمنىڭ سىرىتقى قىياپىتىگە بېرىدىغان تەسىرى ھەقىقەتەن چوڭ ئىكەن.شىم -كەستۇننى كىيگەندىن كېيىن،ئۆزۈمگە قاراپ، يېشىمدا ئىككى -ئۈچ ياش ئۆزگۈرۈش بولغاندەك ھېس قىلىپ قالدىم.بىز كەچكىچە نەچچە قېتىم كەچتە ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىغا دەيدىغان گەپلەرنى رېپىتسىيە قىلىپ ،چېنىپ قالماسلىق ئۈچۈن گەپلىرىمىزنى بىرلىككە كەلتۈردۇق.

-قىلىدىغان گەپلىرىڭىزنى ئويلىشىۋالدىڭىزمۇ-دېدى ھەنىپە بىز كەچتە ئۇنىڭ ئۆيىگە ماڭغۇچە ئەندىشە قىلىپ،ئۇنىڭ چىرايىدىن ماڭا ئوخشاشلا جىددىيلىشىۋاتقانلىقى چىقىپ تۇراتتى.مەنمۇ ئاغزىمدا پو ئېتىپ،ئالدىرىغان بىلەن،شۇ تاپتا پۇت قۇلۇپ بوشۇشۇپ،يەرگە ئارانلا دەسسەپ تۇرىۋاتاتتىم،مۇشۇ ھالىتىمدە كىرىدىغان بولسام،گەپنى ئېگىز پەس قىلىپ،جۆيلۈپ قېلىشىم ئېنىق ئېدى،شۇڭا ئىمكانقەدەر ئۆزۈمنى بېسىشقا تىرىشاتتىم،ئۆز-ئۆزۈمگە-تىرىشقىن مۇھەممەت،تىرىشقىن،بەلكىم بۇ سېنىڭ بەختىڭنى قولۇڭغا ئالىدىغان پۇرسەت بولىشى مۇمكىن،سۇڭا جانلانغىن،ئۆزۈڭنى قولۇڭغا ئالغىن،بۈگۈنكى ئىپادەڭ،سېنىڭ پارلاق كەلگۈسۈڭنى،ئۆمۈرلۈك خۇشاللىقىڭنى بەلگىلشى مۇمكىن-دەپ پىچىرلايتتىم.

-سىزگەپ گەپ قىلىۋاتىمەن-ھەنىپەنىڭ بىلكىمدىن سىلكىپ تۇرۇپ ئېيىتقان سۆزى مېنى ھوشۇمغا كەلتۈردى.

-خاتىرجەم بولىڭە ھېلى كۆرىسىز -ئاغزىمدا پو ئاتساممۇ كۆڭلۈمدە يەنىلا شۇ جىددىيچىلىك.

-بالام ئۇ يىگىت سەن بىلەن بىرگە كەلمىدىمۇ؟-دېدې ھەنىپەنىڭ ئانىسى ھەنىپە ئاچام ئىككىمىز بىلەن سالاملىشىۋەتكەندىن كېيىن مېنى ئۆيگە باشلىغاچ،ھەنىپەگە قاراپ .

-ئۇ،شۇ بالا شۇ-ھەنىپە كۆز ئىشارىتى بىلەن مېنى كۆرسەتتى،ئۇلارنىڭ مېنى كۆزى كۆرمىگەنگە قارىغاندا ،بىزنىڭ بۈگۈنكى ئىشىمىز تازا ئوڭۇشلۇق بولمايدىغاندەك قىلاتتى.ھەنىپەنىڭ ئاتا-ئانىسى،بۇ قانداق ئىش دېگەندەك ھەيرانلىق ئىچىدە بىر-بىرىگە ئاندىن بىزگە قاراپ قويدى،ئاندىن چاندۇرماستىن ھەنىپەنى چاي دەملەپ كىرىشكە بۇيرىدى.ھەنىپەنىڭ ئانىسىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە چىقىپ كەتتى،ئۆيدە ئۇنىڭ دادىسى ئىككىمىزلا قالدۇق.ئۆزۈمنى شۇنچىلىك تۇتۇۋېلىشقا تىرىشقان بولساممۇ،كىرىسلودا ئولتۇرغان تىزلىرىم تىترەپ بىر-بىرىگە تىگىپ جاق-جاق قىلىپ ئاۋاز چىقاتتى.

-بالام ،سىز ھەنىپە بىلەن بىر دۇكاندا ئىشلەيسىزغۇ دەيمەن-دېدى،ئۇ ئارىمىزدىكى سۈكۈتنى ئاخىرلاشتۇرۇپ.

-ھەئە-دېدىم بوش ئاۋازدا،ئاندىن ئۇنىڭ چىرايىغا سەپسالدىم،60 ياشلارغا يېقىنلىشىپ قالغان بولسىمۇ چىرايىدىن نۇر يېغىپ تۇرىدىغان بۇ ئادەم ،مېنىڭ تولا جاپا تارتىپ قوللىرى ئوتاندەك قېتىپ كەتكەن،ئېتىزلىقنىڭ ئاپتىپىدا چىرايى كۆيۈكتەك قارىداپ كەتكەن دادامغا قارىغاندا كۆپ ياش كۆرىنەتتى،ئۇنىڭ كۈلۈمسىرەپ تۇرغان چىرايىدىن ماڭا ھېچ ئاچچىقلانغاندەك قىلمايتتى.

-ھەنىپە بىلەن بىللە ئىشلىگىنى خېلى ئۇزاق بولدىغۇ دەيمەن،ئىسمىڭىز نېمىتى.

-مۇھەممەت.

-بۇ يىل قانچە ياشقا كىردىڭىز.

-21 ياشقا كىردىم.

تېخى كىچىكككەنسىز-ئۇنىڭ چىرايى سەل تۈرۈلدى-چىرايىڭىزدىنمۇ چىقىپ تۇرىدۇ،بىزنىڭ ھەنىپەدىن كىچىكلىكىڭىز.

يېشىمنى قەستەن 3ياش چوڭايتىپ ئېيىتساممۇ ،ئۇنىڭ بۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلاپ،ھەرنىمە بولسا ئۆز يېشىمنى ئېيىتمىغانلىقىمغا ىۇش بولغاندەك بولدۇم،ئۇ شۇنداق دەپ بولۇپ گەپ سۆز قىلماستن سىرىتقا چىقىپ كەتتى.

-يالغۇز قالدىڭىزمۇ بالام-بىر ھازادىن كېيىن ھەنىپەنىڭ ئانىسى بىلەن دادىسى تەڭلا كىرىپ كەلدى،دېمەك ئۇلار بىر مەسلىھەتنى پۇشۇرۇپ كىرگەنلىكى جەزمەن ئىدى.

-ياقەي-مەن خۇددى ھايات-ماماتىم ئۇلارنىڭ بىر ئېغىز سۆزىگە باغلىق بولۇپ قالغاندەك ئۇلارنىڭ ئاغزىغا قارىدىم.

-بالام ياش پەرقىڭلار خېلى باركەن،سىز ئۇنىڭدىن تۆت-بەش ياش كىچىك بولماي،تۆت-بەش ياش چوڭ بولغان بولسىڭىزمۇ ھېچ ۋەقەسى يوق ئېدى.يىگىتنىڭ قىزدىن كىچىك بولىشى ئەزەلدىن قائىدىمىزگىمۇ توغرا كەلمەي چەتكە قېقىلىپ كەلگەن،كېيىن توي قىلىپ قالساڭلارمۇ،سىز بىر نەرسە دېمىسىڭىزمۇ،ئۆيىڭىزدىكىلەرنىڭ ئۇنىڭغا ياخشى نەزەردە قارىمايدىغانلىقى ئېنىق،ھەنىپە مېنىڭ بىر تاللا قىزىم،مەن ئۇنىڭ كېيىن جاپا تارتىپ قېلىشىنى خالىمايمەن،شۇڭلاشقا ئۇنى مۇشۇ ياشقا كىرسىمۇ،بىرەرسى بىلەن زولاپ تويىنى قىلىپ قويۇشنى خالىمىدىم،ئەڭ ياخشىسى ئىككىڭلار ۋاقتىدا ئايرىلىپ كەتسەڭلار ياخشى بولارمىكىن،سىزمۇ ياخشىراق ئويلىنىپ باققان بولسىڭىز-ھەنىپەنىڭ دادىسى كىرىسلوغا كېلىپ ئولتۇرۇپ تەمكىنلىك بىلەن شۇنداق دېدى،ئۇنىڭ مۇشۇنداق دېيىشىنى كۆڭلۈم تۇيىغان بولسىمۇ ،لېكىن بۇنچە تىزلا ئېيتىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىغان ئىكەنمەن.

-سىزنىڭ ئەنسىرىگىنىڭىزمۇ توغرا،لېكىن مەن ھەنىپەنى راستىنلا ياخشى كۆرىمەن،چىن يۈرىكىمدىن سۆيىمەن،قائىدىگە كەلسەك،ھەممىمىز ئىسلام ئۈممىتى،مۇسۇلماندۇرمىز،دېنىمىزدا ئۆزىدىن چوڭ ئاياللار بېلەن توي قىلسا بولمايدۇ-دېگەن قائىدىمۇ يوق،پەيغەمبىرىمىزنىڭ تۇنجى ئايالى خەدىچەمۇ،ئۆزىدىن 15-20ياش چوڭ ئىدىغۇ،ئۆيدىكىلەرگە كەلسەك ئۇلارنى ئۆزۈم قايىل قىلىمەن،ئاتا-ئاناممۇ ئۇنداق جاھىل ئادەملەردىن ئەمەس،ئاقكۆڭۈل،ساددا ئادەملەر،ھەنىپەگە چوقۇم ئۆز قىزىدەك ياخشى قارايدۇ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەنىپەمۇ مېنى ياخشى كۆرىدۇ،ئۇنى ياخشى كۆرىدىغان بولسڭلار ئىككىمىزنى بىر-بىرىمىزدىن ئايرىۋەتمىگەن بولساڭلار.

بىزگە چاي قۇيۇپ بېرىۋاتقان ھەنىپە مېنى باشقىدىن تونۇۋاتقاندەك ماڭا سەپسېلىپ قاراپ قويدى.ئۇنىڭ بۇ قاراشلىرى ماڭا باشقىدىن ئۈمۈت بېغىشلىدى.

-بالام ئۇنى راستىنلا ياخشى كۆرەمسىز.

راسلا ياخشى كۆرىمەن ئۇنى جېنىمدىنمۇ ئەزىز كۆرىمەن.

-ئەخلاقلىق ،ئاقكۆڭۈل بالا ئىكەنلىكىڭىز ماڭا ئايان بولدى،ئۆيىڭىزدىكىلەر ئىككىڭلارنىڭ ئىشىنى بىلەمدۇ؟

-ياق تېخى بىلمەيدۇ،لېكىن پات ئارىدا چوقۇم خەۋەر تاپىدۇ.

-بۇندىن كېيىن ھەنىپەنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەرمەيمەن دەپ ۋەدە قىلالامسىز.

-ۋەدە قىلالايمەن،بۇندىن كېيىن ھەنىپەنىڭ كۆزىدىن بىر تامچىمۇ ياش ئاققۇزمايمەن.
-

ھەنىپەنىڭ يېشى بارغانسىرى چوڭ بولۇپ كېتىۋاتىدۇ،بۇنى سىزمۇ بىلىسىز،قىز بالا بەك چوڭ بولۇپ كەتسە ئاتقا ياخشى ئەمەس،شۇڭا ئۇنى راس ياخشى كۆرىدىغان بولسىڭىز،ئۆيىڭىزدىكىلەرنى بالدۇرراق قايىل قىلىپ،توينى ۋاقتىدا قىلىشقا ئالدىراڭ ،مەن سەمىمىيتىڭىزنى شۇنىڭدىن بىلەي.

ھەنىپەنىڭ دادىسىنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ،يۈرىكىم يايراپ كەتتى،مېنىڭچە بولسا ئەتىلا توي قىلىپ ئۇنى ئۆيۈمگە ئەكىلۋالغۇم بار،بىراق ھەنىپە بۇنىڭغا ئۇنىمايدۇدە،مەن ئەتىگەن قانداقلا قىلىپ بولمىسۇن،ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنى يەنە بىر يىل توختىتىپ تۇرۇشقا ۋەدە قىلغان ئەمەسمۇ، مەن خالىساممۇ ،ئۇ خالىمىسا مەندە نېمە ئامال بار.ۋەدەمگە ئەمەل قىلماسلىققا.

-مېنىڭمۇ بالدۇرراق قىلغۇم بار بىراق،بىزنىڭ ئۆيدىكىلەرنى قايىل قىلىشقا ئازىراق ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن،ئۇنىڭ ئۈستىگە پات يېقىندا دادام بىلەن ئانامنى ئۈرۈمچىگە ياندۇرۇپ كەلمەكچى بولىۋاتقانتۇق،شۇڭا بۇ ئىشنى ئۇلار كەلگەندىن كېيىن ئاندىن ئېيتاي دېگەن،تېلفوندا دېگەنگە قارىغاندا ئەمەلىيەتتە دېگىنىم ياخشىراق بولارمىكىن دەپ ئويلىغان ئېدىم.

-ھە ئۇنداق بولسا مەنمۇ سىزنى بەك ئالدىراتماي،بىر مۆھلەت بېكىتىپ بېرىڭ شۇ ۋاقىتقىچە ساقلاي.

-بىر يىل،يەنە بىر يىل ۋاقىت بەرسىڭىز مەن ھەممە ئىشنى پۈتتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلاي.

-بولىدۇ سىزگە بىز يەنە بىر يىل ساقلايلى،بالام ئەمىسە مەن سىزنىڭ ۋەدىڭىزگە ئىشەندىم،ھەنىپەنى داغدا قويۇپ،ئىشەنچىمنى يەردە قويماسلىقىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن.

ھەنىپەنىڭ دادىسىنى بۇنچىلىك تېز ماقۇل بولار دەپ ئويلاپمۇ باقمىغان ئىكەنمەن،ئۇنىڭ ماقۇللۇقىنى ئاڭلاپ يۈرەكلىرىم ئويناپ كەتتى،بۇ ئىش مەيلى ئويۇن بولسۇن،ياكى راس بولسۇن،مەن ئۈچۈن يەنىلا كەلگۈشۈمگە ئۈمۈت بېرىدىغان بىر زور خۇشاللىق ئېدى.

سۆزىمىز تۈگىگەندىن كېيىن بىز كەڭ كۇشادە باشقا پاراڭلارنى قىلىشتۇق،ھەنىپەنىڭ دادىسى بىلەن بىردەمدىلا چىقىشىپ كەتتۇق،ئانىسىنىڭ ئوخشىغان تاماقلىرىغا ئشتىھا بىلەن يىدۇق،بۇ تاماقلار ماڭا سەھرادا قالغان ئانامنىڭ تاتلىق قوللىرىنى ئەسلىتىپ قەلبىمگە ئىللىق ئاتا قىلدى.

-يامانكەنسىز جۇمۇ مۇھەممەت،بۇنچىلىك گەپ قىلالايدۇ دەپ ئويلىماپتىمەن،سىزنى بوش چاغلىمسام بولغۇدەك،دادامنى ئەجەپ تېزلا قايىل قىلىۋەتتىڭىزغۇ-دېدى ھەنىپە مېنى ئاپتۇبۇس بېكىتىگىە ئۇزىتىپ چىقىۋېتىپ.بېشىمدىن ئايىغىمغىچە قاراپ چەكچىيىپ.


-ۋاي ھەنىپە خېنىم بىزنى بوش چاغلاۋەمىسە ،چاتاق چىقىدا بىكا-دېدىم مەن كۆزلىرىمنى ئوينۇتۇپ تۇرۇپ.

-ھەددىڭىزدىن ئاشماڭ،بۇ پەقەت بىر ئويۇن جۇمۇڭ،ئەلچىلەر قايتىپ كەتسىلا،ئايرىلىپ كەتتىم دەيمەن ئۆيدىكىلەرگە.

-ئۇنداق دېسڭىز مەيلى لىكىن يەنە سىز زىيان تارتىسىز،ئۇ ئەلچىلەر كەتسە يەنە باشقا ئەلچىلەر كېلىدۇ،تازا.

-ۋۇ ساراڭ،بەك ئەسكىلىشىپ كېتىۋاتىسىز جۇمۇ سىز-ھەنىپە شۇنداق دېگەچ دۇمبەمگە بىر نەچچىنى ئۇرۇپ قويدى.شۇ ۋاقىتتا ئۆزۈمنى شۇقەدەر بەخىتلىك ھەم يەڭگىل ھېس قىلىپ كەتتىمكى بۇنداق تۇيغۇ مەندە ئەزەلدىن بولۇپ باقمىغان ئىدى.
ھەنىپە مېنى ئاپتۇبۇس بېكتىگىچە ئۇزىتىپ قويغاندىن كېيىن كىرىپ كەتتى،ئۇنىڭ كەينىدىن تاكى قارىسى يۈتكىچە قاراپتۇردۇم،ئۇنىڭ ئالدىغا تاشلاپ ماڭغان ھەربىر قەدىمى خۇددى بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بېسىلغاندەك،ئوماق كۆرۈنۈپ،قەلبىمدە ھاياجان قوزغىدى.
ئاپتۇبۇستا ئولتۇرۇپ ،ئۆزەمچە كۈلۈپ باياتىنقى ئىشلارنى ئويلاپ ،ئۆزەمچە كۈلۈپ كەتتىم.ئەتراپىمدىكى كىشىلەر ماڭا خۇددى ساراڭغا قارىغاندەك قارىغاندىلا ئۆزۈمنى بىلىپ توختىۋالدىم،-خەق نېمە دېسە دېسۇن،بۈگۈن مەندىن بەخىتلىك ئىنسان يوق،ساراڭ دېسە دېسۇن،مەن شۇنداق خۇشال شۇڭا كۈلۈشۈم كېرەك-دەپ ئويلاپ يەنە قولۇمنى چىشلەپ تۇرۇپ ئىچىمدە پىخىلداپ تازا كۈلدۈم.ئۆيگە كەلگەندىن كېيىن ،باياتىندىن بېرى قىلغانلىرىمدىن سەل نومۇس قىلغاندەك بولۇپ ،ئۆزەمچە يۈزۈم قىزىرىپ قالدى،بۇ ھاياجان،بۇ خۇشاللىقلار قوينىدا ئەللەيلىنىپ،شۇنداق تاتلىق ئۇخلۇدۇم.

ئارىدىن يەنە بىر ئاي ئۆتۈپ كەتتى،ھەنىپە ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋېتى شۇ ئىشتىن كېيىن ،خۇددى مېنىڭ خېيالىمدىكىدەكلا بارغانسىرى يېقىنلىشىپ،ئۇنىڭ ماڭا بولغان مۇئامىلىسى،كۆز قارىشىدا تۈپتىن ئۆزگىرىش بولدى،ئۇ مېنى كىچىك بالىدەك كۆرمەيدىغان،بۇرۇنقىدەك مەن بىلەن پاراڭلاشقاندا خۇددى كىچىك بالا بېلەن پاراڭلىشىۋاتقاندەك گەپ قىلمايدىغان بولدى،ئەڭ مۇھىمى مېنى ئۇكام دېيىشنىڭ ئورنىغا مۇھەممەت ياكى ھەي دەيدىغان بولدى،بۇ مېنىڭ قازانغان ئۇتۇقلىرىم ئېدى.گەرچە ئىككىمىز تېخى رەسمىي ئارلاشمىغان بولساقمۇ،مۇشۇنداقلا بولىدىغان بولسا ،بىزنىڭ ئىشىمىزنىڭ روياپقا چىقىش ئېھتىماللىقى زور ئېدى.

-ھەي مۇھەممەت قاراپ بېقىڭە ،ياغلىقىمنىڭ ئالدى جېيىكى چىرايلىق چىقىپتىمۇ؟-دېدى،ئەينەككە قاراپ ياغلىقىنىڭ ئالدىنى بىر قانداق قىلىپ تۈزەشتۈرىۋاتقان ھەنىپە بۈگۈن سەھەردە دۇكانغا چىقىشىمغا مېنىڭ ئالدىمغا كېلىپ ياغلىقىنىڭ ئالدىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ،ئۇنىڭ  ياغلىقىنىڭ ئالدى يۇپيۇمىلاق خۇددى چىرايلىق سوۋېتچە شەپكىنىڭ جېيىكىگىلا ئوخشاپ قالغان ئېدى.

-ھەئە بەك چىرايلىق بوپتۇ خېنىم ،كىم ئۆگىتىپ قويدى بۇ ھۆنەرنى سىزگە كىم ئۆگىتىپ قويدى.

-دەپبەرمەيمەن ،بۇ مەخپى -بۇ ھەنىپەنىڭ تۇنجى قېتىم ماڭا كېيىم كېچەكلىرى توغرىلۇق سوئال سورىشى ئېدى،دېمەك بىزنىڭ مۇناسىۋېتىمىز يەنە بىر قەدەم ئىلگىرلەپتۇ،ئىچىمدە ئويلىغان خىياللىرىمدىن ئۆزەمچە خوش بولۇپ كۈلۈپ كەتتىم.

-نېمىگە كۈلىسىز،مېنى زاڭلىق قىلىۋاتامسىز،تېخى ھازىرلا يارىشىپتۇ دەۋاتمامتىڭىز،بەك ئەسكىكەنسىز جۇمۇڭ-كۈلگىنىمنى كۆرۈپ ھەنىپەنىڭ چىرايى تۈرۈلدى.

-سىزگە كۈلمىدىم ھەنىپە،ئۇنداق قېيدىمىڭە،بىر ئىش يادىمغا كېلىپ قالغانتى شۇنىڭغا كۈلدۈم،ياغلىقىڭىز راسلا يارىشىپتۇ،ئىشەنمىسىڭىز باشقىلاردىن سوراپ بېقىڭ.

بولدىلا،ئەڭ ياخشىسى ئۆزۈمنىڭ بۇرۇنقى ئۇسۇلۇمدا تۇرۇۋەرسۇن،ماڭا يېڭىلىق ياراشمايدۇ زادى-ھەنىپە شۇنداق دېگىنىچە ياغلىقىنى تۈزەپ بۇرۇنقى ھالىتىگە ئەكەلدى.ماڭا بايقى شەپكىچە نۇسقىغا قارىغاندا يەنىلا بۇرۇنقىسى بەكەرەك چىرايلىق كۆرۈنۈپ كەتتى.

-مانا ئەمدى بولدى خېنىم ،يەنىلا كۇچانىڭ سوپۇنى ياخشى،خەقنى دوراپ نىمە قىلىسىز.

ھەنىپەنىڭ چىرايى قىزاردى،ئۇ ماڭا ھېچقاچان قارىمىغان ئويچان كۆزلىرىدە قارىدى،مەن ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن،ماڭا بولغان بىر شېرىن سېزىمنى ھېس قىلغاندەك بولدۇم،مەنمۇ ئۇنىڭغا تەبەسسۇم قىلدىم،كۆزلىرىمىز ئۇچراشقاندا ،ھەر ئىككىلىمىز بەرداشلىق بېرەلمەي يەرگە قارىۋالدۇق.

-ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم-تۇيۇقسىز قىلىنغان چوڭ سالامدىن كېيىن ،ھەنىپە ئىككىمىز تەڭلا ئىشىك تەرەپكە قارىدۇق،چاچتەك ئىنچىكە كىسىلگەن خاشۇ پەردىلەرنىڭ ئارىسىدىن ئەنۋەر كىرىپ كېلىۋاتاتتى،ئۇنى كۆرۈپ،ھەنىپەدىنمۇ بەكەرەك مەن جىددىيلىشىپ كەتتىم.ھەنىپە گەپ سۆز قىلماستىن باشقا تەرەپكە قارىۋالدى.خۇددى ئاسمان ھازىرلا ئۈستۈمگە چۈشىدىغاندەك بېشىم پىرقىراپ كېتىۋاتاتتى.

-ئەھۋالىڭلار ياخشىمۇ تېنىچلىقمۇ-ئەنۋەر يېنىمغا كېلىپ ،مەن بېلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ھەنىپەنىڭ يېنىغا كەلدى-ھەر نېمە بولسا ،بۇ يەردە باركەنسىز،كارتىڭىزنى ئالماشتۇرىۋەتكەن ئوخشايسىز تېلىفون قىلىپ پەقەت ئالالمىدىم،شۇڭا مۇشۇ يەردە بارمىدۇ-دەپ ئويلاپ ئۇدۇللا كەلگەن ئېدىم.

-مېنى ئىزدەيدىغان بېرەر ئىشىڭىز بارمىدى-دېدى ھەنىپە ئەنۋەرگە كەينىنى قىلىپ تۇرۇپ زەردە بېلەن-سىزنىڭ چىرايىڭىزنىمۇ كۆرگۈم يوق،ئەڭ ياخشىسى ئۆزىڭىزنى سوراپ كېتىۋېلىڭ.

-سىزگە دەيدىغان گېپىم بار ھەنىپە،بەك جىق گېپىم بار،لېكىن بۇ يەردە ئېيىتقىلىل بولمايدۇ،سىرىتقا چىقىپ بىرە جاينى تېپىپ ئولتۇرۇپ پاراڭلاشساق بوپتىكەن.

-قانداق گېپىڭىز بولسا مۇشۇ يەردە دەڭ،مېنىڭ سىزنىڭ بېلەن ھېچقانداق يەرگە بارغۇم يوق.

بۇ.....-ئەركىن شۇنداق دەپ ماڭا قارىدى.

-مەن چىقىپ تۇراي ئىككىڭلار پاراڭلىشىۋېلىڭلار-شۇ تاپتا ئەنۋەرنى ئۇرۇپ بۇرنىنى مىجىۋەتكۈم كېلىپ كېتىۋاتقان بولسىمۇ،ھەنىپەنى ئويلاپ ،ئۆزۈمنى ئاران بېسىپ تۇرىۋاتاتتم.مەن شۇنداق دەپ قانداق قىلاي دېگەندەك ھەنىپەگە قارىدىم.

-ئولتۇرۇۋېرىڭ،سىزدىن يوشۇرىدىغان ئىشىم يوق،قانداق گېپى بولسا سىز بار يەردە دېسۇن-دېدى ھەنىپە مېنى ئولتۇرۇشقا ئىشارەت قىلىپ-مۇھەممەتتىن ھېچقانداق ئىشنى يوشۇرمايمەن،ئۇ ھەممە ئىشلىرىمنى بىلىدۇ،گېپىڭىز بولسا دەۋېرىڭ.

-ئەمىسە دەۋېرەي-ئەنۋەر ماڭا يەنە بىر قاراپ قويۇپ گەپ باشلىدى-ھەنىپە مەن خاتا قىلغىنىمنى بىلىمەن،شۇ ۋاقىتتا قانچىلىك ئامالسىز قالغىنىمنى سىز بىلمەيسىز،ئانام مەن ئاغرىپ قالدىم دەپ مېنى يۇرتقا ئەكىلىپ ،بىر تۇققىنىمىزنىڭ قىزى بىلەن تويۇمنى قىلىپ قويماقچى بولدى،مېنىڭ كۆڭلۈمدە سىز بولغاچقا مەن قەتئىي قوشۇلمۇدۇم،شۇنداق بولغاچقا بارلىق ئۇرۇق تۇغقانلار مېنى ئەيىبلىدى،ئانام ھەتتا ،مۇشۇ قىزنى ئالمىساڭ ئالدىڭدا ئۆلۈپ بېرىمەن دېدى،شۇنىڭ بېلەن ئامالسىزلىقتىن ئۇنىڭ بېلەن توي قىلدىم،سىزگە قارىغۇدەك يۈزۈم بولمىغاچقا ،تېلفونلىرىڭىزنىمۇ ئالالمىدىم،سىزگە ھېچقانداق خەۋەر يەتكۈزەلمىدىم،توي قىلغاندىن كېيىن ،سىزنى ھەقىقەتەن ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى بىلدىم،ئايالىمنىڭ ھازازۇللۇقلىرىنى كۆرۈپ قەدىرىڭىزگە يەتتىم،قىلغانلىرىمغا پۇشايمان قىلدىم،شۇڭا ئۇنىڭ بېلەن ئاجىرىشىپ كېتىپ سىزنى ئىزدەپ كەلدىم،جېنىم ھەنىپە سىزدىن ئۆتۈنەي بىز ھەممە ئىشنى قايتىدىن باشلايلى،ئەمدى سىز نېمە دېسىڭىز شۇنى قىلىمەن،ىسز ئۈچۈن ئۆلۈشكىمۇ تەييارمەن.

-ھا.ھاھا...........-ھەنىپە ئەنۋەرنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى-بۇ گەپلىرىڭىزگە كىم ئىشنىدۇ،ئۇ گەپلەرنىڭ ۋاختى ئۆتتى،بۇرۇن ئاشۇنداق شېرىن-شېكەر سۆزلىرىڭىزگە ئىشىنىپ كۆرگەن كۈنۈم ئازمۇ مېنىڭ،ئەمدى نېمە دېسىڭىز بېكار،سىزگە ئىشەنمەيمەن،سىزنى كۆرىدىغان كۆزۈم يوق كېتىڭ.

-ھەنىپە ماڭا بۇنداق قىلماڭ.بۇرۇنقى كۈنلىرىمىزنى ئۇنتۇپ قالدىڭىزمۇ،ماڭا يەنە بىر قېتىم پۇرسەت بېرىڭ،سىزدىن ئۆتۈنەي-ئەنۋەر يالۋۇرۇپ ھەنىپەنىڭ قولىغا ئېسىلدى،مەن جايىمدا ئولتۇرالماي قالدىم،شۇ تاپتا ئۇنىڭ ھەنىپەنىڭ قولىنى تۇتقان قوللىرىنى سۇندۇرۋەتكۈم كېلىۋاتاتتى.

-قولىڭىزنى تارتىڭ،چىرايلىق گەپ قىلغاننى بىلىڭ ،قايسى بۇرۇنقى كۈنلەركەن ئۇ،مېنىڭ ئۇ كۈنلەرنى قايتا ئېسىمگە ئالغۇممۇ يوق،ئېسىت سىز بىلەن ئۆتكەن ئۆمرۈم،ئېسىت ،بۇ يەردىن چىرايلىقچە كېتىۋېلىڭ.مېنىڭ ھازىر ياخشى كۆرىدىغان ئادىمىم بار،پات ئارىدا ئۇنىڭ بىلەن توي قىلمەن.

ھەنىپەنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ يۈرىكىم ئويناپ كەتتى،چۈنكى ئۇ مېنى دەۋاتاتتى،مەندىن باشقا يەنە كىمنى دەيتتى،مەن ئۇنىڭ ئۆيىگىچە بارغان تۇرسام،ئۇ راس مېنى ياخشى كۆرۈپ قالغان ئوخشىمامدۇ.

-ھەي جالاپ ئىززىتىڭنى قىلغاننى بىل ھە،ماڭا تەگسەڭمۇ تېگىسەن تەگمىسەڭمۇ تېگىسەن،بولمىسا خەلقى ئالەم ئالدىدا رەسۋا قىلىمەن،ماڭا نەچچە يىل خوتۇن بولغان دەپ،سەندەك رەسۋانى كىم ئالىدىكىن مەن قېنى بىر كۆرۈپ باقاي-ئەنۋەر ھەنىپەگە ئىتقا ئوخشاش ئېتىلىپ يۈزىگە بىر تەستەك سالدى.

-بولدى بەس-ئەمدى سەۋرىمنىڭ چېكى توشقان ئېدى-ۋۇ ھايۋان ،ئادەم ئەمەس ئېشەك-ئەنۋەرنىڭ ھەنىپەنى ئۇرغان قولىغا چىڭ ئېسلىۋېلىپ يۈزىگە بىر نەچچە مۇش سالدىم.

-ئۇ جالاپنىڭ تاپقان يېگىتى سەن ئوخشىمامسەن،ئۆزۈڭگە ئەر تاپالماي كىچىك بالىنى ئالداپ تېگىۋالاي دېدىڭمۇ ،ۋۇ پاسكىنا،سەندىن باشقىا ئادەمنى ياخشى كۆرمەيمەن،سەن بولمىساڭ ئۆلىۋالمەن دەۋاتىتىڭيا،نېمىشقا ئۆلمىدىڭ-ئەنۋەر مېنى ئىتتىرۋېتىپ يەنە ھەنىپەگە ئېتىلدى.

-قانداق قىلتىڭ ئىشىڭنى قىل ۋۇ ئېشەك،ئۇ كىچىك بولسىمۇ ۋېجدانى بار،ئەركەكلىكى بار، سەندەك ئېشەكتىن پەرقى يوق ھايۋان ئەمەس، مەن ئۇنى ياخشى كۆرىمەن قانداق قىلاتتىڭ-ھەنىپە يىغلاپ تۇرۇپ گېلىدىن چىڭ تۇىۋالغان ئەنۋەرنىڭ يۈزلىرىنى تاتىلاۋاتاتتى، ئۇنىڭ سۆزلىرى يۈرەك تارىمنى چېكىپ،قانلىرىمنى ئۇرغۇتىۋاتاتتى.

-قولۇڭنى تات،ۋۇ ھايۋان-بار كۈچۈمنى يىغىپ ئەنۋەرگە قايتىدىن ئېتىلدىم،ئەنۋەر ئىككىمىز بىر-بىرىمىزگە خۇددى ئاچ قالغان بۆرىلەردەك ئېتىلدۇق،ئۇنىڭ بازغاندەك چوڭ مۇشلىرى يۈز-كۆزلىرىمنى مىجىشقا باشلىدى،مەنمۇ بوش كەلمەي،ئۇنىڭ .ئاجىز ئورۇنلىرىنى تاللاپ تازا ئۇردۇم،شۇ تاپتا تېنىم ھېچقانداق ئاغرىقنى سەزمەيتتى،پەقەت ھەنىپەگە قول ئۇزاتقان بۇ ھايۋاننى يەر يۈزىدىن يوق قىلىشنىلا ئويلايتتىم.

بىردەمدىلا ئەتراپىمىز ئادەم دېڭىزىغا ئايلاندى،كىشىلەر ئارىمىزغا كىرىپ بىزنى ئايرىشقا كىرىشتى،ھەنىپە بىر جايدا تۇرۇپ توختىماي يىغلاۋاتاتتى،بىردەملىك ۋاراڭ-چۇرۇڭ جىدەل ماجىرالاردىن كېيىن،باشقىلار بىزنى ئايرىپ ئەنۋەرنى بۇ يەردىن كەتكۈزىۋەتتى،ھەنىپە ئىككىمىز دۇكاندا يەنە يالغۇز قالدۇق،باياتىن قىززىقچىلىقتا ھىس قىلمىغان بىلەن،مۇش يىگەن جايلىرىم ھەمدى ئېچىشىپ ئاغرىۋاتاتتى،ھەنىپە توختىماي مىشىلداپ يىغلايتتى،ئۇنىڭغا قاراپ بىئارام بولۇپ،بەدىنىمدىن بەكىرەك يۈرىكىم ئېچىشىۋاتاتتى.

-كەچۈرۈڭ مۇھەممەت،سىزنى بالاغا قويدۇم-ھەنىپەنىڭ ماڭا قارىغان كۆزلىرىدە ياش ھەم ئامالسىزلىق ئەكىس ئېتىپ تۇراتتى.

-نېمىگە كەچۈرۈم سورايسىز،ئۇ ھايۋاننى ئۇرۇپ ئۆلتۈرىۋېتەلمىگنىمگە پۇشايمان،قىلىمەن،شۇمۇ ئادەم بولدىمۇ ئەمدى.

-ئۇغۇ كەتتى تۈگىدى،بىراق -ھەنىپە بىر ئىشتىن ئەندىشە قىلغاندەك ئۈنى ئىچىگە چۈشۈپ سۆزىنىڭ ئاخىرىنى ئېيتالمىدى.

-بىراق نېمە،نېمىدىن ئەنسىرەيسىز-مەن ھەيرانلىق ئىچىدە ئۇنىڭغا تىكىلدىم.

-بۈگۈن بۇ يەردە خەققە بىر مەيدان  ئويۇن قويۇپ بەردۇق،ئەمدى بۇ ئىشتىن ئاكىڭىزمۇ خەۋەر تاپىدۇ،ئاندىن ئۆيىڭىزدىكىلەرمۇ بىلىدۇ،ئەمدى  مېنى نېمە دەپ ئويلاپ قالىدۇ،ئەل-خالايىق مېنى نېمە دەپ قالىدۇ،مەن ئەمدى قايسى يۈزۈم بىلەن بۇ دۇكاندا ئىشلەيمەن،ئۇ ئىت مېنى رەسۋا قىلدىغۇ،ئۇنىڭ بىلەن تەڭ بولمىساق بوپتىكەن،

-ھەنىپە كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ مەن يېنىڭىزدا بار،سىزنىڭ قانداقلىقىڭىز ماڭا ئايان،ئاكاممۇ سىزنىڭ قانداق قىز ئىكەنلىكىڭىزنى بىلىدۇ ،ئۆزىڭىزگە ئاق بولسىڭىزلا كۇپايە،خەق بىلەن نېمە كارىڭىز-ئاغزىمدا ئۇنىڭغا تەسەللى بەرسەممۇ،كۆڭلۈمدە مەنمۇ ئەندىشىگە چۈشتۈم،ئاكام بۇ ئىشلاردىن خەۋەر تېپىپ قالسا ،ھەنىپەگە يەنە بۇرۇنقىدەك ئىشىنەرمۇ،ئۇ نېمە دەپ ئويلاپ قالار،ئىككىمىزنىڭ ئىشىغا ئۇنى قانداقمۇ قايىل قىلارمەن دەپ ئويلاپ،قېنىم قىززىقلىق قىلغىنىمغا سەل پۇشايمان قىلىشقا باشلىدىم.

-ھەنىپە بايام دېگەن گەپلىرىڭىز راسمۇ سىز راس مېنى ياخشى كۆرەمسىز-دېدېىم مەن ھەنىپەنىڭ بايىقى سۆزلىرىنى ئېسىمگە ئېلىپ ھاياجانلىنىپ.

-ئۇقمايمەن-دېدى،ئۇ ئېغىر بىر تىنۋەتكەندىن كېيىن-سىزنى ياخشى كۆرسەم نېمە ئىش بولماقچىتى،ئەنۋەر مېنى خەلقى ئالەم ئالدىدا رەسۋا قىلدى،ئەمدى ھېچكىم ماڭا بۇرۇنقىدەك قارىمايدۇ،بەرىبىر ئاخىرى چىقمايدۇ،بۇ ئىشنىڭ ،ئەمدى ئۇنداق ئويلاپ ئۆزىڭىزنىمۇ مېنىمۇ قىينىماڭ بولامدۇ.

-كىم ئاخىرى چىقمايدۇ دەيدۇ،نېمىشقا ئاخىرى چىقمۇغۇدەك،مەن ئەنۋەرگە ئوخشىمايمەن ،قىلىمەن دېگەن ئىشىمنى چوقۇم قىلىمەن.

ھەنىپەنىڭ ئۇقمايمەن دېگىنىمۇ قەلبىدە ئازراق بولسىمۇ ماڭا مۇھەببەت بارلىقىنىڭ ئىسپاتى ئېدى،ئۇنىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلاپ بايىقى تاياق ،ئەندىشە دېگەنلەر ئاللىقاياقلارغىدۇر ئۇچۇپ كېتىم.قەلبىمنى خۇش ھاياجان قاپلىدى.

-قىلىسەن ،سەن قىلمىساڭ كىم قىلىدۇ نوچى-تۇيۇقسىزلا كەينىمدە ئاكامنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى،دېمەك باشقىلار ئۇنىڭغا خەۋەر يەتكۈزۈپ بولغان گەپ-كەلگىنىڭگە بىر يىل بولماي تۇرۇپ،پۈتۈن شىياۋشىمىننى زىلزىلگە كەلتۈرىۋەتكىدەك ئويۇندىن بىرنى قويۇپسەن ئەمەسمۇ،يۈرە مەن بېلەن.

ئاكام ھەنىپەگە ماڭا بېشى بىلەن سىرىتنى ئىشارە قىلغاندىن كېيىن ھەنىپەگە قاراپ ھومىيىپ قويدى.شۇ تاپتا ھەنىپە خۇددى يىڭنىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغاندەك پۈتۈن بەدىنى نومۇستىن تىترەپ كېتىۋاتاتتى.مەن ئاكامنىڭ ئۇنىڭغا بىر نەرسە سەپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ گەپ-سۆزسىزلا كەينىدىن ئەگەشتىم.

-ھەنىپە بىلەن تېپشىۋالغىنىڭ راسمۇ-دېدى ئاكام بىز ئۇنىڭ ماشنىسىغا چىقىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن .

مەن گەپ سۆز قىلماي جىم تۇردۇم،بۇ مېنىڭ راس دەپ تەستىقلىغىنىم ئېدى.

دېمەك راسكەندە، يەڭگەڭ بۇرۇنلا-بۇ بالا بىرسى بىلەن تېپشىۋاپتۇ،بوممىسا ئۆي ئايرىپ چىقمەن دەمتى،دېسە ئۇنىڭغا ئىشەنمەي،سەن خاپا قىلغان گەپ دەپ ئۇرشۇپ يۈرۈپتىمەن،ئۆتكەندە ئۆيگە بارغان چاغدىمۇ،ھەنىپەنى كۆرۈپ،يەڭگەڭ ئىككى ئېغىز گەپ قىلىپ قويسا ئىككىڭلارنى ئاقلاپ ئۇنى تىللاپتىمەن،ئەسلىدە شۇچاغدىن باشلاپلا ئىككىڭلا ئۆي تۇتۇۋاپتىكەنسىلەردە، مەن سېنىمۇ ،ئۇ مەينەتنىمۇ بوش چاغلاپ قاپتىمەن،ساڭا قانداق سېھىر ئىشلەتتى سېنى ئۆزىگە بۇنچە مەپتۇن قىلىۋالغۇدەك.

-ئاكا مېنى نېمە دەپ تىللىساڭ مەيلى لېكىن ئۇنى ھاقارەتلىمە،ئۇ پاك قىز،ئارىمىزدا سەن ئويلىغاندەك ھېچقانداق ئىش يوق-ئاكامنىڭ ئۇنى مەينەت دېگىنىنى ئاڭلاپ يۈرىكىم پىچاق سالغاندەك ئېچىشىپ كەتتى.

-نېمە مەينەت دېسەم چىدىمايۋاتامسەن،بۈگۈن ئۇنى دەپ خەق بىلەن مۇشلىسىپسە،ئەمدى ئەتە مەن بىلەن مۇشلىشىدىغان ئوخشىمامسەن،ئۇقۇپ قوي مەن سېنىڭ ئاكاڭ،ماڭا بۇنداق يوسۇندا گەپ قىلما،ساڭا ئىشىنىپ كەلگەن يېرى مۇشۇ،ئەمدى نېمە دېسەڭمۇ بېكار،ئەتىدىن باشلاپ ئۇنى ئىشتىن بوشتىمەن،بۇندىن كېيىن ئىككىڭلارنىڭ كۆرىشىشگە رۇخسەت يوق،بۈگۈنلا مەن بېلەن ئۆيگە قايتىسەن،بۇندىن كېيىن سېنى ئۆزۈم ئاپىرىپ ئەكىلىمەن.

-ئۇنى ئىشتىن بوشاتساڭ بولمايدۇ ئاكا،ئۇنىڭ ھېچقانداق گۇنايى يوق،ھەممە گۇنا مەندە،ئەمەلىيەتتە مەن ئۇنى ياخشى كۆرىمەن لېكىن ئۇ مېنى ئۆز ئېنسىدەكلا كۆرىدۇ،مېنىڭ ئۆزىنى ياخشى كۆرۈشۈمنى پەقەت خالىمايدۇ،ئۇنىڭغا ئۇۋال قىلما،ئەمدى ئۇنىڭ دەرتى كۆتۈرگۈچىلىكى يوق-ئاكامنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ھەنىپەنىڭ يىغلاۋاتقان ئامالسىز ھالىتى كۆز ئالدىمغا كەلدى.

-بولدى قىل ،مەن دېگنىمنى قىلىمەن،ئەمدى ئۇنىڭ ئىسمىنى ئاغزىڭغىمۇ ئالغۇچى بولما.

-ئەگەر ھەنىپەنى دۇكاندىن قوغلايدىغان بولساڭ،مېنىمۇ ھەيدىۋەت،ئۇ كەتسە مەنمۇ تۇرمايمەن ئۇنىڭ بىلەن بىللە كېتىمەن.

-نەگە كېتىسەن، ماقۇل سېنى كەتكۈزىۋېتەي،سەھراغا كەت ،ئېتىزلىقتا كەتمەن چېپىپ،توپىغا مىلنىپ ياشا.

-مەيلى بۇ جايدا ئېزىلىگىنىمدىن ،يۇرتقا بېرىپ ئانام بىلەن دادامنىڭ يېنىدا تۇرۇپ كەتمەن چاپقىنىم مىڭ ياخشى-شۇ گەپنى قىلىپ بولۇپلا بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتىم.ئاكاممۇ ھېچنىمە دېمەي،جىمجىتقىنە تۇرۇپ كېتىپ-بوپتۇ دۇكانغا كىرىپ كەت،ئۇ كەتمىسۇن،لېكىن بۈگۈندىن باشلاپ مەن بىلەن ئۆزگە بىللە كېتىسەن -دېدى.

ھەر نېمە بولسا بۇ بالادىن قۇتۇلدۇم دەپ خۇشال بولۇپ دۇكانغا كىرىپ كەتتىم،ھەنىپە يەنىە شۇ غەمگە چۆكۈپ ئولتۇراتتى.

-ھەنىپە ،كۆڭلۈڭىزنى يېرىم قىلماڭ ،ئەمدى مەن يېنىڭىزدا بار،ئاكامغا ھەممە ئىشنى ئېيتتىم ،ئۇ ئىككىمىزنىڭ ئىشىغا قوشۇلدى، ئەمدى مەن سىزنىڭ ھالىڭىزدىن خەۋەر ئالىمەن،ئىككىمىز بىر -بىرىمىزگە يۆلەك بولۇپ بىر ئۆمۈر ياشايمىز بولامدۇ-مەن ئاستا ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ مۆرىسىگە قولۇمنى قويدۇم.

-بۇ گەپلىرىڭىز راسمۇ،مۇھەممەت-ھەنىپەنىڭ چىرايىغا كۈلكە يۈگۈردى .

-راست،ئاكام راست قوشۇلدى.

-مەن ئىككىمىزنىڭ ئىشىنى ھەرگىز مۇمكىن بولمايدۇ دەپ ئويلاپتىكەنمەن،ئاكىڭىزنىڭ بۇنداق تېزلا ماقۇل بولىشىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن-دېدى ھەنىپە ھاياجانلىنىپ-بۇرۇن سىزنى ئۆزۈمنىڭ ئىنىم دەپ ئويلايتىم،قاچاندىن بېرى سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغىنىمنى ئۆزۈممۇ ئۇقمايمەن،لېكىن،سىزنى ياخشى كۆرۈدىغانلىقىمنى ئويلىساملا،بۇ خېياللىرىمدىن قورقۇپ كېتەتتى،مانا ئەمدى بۇ گەپلىرىڭىزنى ئاڭلاپ،قەلبىم ئىشەنچكە تولغاندەك بولدى،ئەمدى سىزنى قورقماي ياخشى كۆرەلەيدىغان بولدۇم،بىراق يېشىمىز شۇنچە كۆپ پەرىقلىنىدىغان تۇرسا،ئاتا-ئانىڭىز نېمە دەپ قالار.

-ئەندىشە قىلماڭ ،ئۇلارمۇ چوقۇم قوشۇلىدۇ،ئانام،دادام بىر بىرىدىن ساددا ئاقكۆڭۈل ئادەملەر،سىزدەك ياخشى قىزنى چوقۇم كېلىن قىلىۋالىدۇ،ئەمدى ياشنىڭ گېپىنى قىلماڭ ،ياش پەرقى مۇھەببەتكە سەۋەب بولالمايدۇ،ئىككى يۈرەكتىكى مۇھەببەت ئوخشاش بولسىلا ،ئۇ ئىككى ئىنسان مەڭگۈ بىرگە بولالايدۇ.

شۇ گەپلەرنى قىلىۋاتقاندا پۈتۈن بەدىنىم ئوت ئالغاندەك قىززىپ ھاياجانغا تولدى.

-رەھمەت ،مۇھەممەت،سىزنى خۇددى مەن ئۈچۈنلا يارالغاندەك، مېنىڭ قايغۇمنى ئازابلىرىمنى تۈگتىش ئۈچۈنلا يېنىمغا كەلگەندەك ھېس قىلىمەن،ھەر قېتىم ،قىيىن كۈنگە ئۇچىرىغاندا سىز ئۇنى يوق قىلىپ مېنى خۇشال قىلىسىز-ھەنىپەنىڭ كۆزلىرى ماڭا مېھىر بېلەن تىكىلدى.

-مەن سىزنىڭ ،مەن سىز ئۈچۈن يارالغان-مەن شۇنداق دەپ ئۇنىڭ قولىنى ئالقىنىمنىڭ ئىچىگە ئالدىم،شۇ قەدەر ئىللىق بىر ئېقىم ئالقىنىمدىن تۈرۈپ پۈتۈن ۋۇجۇدۇمنى ئىللىتىشقا باشلىدى.

ھەنىپە ئىككىمىز كەچكىچە مۇڭدۇشۇپ بىر -بىرىمىزگە شېرىن ۋەدىلەرنى بېرىشتۇق،كەچتە ئاكام دېگىنىدەكلا مېنى ئالغىنى كەلدى.ئۆيگە بارسام ،يەنە يەڭگەمنىڭ سوغاق مۇئامىلسىى،لېكىن ،ئۇ ھەنىپە ئىككىمىز توغرىلىق ھېچنەرسە دېمىدى،دېمەك ئاكام ئۇنىڭغا بۇ ئىشلارنى دېمىگەن بولسا كېرەك.

ھاياجان ،خۇشاللىق ئىچىدە ئۇخلىيالماي ھەنىپەگە تېلفون قىلدىم،ئۇنىڭ تېلفونى ئېتىك ئېدى،توكى قالمىغان ئوخشايدۇ دەپ،ئۆزۈمنى ئەللەيلەپ مەجبۇرى ئۇيقۇغا كىرىشتىم.

ئەتىسى ھەنىپەنى كۆرۈشكە ئالدىراپ ئاكامنى ساقلىمايلا دۇكانغا ماڭدىم،لېكىن مەن كەلگەندە ھەنىپە تېخىچە كەلمىگەن ئېدى،ئۇنى ساقلىدىم ،شۇنچىلىك تەقەززا بولدۇم،لېكىن ئۇ كەچ بولغۇچە كەلمىدى،تېلفون قىلسام تېلىفونى ئېتىك،زادى نېمە ئىش بولغاندۇ دەپ ئويلاپ ئەندىشە بېلەن بىر كۈننى ئاران كەچ قىلىپ ،ئاكامدىن سورىدۇم.

ئاكام-مەن ئۇقمايمەن،يا ماڭا دەپ قويمىدى،ئۆيىدە بىر ئىش چىقىپ قالغان ئوخشايدۇ ئەتە كېلىپ قالار-دېدى.

قەلبىمدە ئاكامغا نىسبەتەن يەنىلا بىر چوڭ گۇمان بار ئېدى،شۇنداق بولسىمۇ ،يەنە بىر كۈن ساقلاپ بېقىش قارارىغا كېلىپ ئۇنىڭ بېلەن ئۆيگە قايتتىم.كېچىچە ھەنىپەگە نەچچە قېتىم تېلفون قىلغىنىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن ،ئۇنىڭ تېلفونى يەنىلا ئېتىك ئېدى.زادى نېمە ئىش بولغاندۇ،ھەنىپە تېخى تۆنۈگۈنلا ماڭا نۇرغۇن ۋەدىلەرنى قىلغان ئېدىغۇ؟ئەجىبا ئەنۋەر بىلەن يەنە..............،ياق ئۇنداق قىلىشى مۇمكىن ئەمەس،لېكىن ئۇ نېمە ئۈچۈن بۈگۈن مەن بىلەن بىر قېتىممۇ ئالاقىلاشمايدىغاندۇ،تېلىفون قىلىپ دەپ قويسىمۇ بولاتتىغۇ-ھەرخىل خىياللار قەلبىمنى ئېزەتتى،سېغىنىش ،ئەندىشە ئىچىدە قانداق ئ.ۇخلىغنىمنىمۇ تۇيماي قاپتىمەن،سەھەر سائىتىم چىللىغان ۋاقىتتا ئورنۇمدىن تۇرۇپ ،يەنە ئالدىراپ دۇكانغا مېڭىپ كەتتىم.پۈتۈن ۋوجۇدۇم تىترەيتتى،بۈگۈن ھەنىپەنى دۇكاندا كۆرۈشنى شۇنچىلىك ئارزۇ قىلاتتىم،ئەپسۇس مەن كەلگەندە ئۇ يەنە يوق،ئۇنى ئىنتىزارلىق بىلەن چۈشكىچە ساقلىدىم-دە،بولالماي دۇككاننى تاقاپ ئۇنىڭ ئۆيىگە قاراپ يول ئالدىم،،ئىشىك قوڭغىرىقىنى شۇنچە باسساممۇ ئاچىدىغان ئادەم يوق،يېرىم سائەتتەك ھەپىلەشكەندىن كېيىن ،ئۈمۈدسىزلىنىپ ،جانسىز پۇتلىرىمنى سۆرەپ يېنىپ چىقتىم.
يولدا كېتىۋاتىمەن،كاللامدا تۈمەن مىڭ خىيال، ھەنىپە زادى نېمىشقا بۇنداق قىلىدۇ،تېخى ئىككىمىز تۆنۈگۈنلا مەڭگۈ ئايرىلماسلىققا ۋەدىلەشكەن ئېدىققۇ،ئاكام بىر نەرسە دېگەنمىدۇ،يا،ئاكام بىر نەرسە دېگەن بولسا دۇكانغا كەلمىسىلا بولاتتىغۇ؟نېمىشقا ئۆيىدىكىلەر بىلەن بىللە جىمجىتقىنە يوقاپ كېتىدۇ؟ئەنۋەر بىلەن يەنە تېپشىۋېلىشى مۇمكىن ئەمەس تېپشىۋالىدىغان بولسا،تۆنۈگۈن ئۇنىڭ بىلەن سوقۇشۇپ يۈرمەس بولغىيتى،ئۇنىڭغا زادى نېمە ئىش بولغاندۇ؟يۇرتىدا بىرەر ئىش چىقىپ قالمىغاندۇ؟مۇمكىن ئەمەس،ئۇنچىۋالا چوڭ ئىش بولىدىغان بولسا ماڭا چوقۇم دەپ قوياتتى،ئۇ مېنى تاشلاپ كېتىپتۇ،مېنى ئالداپتۇ.مەن نېمە دېگەن بېچارە،ئۆز-ئۆزۈمگە توختىماي پىچىرلىماقتا ئېدىم.
تېخى تۆنۈگۈنلا مېنى بىر كۈنگىمۇ يەتمىگەن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە،ئۆز مۇھەببىتى بىلەن ئېلھاملاندۇرۇپ،شېرىن ھېسلار بېلەن قەلبىمنى ھاياجانلاندۇرۇپ،يۈرىكىمدە ئىشىق ئوتىنى يالقۇنجىتىپ،روھىمنى بىر دەملىك شاد-خورام تۇيغۇلار بېلەن ئەللەيلەپ قويۇپ،ئەمدىلىكتە چۈش كەبى ئەتراپىمدىن جىمجىتقىنە غايىپ بولغان ھەنىپەنىڭ سىماسى خېيال ئېكرانىمدا توختىماستىن قويۇلۇپ،نېرۋېللىرىم قاتتىق چىڭقالماقتا،غايىبتىن كەلگەن بۇ تويۇقسىز ھېجىراندىن قەلبىم پۇچۇلۇنۇپ،روھىم تېنىمدىن جۇدا بولغاندەك ئازابلانماقتا .

كېتىۋاتىمەن مەنزىلىم قايان،قەيەرگە بېرىپ توختايمەن،بۇلار ماڭا قاراڭغۇ،تۈن پەردىسى يېپىلغان،يوللارنىڭ چىراقلىرى يېقىلغان،قەھرىتان قىشنىڭ جاندىن ئۆتكىدەك سوغوق شىۋېرغىنى چىرقىرىماقتا.

قار لەپىلدەپ يېغىپ،چاچلىرىمنى ئاق لېباسقا ئورىماقتا،ئايىغىمدا چەيلەنگەن قارلار،خۇددى مېنىڭ ئازابتىن ئېزىلگەن قەلبىمگە ئوخشاش ئاچچىڭ ئېىڭىراپ غىچىرلىماقتا.

نەدىلىكىمنى،نەگە بېرىشىمنى ،نېمە قىلىشىمنى بىلمەيمەن، بېشىم قايغان،پۇتۇم تالغان تەرەپكە قاراپ كېتىۋاتىمەن.كىملەرنىڭدۇر،ساراڭ بولدۇڭمۇ دەپ ۋارقىراپ،ماشنىلارنىڭ چىرقىراپ تورمۇز قىسقىنىدىن ،ئۆزۈمنىڭ چوڭ يولدا كېتىۋاتقانلىقىمنى ھېس قىلىۋاتىمەن،لېكىن ھەنىپە بولمىغان ھاياتنىڭ ماكا قىلچىلىك كېرىكى يوقتەك ،مەندە قىلچىلىك قورقۇش يوق.ئويلايدىغنىم پەقەت،نېرۋېللىرىمنى چىڭقاۋاتقان بۇ ئازابلىق خېياللاردىن قۇتۇلۇش.

-بالام ،نېمە بولدىڭىز-ئانامنىڭ ئاۋازىدەك يېقىملىق بىر ئاۋازدىن ئويغۇنۇپ كۆزۈمنى ئاچتىم،كۆز ئالدىمدا خۇددى ئانامغا ئوخشاش بىر سىيما،-ئانا -دەپ ئۇنىڭ باغرىغا ئۆزۈمنى ئاتتىم،بېشىمنى سىلغان ئىسسىق قوللاردىن تارىغان ھارارەت ۋۇجۇدۇمنى ئىللىتتى.

-بالام ،ئۆيىڭىز نەدە،نېمىشقا بۇ يەردە ياتىسىز،سىزگە زادى نېمە بولدى-توختىماي سورالغان سوئاللارغا نېمە دەپ جاۋاب بېرىشىمنى بىلەلمەي،ئۈستىبېشىمغا قارىدىم،چاچلىرىم توڭلىغان،كىيىملىرىم ئاپئاق قارغا مېلەنگەن ،تۇرقۇم خۇددى جۇلدۇر-كېپەن ،دۇنيادىن ئۈمۈدى ئۈزۈلگەن دېۋانىلەرگىلا ئوخشاپ قالغان ئېدى،كۆز ئالدىمدا تۇرغان ئانام دېمەتلىك ئايالنى كۆرۈش بېلەن ۋۇجۇدۇم نۇمۇستىن ئوت ئاكغاندەك بولدى-دە،ئورنۇمدىن چاچراپ تۇرۇپ ئېتتىك قەدەملەر بىلەن مېڭىپ كەتتىم.

-توۋا ماڭا زادى نېمە بولغاندۇ؟ئۆزۈمنى خېلى جېگەرلىك ئوغۇل بالا دەپ چاغلاپ يۈرەتتىم،ئەمدى بېشىمغا كەلگەن كىچىككىنە دەرتنى كۆتۈرەلمەي چۈشۈپ قالغان ھالىمنى كۆرمەمدىغان،يا ھەنىپەنىڭ زادى نېمىشقا غايىپ بولغىنىنىمۇ بىلمىسەم ،بۇنچىۋالا قىلشىمنىڭ نېمە ھاجىتى،ئىش ئېنىقلانماي تۇرۇپ ،بۇنچىۋالا بولۇپ كەتسەم،ئۇ راستىنلا ئەنۋەر بېلەن تېپشىۋالغان بولسا،نېمە بولۇپ كېتەرمەن،ئۆزۈمگە كېلىۋالاي،ئەقلىمنى تاپاي-شۇلارنى ئويلىغاندىن كېيىن ،ئۈستى بېشىمنى قېقىپ ،تۈزەشتۈردۈم.شۇ ئەسنادا توختىماي جىغىلداپ تىترەۋاتقان يانفونۇمنىڭ سايراۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ،يانچۇقۇمغا قولۇمنى سېلىپ ،ئالدىراپ تېلىفوننى ئالدىم.

-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.

-سەن نەدە ،ھازىر سائەت نەچچە بولدى بىلەمسەن،نېمانداق ئادەمنى ئەنسىرتىسەن،ئۆيگە قايتىپ كېلىشنى بىلەمسەن يوق،دۇكاننىمۇ بالدۇر تاقاپ كېتىپسەن ،زادى نېمە بولسى ساڭا،نېمىش قىلىپ يۈرۈيسەن-ئاكام توختىماي سوئال سوراۋاتاتتى،ئۇنىڭ ئاۋازىدىن جىددىيلىك ،ئەنسىراش چىقىپ تۇراتتى.ئاكامغا نېمە دەپ جاۋاب بېرىشنى بىلمەي ئەتراپىمغا قارىدىم،ماڭا پۈتۈنلەي ناتۇنۇش بولغان بىر يەردە تۇرۇپتىمەن،بۇرۇن ئۈرۈمچى دېگەن مۇشۇ شۇ،دەپ،شىياۋشىمىن ،دۆڭكۆۋرۈك،تېلۋېزىيە ئىستانسىسى ئارىسىدا قاتناپ يۈرۈپ،ئۈرۈمچىنىڭ بۇنچىلىك چوڭ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلماپتىكەنمەن،مانا ئەمدىلىكتە ئۆزۈمنىڭ نەدە تۇرغانلىقىمنىمۇ دەپ بېرەلمەيۋاتىمەن.

-بىلمەيمەن.

-نېمە دەيدىغانسەن كاللاڭ جايىدىمۇ سېنىڭ،نەدە تۇرغانلىقىڭنىمۇ بىلمەيۋاتامسەن-ئاكام قايناشقا باشلىدى.

-راس بىلمەيدىكەنمەن بۇ يەرنىڭ قەيەرلىكىنى.

-قانداق يېنىپ كېلىشنى بىلەمسەن.

-ياق .ئازراقمۇ بىلەلمىدىم.

-تاكسىدىن بىرنى توسۇپ كېلە ئەمىسە ،قالغان گەپنى ئۆيگە كەلگەندە ئاندىن دېيىشىلى-دېدى ئاكامنىڭ ئاۋازى سەل پەسلەپ-يانچۇقۇڭدا پۇل باردۇ.

يانچۇقۇمغا قولۇمنى سالدىم ،بىر موچەنمۇ پۇل يوق ئىدى، چۈشتە سودا قىلغان پۇللارنى دۇكاندىكى ئىشكاپقا سېلىپ ،يانچۇقۇمغا سېلۋالغان ئازراق پۇلنى نەگە چۈشۈرۈپ قويغۇنۇمنى زادىلا بىلەلمىدىم.

-يوقكەن.

-ئوغۇل بالا تۇرۇپ يانچۇقۇڭدا 50-60 كوي پۇل يوقما،ئۇنداق بولسا تاكسىدىن بىرنى توسۇپ،ئاق مەسچىتنىڭ ئالدىغا دەپ، كېلە ،مەن شۇ يەردە سېنى ساقلاپ تۇرىمەن.

يەنىلا چوڭنىڭ ئەقلى چوڭچىدە،مەن ئاكام ئويلىغانچىلىك ئويلىيالماپتىمەن ئەمەسمۇ.

-سائەتكە قاراپ باقە ئۇكام ،ھازىر بىردىن ئېشىپ بولدى،مۇشۇ چاققۇچە نېمىش قىلدىڭ،سەندىن قانچىلىك ئەنسىرگىنىمنى بىلەمسەن،ئىزدىمگەن يېرىم قالمىدى،ئانام،داداملارغىمۇ تېلفون قىلغىلى تاس قالدىم.ساڭا زادى نېمە ئىش بولدى-دېدى ئاكام مەن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن تاكسىنىڭ پۇلىنى بېرىپ يولغا سېلىۋېتىپ مېنى ماشنىسىغا چىقىرىپ،گەپ باشلاپ.

-ئاكا ،راس گەپ قىلە ھەنىپەگە سەن بىرنەرسە دېدىڭما-ئاكامنىڭ گەپ سۆزلىرى ھەم تۇرىقى مېنىڭ ئازىراق گۇمانىمنى قوزغاشقا باشلىدى،چۈنكى ئۇ مېنڭ ھەنىپەنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى بىلگەن ئىكەن ماڭا نېمە بولغانلىقىنىمۇ ئەلۋەتتە بىلىشى كېرەك ئېدى ھەم مەن يوقاپ كەتسەم بىرىنچى بولۇپ ھەنىپەنى ئىزدەپ بېرىشى كېرەك ئېدى،بىراق ئۇ بىر قېتىممۇ ھەنىپەنىڭ ئىسمىنى ئاغزىغا ئالمايۋاتاتتتى،دېمەك،ئۇ چوقۇم ھەنىپەگە بىر ئىش بولغان بولمىغانلىقىنى بىلىدۇ-دېگەن گەپ.

-مەن نېمە دەپتىمەن،مەن بىر نەرسە دېگۈم بولسا شۇ كۈنىلا دېمەمتىم،سەندىن قوقۇپ ئولتۇرامتىم مەن.

-ئەمىسە ،ئۇ نېمىشقا دۇكانغا كەلمەيدۇ،ئۆيىگە بارساممۇ ھېچكىم يوق.

-ئۇ يوقاپ كەتسە مەندىن سورامسەن،ئۇ يا مەن بېلەن بىر ئۆيدە تۇرمىسا،مەنمۇ ئاچچىقىم كېلىپ ئاران تۇرمەن شۇ تاپتا،ئىككى كۈننىڭ ياقى بىر ئېغىز گەپمۇ قىلماي ئىشقا كەلمىگىنىگە.كىمنى كۆزگە ئىلمايدۇ ئۇ قىز.

-راس سەن بىر نەرسە دېمىدىڭما-ئاكامنىڭ سۆزلىرىگە يا ئىشىنىشنى يا ئىشەنمەسلىكنى بىلەلمىدىم.

-ياق دېگەن بولسام سەندىن يوشۇرامتىم مەن،ئۇكام ئەمدى بولدى قىلغىن،ئۇنى ئۇنتۇپ كەت،قىزبالا دېگەن يالغۇز ئۇلا ئەمەس،سېنى چۈشىنىمەن،مەنمۇ بۇرۇن بىرسىنى ياخشى كۆرۈپ باققان،بىرسىنى ياخشى كۆرۈپ قالسا قانداق بولىدىغانلىقىنى مانا مەن ئوبدان بىلىمەن،سەن تېخى كىچىك،ئۇنىڭدىن باشقا قىز بالا بىلەن ئۇچرىشىپ باقمىغاچقان،ئۇ كۆزۈڭگە ئىسسىق كۆرۈنۈپ قالغان گەپ،كېيىن ئۆزۈڭدىن كىچىك ،چىرايلىق قىزدىن بىرنى تېپىپ تويڭنى قىلىپ قويساق،ھەنىپەنىمۇ ياخشى كۆردۈم دەپتىكەنمەن دەپ قالىسەن،ئۇ يوقالغان بولسا تېخى ياخشى،ئەمدى ئۇنى ئۇنتۇپ كەت،يات خوتۇننىڭ ئالدىدا مېنى قىسما،خاناچاڭنىڭ مېجەزىنى سەنمۇ ئوبدان بىلىسەن ئۇكام، ئۇ بىلىپ قالىدىغان بولسا بولۇپ بېرىدۇ،خېتىنى بېرەي دېسەم ئىككى بالا بار،سەن بولساڭمۇ مېنى قىسمىغىن جېنىم ئۇكام،ئاتا-ئانىمىزنى ئويلاپ قويغىن-ئاكام تەسىرلىك يوسۇندا سۆزلەۋاتاتتى،بىراق ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغانسىرى ئۇنىڭغا بولغان گۇمانىم كۈچۈيىپ بېرىۋاتاتتى،بىراق ئۇنىڭغا يەنە بىر نەرسە دەپ كۆڭلىنى يېرىم قىلىشنى خالىمىدىم، شۇڭا،ئۇنىڭغا ماقۇل -دەپ كۆڭلىنى تىنىتىپ قويدۇم.

-ۋاي،ۋۇي ماۋۇ نوچى غوجامنى ،قىلغۇلۇقنى قىلىپ بولۇپ يەنە قاپاقنى باشتەك تۇتۇپ كىرىپ كىتىۋاتقىنىنى-ئىشىكنى ئاچقان خاناچامغا قاراپمۇ قويماستىن ھۇجرا ئۆيۈمگە قاراپ كىرىپ كېتىۋېتىپ،ئۇنىڭ سەت چىرقىرىغان ئاۋازى قۇلقۇمغا كىردى،لېكىن بۈگۈن ئۇنىڭ گەپلىرىنى كۆڭلۈمگە ئېلىپ ئانالىز قىلىپ ئولتۇرغۇدەك ۋاختىم يوق ئېدى.

كۆزۈمنى يۇمساملا خېيال سۈرىمەن،ئۇخلاشقا ھەرقانچە تىرىشساممۇ كۆزۈمدە يەنىلا ئۇيقۇ يوق،قانداق قىلىشىم كېرەك،ھەنىپە زادى قەيەرگە كەتكەندۇ، ئەمدى ئۇنى ئىزدىمىسەم بولمىدى،ھېچ بولمىغاندا ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن مېنى تاشلاپ كەتكەنلىكىنى بولسىمۇ بىلىشىم كېرەك،ئەتىلا ئۇنىڭ تونۇش بىلىشلىرىنىڭ ھەممىسدىن سۈرۈشتە قىلىمەن،تاكى ئۇنىڭ خەۋىرىنى ئۇققانغا قەدەر توختىمايمەن،ئۆز-ئۆزۈمنى شۇنداق خېياللار بېلەن بەزلەپ مىڭ تەسلىكتە كۆزۈمنى يۇمدۇم.

ئەتىسى ئەتىگەندە دۇكانغا كېلىپلا ھەنىپەنىڭ يېقىن ئۆتىدىغان بىر نەچچە دوستىدىن ئۇنى سۈرۈشتۈردۈم،ئەپسۇس ئۇلارنىڭمۇ خەۋىرى يوق چىقتى،كەچتە ئۇنىڭ ئۆيىگە يەنە باردىم،يەنە ھېچكىم يوق،قوشنىللىرىدىن سورىدۇم،ھەممىسى دېيشىۋالغاندەكلا بىلمەيدىكەنمىز -دەپ جاۋاب بەردى.

تەقدىر مەن بېلەن قېرىشىۋاتقاندەك،ئەمدىلا ئازراق ئۈمۈتلىنىپ،كەلگۈسۈمدىن كۈلگىدەك بولغاندا،خۇددى يېتىمنىڭ ئاغزى ئاشقا تەگسە بۇرنى قاناپتۇ دېگەندەك،ھەنىپەنىڭ يوقاپ كېتىشى بېلەنلا،پۈتۈن ھېس تۇيغۇلۇرۇم،مامكاپتەك چېچىلىپ قاياقلارغىدۇر غايىپ بولدى.دەرىت -ئەلەم ھەسىرەت جېنىمنى ئېزىپ،يۈرۈكۈم لەختە-لەختە بولدى.

ئارىدىن بەش كۈن ئۆتۈپ كەتتى،ھەنىپەدىن يەنىلا خەۋەر يوق،چىرايىمدا قان يوق،پۇت قولۇمدا جان،ۋۇجۇدۇم لەختە-لەختە قان،ھەركۈنى ئۇنى ئىزدەيمەن،ئۇ دائىم بارىدىغان جايلاردىن،ھەركۈنى ماڭىدىغان يوللاردىن ،ئۇنى ئىزدەيمەن،ئۇ خۇددى ھېلىلا يېنىمدا پەيدا بولىدىغاندەك،،بۇ يەرلەرگە مېنىڭ ئالدىمدىلا كېلىپ كەتكەندەك تۇيغۇدا بولۇپ ،كېچىكىپ قالغانلىقىم سەۋەپلىك ئۆزۈمنى ئەيىپلەيمەن،كېچىلەردە ئۇيقۇسىز يېتىپ ياستۇقنى نەملەيمەن.كۆزلىرىم ئۇيقۇغا ئىلىنسە چۈشلىرىمدە يەنە ئۇنى ئىزدەيمەن.

مانا بۈگۈنمۇ دۇكاننى بالدۇرلا تاقاپ ،يەنە ئادىتىم بويىنچە ھەنىپەنىڭ ئۆيىنى يوقلىدىم،سەنئەت مەكتەپنىڭ يېنىدىكى ئۇ ياقتۇرۇپ يەيدىغان راڭپىزىخانىغا كىردىم،ئۇ يەردىن سەندۇڭ بويى بېكەتنىڭ ئەتراپىدىكى سۇ ئۈستى باغچىسىغا باردىم،بىز بۇرۇن بىر نەچچە قېتىم مۇشۇ يەرگە ئوينىغىلى كەلگەن ئېدۇق،ھەنىپە بۇ باغچىغا كېلىشكە ،چۆگىلەيدىغان چاقپەلەككە چىقىپ قانغۇدەك ۋارقىرىۋېلىشقا بەك ئامىراق ئېدى،ئەنۋەر ئۇنى تاشلاپ كەتكەندە ،مەن داۋاملىق ئۇنىڭغا ھەمرا بولۇپ مۇشۇ باغچىغا كېلەتتىم.

ئەنە ئۇ ئامراق چاقپەلەك چۆگىلىمەكتە،قىزلار قورقۇشۇپ بار كۈچى بېلەن ۋارقىرىماقتا،ماڭا خۇددى ھەنىپە ھازىرلا ئاشۇ قىزلارنىڭ ئارىسىدىن ئالدىمغا چۈشىدىغاندەك تۇيۇلماقتا،

ئەپسۇس ھەممە قىزلار يېنىپ چۈشتى ھەنىپە يەنە يوق،بىردىنلا مېنىڭمۇ چاقىپەلەككە چىقىپ قانغۇدەك ۋارقىراپ،ئىچىمدىكى دەرتلىرىمنى پۈتۈن جاھانغا ياڭىراتقۇمكەلدى.

ۋارقىراۋاتىمەن،بارلىق كۈچۈم بىلەن توۋلاۋاتىمەن كۆزلىرىمدە ياش،ئىچىمدىكى تۈگىمەس غەملەر ئاۋازىم بىلەن بىللە چىقىۋاتقاندەك تېنىم شۇ قەدەر يەڭگىللىمەكتە.

ھەي سىز مۇھەممەتقۇ ،مېنى تونۇدىڭىزمۇ يا-چاقپەلەكتىن چۈشۈپ ماڭاي دەپ تۇرۇشۇمغا ،ئاڭلانغان تونۇش ئاۋازدىن چۆچۈم كەينىمگە قارىدىم.

ھەئە،مەن مۇھەممەت سىز.......-كەينىمدە ماڭا تونۇش بىر چىراي لېكىن ئۇنىڭ كىملىكىنى پەقەتلا ئېسىمگە ئالالمىدىم.

-مەن گۈلمىرە،ھەنىپە ئاچامنىڭ نەۋرە سىڭلىسى،ئۆتكەندە ھەنىپە ئاچامنىڭ ئۆيىدىكى ئولتۇرۇشتا كۆرۈشكەنتۇق،يادىڭىزغا كەلدىمۇ؟

-ھەئە ئېسىمگە كەلدى،كەچۈرۈڭ ھە سىزنى تونىمىغىنىمنى كۆرمەمدىغان-قىزنىڭ سۆزلىرىدىن ئېسىمنى تاپقاندەك ئەندىكتىم، توۋا ئۆزۈم نەچچە كۈننىڭ ياقى ئىزدەپ تاپالمىغان قىزنى تونىمايۋاتقىنىمنى كۆرمەمدىغان،مەن ئۈرۈمچىگە يېڭى كەلگەن چاغدىكى ھېلىقى ئولتۇرۇشتا ھەنىپە ئاچام بېلەن ئەنىۋەر ماڭا بۇ قىزنى تونۇشتۇرماقچى بولغان ئېدى ،بىراق مەن خالىمىغاچقا قەستەن ئۆزۈمنى چەتكە ئېلىۋالغان ئېدىم.

-ھېچقىسى يوق،بۇ يەردە نېمە ئىش قىلىۋاتىسىز.،يالغۇز كەلدىڭىزما-قىز شۇنداق دېگەچ بىرسىنى ئىزدىگەندەك تۆت ئەتراپىمغا قاراپ قويدى.

-ھەئە،يالغۇز كەلگەن،مەنمۇ سىزنى ئىزدەۋاتقانتىم،سىزنى پەقەتلا تاپقىلى بولمايدىكىنا.

-مېنى ئىزدەيدىغان بىرە ئىشىڭىز بارمىدى-قىز ئەجەبلىنىپ قىزارغىنىچە كۆزۈمگە قارىدى.

-سىزدىن ھەنىپەنى سوراي دېگەنتىم،ئۇ دۇكانغا كەلمىگىلى بىر ھەپتە بولاي دېدى،ئۆيىگە ئىزدەپ بارساممۇ يوق،سىز سىڭلىسى بولغاندىكىن بىلىسىز ھەقاچان.

-ھەي سىز راس بىلمەمسىز ياكى قەستەن مېنى گەپكە سېلىۋاتامسىز،-قىز ھەيرانلىق ئىچىدە ماڭا ئىشەنمىگەندەك قاراپ كەتتى-ھەنىپە ئاچامنىڭ پات يېقىندا تويى بولماقچى،شۇڭا ھاجىم دادام(ھەنىپەنىڭ دادىسى)لار بېلەن شايارغا كەتتى.بىزمۇ ئەتە-ئۆگۈن يولغا چىقىمىز.،ئاكىڭىزنىڭمۇ ھەممە ئىشتىن خەۋىرى باركەنغۇ؟

-نېمە دەيدىغانسىز،مېنىڭ راسلا خەۋىرىم يوق،كىم بېلەن توي قىلىدىكەن قاچانلىققا-قىزنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ،كۆز ئالدىم قاراڭغۇلۇشۇم ،ئاسمان ھېلىلا بېشىمغا كۆمتۆرۈلۈپ چۈشىدىغاندەك جىددىيلىشىپ كەتتىم.

-ئۇنى مەنمۇ ئېنىق بىلمەيدىكەنمەن،ئالدىنقى قېتىم بىر ئەلچىلەر كېلىپ بەك ئالدىرىتىپ كەتكەن شۇنىڭ بىلەن قىلىدىغۇ دەيمەن،ئىشقىلىپ مۇشۇ ئاينىڭ ئىچىدە بولىدىغىنى ئېنىق،ئانامنىڭ دېيىشىچە،شاياردىكى ئۆينىڭ ئازىراق تۈزەشتۈرىدىغان بېزەيدىغان يەرلىرى باركەن شۇنى قىلىپ بولسىلا توينى قىلىۋېتىدىكەن.

بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ،بېشىم قايغاندەك بولۇپ ،قىزنىڭ تېلىفون نومۇرىنى سورىۋېلىپ-نېمە بولدىڭىز- دېگەنلىرىمۇ قۇلقىمغا كىرمەستىن مېڭىپ كەتتىم،دېمەك مەن ئەنسىرىگەن ئىش يۈز بېرىپتۇ،ھەممىسى ئاكامنىڭ ئىشىكەن،ئۇ چوقۇم ھەنىپەنىڭ ئۆيىگە بېرىپ بىر نەرسە دېگەن گەپ-شۇ خېياللار بېلەن ئۇدۇل ئۆيگە قايتىپ كەلدىم.ئاكام تېخى ئۆيگە قايتىپ كەلمىگەن ئېدى،خېيال دەرياسىغا غەرىق بولغان ھالدا ئۇنىڭ كېلىشىنى ساقلىدىم،

-ياق بۇنداق بولىشىغا يول قويسام بولمايدۇ،ھەنىپەنىڭ ئۇ يېگىتكە كۆڭلى بولسا مېنى ياخشى كۆرمەيدىغان بولسىغۇ بىر گەپ،قاراپ تۇرۇپ ،ئۇنىڭ باشقا يېگىت بېلەن توي قىلىشىغا يول قويسام بولمايدۇ.بۇ توينى چوقۇم توسۇشۇم كېرەك،ئاكام نېمىشقا بۇنداق قىلىدىغاندۇ،نېمە ئۈچۈن مېنىڭ بەختىمنى ۋەيران قىلىدىغاندۇ،ئۇنىڭ يۈز-ئابرويى مېنىڭ بەختىمدىنمۇ مۇھىممىدۇ،تۇرۇپلا ئاكامدىن نەپرەتلىنىشكە باشلىدىم.

ئاكام يېرىم كېچىدىن ئاشقاندا ئۆيگە كىردى،بۇ چاغ بولغاندا ئۇنىڭ بېلەن دېيىشىپ،ھەر ئىككىلىمىزنىڭ كۆڭلىنى پاراكاندە قىلىشنى خالىمدىم.

بىر كېچە ئوخلىماي ئويلاش ئارقىلىق،ئاخىرى ھەنىپەنى ئىزدەپ بېرىش قارارىغا كەلدىم.

-مەن بۈگۈن دۇكانغا چىقمايمەن،دۇكاننى ئۆزۈڭ ئاچ-دېدىم ئەتىگەندە ئورنۇمدىن تۇرۇپ ،ئاكامغا ئاچقۇچنى بېرىپ.

-نېمىشقا ،بۈگۈن مىجەزىڭ يۇقمۇيا ،بىرەر ئىشىڭ بارمىدى.

-ئىشىم بار.

-نېمە ئىش؟

-باشقا ئىش يوق،بۈگۈن شايارغا بارماقچى ئىدىم.

-دېمەك ،ھەنىپە سېنى يەنە ئىزدەپتۇدە،ئۇ پاسكىنا ساڭا نېمە دېدى زادى،دادىسى ماڭا بەك چوڭ سۆزلەپ كېتىۋاتىتىيا ،قىزىم ئۇكاڭنى ئىزدەيدىغان بولسا ،ئۆز قولۇم بېلەن پاچىقىنى چېقىۋېتىمەن -دەپ،يەنە سېنى نېمە دەپ ئىزدىدى ئۇ نۇمۇسسىزلار .

-بولدى قىل ئاكا،ئادەمدەك ئىش قىلساڭ بولمامدۇ،نېمىشقا مېنى بۇنداق ئالدايسەن،سېنىڭ مەندە زادى نېمە قەستىڭ بار،نېمىشقا ماڭا بۇنداق  قىلىسەن.-ئاكامنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ سەۋرىپ توشۇپ كەتتى.

-مەن ساڭا يامان بولسۇن دەپتىمەندە،تولا ھەددىڭدىن ئاشما مەن سېنىڭ ئاكاڭ،سېنى باشقۇرۇش ھوقۇقۇم بار،ئاناڭدەك خوتۇننى ئېلىپ ئېمىپ ياتاي دېگەنمىتىڭ،مېنىڭ بۇ شەھەردە ئۆزۈمگە تۇچلۇق يۈزۈم بار،ئەل-ئاغىنەم ،دوس بۇرادارلىرىم بار،سەن مېنىڭ يۈزۈمنى يەر بېلەن يەكسەن قىلماقچىما،ئانام بىلەن دادامنىڭ يۈشىنى قىلىپ گەپ قىلمىغاننى بىل-ئاكامنىڭ كۆزلىرىگە قان تولۇپ ،ھېلىلا كېلىپ مېنى ئۇرۇپ چەيلىۋەتكىدەك ئەلپازغا كېلىپ بولغان ئېدى.ئۇنىڭ تۇرقىغا قاراپ ،قارشى تۇرۇش ئېرادەم تېخىمۇ كۈچىيىپ كەتتى.

-يۈزىنى قىلمىغان بولساڭ قانداق قىلىتىڭ ،ھېلىمۇ مېنىڭ جېنىمنى ئەپ بولدۇڭ يەنە نېمە قىلماقچىسەن.

-نېمە قىلىدىغىنىمنى ھېلى كۆرىسەن ،بوسۇغىدىن بىر قەدەم ئاتلاپ باقە مەن كۆرۈپ باقاي،ئاكام شۇندق دېگىنىچە ئالدىمغا دېۋەيلەپ كەلدى.

-ئاتلايمەن قانداق قىلىتىڭ،ئەمدى بۇ دوزىخىڭدا تۇرغۇچىلىكىم قالمىدى-مەن شۇنداق دېگىنىمچە ئىشىككە قاراپ ئېتىلدىم،ئاكام بېلىمدىن چىڭ قاماللاپ ھۇجرامغا قاراپ سۆرىدى.

-ھالىنى بۇنىڭ تازا ئۇرىڭە-بىر تەرەپتە ئويۇن كۆرۈپ ۋالاقلاپ تۇرغان خاناچاممۇ ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ ،مەيدىللىرىمنى چىمدىغىنىچە تەڭ ئىتتىردى،قورقۇپ كەتكەن ئېنىللىرىم توختىماي يىغلايتتى،مەن يۇلقۇنۇپ چىقىشقا تىرىشاتتىم،لېكىن ئاكامغا قول كۆتۈرۈشنى خالىمغاچقا ئۇنىڭغا بويسۇنۇشقا مەجبۇر بولاتتىم،بىر ئاز ھەپىلەشكەندىن كېيىن،ئاكام مېنى ھوجىرامغا سولاپ قويۇپ،سىرىتقا چىقىپ كەتتى،خۇددى تۈرمىگە سولانغان مەھبۇستەك،بىچارا ھەم ئامالسىز قىياپەتتە تۆت تامنىڭ ئىچىدە قامىلىپ قالدىم،كۆزلىرىمدىن توختىماي ياش قۇيۇلماقتا، ئىشىكنى ئۇرۇپ چېقىۋەتكۈدەك ،گۈم،گۈم قىلىپ مۇشلاۋاتىمەن.لېكىن،ئىنتايىن نېپىز پەنەركە ئىشىكمۇ ھېچ يېرىلاي دېمەيۋاتاتتى،بىردىنلا كارۋېتىمنىڭ يېنىغا قويۇپ قويۇلغان تۆمۈر ئورۇندۇققا كۆزۈم چۈشۈم،ئۇنى قولۇمغا ئالدىم-دە،تېخىمۇ كۈچەپ ئىشككە قارىتىپ ئۇرۇشقا باشلىدىم،ئىشىك يېرىلىپ،پۇلۇپ سېلىنغان گىرەچە ئېچىلىپ كەتتى،مەن ئوقتەك يۈگۈرگىنىمچە ئۆينىڭ ئىشكىگە قاراپ ئېتىلدىم.
-نەگە قاچىسەن ،توختا-خاناچامنىڭ ۋارقىراپ ئېسىلغان قولى مېنىڭ كۈچەپ سىلكىشىمگە بەرداشلىق بېرەلمەيبېلىكىمدىن ئاجىراپ ،ئۆزى يەرگە يىقىلدى.

ئالدىراپ تېنەپ تاكسى توسۇپ بېكەتكە قاراپ يول،ئالدىم،قاتتىق جىددىيلەشمەكتە ئېدىم،بالدۇرراق بېكەتكە بېرىۋېلىشقا ئالدىرايتتتىم،چۈنكى ئاكامنى مېنى ئىزدەپ بېكەتكە كەلمەيدۇ دېگىلى بولمايتتى.تەلىيىمگە شايارنىڭ ئوننەچچە مېنۇتتىن كېيىن قوزغىلىدىغان ماشنىسىدىن بىرسى باركەن،دەرھال شۇ ماشنىنىڭ بېلىتىدىن بىرنى سېتىۋېلىپ ماشنىغا چىقتىم،شۇ تاپتا،ئاكامنىڭ كېلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيتتتىم،بىر تۇرۇپ كەلسە كەلمەمدۇ،نېمە كارىم، ئەمدى ئۇنىڭغا بوزەك بولمايمەن دەپ،ئۆز-ئۆزۈمنى رىغبەتلەندۈرەتتىم،

تەلىيىمگە ماشىنا قوزغۇلۇپ يولغا چىققۇچە ئاكام كەلمىدى،ماشنىنىڭ قوزغۇلىشىغا ئەگىشىپ مەن يانفۇنۇمنى قولۇمغا ئېلىپ،ھەنىپەنىڭ سىڭلىسىغا تېلىفون قىلىپ ئۇنىڭ شاياردىكى ئادىرىسىنى سورىۋالدىم.
ماشىنىنىڭ بەزىدە ئاستا،بەزىدە تېز مېڭىۋاتقان سۈرئىتىگە ئوخشاش ،خېياللىرىم بەزىدە رېتىمغا چۈشۈپ كۆڭلۈم جايىغا كەلسە،بەزىدە ئېگىز-پەسلىشىپ،يۈرىكىمنىڭ سوقۇشى تىزلىشىپ كېتىۋاتاتتى.

-ھەنىپە نېمە بولۇپ كەتكەندۇ شۇ تاپ،ئاكام ئۇنىڭ دادىسىغا زادى نېمە دېگەندۇ،ئۇلار مېنى كىرگۈزمىسە قانداق قىلارمەن؟دادىسى مېنىڭ سۆزۈمنى ئاڭلىمىسا زادى قانداق قىلارمەن؟نېمىلا بولمىسۇن چوقۇم ئۇنى قايىل قىلىشىم كېرەك-، گاچىرماچ خېياللار بېلەن كېتىۋاتسام يانفونۇم سايرىدى،ئىچىمدە چوقۇم ئاكام،مېنىڭ قېچىپ كەتكىنىمنى بىلگەن گەپ-دەپ ئويلاپ ،يانافونۇمنى ئېتىۋەتمەكچى بولۇپ قولۇمغا ئېلىپ قارىسام ئۆينىڭ نومۇرى،ئاكام ئانامغا چېقىشتۇرۇپ بوپتۇ-دە،دەپ غودۇرىغىنىمچە تېلفوننى ئالدىم.


-بالام ،ئاكاڭنىڭ دېگەنلىرى راسمۇ،ئۇنى نېمىشقا بۇنچىۋالا خاپا قىلدىڭ،سەن يۇرتتىن چىقىدىغان ۋاقتا بىزگە نېمە دەپ ۋەدە بەرگەن ئۇنتۇپ قالدىڭمۇ-ئانام تېلفوننى ئېلشىمغا ئەھۋالمۇ سورىماستىن يىغلاپ تۇرۇپ مېنى ئەيىپلەپ كەتتى-مېنى ئوتقا تاشلاپ كۆيدۈرمىسەڭ نېمە بولىدۇ جېنىم بالام،سەن بۇنداق بالا ئەمەس ئىدىڭغۇ؟ئاكاڭ بىلەن تەڭ بىر قىز بىلەن توي قىلامسەن جېنىم بالام،يۈزىمىزگە سەت ئەمەسمۇ؟



-ئانا سەن ئۇقمايسەن،ئۇ قىز بەك ياخشى ،مەن ئۇنى ياخشى كۆرىمەن،مەن ئۇنىڭسىز ياشىيالمايمەن،ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالسام ئۆلۈپ قالىمەن-ئانامنىڭ يىغسىنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم تېخىمۇ يېرىم بولدى،ئەجىبا مېنى چۈشىنىدىغان بىرمۇ ئىنسان يوقمىدۇ بۇ جاھاندا،ئەتراپىمدىكىلەر ماڭا ھەيرانلىق بېلەن بويۇنداپ قاراپ كېتىشتى ئاۋازىمنى سەل پەسلىتىپ گەپنى قىسقارتىش نېيتىگە كەلدىم-ئانا خاتىرجەم بول ،ئۇ قىزنى ئېلىپ سېنىڭ يېنىڭغا بارىمەن،سەنمۇ ئۇنى چوقۇم ياقتۇرۇپ قالىسەن.


-بالام،بىزنى نومۇسقا ئۆلتۈرەي دەمسەن، نې ئات،نې نومۇس بۇ،ئۆزۈڭدىن چو ياش چوڭ بىر قىزنى باشلاپ ئۆيگە كەلگەندىن كۆرە جېنىمنى ئالساڭ بولمامدۇ؟ئەقلىڭنى تاپ بالام،دەرھال كەينىڭگە يان،ئاكاڭدىن كەچۈرۈم سورا.


-ياق ئانا ئەمدى ئۇنىڭ يېنىغا ھەرگىز بارمايمەن،ئەمدى ئۇنى كۆرەر كۆزۈم قالمىدى.ئەمىسە تېلىفوننى قويۇۋەتتىم مېنىڭ كېلىشىمنى ساقلاڭلار ئاللاغا ئامانەت.-سۆزۈمنى تۈگىتىپلا تېلىفوننى قويۇۋەتتىم.


-ھەنىپە بىلەن بىرگە بولىدىغانلا ئىش بولسا نەدە تۇرسام،نەدە ياشىسام مەيلى،ئۈرۈمچىدە ياشىمىسام نېمە بوپتۇ؟ئانام بېلەن دادامنىڭ مېجەزىنى ئوبدان بىلىمەن،ئۇلار ماڭا چىدىمايدۇ،ماڭا ھەرگىزمۇ ئاكام قىلغاننى قىلمايدۇ،ئەگەر ھەنىپە بېلەن ئۇنىڭ دادىسى قوشۇلۇپلا قالسا ئۇنى ئېلىپ يۇرتقا كېتىمەن،ئەمدى ئاكامنىڭ يېنىغا،ئىككىنچىلەپ ئاياق باسمايمەن.بىراق ھەنىپە مەن بېلەن سەھراغا بىللە كېتىشكە قوشۇلارمۇ؟ -ئۆزۈمنىڭ ئويلىغانلىرىمنى ئۆز خېياللىرىم توسۇپ قويىۋاتاتتى.بولدىلا بېشىمغا كەلگەننى كۆرمەيمەنمۇ؟ئىشقىلىپ بار كۈچۈم بېلەن تىرىشساملا بولدىغۇ،قالغىنىغا ياراتقان ئېگەم بار. بېشىمغا كەلگەننى كۆرەرمەن.


ھەرخىل خېياللار بېلەن يېرىم كېچىدىن ئاشقاندا شايارغا يېتىم كەلدۇق،بۇ چاغدا ئۇلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ بېسەرەمجان قىلسام بولماس-دەپ ئويلاپ،ھەنىپەنى ھازىرلا كۆرۈۋالغۇم بولسىمۇ،يېقىن ئەتراپتىكى بىر كىچىك مېھمانخانىدىن ياتاق ئېلىپ،ئەتىسى تاڭ يورۇغاندا ئاندىن ئۇلارنىڭ ئۆيىگە بارماقچى بولدۇم.


ئەتىسى سەھەردىلا بازاردىن نەرسە كېرەك سېتىۋېلىپ،ئاينۇرنىڭ سىڭلىسى دەپ بەرگەن ئادىرىس بويىنچە ھەنىپەنىڭ ئۆيىگە كەلدىم،ھەنىپەلەرنىڭ ئۆيى ناھىيە بازىرىدىلا بولغاچقا تاپمىقىممۇ ئاسانغا چۈشتى.


-سىز نېمىدەپ كەلدىڭىز؟ بۇ يەردىن كېتىڭ،ئەمدى سىزگە دەيدىغان ھېچقانداق گېپىم يوق،بىزنىڭ ئۆيدىكىلەر سىزنى قارشى ئالمايدۇ-ئىشىكنى ئۇرۇشۇمغا ھەنىپەنىڭ دادىسى چىقىپ ئىشىكنى ئېچىپ قوپاللىق بېلەن مېنىڭ ئالدىمنى توستى.


-سىزدىن ئۆتۈنەي تاغا مېنى كىرگىلى قويۇڭ،مېنىڭ ھېچقانداق ئىشتىن خەۋىرىم يوقكەن،تېخى تۆنۈگۈنلا خەۋەر تېپىپ بۇ يەرگە كەلدىم،ئاكامنىڭ قىلغان ئىشلىرى مەن بىلەن مۇناسىۋەتسىز .


-بولدى سىز كېتىڭ،ھەنىپەنى ئارامىدا ياشىسۇن دېسىڭىز بۇ يەردىن كېتىڭ-ھەنىپەنىڭ دادىسى شۇنداق دەپلا ئىشىكنى ياپماقچى بولدى.


-ئەركىن تاغا(ھەنىپەنىڭ دادىسىنىڭ ئىسمى)تاغا گېپىمنى ئاڭلاپ باقسىڭىزچۇ؟مەن گېپىمنى دەۋالاي-مەن ئىشىكنى ئىتتىرىپ كىرىشكە ئۇرۇندۇم.


-دادىسى بولدى قىلسڭىزچۇ؟ئاتايىن ئۈرۈمچىدىن كەلگەن مېھماننى بوسۇغىدىن قايتۇرۋەتسەك بولماس،ھېچ بولمىغاندا ئۆيگە باشلاپ ،بىرە پىيالە چاي قۇيۇپ بولسىمۇ يولغا سالىلى-ھەنىپەنىڭ ئانىسى چىقىپ شۇنداق دېگەندىن كېيىن ،ئەركىن تاغام بىر تەرەپكە ئۆتتى،مەن بوسۇغىدىن ئاتلاپ كىردىم،ھەنىپەنىڭ ئۆيى بىزنىڭ قەشقەردىكى شەھەرلىكلەرنىڭ ئۆيلىرىگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان بولۇپ،ئىككى قەۋەت سېلىنغان،كىچىك ھويلىسى بار ئېدى.


-سىزنىڭ ھېچنىمىدىن بېخەۋەرلىكىڭىز چىرايىڭىزدىن چىقىپ تۇرىدۇ، بىز سىزنىمۇ ھەممە ئىشتىن خەۋىرى بولسا كېرەك دەپ ئويلاپتۇق-ھەنىپەنىڭ ئانىسى ماڭا چاي قۇيغاچ گەپ باشلىدى، ئەركىن تاغام مېنى كۆرگۈسى يوقتەك يېنىمغا كىرمەي ئىشىكنىڭ ئالدىدا ئولتۇراتتى.


-راس مەن ھېچقانداق ئىشتىن بېخەۋەرمەن،نېمە ئىش بولغانلىقىنى ماڭا دەپ بەرسىڭىزچۇ.-مەن نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلىشكە ئالدىراپ ئۇنىڭ ئاغزىغا قارىدىم.


-قىز بالا باققان گۇناھمۇ بالام،شۇ كۈنى كەچتە ئاكىڭىز بىزنىڭ ئۆيگە كېلىپ ،ھەنىپەنى سەتلىگىنى يەتمىگەندەك بىزنىمۇ بىرمۇنچە ھاقاتلىدى.ئەرگە بېرەلمىگەن بۇزۇق قىزىڭنى ئۇكامنى ئالداپ زورلاپ تاڭماقچىمىدىڭ،مېنىڭ ئېنىم تېخى كىچىك بالا،ئىشىنىپ دۇكىنىمدا ئىشلەتسەم ،ئەمدى مېنىڭ ئېنىمنى قولغا چۈشىرىۋېلىپ مال دۇنيارىمنى يۈتىۋالماقچىمىدىڭ،ھازىرغىچە ئۇنى ئالداپ زادى قانچە پۇلغا خېيانەت قىلىشتىڭ،ئەتىدىن باشلاپ،قىزىڭ ئۇكامنى ئىزدەيدىغان بولسا،بىر يېرىنى سۇندۇرىۋېتىمەن،ئۈرۈمچىدە تۇرغۇسىز قىلىۋېتىمەن،جالاپ دەپ نامىنى چىقىرىۋېتىمەن،قىزىڭنى ئالىدىغانغا ئەر چىقماس قىلىۋېتىمەن-دەپ بىرمۇنچە ھاقارەتلىدى.ئەركىن تاغىڭىز بۇ تىللارغا چىدىماي،ھوشىدىن كېتىپ،تاس قالدى مېڭسىگە قان چۈشكىنى،ئەمدى نېيتىڭىزدىن يېنىڭ بالام،بۇ ئىشلاردىن كېيىن ئەمدى ئىككىڭلارنىڭ ئىشىڭلارنىڭ يەنە داۋاملىشىش مۇمكىن ئەمەس،ئەڭ ياخشىسى سىز كېتىڭ،ئەركىن تاغىڭىزنى توغرا چۈشىنىڭ-ئۇ مۇشۇ سۆزلەرنى دەۋاتقان چاغدا ئەركىن تاغام بوسۇغىدا ئولتۇرۇپ بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتى-بۇ ئىشلار ئۇنىڭغا ھەقىقەتەن تەس كەلدى،ئۇ نەچچە كۈننىڭ ياقى توختىماي،قىز باققان گۇناھمۇ دەيدىغان بولۇپ قالدى.قىزىمىزنىڭ رايىغا بېقىپ،ۋاقتىدا تويىنى قىلىۋەتمىگەن گۇناھ بىزدە بار،سىزدىنمۇ ئاغرىنمايمىز، ئەلچىلەرگىمۇ ماقۇل دەپ جاۋابىنى بېرىپ بولغان،تويلۇقنى ئەكىرىپ ۋاقىتنى كېلىشىۋەتسەكلا توينى قىلىۋېتەتتۇق،ئۇلارنىڭ قۇلقىغا سودا سارايدا بولغان جىدەل نەدىن ئاڭلاندىكىن بۇ تويمۇ يېنىپ كەتتى .


ھەنىپەنىڭ ئانىسىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ مېڭەمدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى،ئاستا ئورنۇمدىن تۇرۇپ،ئەركىن تاغامنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭ مورىسىنى سىلاپ تەسەللى بەردىم،ئۇ ماڭا كىچىك بالىدەك ئېسىلىپ يىغلاپ كەتتى.


-تاغا كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ،سىز ھەنىپەنىڭ دادىسى ،خۇددى مېنىڭ ئۆز دادامغا ئوخشاش،مېنى كەچۈرۈڭ ،مەن سىزنىڭ بۇنچىۋالا ئۇۋالچىلىق تارتقىنىڭىزنى بىلمەپتىمەن،مەن ئاكامنىڭ يېنىدىن يېنىپ كەلدىم،ئەمدى ئۇنىڭ يېنىغا قايتمايمەن،بىزنىڭ ھېچقانداق ئالاقىمىز قالمىدى،سىز ئاكامنىڭ قىلغان گۇناھى ئۈچۈن مېنى جازالىسىڭىز قانداق بولىدۇ،سىز ماڭا بىر يىل ساقلاشقا ۋاقىت بەرگەن ئېدىڭىز،نېمە ئۈچۈن ماڭا ھېچنەرسە دېمەيلا بۇ توينى قىلماقچى بولىسىز، خۇددى سىزگە ئوخشاشلا مەنمۇ ھەنىپەنى ياخشى كۆرىمەن ئۇنىڭ بەخىتلىك ياشىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن،سىز بىزنى ئايرىۋەتسىڭىز ، ھەر ئىككىلمىز بىر ئۆمۈر ھېجىران ئازابىدا ياشايمىز،ھەنىپەمۇ كۆڭلى يوق بىر ئىنسان بېلەن بېشىنى باغلىغاندەك تەستە ياشايدۇ،سىز مەندىن چوڭ،بۇ خىل ھېسىياتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى مەندىن ياخشى چۈشىنىسىز ،سىزدىن ئۆتۈنەي ماڭا يەنە بىر قېتىم پۇرسەت بېرىڭ،ھەنىپە ئىككىمىزنى مۇرادىمىزغا يەتكۈزۈڭ،خەق نېمە دېسە دېسۇن،قانداق ئويلىسا ئويلىسۇن،بىز ئۆزىمىزگە ياراتقان خۇداغا ئاق ھەم پاك،سىز مېنىڭ نەزىرىمدە پەرزەنتىگە كۆيىنىدىغان لاياقەتلىك ئاتا،ھەنىپە بولسا شەرمىي -ھايالىق پاك قىز.


ئەركىن تاغام سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ ئاستاغىنە ئورنىدىن تۇرۇپ قولۇمنى چىڭ سىقتى.


-ماڭا ھەنىپەنى بەخىتلىك قىلىشقا ۋەدە بېرەلەمسىز.


-ۋەدە قىلاي ئۇنى چوقۇم بەخىتلىك قىلىمەن،


-مەن سىزگە يەنە بىر قېتىم ئىشەندىم،خەق نېمە دېسە دېسۇن،قانداق گەپ تاپسا تاپسۇن،ماڭا قىزىم بەخىتىلىك بولسىلا شۇ كۇپايە،يەنە بىر گەپ ھەنىپەنىڭ بەخىتلىك بولۇشى ئۈچۈن ھازىرلا ئۇنىڭ بېلەن توي قىلالامسىز؟


ئەركىن تاغامنىڭ بۇ سۆزلىردىن سەل ئىككىلنىپ قالدىم،توي دېگەن ئۆمۈردە بىر قېتىم بولىدىغان ئىش،ئاكامغۇ مەيلى،لېكىن ئاتا-ئانامنى قايىل قىلىپ رازىلقىنى ئېلىشىم كېرەك تە،لېكىن ئۇلارنىڭمۇ خۇددى ئاكامدەكلا قارشى تۇرىدىغىنى ئېنىق،ئەركىن تاغاممۇ دەل مۇشۇنىڭدىن ئەنسىرەۋاتقان بولسا كېرەك،بولدىلا ھەنىپە ئۈچۈن ئۆمرۈمدە بىر قېتىم ئاتا-ئانامنى نارازى قىلاي،ئۇلارنى كېيىن چوقۇم قايىل قىلىم ئۆزۈمنى كەچۈرۈم قىلدۇرالايمەن.بىراق،مېنىڭ يېنىمدا ھەنىپەگە تويلۇق قىلىپ بەرگۈدەك ھېچنەرسە يوق ئېدى.


-قىلالمايسىز شۇنداقمۇ،بولدى بالام سىز كېتىڭ،مەن سىزدىن ئاغرىنمايمەن-ئەركىن تاغام ئاستاغىنە قولۇمنى قويىۋېتىپ يەنە ئولتۇرۋالدى.


-قىلىمەن ،قىلالايمەن،-مەن ئۇنىڭ كەينىدە تۇرۇپ جاراڭلىق يوسۇندا شۇنداق دېدىم.


-راسما-ئەركىن تاغام ئورنىدىن تۇرۇپ ماڭا قارىدى-ئاتا-ئانىڭىز سىزدىن نارازى بولىشى مۇمكىن ،ئاكىڭىز سىزدىن ۋاز كېچىشى مۇمكىن باشقىلار ئۈستىڭىزدىن گەپ تېپىشى مۇمكىن،مۇشۇنىڭ بىلەن تەڭ نۇرغۇن ئۇۋالچىلىق تارتىۋېلىشىڭىز مۇمكىن،مۇشۇلارغا چىدىيالامسىز.


-ھەنىپەلا يېنىمدا بولىدىكەن ھەممىگە چىدايمەن،بىراق مەندە ئۇنىڭغا قىز مېلى قىلىپ بەرگۈدەك ھېچنەرسە يوق.


ھېچقىسى يوق بالام قىز مېلنى مەن ئۆزۈم تەييارلاپ بېرىمەن،جان بولسا جاھان ئاش بولسا قازان قالغان كېمىنى كېيىن سىز تەييارلاپ بەرسىڭىز بولىدۇ.-ئەركىن تاغام شۇنداق دەپلا ئىككىنچى قەۋەتكە قاراپ -ھەنىپە بۇياققا چۈش قىزىم -دەپ چاقىردى.


-بىر دەمدىن كېيىن كۆزلىرى تولا يىغلاپ قىزىرىپ ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن ھەنىپە پەسكە چۈشتى،ئۇ مېنى كۆرۈش بېلەنلا ئۆزىنى توختىتىۋالالماي يىغلاپ كەتتى،ھەنىپەنىڭ دادىسى بىلەن ئانىسى بىزنى يالغۇز قويۇپ چىقىپ كەتتى.


-نېمىشقا تېلفونىڭىزنى ئېتىۋالىسىز ،نېمىشقا بۇ ئىشلارنى ماڭا دېمەيسىز-ھەنىپەنى كۆزلىرىگە قاراپ ،بىر ھەپتىنىڭ ياقى ئۇنىڭدىن سوراشنى ئويلاپ يۈرگەن سوئالىمنى ئاخىرى سورىۋالدىم.


-مېنى قىلغۇسى يوق دەمسىز،كۆنگەن يامانمۇ ،كۆيگەنمۇ دەپ،سىزگە ئاللىقاچان كۆنۈپ قاپتىكەنمەن،مۇشۇ كۈنلەرنى قانچىلىك تەستە ئۆتكۈزگەنلىكىمنى بىلمەيسىز،بىراق دادام تېلىفونۇمنى ئېلىۋېلىپ مېنى ھۇجرامغا بەنىت قىلىپ قويغان تۇرسا مەندە نېمە ئامال بار دەيسىز؟


-ھەيرانمەن،مەن كەلمىگەن بولسام،بىلمىگەن بولسام،دادىڭىز كىم بىلەن تويىڭىزنى قىلسا شۇنىڭغا تېگەمتىڭىز؟


-ياق،سىزنىڭ كېلىدىغانلىقىڭىزنى بىلەتتىم،بۇرۇنلا كۆڭلۈم تويۇپ بولغان.ئەگەر سىز راسلا كەلمىگەن بولسىڭىز ،راسلا باشقا بىرى بىلەن توي قىلىدىغان بولسام ،ئۆزۈمنى ئۆلتۈرىۋالاتتىم.


ئۈش-ھەنىپەنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ،ئۇنىڭ ئاغزىنى  بارماقلىرىم بېلەن ئېتىۋالدىم-مەن سىزنى ئۆلگىلى قويمايمەن،سىزنىڭ مېنى تاشلاپ كېتىشىڭىزگە يول قويمايمەن.


ھەنىپە ئىككىمىز شۇ كۈنى بۇرۇنقىدەك ئېچىلىپ،يېيىلىپ شۇنداق كۆڭۈللۈك پاراڭلاشتۇق.


ئەركىن تاغامنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بېلەن ،ھەنىپە ئىككىمىز.بىرنەچچە كۈن ئىچىدىلا تەييارلىق قىلىپ،كىچىككىنە بىر توي مۇراسىمى ئۆتكۈزىۋالدۇق،مەن ئاكامنىڭ كېلىپ،بېسەرەمجان قىلىشىدىن شۇنچىلىك ئەندىشە قىلغان بولساممۇ،بىراق،ئۇ ماڭا قېيدىدىمۇ،ياكى نومۇس قىلىپ قالدىمۇ،شايارغا كېلىش تۈگۈم،ماڭا بىرەر قېتىم تېلفونمۇ قىلىپ قويمىدى.تەلىيىمگە خۇددى  مۇشۇ كۈنلەر ئۈچۈن قىلغاندەكلا نوپۇسۇمدا يېشىم 3 ياش چوڭ قىلىپ تىزىمغا ئېلىنغاچقا ،توي خېتى ئېلىشىمىزمۇ تەسكە چۈشمىدى.


توي كېچىسى شۇنچىلىك شېرىن،شۇنچىلىك كۆڭۈللۈك،ئۆزۈڭ سۆيگەن ئادىمىڭ بىلەن ئاددى ھۇجرىدا ئۆتكۈگەن شۇ توي ،كۆڭلۈڭ يوق ئادەم بېلەن بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانسارايدا ئۆتكۈزگەن تويدىنمۇ كۆڭۈللۈك بولۇپ ساڭا خۇشاللىق بېغىشلايدىكەن.


تۇنجى توي كېچىسى ھاياتىمدىكى ئۇنتۇلغۇسىز بىر كېچە بولدى،بىر كېچە ئۇيقۇسىز تاڭ ئاتقۇزغان بولساممۇ،روھىم يەنىلا شۇنچىلىك كۆتۈرەڭگۈ،چۈنكى مەن مۇرادىمغا يەتتىم.ئەمەسمۇ؟


توينى تۈگىتىپ بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ،يېزىغا يۇرتۇمغا قايتىش ئىستىكىم بارغانسىرى كۈچىيىۋاتاتتتى،چۈنكى بۇ يەردە قېيناتامنىڭ ئۆيىدە قېيناتامنىڭ،ئاش-تۇزىنى يەپ،ئىچكۈيئوغۇل بولۇپ ياشاش مەندەك بىر ئوغۇلبالىغا پەقەتلا ماس كەلمەيتتى.شۇڭا بالدۇرراق يۇرتقا قايتىپ،ئاتا-ئانامنىڭ رازىلقىنى ئېلىشقا تىرىشىپ،ئۆزۈمنىڭ بىر چىقىش يولۇمنى تېپىشىم كېرەك ئېدى.لېكىن ھەنىپەنىڭ دادىسىغا  قانداق ئېغىز ئېچىشنى پەقەتلا بىلەلمەيۋاتاتتىم.


-بالام،توينىمۇ قىلۋالدۇق،ئاتا-ئانا رازى خۇدا رازى،بىز سىلەردىن رازى،ئەمدى سىلەر بېرىپ،ئاتا-ئانىڭىزنىڭ رازىلقىنى ئېلىڭلار،ئۇلار ھەنىپەنى كۆرسۇن،پەقەت بولمىغاندا ئاندىن يېنىپ كەلسەڭلارمۇ كېچىكمەيسىلەر.-مەنئىچىمدە قىيىنچىلىق تارتىپ يۈرگەن كۈنلەردە دەنىپەنىڭ دادىسى بىلگەندەكلا مېنى يېنىغا چاقىرىپ شۇنداق دېدى،ئۇنىڭ كۆڭلۈمنى چۈشەنگەنلىكىدىن قەۋەتلا خۇشال بولدۇم.ھەنىپەمۇ يۇرتقا قايتىدىغىنىمىزنى ئاڭلاپ قەۋەتلا خۇشال بولدى.


-بەلكىم ئاتا-ئانام سىزگە سوغاق مۇئامىلە قىلىشى،سىزنى ئېتىراپ قىلماي كۆڭلىڭىزنى ئاغرىتىشى ،يۇرتقا بارغاندىن كېيىن دېلىڭىز ئاغرىيدىغان ئىشلار كۆپ يۈز بېرىشى مۇمكىن،سىز چىدىيالارسىزمۇ-يۇرتقا مېڭىشنىڭ ئالدىدا ھەنىپەدىن، بولۇش ئالدىدا تۇرغان ئوڭۇشسىزلىقلارنى ئېسىگە سېلىپ پىكرىنى ئېلىپ باقماقچى بولدۇم.


-سىزنىڭ ئاتا-ئانىڭىزز مېنىڭمۇ ئاتا-ئانام،مەيلى ئۇلار نېمىلا دېسۇن مەن چىدايمەن،ئۇلارنىڭ ياخشى كېلىنى بولۇپ كۆڭلىنى ئېلىشقا تىرىشىمەن.


ھەنىپەنىڭ جاۋابى كۆڭلۈمنى قەۋەتلا خۇشال قىلىپ ،ئۇنى تاللىغانلىقىمدىن قەۋەتلا مەنمۇن بولدۇم.


ئەتىسى ھەنىپەنى دادىسى ھەنىپە ئىككىمىزنى قەشقەرگە يولغا سېلىپ قويدى.


ئالدىمدا ئۇزاق يول،مەنزىلىم تېخى ئۇزاق ،مېنى كۈتۈپ تۇرغان قېيىنچىلىقلار ئالدىمدىكى يولدىنمۇ ئۇزاق،چىدىشىم كېرەك،ئېرادىلىك بولۇشۇم كېرەك.-مەن شۇلارنى ئويلىغاندىن كېيىن يېنىمدا ئولتۇرغان ھەنىپەنىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ،بىللە تىرىشايلى غەيرەت قىلايلى دېگەندەك مەنىدە ئۇنىڭ كۆزلىرىگە قاراپ قويدۇم.


ھەنىپەمۇ مېنىڭ دېمەكچى بولغانلىرىمنى چۈشەنگەندەك ،كۆزلىرى بىلەن كۈلۈپ تەڭ تىرىشايلى-دېگەندەك ماڭا قاراپ كۈلۈپ قويدى.

-تاماققا چۈشۈڭلار-شوپۇرنىڭ سۆزلىرى بىلەن تەڭ ھەنىپە ئىككىمىز بىر-بىرىمىزدىن ئاجىراپ،ماشنىنىڭ ئەينىكىدىن سىرىتقا قارىدۇق،ئانچە چوڭ بولمىغان بىر بازار ،ماشىنا يولنىڭ بىر تەرىپىدىكى ئاشخانىنىڭ ئالدىغا تارتىپ توختىتىلغان ئېدى.



-بىزمۇ چۈشۈپ ئازىراق بىر نەرسە يەپ چىقمايلىمۇ-دېدىم ھەممەيلەننىڭ پەسكە چۈشۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ھەنىپەگە قاراپ.


-بولدى ،يولنىڭ تامىقى زىيان قىلىدۇ دەپ،ئانام گۆش پىشۇرۇپ بەرگەن قوسىقىڭىز ئاچقان بولسا شۇنى يەيلى-ھەنىپە شۇنداق دەپ بىر خالتىنى ئېچىپ ،ئىككى ناننىڭ ئارىسىغا ئېلىنغان گۆشنى چىقرىپ ماڭا ئۇزاتتى.


-ئۇنداق بولسا مەن پەسكە چۈشۈپ ئىچىدىغان بىر نەرسە ئېلىپ چىقاي ھە -مەن شۇنداق دەپ قويۇپ پەسكە چۈشۈپ كەتتىم.


-ئاداش ئىككىڭلار ئەر-خوتۇن ئوخشىمامسىلەر-ئىچىملىك ئالاي دەپ دۇكانغا كىرىپ تۇرشۇمغا بىز بىلەن بىر ماشىنىدىن چۈشكەن بىرەيلەن ئالدىمغا ئۇچىراپ ماڭا شۇنداق دېدى،ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ،يائاللا ،بىزنىڭ توغرىمىزدا يامان گەپ قىلمايدىغان ئادەممۇ ئۇچرايدىكەن ھە،دەپ ئۇ ئادەمدىن مىننەتدار بولۇپ،-ھەئە ،بىز يېڭىلا توي قىلىغان، يۇرتقا كېتىۋاتىمىز-دېدىم ،ھەم ئۇنىڭ بولدى دېگىنىگە قارىماستىن ،ئالغان ئىچىملىكلىرىنىڭ پۇلىنى قوشۇپ تۆلىۋەتتىم.


-ئاداش ،ئۆزۈڭلاردىن چوڭ ئايال بىلەن توي قىلغىنىڭلارغا قارىغاندا ،ئايالىڭلار تازا بىر باينىڭ قىزى ئوخشىمامدۇ؟-ماشنىنىڭ يېنىغا يېقىن كېلەي دېگەندە ،ئۇنىڭ دېگەن بۇ سۆزى دەرھال جۇدۇنۇمنى ئۆرلەتتى،ئۇنىڭغا بىر نەرسىلەرنى دېگۈم كېلىپ ،ئاغزىمنى ئۆمەللەپ بولۇپ ،ئۆزۈمنى زورىغا بېسىپ ،ئۇنىڭغا بىرنى ئالىيىۋەتكەندىن كېيىن ماشنىغا چىقتىم.


-مېنىڭ يەنە ئازىراق قىلىدىغان ئىشىم بارئىدى ،ئەمىسە سىلە چىقىۋېرىڭلا-ئۇ ئاداشمۇ ئاچچىقىم كەلگەنلىكىنى پەملىگەندەك شۇنداق دەپ قويۇپ پەستە قالدى.


-نېمە بولدىڭىز مۇھەممەت-ھەنىپە چىرايىمدىكى ئۆزگىرىشكە قاراپ مەندىن ئەنسىرىگەندەك ئۇيان-بۇيانلىرىمغا قاراپ كەتتى-پەستە بىرەرسى بىلەن ئۇرشۇپ قالمىغانسىز ھە؟


-ياقەي،ھېچ ئىش بولغىنى يوق-دەرھال ئۆزەمنى تۈزەشتۈرۈشكە تىرىشتىم،چۈنكى ھەنىپەنىڭ كۆڭلىنىڭ يېرىم بولىشىنى پەقەتلا خالىمايتتىم.


-چىرايىڭىز بەكلا ئۆزگىرىپ كېتىپتۇ،شۇڭا ئەنسىرەپ قالدىم مېجەزىڭىز يوقمۇ،يا؟


-ياقەي مەن ساپساق تۇرمامدىم مانا،بىكادىن ئاغرىپ قالىدىغانغا كىچىك بالا بولمىسام يا مەن.


-ئۇنداق بولسا خاتىرجەم بولدۇم-ھەنىپە ئاستاغىنە مۆرەمگە بېشىنى قويدى،ماشنىدا ئىككىمىزدىن باشقا ئادەم يوق ئېدى،مەن ئۇنىڭ ساچلىرىنى سىلاپ پېشانىسىگە سۆيدۈم.


-رەھمەت سىزگە ھەنىپە.


-نېمىگە رەھمەت دەيسىز؟


-مېنى بەخىتلىك قىلغىنىڭىزغا ،مېنى ياخشى كۆرگەنلكىڭىزگە ،مېنىڭ ئايالىم بولغانلىقىڭىزغا رەھمەت،بىلەمسىز ھەنىپە ،مەن بۇرۇن مۇشۇنداق كۈنلەرنى پەقەت چۈشۈمدىلا كۆرەتتىم،سىزنى ھەركۈنى چۈشەيتتىم،سىز مېنىڭ چۈشلىرىمنىڭ مەلىكىسى.


-سىزگىمۇ رەھمەت،مۇھەممەت،سىز مېنىڭ ئاق ئاتلىق شاھزادەم،مېنى ئازابتىن خالاس قىلىدىغان،شاھزادەم.


-بىز ئەمدى توي قىلغاندىكىن ،سىز مېنىڭ خانىشىم بولدىڭىز.


-ئۇنداقتا سىز مېنىڭ پادىشاھىم.


ھەنىپەنىڭ سۆزى تۈگىشى بىلەن ئىككىمىز تەڭلا كۈلۈشۈپ كەتتۇق.


-سىزدىن بەك ئەنسىرەيمەن ھەنىپە؟


-نېمىشقا ؟


-بەلكىم يۇرتقا بارغاندىن كېيىن ،ئاتا-ئانام،ئۇرۇق تۇغقانلار سىزگە ئازار بېرىشى ،ھاقارات قىلىشى مۇمكىن،سىزنىڭ جاپا تارتىدىغانلىقىڭىزنى بىلىپ تۇرۇپ،يەنە يۇرتقا ئېلىپ كېتىۋاتىمەن،كۆڭلىڭىز ئازار يەپ قالسا مەندىن بىزار بولۇپ كېتەرسىزمۇ؟


-كۆپ ئويلىماڭ مۇھەممەت،بۇرۇن مەنمۇ خۇددى سىزدەك ئويلايتتىم،باشقىلارنىڭ سۆز-چۆچىكىدىن ،كۆڭلۈمنىڭ ئازار يېيىشىدىن بەكلا قورقاتتىم،شۇڭلاشقا سىزنى ياخشى كۆرسەممۇ،ئېتىراپ قىلىشقا پەقەتلا جۈرئەت قىلالمىغان ئېدىم،لېكىن سىز ماڭا جۈرئەت ئاتا قىلدىڭىز،ئەمدى بۇ قەدەمنى باسقان ئىكەنمەن ھەرگىز پۇشايمان قىلمايمەن،ئاخىرغىچە بەرداشلىق بېرىمەن، سىز بىلەن جاپادىمۇ،ھالاۋاتتىمۇ بىرگە بولۇپ،مەڭگۈ ئايرىلمايمەن.


-ئۇنداقتا قول بېرىشەيلى-ھەنىپەنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭغا قولۇمنى ئۇزاتتىم-بىر-بىرىمىزدىن مەڭگۈ ئايرىلمايمىز.


-مەڭگۈ ئايرىلمايمىز- ھەنىپەمۇ قولىنى ئۇزاتتى ئىككىمىز باغلاشتۇق.ئاندىن مەن ئۇنى باغرىمغا باستىم.


ھەنىپەنىڭ باغرىمغا بېشىنى قويۇشى بىلەن قانلىرىم قىززىپ ،ئۇنى قوغداشقا بولغان ئېرادەم تېخىمۇ كۈچەيدى.


-ئۆينى بىلىدىكەنسەن ھە،ئاتا-ئاناڭ بارلىقىنى ئۇنتۇپ قالدىمىكىن دەپتۇق تېخى-يۇرتقا قايتقاندىن كېيىن ھېچيەرگە قارىماستىن ئۇدۇل ئۆيگە باردۇق،ئىىشىكنىڭ ئالدىغا كېلىپ شۇنداق جىددىيلىشىپ كەتتىم،ھەنىپە قورقوپ بىر تەرەپكە مۆكۈۋالدى،ئانام ئىشىكنى ئېچىپ مېنى كۆرۈپلا سۆزلەپ كەتتى-ئۆيگە كىرە.


-ھەنىپە بۇياققا چىقىڭ-ئانامنىڭ ئۆيگە باشلىشى بىلەن تەڭ مەنمۇ ھەنىپەنى چاقىردىم،ھەنىپە تىترەپ تۇرۇپ ،خىجىللىقتىن نېمە قىلارىنى بىلەلمىگەندەك مۆكۈۋالغان يېرىدىن چىقىپ مېنىڭ يېنىمغا كەلدى.


-ئانا تىنىچلىق تۇردىڭىزمۇ-ھەنىپەنىڭ ئانا دېگەن ئاۋازى بىلەن تەڭ ئانام ئوڭدىسىغا ئۇچۇپ كەتتى.مەن دەرھال بېرىپ ئۇنى يۆلىدىم.


-نېمە دەيدۇ،ما دەيۈز خوتۇن ،مەن خاتا ئاڭلاپ قالمىغاندىمەن-ئانام ئورنىدىن تۇرۇپ ،ئۆزىنى توختىتىۋالغاندىن كېيىن مېنى ئىتتىرۋەتتى.


-ئانا ئۆزۈڭنى بېسىۋال،ئىككىمىز توي قىلدۇق،ئەمدى نېمە دېسەڭمۇ ئورنىغا كەلمەيدۇ،بىزنى كەچۈرگىن.بىز سىلەردىن كەچۈرۈم سورىغىلى كەلدۇق،سەن تېخى ھەنىپەنى چۈشەنمەيسەن،ئۇ بەك ياخشى قىز-ئانامنىڭ قوللىرىغا ئېسىلىپ ،ئۇنىڭغا يالۋۇرۇشقا باشلىدىم.


-قۇرۇپ كەتسۇن ئۇ ياخشىلىقلىرى، ئاناڭدىن،داداڭدىن سورىماي،ھامماچاڭدەك بىر خوتۇن بىلەن توي قىلۋېلىپ ،نومۇس قىلماي ئۇنى باشلاپ بۇ يەرگە قايسى يۈزۈڭ بىلەن كەلدىڭ،ئەل جامائەت ئالدىدا يۈزىمىزنى پوق قىلماقچىمۇسەن،ئوغۇل باققانغا سازايى قىلدۇرماقچىمۇسەن، ئەڭ ياخشىسى كەت،مېنىڭ سەندەك بالام يوق،بۇ دەيۈزنى ئېلىپ كۆزۈمدىن يوقال،داداڭ كۆرۈپ قالىدىغان بولسا ،ئالەمنى مالەم قىلىدۇ،ئۇ كەلگۈچە كېتىۋال،ئەل جامائەت ئالدىدا بىزنى ياشىغىلى قوي،نەدىن كەلگەن بولساڭ شۇ يەرگە كەت.-ئانام ھۆڭۈرەپ يىغلىغىنىچە مېنىڭ دەرۋازىنىڭ ئىچىگە قاراپ ئنتىلىۋاتقان بەدىنىمنى سىرىتقا ئىتتىردى. ھەنىپە بىر ياندا،ئانام بىر ياندا يىغلاۋاتاتتى،ئۇلارغا قاراپ قانداق قىلشىمنى پەقەتلا بىلەلمەيۋاتاتتىم.


-ئانا جېنىم ،ئانا، مېنى كەچۈرگىن ،خەق كۆرۈپ قالسا سەت بولىدۇ،بىزنى ئۆيگە كىرگۈزىۋەتكىن،نېمە گەپ بولسا ئۆيگە كىرىپ ،ئاندىن دېيىشىلى.


-سەن تېخى ئۆيگە كىرمەكچىما ،ساڭا يەنە يۈز كېرەكما،باغرىمنى قان قىلىۋەتتىڭغۇ،ھۈ،،ھۈ،ھۈ-ئانام توختىماي يىغلاۋاتاتتى،


-جېنىم ئانا،يىغلىمغىن سەن يىغلىساڭ مەنمۇ چىدىيالمايدىكەنمەن،مەن كېتەي،سەن يىغلىمايدىغانلا بولساڭ مەن بۇ يەردىن كېتەي-مەن شۇنداق دېگىنىمچە ھەنىپەنى ئېلىپ،دەرۋازىدىن يىراقلىشىپ ،ماڭدىم،ئانامنىڭ ئۆكسۈپ،ئۆكسۈپ يىغلىغان ئاۋازى خېلى ئۇزاق يەرلەرگىچە قۇلقىمغا كىرىپ تۇردى.بۇ يىغىلار مېنىڭمۇ كۆزلىرىمدىن ئامالسىزلىق ياشلىرىمنى تاراملىتىشقا باشلىدى،بىراق يىغامنى توختىتىشىم كېرەك ئېدى ،چۈنكى مەن يىغلايدىغان بولسام،ھەنىپەگە تېخىمۇ بەك بېسىم پەيدا بولاتتى.


شۇنداق قىلىپ،تۇنجى قېتىمدىلا ئانامدىن دەككەمنى يەپ مەغلۇپ بولۇپ كەينىمگە چېكىندىم،لېكىن بۇنداقلا قايتىم كەتسەم توغرا بولمايتتى،شۇڭا ھەنىپە بېلەن دېيىشىپ شەھەرگە كىرىپ بىر ياتاققا چۈشۈپ ئورۇنلىشىۋېلىپ،قانداق قىلىشنى كېيىن مەسلىھەتلىشىنى قارار قىلدۇق.


كۆڭلىڭىز يېرىم بولىۋاتامدۇ-ھەنىپەنىڭ سۇلغۇن چىرايى يۈرىكىمنى ئىزەتتى ئۇنىڭغا زادى نېمە دەپ تەسەللى بېرىشنى بىلمەيلا قالغان ئېدىم.


-ياقەي،بۇرۇنلا مۇشۇنداق بولۇشىنى پەملىگەن ئېدىم،بۇنچىلىك ئىشلارغا ھېچنىمە بولمايمەن-ھەنىپەنىڭ كۆڭلى يېرىم بولسىمۇ ،كۆزلىرىنىڭ قۇيرۇقىدىكى ياشلىرىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ،ماڭا ئۆزىنى خۇشال كۆرسەتمەكچى بولۇپ ،زورىغا كۈلۈمسىرىدى.


-مېنىڭ ئوماق خانىشىم،چوقۇم بەرداشلىق بېرىڭ،ئانام ئۇنداق ئەسكى خوتۇن ئەمەس،بىزنى ھامان كەچۈرىۋېتىدۇ،مەن ئانامنى ئوبدان چۈشىنىمەن،چوقۇم ئاكام يوق گەپلەرنى توقۇپ يەتكۈزۈپ ئۇلارنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرىۋەتكەن گەپ،بىر نەچچە كۈندىن كېيىن چوقۇم ئاچچىقى يېنىپ ،بىزنى ئۆيگە كىرگۈزىۋېتىدۇ.


-توغرا چۈشىنىمەن،يېنىمدا سىز بولسىڭىزلا ،بېشىمغا كەلگەن ھەرقانداق كۈلپەتكە تاقابىل تۇرالايمەن،سىز دېگەن مېنىڭ پادىشاھىم ئەمەسمۇ؟


ھەنىپەنىڭ سۆزلىرى كۆڭلۈمنى ئىزىغا چۈشۈردى،بارلىق مېھرىم بىلەن ئۇنى باغرىمغا باستىم.


ئەتىسى ھەنىپەنى باشلاپ يەنە بىر قېتىم ئۆيگە باردىم،بۇ قېتىم دادام ئانام ھەرئىككىلىسى بار بولۇپ،ئالدىنقى قېتىمقىدىنمۇ كەسكىن رەت قىلىشقا ئۇچراپ، قوغلىنىپ يەنە ئۈمۈسىزلىك بىلەن ياتاققا قايتتۇق.


لېكىن بۇ قېتىم ئانام مېنى ئايرىم چاقىرىپ-سەن قاچان مۇشۇ خوتۇندىن ئاجىرىشىدىغان بولساڭ ،شۇ چاغدا ئۆيگە قايتىپ كەل -دېدى،ئۇنىڭ بۇ گەپلىرى مەن ئۈچۈن ئۆل دېگەندىن باشقا نەرسە ئەمەس ئېدى،چۈنكى مېنىڭ ھاياتىمنى ھەنىپەسىز تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس ئېدى.


-مۇھەممەت ،كاللامغا بىر ئامال كېلىۋاتىدۇ،دېسەم بولارمۇ؟ياتاققا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ،مەندىنمۇ ئېغىر ھاقارەتكە ئۇچرىغان ھەنىپە،يەنە ماڭا تەسەللى بەرمەكچى بولۇپ ئېغىز ئاچتى.


دەۋىرىڭ،قانداق ياخشى ئەقىلكەن ئۇ-ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن ئۈمۈدلىنىپ ئۇنىڭ ئامالىنى بالدۇرراق ئاڭلاشقا ئالدىراپ ئاغزىغا قارىدىم.


-بىراق بۇنداق قىلسىڭىز باشقىلار سىزنى ۋاپاسىز ئوغۇلكەن دەپ ئويلاپ ،ئۈستىڭىزدىن گەپ تېپىشى ،ئاتا -ئانىڭىزمۇ سىزدىن رەنجىشى مۇمكىن،لېكىن مۇشۇنداق قىلغاندىلا بىز بۇ يەردە قالالايمىز،ئەمەلىيەتتە ئاتا-ئانىڭىزنىڭ رەنجىۋاتقىنى،كۆرگۈسى كەلمەيۋاتقىنى سىز ئەمەس بەلكى مەن،ئۇلار يەنىلا سىزگە كۆيىنىدۇ،سىزنى ھامان بىر كۈنى كەچۈرىدۇ.


-ھەي چۆگۈلىتىپ ئولتۇرمايلا ئېيىتسىڭىزچۇ-ھەنىپەنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ كاللام چۆگىلەپ ،ئۇنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى پەقەتلا چۈشىنەلمىدىم.


-مۇنداق قىلساق قانداق ،ئاۋال،ئاتا-ئانىڭىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالمايلا ئۆيگە كۆچۈپ كىرىۋالايلى،بىر نىمە دەپ كىرگۈزمەيمەن ،دەپ قالسا،بۇ ئۆيدە مېنىڭمۇ ھەققىم بار ،مېنى ماكانسىز قويۇش ھەققىڭلار يوق-دەيسىز،بىر ئامال قىلىپ،ئۆيگە كۆچۈپ كىرىۋالغاندىن كېيىن ،ئۇلارنى ئاستا-ئاستا قايىل قىلمايمىزمۇ؟


ھەنىپەنىڭ ئامالى بىر ئويلىسام ،بولىدىغاندەكمۇ قىلدىدە،مۇشۇ ئامالنى سىناپ باقماقچى بولدۇم.


ئەتىسى ھەنىپە ئىككىمىز نەرسە كېرەكلىرىمىزنى يىغۇشتۇرۇپلا ئۇدۇل،ئۆيەە باردۇق،ئىشىكنى يەنە ئانام ئاچتى.


-يەنە نېمە دەپ كەلدىڭ،يەنە شۇ ئايالنى باشلاپ كەپسەنغۇ؟-ئانام دەرۋازىنى ياپماقچى بولغاندا،ئۇنى بۇنى دەپ يۈرۈپ،ئۆيگە كىرىۋالدىمدە،ئۇدۇل بۇرۇنقى ھوجىرامغا كىرىپ ئورۇنلىشىۋالدىم،بىز كەلگەندە دادام ئېتىزغا چىقىپ كەتكەن بولۇپ،ئۆيدە يوق تۇراتتى.ئانام نېمە ئىش بولىۋاتقىنىنى ئاڭقرالمايۋاتقاندەك،بىردە مېنىڭ يېنىمغا كېلىپ تىللاپ ئىتتىرسە، بىردە ھەنىپەنى -ۋۇ يۈزى قېلىن خوتۇن بۇ يەردىن يوقال-دەپ ھەيدەۋاتاتتى.ھەنىپە ئىككىمىز بولسا ھېچنىمنى ئاڭلىمىغاندەك ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى قىلىۋېرەتتۇق.ئانام بىز بىلەن بىردەم ھەپىلەشكەندىن كېيىن چارچاپ قالدى بولغاي-داداڭ كەلگەندە بىر نېمە دېسۇن-دەپ قويۇپ باغقا كىرىپ كەتتى،مەن كونا كېيىملىرىمنى ئالماشتۇرۇپ،دادامغا ياردەملىشىش ئۈچۈن ئېتىزغا قاراپ يۈرۈپ كەتتىم.


-دادا ،كەتمەننى ئەكىلىڭە مەن بىردەم چاپاي-ئېتىزغا بېرىپلا دادامنىڭ قولىدىكى كەتمەنگە ئېسىلدىم.


-ماڭ،ماڭ ساڭا چاپتۇرىدىغان كەتمەن يوق، ئاۋۇ دەيۈزنى يولغا سېلۋەتتىڭمۇ ياق-دادام ماڭا كەتمەننى بەرمەسلىككە ئۇرۇنۇپ،قولۇمغا ئېلىپ بولغان كەتمەننى يەنە تارتىۋالدى.


-ھە.-مەن شۇنداق دەپلا يەنە دادامنىڭ قولىدىكى كەتمەننى تارتىۋالدىم.دەپ،كۈچەپ چاناشقا باشلىدىم،كەتمەن تۇتمىغىنىمغا خېلى ئۇزاق بولغان بولسىمۇ،دېھقاننىڭ بالىسى بولغانلىقىم ئۈچۈن،يەنىلا كەتمەن تۇتۇشقا ئېپىم بار ئېدى.


-ياخشى قىپسە بالام،ئەمدى ئەقلىڭنى تېپىپسەن-دادام،مېنى ھەنىپەنى يولغا سېلۋەتتى دەپ ئويلاپ مېنى ماختاشقا باشلىدى.ئاكاڭنىڭ يېنىدا تۇرغۇڭ كەلمىسە ،مۇشۇ يەردە تۇر،كەتمەن چېپىشنىمۇ ئۇنتۇپ قالماپسەن تېخى.دېھقان بولغاننىڭمۇ زېيىنى يوق،يەردىن چىققان نان ھەممىدىن تاتلىق ھەم پاكىز بولىدۇ،بالام،تەر چىقىپ ئېرىشكەن نەرسىە بىلەن ئولتۇرۇپ يېگەننىڭ ھوزۇرى پەقەتلا ئوخشىمايدۇ.


-ھە-مەن باشقا بىر نەرسە دېمەي،ھە دەپ قويۇپلا يەنە كەتمىنىمنى چېپىۋەردىم.


-مەن بىلىمەن بالام،سېنىڭ ھەقلىڭ بار،ئۇ خوتۇن سېنى كىچىك دەپ ئازدۇرۇپ كەتكەن گەپ،توي قىلماي تۇرۇپ ئۆيۈڭگە كېلىۋالغان ئايالدىن ساڭا ۋاپا كېلەمدۇ،دەيسەن.


-ھە -دادامنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ،ئۇنىڭغا خاتا تەرجىمە يەتكۈزگەن ئاكامغا ئاچچىقىم كېلىم كەتمەننى تېخىمۇ كۈچەپ چاپتىم.


-يەنىلا يېزىنىڭ يۇرتنىڭ قىزلىرىغا يەتمەيدۇ،ياقىدىن توي قىلساڭ ياقىلىق بولۇپ كېتىسەن.ئاكاڭغا قاراپ باقە،جاھىللىق قىلىپ ،ياقا يەردىن ئۆيلىنىۋېلىپ ،مانا ئۆيگە يىلدا بىر قېتىممۇ كىلەلمەيدۇ،ئەگەر يۇرتتىن ئۆيلەنگەن بولسا،ئانام بار دادام بار دەپ،نەچچە قېتىم كېلىپ يوقلاپ بولغان بولاتتى.ياقىدىن توي قىلساڭ مانا مۇشۇنداق،ئەل جامائەتتىنمۇ ،ئۇرۇق تۇغقانلاردىنمۇ ئايرىلىپ قالىدىغان گەپ، خاتىرجەم بول،سېنى بىر يىلغا قالماي ،يۇرتتىن ياخشى قىزدىن بىرنى تېپىپ ئۆيلەپ قويىمەن.


-ھە.


-نېمانداق ھە، ھە لا دەيسەن،چىدىمايۋاتقان ئوىشىمامسەن ئۇ خوتۇنغا ،خاتىرجەم بول ،تېزلا ئۇنتۇپ كېتىسەن.


دادام ئىككىمىز كەچكىچە ئىشلەپ،قاراڭغۇ چۈشۈشكە يېقىن ئۆيگە قايتىپ كەلدۇق،ئېتىزلىققا باشقا خەۋەرلەرنىڭ كەلمىگىنىەە قاراپ ،ئۆيدە بىرەر ئىش چىقمىغانلىقىغا ئىشىنىپ ،كۆڭلۈم ئىزىغا چۈشتى ،بىراق ،يەنىلا كۆڭلۈمنىڭ بىر يەرلىرى ھەنىپەدىن ئەنسىرەپ مېنى بالدۇرراق ئۆيگە قايتىشقا ئالدىرىتىۋاتاتتى،چۈنكى ئانامنىڭ يەنە ئۇنىڭغا بىر نەرسە دەپ دېلىنى رەنجىتىشىنىمۇ يوق دېگىلى بولمايتتى.


-بۇرۇنقىدىنمۇ بەك ئىشقا كېلىدىغان بولۇپ كېتىپسەن،ئەمدى سەندىن ئەنسىرىمىسەم بولغۇدەك-دەرۋازىدىن كىرىۋېتىپ ،دادام ماڭا بولغان رازىمەنلىكىنى ئىپادىلەپ ،مېنى راسا ماختاپ كەتتى-ھوي ئانىسى تەرەتكە سۇ راسلىۋېتىڭلا.


دادامنىڭ ئۆيگە كىرىپ چاقىرىشى بىلەن تەڭ ھەنىپە،ئاشخانا ئۆيدىن بىر ئاپتۇۋا سۇنى كۆتۈرۈپ ئېلىپ چىقتى.


-بۇ دەيۈز خوتۇنغا نېمە بار ،بۇ يەردە،ئۇنى يولغا سېلىۋەتتىم دەۋاتمامتىڭ-دادام ھەنىپەنىڭ قولىدىكى چەينەكنى قولىغا ئېلىپ كۈچەپ يەرگە ئاتتى-دەرھال يوقۇلۇش،ھەر ئىككىڭ كۆزۈمگە كۆرۈنگۈچى بولۇشما.


-نېمە دېسىڭىز  دەۋىرىڭ،بىز كەتمەيمىز،بىزنى بۇ ئۆيدىن قوغلىۋېتەلمەيسىز،بىزنىڭ ئكيىمىز مۇشۇ-مەن دادامغا شۇنداق دېگىنىمچە ھەنىپەنى ئېلىپ ھۇجرامغا قاراپ يۈگۈردۈم،دادام مېنى ئۇرۇش ئۈچۈن ئايىغىنى سېلىپ ئېتىپ،كەينىمىزدىن قوغلىدى،ئۆيگە كىرىپلا ئىشىكنى گۈپپىدە يېپىپلا ئىچىدىن مەھكەم تاقىۋالدىم.


دادام ھويلىدا تۇرۇپ ئاچچىقلاپ قالايمىقان تىللاۋاتاتتى،ھەنىپە ئىككىمىز بىر-بىرىمىزگە قاراپ مەمنۇنلۇق بىلەن كۈلۈپ قويۇشتۇق، چۈنكى،بىز بىرگە بولۇش ئۈچۈن يۈزىمىزنى قانچىلىك قېلىن قىلساق شۇنچىلىك پايدىلىق بولاتتى.


دادام بىردەم ۋاقىراپ جاقىراپ تىللاپ ھاردى بولغاي جىمىپ قالدى،ھەنىپە ئىككىمىز زىممىمىزدىن ئېغىر بىر يۈكنى ئېلىپ تاشلىۋەتكەندەك يەڭگىللەپ بىر-بىرىمىزگە مەنىلىك قاراپ قويۇشتۇق.

-ئانام سىزگە بىرنەرسە دېمىگەندۇ؟



-ياق ھېچنەرسە دېمىدى،ئانام سىز كېتىشىڭىزگىلا باغدىن يېنىپ چىقىپ،ھوجۇرىسىغا كىرىپ كەتكەنچە چىقمىدى،قاراپ باقسام يۆگۈنۈپ يېتىۋاپتىكەن،مىجەزى يوقمىكىن يا،مەن قورقۇپ سورىيالمىدىم.


-ئانام،بۇرۇندىن مۇشۇنداق ،بىر ئىش ئېغىر كەلسە ھېچكىمگە گەپ،سۆز قىلماي يېتىۋالىدۇ،ئورنىدىن تۇرغان چېغىدا ،ھەممە ئىشنى ئۇنتۇپ ،ياخشى بولۇپ كېتىدۇ.


ئاغزىمدا شۇنداق دېگەن بېلەن ،كۆڭلۈمدە يەنىلا  ئانامنىڭ بۇ ئىشلارنى  ئىچىگە ئېلۋېلىپ ،سالامەتلىكىدىن چاتاق چىقىشىدىن ئەنسىرەۋاتاتتىم.


-بەزىدە ئاتا-ئانىڭىزغا قاراپ،ئىككىمىز خاتا قىلدۇقمۇ قانداق دەپ ئويلاپ قالىمەن مۇھەممەت،بىزنىڭ مىڭ بىر جاپادا بېقىپ چوڭ قىلغان ئاتا-ئانىمىزنى بۇنداق قاخشىتىش ھوقۇقىمىز يوق ئېدى،بىراق بىز...ھەنىپە گېپىنىڭ ئاخىرىنى يۈتىۋېتىپ،مۆرەمگە ئاستا بېشىنى قويدى.


-دېگەنلىرىڭىز ھەم توغرا ھەم خاتا،بىزنىڭمۇ بەخىتكە ئېرىشىش ھوقۇقۇمىز بار،كىچىككىنە قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرەلمەي ۋاز كەچسەك ،بىر ئۆمۈر بەخىتسىز بولۇپ ،پۇشايمەن بېلەن ياشايمىز،ئاتا-ئانىللىرىمىزمۇ بىزنىڭ بەختىمىزنى ئويلاپ مۇشۇنداق قىلىۋاتىدۇ،كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇلار بىزنىڭ بەخىتلىك ياشاۋاتقانلىرىمىزنى كۆرگەن چېغىدا ،كۆڭلىمىزنى چۈشىنىپ بىزنى كەچۈرىۋېتىدۇ،جاپا چېكىۋاتقانلىقىڭىزنى بىلىمەن،غەيرەت قىلايلى،بىزنىڭ ۋەدىمىزنى ئۇنۇتماڭ،ئەمدى بۇنداق ئىككى خىيال بولىدىغان ئويلاردا بولماڭ،بولامدۇ جىنىم-ھەنىپەنىڭ يۇمران يۈزلىرىنى سىلاۋاتقان چېغىمدا،ئۆزۈمنىڭ مۇشۇنداق بىر جۈپتى ھالالىم بولغانلىقىدىن چەكسىز بەخىت ھېس قىلدىم.


-تاماق ئېتەي دېسەم قازان-قۇمۇچ سەي-كۆكتاتلارنىڭ ئورنىنى تازا بىلمەيدىكەنمەن،شۇڭا ئېتەلمىدىم،ئەمدى ھويلىغىمۇ چىقالمايمىز،بىركۈن كەچكىچە ئىشلەپ ئاچ قالىدىغان بولدىڭىزدە.


-مەنغۇ ئېتىزدا دادام ئەكەلگەن ناننى يىدىم،بىراق سىز ،ھېچنەرسە يېمىگەنسىز ھەقاچان،سىزنى ئوبدان چۈشىنىمەن،بەك تارتىنچاق.-ھەنىپەنىڭ تاتىرىپ كەتكەن چىرايىدىن ئۇنىڭ بىر كۈن ئاچ قالغانلىقىنى سەزدىم،بىردىنلا ئۇنىڭ ئالدىدا ئۆزۈمنى گۇناھكاردەك ھېس قىلىپ ،نومۇستىن يۈزلىرىم ئوت ئالغاندەك قىزىرىپ كەتتى.


-ياقەي مەنمۇ نان يىگەن بايام-ھەنىپە شۇنداق دەپ مېنىڭ كۆڭلۈمنى تىندۇرماقچى بولدى.


-قەيەردىكى ناننى يىدىڭىز نان نەدىكەن؟


-ئاشخانىدىن ئېلىپ يىدىم.


ھەنىپەنىڭ جاۋابلىرى ئۇنىڭ ئاچ قورساقلىقىغا مېنى تېخىمۇ بەك ئىشەندۈردى.چۈنكى ئانام چىۋىن كۆپ دەپ،ئەزەلدىن ئاشخانا ئۆيدە يەيدىغان نەرسە قويمايتتى.


-مەن چىقىپ ئازىراق يەيدىغان نەرسە ئەكىرەي،سىز ئۆيدىن چىقماي ئولتۇرۇپ تۇرۇڭ-مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئاۋاز چىقارماي ئاستاغىنە ئىشىكنى ئاچتىم.


-مۇھەممەت ،دادىڭىز كۆرۈپ قالسا ،يەنە بىر ئىش بولۇپ قالمىسۇن،چىقمىسىڭىز ياخشى بولاتتى-ھەنىپە ئەندىشە قىلىپ مېنى توسۇشقا ئۇرۇندى.


-ھېچنىمە بولمايدۇ،سىز مىدىرلىماي ئولتۇرۇپ تۇرۇڭ،جىدەل بولۇپ قالسىمۇ چىقماڭ.


ھەنىپەگە شۇنداق دەپ تاپىلاپ پۇتۇمنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ نان قويىدىغان ئۆيگە كىردىم.دادام بىلەن ئانامنىڭ ھوجىرىسى نان قويىدىغان ئۆينىڭ ئىچىدىلا بولۇپ سەللا ئېھتىيات قىلمىسام سېزىلىپ قالاتتىم.


-بىرسى كىرگەندەك قىلدى چىقىپ باقاي-تېخى ناننى قولۇمغا ئالماي تۇرسام دادامنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى.


-بولدى قىسىلا دادىسى،ھەقاچان مۇھەممەت يەيدىغان نەرسىگە كىرگەن چېغى،سىلە چىقسىللىرى ئالالماي قالمىسۇن،ھېلىقى خېنىممۇ كەلگەننىڭ ياقى ئاغزىغا گىيا سالمىدى،يا مەن يەڭ دەپ قولىغا بەمىدىم ،بۇ بالىمۇ بىر كۈن ئىشلەپ قورسىقى ئاچقاندۇ-ئانامنى مېنى ئاڭلىمىسۇن دەپ دادامغا پىچىرلاپ تۇرۇپ ئېيىتقان گەپلىرىنى ئېنىق ئاڭلىدىم،كۆزلىرىمگە ئىسسىق ياش كەلدى،يەنىلا ئاتا-ئانا دېگەن ئاتا-ئانىكەن،ئۇلار يەنىلا پەرزەنتىنى ئويلايدىكەن،مەن تېخى ئەمدى دادام بىلەن ئانام مېنى كەچۈرمەيدىغان ئوخشايدۇ دەپ قاپتىمەن،شۇ خىياللار بىلەن تېخ يېپىلغىنىغا ئۇزۇن بولمىغان يۇمشاق ناندىن بىرنى ئالدىم،يەنە پۇتۇمنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ چىقىپ كەتتىم.


ھەنىپە ئىككىمىز بۇ ناننى خۇددى شەھەرلەردە ئوخشىتىپ ئېتىلگەن بەتتە پولۇنى يىگەندەك بىر-بىرىمىزگە قاراپ مەززە بىلەن يېدۇق.


ئەتىسىھېچئىش بولمىغاندەك  سەھەرئورنىمىزدىن تۇردۇق،دادام بىلەن ئاناممۇ بىزگە ئوشۇق تۆشۈك گەپ -سۆز قىلمىدى. ھەنىپە خۇددى يېزا قىزلىرىدەك،ھويلا ئارامنى پاكىزە يىغۇشتۇرۇپ تازلىدى.


نامازدىن كېيىن ،ھەنىپە راسلىغان داستىخاندا ئولتۇرۇپ ناشتا قىلدۇق،لېكىن ئانام ناشتىغا چىقمىدى ،ئۇنىڭ ئىچى كۈچلۈك بولغاچقا ،كۆڭلىدە كەچۈرىۋەتسىمۇ،ئەمەلىيەتتە بوي بەرگۈسى كەلمەيتتى،ناشتىدىن كېيىن ،دادام كەتمىنىنى دولىسىغا ئارتىپ، تۆنۈگۈن قالغان ئىشلارنىڭ ئاخىرىنى قىلىش ئۈچۈن ئېتىزغا قاراپ ماڭدى.مەن ھەنىپە تەييارلاپ بەرگەن نان بىلەن چاينى ئېلىپ ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگەشتىم.دادام بۈگۈن ماڭا بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى،ئۇنىڭ-ھا،ھاھا-دەپ كەتمەننى كۈچۈپ يەرگە ئۇرۇشلىرىدىن ،ئىچىدىكى دەرد-ئەلىمىنى مۇشۇ كەتمەندىن چىققان توپىلار بىلەن قوشۇپ يەرگە كۆمۈۋەتكۈسى كېلىۋاتقاندەك قىلاتتى.بۈگۈن ئىش تۈگەپ تۆنۈگۈنكىدىن بالدۇرراق ئۆيگە قايتتۇق.


-ئەسسەلامۇ -ئەلەيكۇم،تىنىچ ئامان كەلدىڭمۇ ئۇكام،قاتىپ كەلگىنىڭ ياخشى بوپتۇ ئۇكام لېكىن پەقەتلا ياخشى قىلماپسەن،ئاتا-ئاناڭغا مەسلىھەتمۇ سالماي ،ئۆزۈڭدىن چوڭ بىر ئايال بىلەن توي قىلۋېلىپ ،يەنە نومۇس قىلماي ئۇنى باشلاپ ئۆيگە ئەكەلگىنىڭنى قارا،


-شۇنى دەيمەن،خېلى يۇۋاش تۈزۈك بالا دېسەك قىلىپ يۈرگەن ئىشىڭنى قارا.


-جاھان بۇزۇلۇپ كەتتى ،كىممۇ قادىركامنىڭ بالىلىرىنى بۇنداق قىلىدۇ ،دەپ ئويلىغان دەيسىلەر.


مەھەللە دوقمۇشىنى ساقلاپ تۇرغان بىر توپ كىشىلەر ،مېنى كۆرۈشى بىلەنلا ئارىغا ئېلىپ بەس-بەس بىلەن ئەيىپلەپ كېتىشتى.مەن ئۇلارنىڭ مۇشۇنداق قىلىدىغانلىقىنى،بۇ كۈنلەرنىڭ ھامان بېشىمغا كېلىدىغانلىقىنى بۇرۇنلا پەملىگەن بولساممۇ ،ئۇلار مېنى ئەيىپلەۋاتقان چاغدا ،ئۆزۈمنى پەقەتلا تۇتىۋالالمىدىم،بىراق دادامغا بىر قاراپلا يەنە ئۆزۈمنى بېسىشقا مەجبۇر بولدۇم.


-ئاھ،ئاھا-دادام ئېغىر ئىچىگە تىنغاندىن كېيىن ،تېز-تېز قەدەملەر بىلەن مېڭىپ كەتتى.


-قادىراخۇن بىلەن تۇنساخانغا ئۇۋال بولىدىغان بولدىدە،ۋاي ئېسىت....


ئۇلار نىڭ غەيۋەت شىكايەتلىرىنى ئاڭلىماسلىققا تىرىشىپ ،دادامنىڭ كەينىدىن ئەگەشتىم.


دادام ھويلىغا كىرىپلا كەتمەننى زەردە بىلەن يەرگە تاشلاپ،زوڭ ئولتۇرۇپلا ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتتى.ئۇنىڭغا قاراپ زادىلا ئۆزۈمنى تۇتۇۋالامىدىم.


-دادا ،بۇنداق قىلمىسىڭىزچۇ؟خەق نېمە دېسە دەۋەرسۇن،بىزنىڭ نېمە كارىمىز،نېمىشقا ئۇلارنىڭ ئىككى ئېغىز سۆزى ئۈچۈن بۇنچىۋالا باغرىڭىزنى ئېزىسىز.


-يوقال،كۆزۈمدىن يوقال،ساڭا گەپ قىلىدىغان ئاغزىم يوق،ئۆزەڭچە قىلغان ئىشلىرىڭنى كىچىك ئىش دەپ ئويلاپ قالغان ئوخشىمامسەن،سېنى 20 يىلنىڭ ياقى باققان ئاتا-ئاناڭغا بىر ئېغىز مەسلىھەتمۇ سالماستىن،بىر خوتۇننى ئۆيگە باشلاپ كىرگىنىڭ سېنىڭچە كىچىك ئىشمۇ، ئاناڭ ئىككىمىزنىڭ يۈرىكىنى قان قىلىۋەتتىڭغۇ؟ئەل جامائەتنىڭ ئالدىدا يۈزىمىزنى پوق قىلدىڭغۇ،بالا باققانغا تويغۇزدىڭغۇ.


-دادام مەيدەمدىن ئىتتىرىۋېتىپ يەنە زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ پىغان بىلەن يىغلاشقا باشلىدى.


تۇيۇقسىز بىر تەرەپتە يىغلاۋاتقان ھەنىپەگە كۆزۈم چۈشىتى ،توۋا بۇ زادى نېمە كۈنلەر ،نېمە گۇناھىم ئۈچۈن ماڭا بۇ كۈنلەرنى كۆرسىتىۋاتقانسەن كەرەملىك خۇدا،ئەجىبا مەن راس خاتا قىلغاندىمەنمۇ؟ئانام ،داداملارنىڭ قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ،ئۇلارنىڭ ماقۇللۇقىنى كۈتۈپ تۇرىشىم كېرەك بولغىيمىدى.-تۇيقسىز كاللامغا كىرگەن ئاغرىق نېرۋىللىرىمنى چىڭقاپ چاراسلىتىۋەتتى.


-ئانا سەنمۇ مېنى كەچۈرمەمسەن،-ئاستا قەدەملەر بىلەن مېڭىپ ئانامنىڭ يېنىغا كىردىم،ئانام گەپ سۆزسىز دۈمبىسىنى قىلىپ ياتاتتى.گەپ سۆزسىز يېنىپ چىقىپ ھۇجىرامغا كىرىپ يېتىۋالدىم،ھەنىپەمۇ كەينىمدىن كىرىپ يېنىمدا ئولتۇردى،شۇ تاپتا ئۇنىڭغا نېمە دېيىشنى ،قانداق قاراشنى زادىلا بىلمەيۋاتاتتتىم،ئۇنىڭغا شۇنچىلىك تەسەللى بەرگۈم بولسىمۇ،بىراق قەلبىمدە ئۆرلەۋاتقان پىغانىم،ئۇنىڭغا تەسەللى بەرگۈدەكمۇ ماجالىمنى قويمىغان ئېدى،تۇيۇقسىز مېڭەم قاراڭغۇلشۇپ،ھوشۇمنى يوقۇتۇپ كۆزلىرىم يۇمۇلدى.


-جېنىم بالام كۆزۈڭنى ئاچقىن مېنى قورقۇتما-كۆزلىرىم ئېچىلغاندا ئۆزۈمنى ئانامنىڭ قۇچىقىدا كۆردۈم،نېمە دېگەن راھەت،نېمە دېگەن خاتىرجەم تۇيغۇ ،ھە،ئاخىرى ئانامنىڭ قۇچقىدا يەنە ياتالىدىم،ئانامنىىڭ باغرى نېمە دېگەن ئىللىق ھە،تويۇقسىز كەلگەن بۇ تۇيغۇلاردىن،ئۆزۈمنىڭ تېخى چوڭ بولمىغانلىقىمنى تولىمۇ كىچىك ئىكەنلىكىمنى ھېس قىلدىم.


-ئانا-شۇ بىر ئېغىز گەپنى قىلىپ بولۇپلا يەنە كۆزۈم يۇمۇلدى.


شۇ ياتقانچە بىر ھەپتىدەك يېتىپ قالدىم،ئانام بىلەن دادام ،بۇرۇنقىدەك،خۇددى كىچىك ۋاقىتلىرىمدا پايپىتەك بولغاندەك ئەتراپىمدا چۆگىلەپ،ئۇلارنىڭ بۇرۇنقى ئۆچمەنلىكىدىن ئەسەرمۇ قالمىدى.


-پادىشاھ دېگەنمۇ ئاغرىپ قالامدۇ؟قورقۇتۇپ يۈرىكىمنى ئالدىڭىز-بۇ ھەنىپەنىڭ ھوشۇمغا كەلگەندە ئېيىتقان تۇنجى سۆزى.ئۇنىڭ مۇشۇ سۆزى بىلەن مېنىڭ چىرايىمدا قايتىدىن كۈلكە پەيدا بولدى.


-پادىشاھمۇ ئادەم تۇرسا ئەلۋەتتە ئاغرىپ قالىدۇدە خانىشىم.


-بىر ھېسابتا ،ئاغرىپ قالغىنىممۇ ياخشى بولدى،قارىڭە ئانام بىلەن داداممۇ ،ئەمدى بىزنى كەچۈرىۋېتىدىغان بولدى،


-ئاغزىڭىزنى ئۈشۈتمەڭ ئەسكى.


خۇددى مېنىڭ دېگىنىمدەك،مەن ئاغرىپ قالغاندىن كېيىن ،ئانام بىلەن دادامنىڭ ماڭا بولغان رەنجىشلىرى پۈتۈنلەي يوقالدى،لېكىن ئۇلار يەنىلا ھەنىپەگە ئاداۋەت تۇتىۋاتقاندەك ،ئۇنىڭغا بىر ئېغىزمۇ گەپ سۆز قىلمىدى،ھەنىپەنىڭ شۇ بىچارە تۇرقىغا قارىساملا ئىچىم سىيرىلىپ كېتەتتى،لېكىن،ئانام داداملارنىڭ،كۆڭلىدىكى تۈگۈننىڭ يېشىلىپ،ھەقىقى ھەنىپەنى كۆرۈپ يېتىشى ئۈچۈن يەنە كۈتىشىمىزگە توغرا كېلەتتى.


داۋامى بار.

ئاپتورى ؛تاھىرجان يۈسۈپ(ئوغۇز)

مەنبەنى ھەم ئاپتورنى ئەسكەرتكەندىن كېيىن كۆچۈرىشىڭىزگە رۇخسەت،ئاپتور بىلەن مەنبەنى ئەسكەرمەي خالىغانچە تاقاتسىڭىز ئاقىۋەتكە ئۆزىڭىز مەسئۇل بولغايسىز.






0

تېما

0

دوست

60

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
20
مۇنبەر پۇلى
40
ئىشەنىچ
20
يوللىغان ۋاقتى 2015-4-30 08:58:57يانفوندا يوللانغان|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىل ئەسەركەن  ھېلىقى بىرگەپ باغۇ ......كۆڭۈل ياش قېرى دىمەيدۇ دەيدىغان
قەلەم تۇلپارىڭىز ھارمىغاي

22

تېما

8

دوست

1999

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
تاھىرجان
تۆھپە
295
مۇنبەر پۇلى
1584
ئىشەنىچ
295
يوللىغان ۋاقتى 2015-4-30 14:11:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارىدىن بىر ئايدەك ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى،ئانام بىلەن دادام ماڭا خۇددى بۇرۇنقىدەكلا ئامىراق بولۇپ كەتتى،لېكىن ھەنىپەگە بولغان مۇئامىلىسى يەنىلا ئوخشاش،ئانام گەرچە ماڭا شۇنچە كۆيۈنسىمۇ،ھەنىپەنىڭ قىلغان ئىشلىرى پەقەتلا كۆزىگە سىغمايتتى،ماڭا ھەركۈنى خوتۇڭ ئانداق خوتۇنۇڭ مانداق دەپ ،توختىماي ئۇنى چېقىشتۇرۇپ تۇراتتى.
ھەنىپە مەن ھوشۇمنى يوقاتقان شۇ كۈندىن باشلاپ،ئاش-تاماق،ھويلا ئارام قاتارلىق بالىق ئۆي ئىشلىرىنى ئۈستىگە ئېلىپ،ئانام بىلەن دادامغا ياخشى كۆرۈنۈش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان بولسىمۇ،ھېچ ئانامغا ياخشى كۆرۈنگەندەك ئەمەس ئىدى،ئانام ھەنىپەگە ئۇدۇللاپ گەپ قىلمىغاچقا ،بەزى ئىشلارنى ئۇنىڭ كۆڭلىدىكىدەك قىلالماسلىقى تەبىئىي ئىدى،بىراق ئانام ھەنىپەنىڭ قىلغان ھەممىلا ئىشىدىن قۇسۇر ئىزدەيتتى،بىر كۈنى -ئەتكەن ئېشى تۇزلۇق،دېسە بىر كۈن تۇزى كەم،بىركۈن .سەيدىن قۇسۇر تاپسا بىر كۈن ئېشىدىن دېگەندەك،ماڭا شۇنداق ئۇششاق چۈشەك گەپلەردىن تارتىپ ،توختىماي ئېيىتقۇلۇق ئېيتىپ تۇراتتى،ئانامغا گەپ قىلاي دېسەم ،ئۆزۈڭ ئالغان خوتۇن بولغاچقا ،يان بېسىۋاتامسەن دېمىسۇن دەپ كۆڭۈل ئايايمەن،ھەنىپەگە بىرنېمە دەي دېسەم،ئانامنىڭ ئېيىتقان بىر ئېغىز گېپىمۇ تۈزۈك چاك باسمايدۇ،مەن ھەنىپەنى ئوبدان چۈشىنىمەن،ھەر قېتىم،ئۇنىڭ  بۇرۇن بىر قېتىممۇ قىلىپ باقمىغان ئىشلارنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن قېتىرقىنىپ قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگۈنۈمدە،ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئاتا-ئانامنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىش ئىستىكىنىڭ قانچىلىك كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلاتتىم.ئانام بىلەن دادام ھەنىپەگە خۇددى ئۇ بۇ ئۆيدە مەۋجۇت ئەمەستەك مۇئامىلە قىلىۋاتقان بولسىمۇ،بىراق ئۇ بىر قېتىممۇ ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ماڭا شىكايەت قىلىپ باقمىدى،شۇلارنى ئويلىساملا ئاللاھىمنىڭ ماڭا ھەنىپەدەك بىر قىزنى جۈپ قىلىپ بەرگەنلىكىگە چەكسىز شۈكۈرلەر ئېيىتقۇم كېلىدۇ.

ئېتىز ئېرىقلارنىڭ ئىشلىرى تۈگىشىگە ئەگىشىپ ،ئۆيدە ئولتۇرىدىغان كۈنلىرىممۇ كۆپىيىپ قالدى،بۇنىڭ بىلەن ھەنىپە ئىككىمىزنىڭمۇ بىرگە ئولتۇرىدىغان ۋاقىتلىرىمىزمۇ بارغانسىرى ئۇزاقلىدى.بىراق بىزنىڭ بۇنداق كۈنلەپ،كۈنلەپ ئۆيدىن چىقماي ئولتۇرۇشلىرىمىز ئانامنىڭ كۆزىگە پەقەتلا سىغمىدى.بىركۈنى ئانام مېنى ئاتايىن چاقىرىپ چىقىپ-بالام كەچكىچە ئۆيدىن چىقماي ،خوتۇنۇڭنىڭ قاش-قاپىقىغا قاراپ ئولتۇرۇشتىن خىجىل بولمامسەن،ئوغۇلبالا بولغاندىكىن،سىرىتلارغا چىقىپ ،ئەل-ئاغىنە ،دوس بۇرادەرلىرىڭنى تېپىپ،شۇلار قىلغان ئىشلارنى قىلمامسەن،قاراپ باقە سەن دېمەتلىك بالىلارغا ،قايسى سەندەك خوتۇنىنىڭ يېنىدىن چىقماي ئولتۇرىدىكىن-دېدى.

ئانامنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن بۇنداق بولۇۋەرسە ھەنىپەنىڭ ئۇنىڭ كۆزىگە تېخىمۇ سەت كۆرۈنۈپ كېتىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆينىڭ ئوشۇق تۆشۈك كىرىم مەنبەيى بولمىغاچقا،ئاكامنىڭ ئەۋەتىپ بەرگەن پۇللىرىنى خىراجەت قىلىدىغان بولغاچقا ،بۇرۇنلا ئۆزۈم بىر ئىش قىلىپ ئاكامغا تايانماسلىق قارارىغا كەلگەن ئىدىم،چۈنكى ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدە قىلغان ئىشلىرىدىن كېيىن ،ئەمدى ئۇنىڭغا ئەمەس ئۆزۈمگە تاينىشنىڭ قانچىلىك زۆرۈرلىكىنى تونۇپ يەتكەن ئىدىم،شۇنىڭ بىلەن شەھەرگە كېلىپ ئىشلەپ ئازىراق پۇل تاپقاندىن كېيىن ،ئۆز ئالدىمغا ئېگىلىك تىكلەش قارارىغا كەلدىم،ھەم بۇ ئىشنى دادامغا مەسلىھەت سالدىم،داداممۇ پىكرىمگە قوشۇلدى.يېزىمىزمۇ شەھەرگە ئانچە بەك يىراق بولمىغاچقا،ھەركۈنى سەھەر كىرىپ قورۇلۇشلاردا ئىشلەپ ،كەچ كىرگەندە يېنىپ چىقتىم،گەرچە قۇرلۇشلاردا ئىشلەش بىر قەدەر جاپالىق بولسىمۇ،ماڭا ئاكامنىڭ دۇكىنىدا ئولتۇرۇشقا قارىغاندا كۆپ ئەركىن ھەم ئازادە تۇيۇلاتتى.چۈنكى مېنىڭ بىر كۈن كەچكىچە ئىشلەپ ئالىدىغان پۇلۇم ئۆزۈمنىڭ ھالال تەرىمنىڭ بەدىلى،ئۆيگە قايتسام -كۈلۈمسىرەپ قارىشى ئالىدىغىنى ئۆزۈمنىڭ جۈپتى ھالالىم،ھەم سۆيگۈنۈم.بىر ئەركىشى ئۈچۈن بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق بەخىت بولمىسا كېرەك.

-كەچتە بالدۇرراق قايتىپ كېلەسىز -ھەنىپەنىڭ ئىشىكتىن چىقىپ ئىشقا مېڭىش ئالدىدا ئېيىتقان بۇ سۆزىدىن ھەركۈنكىگە ئوخشاشلا سۆنۈپ كەتتىم.

-مېنى سېغىنىپ كېتەمدىكەنسىز.

-ۋۇ ئەسكى كىم سىزنى سېبنىدىكەن،ئەنسىرەپ قالىدىكەنمەن شۇ؟

-ئەنسىرىمەڭ جېنىم،ئېرىڭىزنى ئاللاھ پاناھىدا ساقلايدۇ.

-ئىشقىلىپ بالدۇر كېلىڭ.

-سىز سېغىنغان بولسىڭىز بالدۇر كېلەتتىم ،بىراق سىز مېنى سېغىنمايدىغان تۇرسىڭىز.

-كىم سېغىنمايمەن دەپتۇ.

-ئۇنداق بولسا ،سىزنى سېغنىپ كېتىدىكەنمەن دەڭ،ئاندىن بالدۇر كېلىمەن،

-دېمەيمەنغۇ تازا.

-دېمسىڭىز مەيلى تازا كەچ كېلىمەن بۈگۈن.

-ئۇنداق قىلماڭچۇ،سىنى راسلا بەك سېغىنىپ كېتىدىكەنمەن-ھەنىپە تولىمۇ مىسكىن قىياپەتتە بوينۇمغا گىرە سالدى.

ئۇنىڭ شۇ تاپتىكى ھالىتىدىن ،مەن يوق چاغلاردا بۇ ئۆيدە قانچىلىك يالغۇزلۇق ھېس قىلىدىغانلىقىنى چۈشۈنۈپ يەتتىم.

-ئاھ مېنىڭ جېنىم ،جاپا چېكىۋاتىسىز غەيرەت قىلىڭ،-مەن ئۇنىڭ مەڭزىگە ينىككىدە بىرنى سۆيۈپ قويغاندىن كېيىن،ئانام بىلەن دادامنىڭ يېنىغا كىرىپ خوشلۇشۇۋېتىپ ئىشقا ماڭدىم،ھەنىپەنىڭ مېنى ئۇزاتقاندىكى غەمكىن چىرايى،كۈن بويى كۆز ئالدىمدىن كەتمىدى.كەچتە بالدۇرلا ئىشتىن قايتىپ،بىر غەرىپچە تاماقخانىدىن ئۇ ياقتۇرۇپ يەيدىغان پىسا قاتلىمسىدىن بىرنى سېتىۋېلىپ،قوينۇمغا سېلىپ ،تەقەززالىق بېلەن،ماشنىغا چىقىپ،ئۆيگە قاراپ ماڭدىم،بىزنىڭ يېزا ماشىنا بىلەن شەھەرگە يېرىم سائەتلىك يول بولۇپ،3يۈەن كىرا ئالىدىغان ماشىنىلار بەش مىنۇتتا بىر دېگەندەك مېڭىپ تۇراتتى.بۈگۈن ھەنىپەنى ھەركۈنكىدىنمۇ بەك سېغىنىپ كېتىۋاتاتتىم،شۇڭلاشقىمۇ يېرىم سائەتلىك يول ماڭا يېرىم كۈندە بېسىلغاندەك تەس بىلىنىپ كېتىۋاتاتتى.

خۇددى سۆيگۈنى بىلەن تۇنجى رەت كۆرۈشۈشكە ئالدىرىغان يىگىتتەك ،جىددىيلىك بىلەن ئۆيگە كېلىپلا ،ئۇدۇل ھۇجرامغا قاراپ يۈگۈردۈم،-ئۇف ،ھەرنېمە بولسا ئانام بىلەن دادام ھويلىدا يوقكەن،بولمىسا قوينۇمدىكى نەرسە سېزىلىپ قالار بولغىيتى-شۇ خېياللار بىلەن ھۇجرامنىڭ ئىشىكىنى ئاچتىم،ھەنىپە يوق،ئۇ زادى نەگە كەتكەندۇ؟قوينۇدىكى نەرسىنى دەرىزىگە قويۇپ ،ئۇدۇل باغقا يۈگۈردۈم -باغدىمۇ يوق،ئاناملارنىڭ يېنىغا كىردىم ،ئانام يۆگىنىپ يېتىپتۇ،دادام بېشىنى تۇتۇپ ئولتۇرۇپتۇ،بىر ئىش بولغانلىقى ئېنىق،زادى نېمە ئىش بولغاندۇ؟ھەنىپە زادى نەگە كەتكەندۇ؟

نەپەسلىرىمنىڭ سوقۇشى تىزلىشىپ كېتىۋاتاتتى، ھەنىپەنىڭ ئۈرۈمچىدىن تۇيۇقسىز غايىپ بولغان ھالىتى كۆز ئالدىمغا كېلىشى بېلەن كۆز ئالدىم قاراڭغۇلىشىپ ،ئۆزۈمنى تۇتۇۋېلىشقا ئامالسىز قالدىم.

-ھەنىپە قېنى،ئۇ نەگە كەتتى،ئۇنى نېمە قىلدىڭلار.

ئانام بىلەن دادام زۇۋان سۈرمىدى.

-گەپ قىلىۋاتىمەن،ئۇنى زادى نېمە قىلدىڭلار،ھەيدىۋەتتىڭلارمۇ؟گەپ قىلساڭلارچۇ؟

-سەن ئۇ بۇزۇققا نېمانۋە قىلىپ كېتىسەن،لايىقىدا گەپ قىل بىز سېنىڭ ئاتا-ئاناڭ،-جىمجىت ياتقان ئانام تۇيۇقسىزلا ئارقىغا ئۆرۈلۈپ،ماڭا قاراپ چەكچەيدى-سېنى ئوقىتىۋالغان ئوخشايدۇ ئۇ پاسكىنا،ۋاي ئېسىت ،بىر بالام بار،قېرىغاندا مېنى باقىدۇ ،دەپ،ئۈمۈت كۈتۈپ كەتكەنلىرىم،ۋاي ئېسىت،ھۈ،ھۈ،ھۈ.

ئانام سۆزىنى تۈگىتىپلا يىغىسىنى باشلىدى.

-ئەمدى چەكتىن بەك ئاشۇرىۋەتتىڭ ئانا،نېمىشقا ئۇنى توختىماي ھاقارەتلەيسەن،ئۇ سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا زادى نېمە گۇناھ قىلدى.زادى نېمىشقا ئۇنى بۇنچىۋالا ئۆچ كۆرىسىلەر،

-كۆزۈڭگە سىغمىغان بولساق سەنمۇ ئۇنىڭ كەينىدىن بىللە كەت،سەندەك بالىنى تۇغمىغان بولاي ھۈ، ھۈ، ھۈ.

-ئۇ زادى نەگە كەتتى نېمە ئىش بولدى ماڭا دەپ بەرسەڭلارچۇ-ئانام بىلەن دادامغا يالۋۇرغاندەك قارىدىم.

-نەگە كەتكىنىنى بىز نېمە بىلمىز،كەتكەندۇ ھېلىقى بۇرۇنقى ئېرىنىڭ كەينىدىن،ھۈ،ھۈ، ھۈ،

-قايسى بۇرۇنقى ئېرى،ئۇنىڭ نەدە بۇرۇنقى ئېرى باركەن-خۇددى ئۆزۈم توغرىسىدا ئۆزۈممۇ بىلمەيدىغان بىر ئىشىمنى ئاڭلاۋاتقاندەك داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدىم، ئەجىبا ئۇلارنىڭ بۇرۇنقى ئېرى دەۋاتقىنى ھېلىقى ئەنۋەر دېگەن ھايۋان بولمىسۇن يەنە،ئۇ بۇ يەرگە ھەنىپەنى ئىزدەپ كەلگەن ئوخشىمامدۇ؟

-دادا،سىز بولسىڭىزمۇ گەپ قىلسىڭىزچۇ؟زادى نېمە ئىش بولدى.ئۇنىڭ ھەممە ئىشلىرى ماڭا ئايان،مەن ھەممىنى بىلىمەن ئۇ بۇرۇن توي قىلمىغان.-جىمجىتقىنە ئولتۇرغان دادامنىڭ قوللىرىغا ئېسىلدىم.

-بۇ ئىشلارنى مەنمۇ بىلمەيمەن،ئاناڭنىڭ دېگەنلىرى راس بالام،مېنىڭمۇ ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ، سەن كەتكەندىن كېيىن،ئايشەمخاننىڭ 8 ياشلىق قىزى پاتىمە ئىككى قېتىمدەك ھەنىپەنىڭ ھوجرىسىغا كىرىپ ،يەنە چىقىپ كېتىپ يۈردى،ئاناڭ نېمىشقا بۇنداق قىلىدىغاندۇ-دەپ ئەنسىرەپ،ئۇنىڭ ئالدىنى توساپ سورىسا،ھەنىپە ئاچامنىڭ بۇرۇنقى ئېرى ئۇنى چاقىرىپ بەر دېگەنتى،چاقىرسام چىققىلى ئۇنمىدى -دەپتۇ،كوچىغا چىقىپ قارىساق راس دېگەندەك بىر ئەركىشى تۇرىدۇ،بىزنى كۆرۈپلا قېچىپ كەتتى.ئاناڭ ھەنىپەنىڭ يېنىغا كىرىپ سورىسا ھېچنىمە دېگىلى ئۇنمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئاناڭ ئىشنىڭ باش ئاخىرىنى سۈرۈشتۈرمەيلا،ئۇنى ئاغزىنى بۇزۇپ تىللاپ ئۇنىمىغىنىغا قارىماي،ئۆيدىن قوغلاپ چىقاردى،مەنمۇ نېمە دېيىشىمنى بىلەلمىدىم، ئۇ قىز كەلگەندىن بېرى ،ئىككىڭلارنىڭ ئېناق ئكتىۋاتقىنىڭلارغا ،ئۇ قىزنىڭ مۇلايىملىقىغا قاراپ،بوپتۇ مۇشۇ ئىككىسى بەخىتلىك بولىدىغانلا ئىش بولسا بوپتۇ دەپ ،ئۇنىڭ سەندىن چوڭلىقىغىمۇ ،ئېتىبار بەرمەي ،ئاناڭنى توسۇپ تۇرغان ئىدىم.بىراق بۇ ئىشنىڭ بولغىنىنى كۆرمەمدىغان.ماڭا ئۇ بىچارە قىزغا ئۇۋال بولغاندەكلا تۇيىلىۋاتىدۇ بالام.بېرىپ ئۇنى تاپقىن ئۆزىگە بىر ئىش قىلىۋالمىسۇن يەنە.-دادامنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ئۆزۈمنى تۇتالماي ھۆڭۈرەپ يىغلاپ كەتتىم.

-نەگە بارىدۇ،كىمنى ئىزدەپ تاپىدۇ، بىر قېتىم ئەرگە تەگكەن ئايالنى كېلىن قىلىپ قايسى يۈزىمىز بىلەن ياشايمىز بۇ يۇرتتا،چاتىقى بولمايدىغان بولسا، يەنە،نېمىشقا يەنە ئىزدەپ كېلىدۇ؟بالىسىمۇ بارمۇ تېخى.

-بولدى بەس، قالغان ئىشنى ئاكامغا تېلىفون قىلىپ سورىۋېلىڭلار،ئۇ توي قىلغانمۇ بالىسى بامۇ،يوقمۇ ئۇ ئوبدان بىلىدۇ،ئانا سېنى كۆيۈمچان مېھرىبان ئىش ئۇقىدۇ ،دەپ بىلەتتىم ،دادامچىلىكمۇ ئەقلىڭ يوقكەن،ھەنىپەنى قوغلاپ چىقارغۇچە ئۇنىڭغا ئازىراقمۇ ئىچىڭ ئاغرىمىدىما ،ئۇنىڭ ئورنىدا ئۆز قىزىڭ بولغان بولسا ،قانداق قىلاتتىڭ،قېنى سەندىكى مېھرى -مۇھەببەت،مەن خاتا قىپتىمەن،ئەسلىدە يۇرتقا كەلمىسەم بوپتىكەن،سىلەر قوغلىۋەتكەن چاغدىلا بۇ يەردىن كەتسەم بوپتىكەن،ھەنىپەنىڭ سۆزىگە كىرمىسەم بوپتىكەن، بىچارە ھەنىپە سىلەرنى قايىل قىلىمەن تاش يۈرىكىڭلارنى ئېرىتىمەن دەپ،سىلەرنىڭ تى-ھاقارەتلىرىڭلارغا چىداپ، بۇ ئۆيدە جىندەك يالغۇز ياشىدى ، بۇزادى نېمە ئۈچۈن.

ھۆڭۈرەپ يىغلاپ ،ئاۋازىمنى كۆتۈرۈپ تۇرۇپ ئۆزۈمنى باسالماي سۆزلەۋاتاتتىم-نېمىشقا مەن كەلگۈچە ساقلاپ تۇرۇپ ،ئىككىمىزنى بىللە قوغلىۋەتمىدىڭلار،مەن ئاۋال،ھەنىپەنى بىر تاپاي،ئۇنىڭغا بىر ئىش بولغان بولسا،سىلەرنى ھەرگىز كەچۈرمەيمەن،

سۆزۈمنى تۈگىتىپلا سىرىتقا قاراپ ئېتىلدىم،

ئاھ ھەنىپە سىز زادى نەدە،نەگىمۇ كەتكەنسىز،مېنى كەچۈرۈڭ ،سىزنى يالغۇز قويمىسام بوپتىكەن، مەندەك لاياقەتسىز ئەرنى كەچۈرۈڭ-ئۆزۈمنى توختىماستىن ئەيىپلەيتتىم،ئۇنى قەيەردىن ئىزدەشنى بىلمەيتتىم ،كاللام قاپاقتەك قۇرۇق،چەكسىز بىر خىل ئازابلىق ئېقىن ۋۇجۇدۇمنى ئىسكەنجىگە ئېلىپ قىينىماقتا.

داۋامى بار.

11

تېما

1

دوست

798

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

تۆھپە
125
مۇنبەر پۇلى
632
ئىشەنىچ
125
يوللىغان ۋاقتى 2015-4-30 19:46:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمە گەپبۇ تۈركىيەنىڭ كىنولىرىدەك ئارقىسى چىقمىغان .... داۋامى بار دىگىىچە يېزىپ بولۇپ بىراقلا يوللىسىڭىز بولمامدۇ

0

تېما

0

دوست

9

جۇغلانما

يېڭى ئەزا

Rank: 1

تۆھپە
2
مۇنبەر پۇلى
7
ئىشەنىچ
2
يوللىغان ۋاقتى 2015-5-1 17:59:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
             قەلمىڭىز بەك كۈچلۇككەن   تەشەككۈر .
  ئەمما بۇئەسەر ئادەمگە بىرخىل سەلبىي تەسىر بىرىپ قۇيامدۇ قانداق؟

مۇمكىن بولسا ئەسەرڭىزنى قايتا تەھرىرلەپ قويۇڭ

22

تېما

8

دوست

1999

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
تاھىرجان
تۆھپە
295
مۇنبەر پۇلى
1584
ئىشەنىچ
295
يوللىغان ۋاقتى 2015-5-2 14:19:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇزادى نەگە كەتكەندۇ؟ئۆيىگە قايتىپ كېتىشى مۇمكىن ئەمەس،ھەنىپە نومۇسچان قىز ،ئۇنىڭ خاراكتېرىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا،ئۇ ئېرىنىڭ ئۆيىدىن قوغلانغان ھالدا ،ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىگە ھەرگىز بارالمايدۇ،ئانام ئۇنىڭغا بەكىرەك ھاقارەت قىلىۋەتكەن بولسا ئەجەبا ئۆزىگە بىر ئىش قىلۋالغىلى كەتمىگەندۇ،تۇيۇقسىز كاللامغا كەلگەن بۇ سوئال بىلەن تەڭ،ۋۇجۇدۇم پارتىلغاندەك بولۇپ،ئۇدۇل ئامبار تەرەپكە قاراپ يۈگۈردۈم،يېزىمىزدا بىر چوڭ ئامبار بولۇپ،سۇيى كۆپ ھەم چوڭقۇر بولۇپ،سۇ ئۈزۈشنى بىلمەيدىغان ئادەم چۈشۈپ كەتسە ئامان قالمايتتى،يىلدا بىر نەچچە بالا مۇشۇ ئامبارغا سۇغا چۈشكىلى بېرىپ ھاياتىدىن ئايرىلىپ تۇراتتى.
يۈرىكىمنىڭ ئەنسز سوقۇشلىرىغا ئەگىشىپ ئامبارغا يېقىنلاپ كېلىۋېتىپ ،ئامبار تەرەپتىن،نېرۋىسى ئاداشقان ئادەمدەك ،قالايمىقان مېڭىپ كېلىۋاتقان ھەنىپەنى كۆرۈپ قېپىدىن چىقىپ كېتەيلا دەۋاتقان يۈرىكىم ئورنىغا چۈشكەندەك ،ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگىرەپ بېرىپ ،باركۈچۈم بىلەن باغرىمغا باستىم.

ھەنىپەنىڭ توختىماي ئېقىۋاتقان ياشلىرى مۆرەمنى ھۆل قىلىۋەتتى.

-بۇ يەردە نېمىش قىلىۋاتىسىز ھەنىپە،نېمىشقا مەن كەلگۈچە ساقلاپ تۇرمىدىڭىز-ھەنىپە سۆزۈمگە جاۋاب قايتۇرماستىن توختىماي يىغلايتتى،ئۇ شۇ تەرىقىدە بىر ھازا يىغلىغاندىن كېيىن توختىدى،ئىككىمىز يېقىن يەردىكى ئۆستەڭ بويىغا بېرىپ خالى ئورۇننى تېپىپ ئولتۇردۇق.

-ئەسلىدە ئۆلۈپلا ھەممە دەرتتىن قۇتۇلاي دېگەن ،لېكىن سىزگە چىدىمايدىكەنمەن مۇھەممەت-ھەنىپە غەمكىن كۆزلىرىنى ماڭا تىكىپ،قۇچۇقۇمغا بېشىنى قويۇپ ياتتى.

-ئۇنداق ئەخمىقانە ئىشنى ھەرگىز قىلماڭ ھەنىپە ئىككىمىز نېمىلەرنى دەپ ۋەدىلەشكەن،ۋەدىمىزنى ئۇنتۇپ قالدىڭىزمۇ؟ ئاللادىن كەلگەن ئەجەلدىن باشقىسى بىزنى ئايرىيالمايدۇ ھەنىپە،مېنى تاشلاپ كەتسىڭىز مەنمۇ ياشىيامايمەن.

-بىراق راسلا چىدىيالمىدىم،ئۆزۈمنى سۇغا ئاتاي دەۋاتقان شۇ دەملەردە ،سىز ھەم،ئىككىمىزنىڭ ۋەدىللىرى كۆز ئالدىمغا كېلۋېلىپ بۇنداق قىلىشىمغا يول قويمىدى.

-ئەمدى سىزنى بۇنداق جاپاغا قويمايمەن،سىزنىڭ جاپا چېكىۋاتقانلىقىڭىزنى بىلدىم ھەنىپە،ئەمدى بىز بۇ يەردىن كېتەيلى،يىراقلارغا كېتىپ ،ئۆزىمىزگە تەۋە ماكانىمىزنى قۇرايلى،ئەمدى سىزنى ئانام بىلەن دادامنى قايىل قىلايلى دەپ قىينىمايمەن ھەنىپە،

-ئۇنداق دېمەڭ،ھەممىنى قىلغان ھېلىقى ئەنۋەر دېگەن ھايۋاننىڭ ئىشى،ئاتا-ئانىڭىزدىمۇ گۇناھ يوق،ئۇلار خاتا،چۈشىنىپ قالغان گەپ.

-ئەمدى ئۇ ئەنۋەرنى كۆرىدىغانلا بولسام ،چوقۇم ئۆلتۈرىۋېتىمەن-شۇ ۋاقىتتا كۆزلىرىمگە قان تولۇپ كەتكەن ئېدى.ھەنىپە قوللىرى بىلەن ئاغزىمنى ئەتتى.

-ئۈش ئاغزىڭىزنى ئۈشىتمەڭ، ئۇ سىزنىڭ قولىڭىزنى بۇلغىشىڭىزغا ئەرزىمەيدۇ‹

-بىراق ئۇنىڭ سىزنى بۇنداق ھاقارەت قىلىۋېرىشلىرىگە يول قويساق بولمايدۇدە.

-مەنمۇ ھېچ بىلمىدىم،ئۇ ھايۋاننى كۆرەرگە كۆزۈم قالمىدى.-ھەنىپەنىڭ ئامالسىز كۆزلىرىگە قاراپ كاللامغا دەرھال بىر ئامال كەلدى.

-توغرا ئۇنى ئەرىز قىلايلى، ئۇ سىزنىڭ يۈز ئابرويىڭىزنى بۇنداق تۆكۈۋەرسە بولمايدۇ-دە

-ياق ئەرىز قىلساق بولمايدۇ،ئۇنداق قىلساق ،چاۋىمىزنى چىتقا يايغان بولمامدۇق،ھەممە ئادەم بىزنىڭ ئىشلىرىمىزنى ئاڭلاپ كېتىدۇ-ھەنىپە مېنىڭ پىكرىمنى رەت قىلدى.

-نېمىشقا ئەرىز قىلمايمىز ھەنىپە،چوقۇم ئەرىز قىلشىمىز كېرەك،ئەرىز قىلغاندىلا ھەم ئۇنىڭدىن قۇتۇلالايمىز،ھەم سىزنى ئاقلاپ چىقالايمىز، بۇنداق قورقۇپ يۈرسەك ،ئۇ بېشىمىزغا مېنىدۇ،باشقىلار ئۇنىڭ شۇ يالغان ياۋداقلىرىغا تېخىمۇ ئىشىنىپ كەتمەمدۇ؟

-ھەنىپە بىر ئاز ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن مېنىڭ پىكرىمنى قۇۋەتلىدى.

بىز ئۆيگە قايتىپ ،ئانام بىلەن دادامنىڭ ھوجىرىسىغىمۇ كىرمەستىن،ئۇدۇل ھوجىرىمىزغا كىرىپ كەتتۇق،ئەتىسى ئەتىگەندە ،ھەنىپە كۈندىكىگە ئوخشاشلا سەھەر ئورنىدىن تۇرۇپ ،ھويلا -ئاراملارنى يىغىشتۇرۇشقا كىرىشتى.مەن نەرسە كېرەكلىرىمىزنى يىغۇشتۇرۇپ بۇ يەردىن كېتىشنى قارار قىلىپ ،ئۇنى چاقىردىم،بىراق ھەنىپە-ئۆزۈمنى ئاقلىماي تۇرۇپ،ئانىڭىز بىلەن دادىڭىزنى پاكلىقىمغا ئىدۈرمەي تۇرۇپ بۇ يەردىن كەتسەم،ئۇلارنىڭ مەن توغرىلۇق ئويلىغانلىرىنى راسىتقا ئايلاندۇرغان بولىمەن -دەپ پەقەت ئۇنىمىدى. ئۇنى قايىل قىلىش ئۈچۈن كۈچەۋاتسام ،ئانام كىرىپ كەلدى.

-بالام ،ئاكاڭدىن ھەممە ئەھۋالنى ئاڭلىدۇق،ئۇمۇ ساڭا قىلغانلىرىنىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلىپ بەك خىجىل بولۇپتۇ،مەن نېمە دەپ بۇنداق قىلىمەن ،سىلەرمۇ ئاتا-ئانا بولغان چاغدا بىلىپ قالىسىلەر،ئاتا-ئانا دېگەن نېمە قىلسا پەرزەنتىنى ئويلاپ قىلىدىكەن،پەرزەنتىم قانداق قىلسام بەخىتلىك بولاركىن دەپ قىلىدىكەن،سەن ھەنىپە بىلەن بەخىتلىك بولىدىغان بولساڭ ،مەن بۇندىن كېيىن ئۇنى ئۇنى ئۆز قىزىمدەك كۆرۈشكە رازى -ئانام ماڭا قاراپ تۇرۇپ شۇ گەپلەرنى قىلغاندىن كېيىن ھەنىپە تەرەپكە ئۆرۈلدى-بالام مېنى كەچۈرۈڭ،سىزگە جىق ئۇۋال قىپتىمەن،

ئانامنىڭ سۆزلىرىدىن تەسىرلىنىپ ھەر ئىككىمىزنىڭ كۆزلىرىگە ياش كەلدى.ئاتا-ئانىمىزنىڭ چۈشىنىشگە ئېرىشىشتىنمۇ ئارتۇق بەخىت يوقلىقىنى شۇۋاقىتلارنىڭ ئۆزىدە چوڭقۇر چۈشىنىپ يەتتىم.

ئارىدىن ئون يىل ئۆتۈپ كەتتى،ھەنىپە ئىككىمىز تېخىمۇ بەخىتلىك بولۇپ كەتتۇق،بۇ جەرياندا نۇرغۇن ئىشلار يۈز بەردى،ئەنۋەرنى ئەرىز قىلغاندىن كېيىن ،ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇپ تۇرمۇشىمىز ئىزىغا چۈشتى،مەن ئاكامنىڭ يېنىغا تەكلىپ قىلشىغا قوشۇلماي،ئۆزۈم ئىشلەپ پۇل تېپىپ ،شەھەردە كىچىك دۇكاندىن بىرنى ئېچىۋېلىپ خېلىلا ھاللىنىپ قالدىم،ئانام بىلەن دادام ھەنىپە ئىككىمىزنى شەھەردىن ئۆي ئېلىپ تۇرۇشقا دالالەت قىلغان بولسىمۇ،ھەنىپە ئۇلاردىن ئايرىلىشقا قەتئىي ئۇنىمىدى،ئانام -قىزىم يوق دەپ ،كۆڭلۈم يېرىمتى،ھەنىپە ھەم بالامنىڭ چوڭ ھەم قىزىم بولۇپ،ئېغىرىمنى يېنىكلەتتى-دەپ ئۇنىڭغا مەندىنمۇ بەك ئامىراق بولۇپ كەتتى،دادامنىڭ ئامىراقلىقىغا گەپ كەتمەيدۇ،ھەنىپەنى قاچىسىدىكى گۆشنى كۆرمىگىچە گېلىدىن تاماق ئۆتمەيدۇ.

بىز كەينى كەينىدىن ئۈچ بالىغا ئاتا-ئانا بولۇپ بەخىتكە چۆمۈلدۇق،ھازىر دادام،ئانام،مەن ھەنىپە ھەم ئۈچ بالىمىزدىن تەشكىل تاپقان بۇ چوڭ ئائىلىمىزدە كۈنلىرىمىز ناھايىتى كۆڭۈللۈك.

ئەمدى ئاكامغا كەلسەك،ئاكامنىڭ تۇرمۇشۇ تازا كۆڭۈلدىكىدەك بولماي ،تېخى بۇلتۇرلا ئىككى بالسىنى يېتىم قىلىپ ،ئايالى بىلەن ئاجىرىشىپ كەتتى،يېڭىدىن توي قىلغان بولسىمۇ ،ئايالى ھەم بالىلىرىنىڭ ئارىسىدا سىقىلىپ تەڭلىك تاتىپ ،بارغانسىرى ياداپ كېتىۋاتىدۇ،ئۇ ھەر قېتىم كۆرۈشكەن چاغلىرىمىزدا-ئۇكام ساڭا قايىلمەن،ئالدىڭدا بۇرۇن قىلغان ئىشلىرىمنى ئويلىساملا بەك خىجىل بولۇپ كېتىمەن،مەن پۇل تاپتىم،يۈز تاپتىم لېكىن بەخىتكە ئېرىشەلمىدىم،ئىللىق بىر ئائىلىگە ئېرىشەلمىسەڭ ،جەمىيەتتىكى ئورنۇڭنىڭ،تاپقان پۇلۇڭنىڭ سەن ئۈچۈن ھېچ قىممىتى بولمايدىكەن.سەن بەختىڭنى قەدىرلەپ توغرا قىپسەن،ماڭا قارىغاندا ئەقلىڭ باركەن -دەپ قايىللىقىنى بىلدۈرۈپ ماڭا ھەۋەسلىنىپ قاراپ كېتىدۇ.

شۇ چاغلاردا ،ھەنىپەنى تاللاپ توغرا قىلغانلىقىمغا،ئېرادىلىك جاسارەتلىك بولالىغانلىقىمغا ھازىر بەك خۇشال بولغۇم كېلىدۇ.بۇ كۈنلىرىمىز ئۈچۈن ياراتقان ئېگەمدىن قالسا ھەنىپەگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن،چۈنكى ئۇ ماڭا يۆلەك بولمىغان بولسا ،بىزنىڭ بۈگۈنكى بەختىمىزمۇ بولمىغان بولاتتى-دە.

خاتىمە:

ئۆز سۆيگۈنىڭىز بىلەن بەخىتكە ئېرىشىش ئۈچۈن كۆرەش قىلىڭ ،مۇھەببىتىڭىزنى دادىللىق بېلەن ئېتىراپ قىلىشقا جۈرئەت قىلىڭ،ھەقىقى مۇھەببەتنىڭ چىگراسىزلىقىغا،مال-دۇنيا،قېرىش ياش ،يۇرت تاللىمايدىغانلىقىغا ئىشىنىڭ،مۇھەببىتىڭىزنى قوغداش ئۈچۈن كۆرەش قىلىڭ.ئالدىڭىزغا ئۇچىرىغان كىچىككىنە قىيىنچىلىقلارغا باش ئېگىپ مەڭگۈلۈك بەختىڭىزنى ۋەيران قىلماڭ.

مۇھەببەت بىر كۆرۈش مەيدانىدۇر،جاسارەت بىلەن ئېرادە قىلىپ بارلىقىنى بېغىشلىغۇچىلارغا غەلىبە مەنسۇپ بولۇپ،بەختىنى تاپقۇسىدۇر،بوشاڭلىق قىلىپ،بەل قويىۋېتىپ،ۋاز كەچكۈچىلەرنىڭ ئۆمۈرى پۇشايمان ئىچىدە ئۆتكۈسىدۇر.

قېنى كېلىڭ سىزمۇ قەلبىڭىزدە شەكىللەنگەن مۇھەببەتنىڭ چىگراسىنى بۇزۇپ تاشلاپ ،كەلگۈسى بەختىڭىز ئۈچۈن پارلاق يول ئېچىڭ،بالدۇرراق بەختىڭىزنى تېپىۋېلىشىڭىزغا تىلەكداشمەن.

ئاددىي ھېكايەمنى ياقتۇرۇپ ئوقىغان بارلىق دوسىتلىرىمغا كەمىنە تاھىرجان يۈسۈپتىن چەكسىز تەشەككۈر.

تۈگىدى.

0

تېما

0

دوست

369

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

真实姓名
جالالىدىن
تۆھپە
226
مۇنبەر پۇلى
143
ئىشەنىچ
226
يوللىغان ۋاقتى 2015-5-2 15:56:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   605709452 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-5-4 12:01  

boptu amsa   sozumni yandurwaldim

22

تېما

8

دوست

1999

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
تاھىرجان
تۆھپە
295
مۇنبەر پۇلى
1584
ئىشەنىچ
295
يوللىغان ۋاقتى 2015-5-2 16:06:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
605709452 يوللىغان ۋاقتى  2015-5-2 15:56
تاھىرجان   ياخشى يېزىپسىز. ئەجرىڭىزگە بارىكاللا. سالام ...

رەھمەت ،پىكىرلىرىڭىزگە ،يەنە بىر قېتىم تەپسىلى ئوقۇپ چىقسىڭىز ماۋزۇنىڭمۇ جايىدا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالايسىز.

0

تېما

0

دوست

6

جۇغلانما

يېڭى ئەزا

Rank: 1

تۆھپە
2
مۇنبەر پۇلى
4
ئىشەنىچ
2
يوللىغان ۋاقتى 2015-5-2 20:20:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاھەرجان ھەقىقەتەن ياخشى يىزىپسىز، مەن باشتىن ئاخىرى تولۇق ئۇقۇپ چىقتىم ھەقىقەتەن ئىسمى جىسمىغا  لايىق ھىكايە بوپتۇ    ھىكايىڭىزدىن بەك تەسىرلەندىم ياخشى مەزمۇنلىرىڭىزنىڭ ئۈزلۇپ قامماسلىقىنى ئۈمۈت قىلىمەن

4

تېما

5

دوست

1254

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
542
مۇنبەر پۇلى
712
ئىشەنىچ
542
يوللىغان ۋاقتى 2015-5-4 15:07:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشىمۇسىز قىرىندىشىم ، باش سۇرتىمنى قاچىليالمىدىم ياردەم قىلغان بولسىڭىز. بۇ ئەسەرنى يەنىمۇ ياخشى تەھرىرلەپسىز.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2016-3-20 01:48, Processed in 0.208747 second(s), 32 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش