ھالال ياشاڭ رۇستەم قاراسۇ
بىلىپ-بىلمەي ئازار ئىكەن ھەر بەندە، ئامانەت جان مېھمان ئىكەن بۇ تەندە، ھەق يار قىلغان قوينى كەڭرى ۋەتەندە، ھالال ياشاڭ ھەق سۆيىدۇ ياخشىنى.
ھەشەمەتلىك ئايۋان-ساراي بىھاجەت، ياخشىلىقمۇ ئۆز يولىدا ئىبادەت، يوقلىسىمۇ جەۋرى جاپا رىيازەت، ھالال ياشاڭ ھەق سۆيىدۇ ياخشىنى.
ئەل-ۋەتەننىڭ ئامانلىقى بىر دۆلەت، ئىنساننىڭكى تەن ساقلىقى زور ئامەت، ھايات سېناق ئايرىلىدۇ كىم نامەرت، ھالال ياشاڭ ھەق سۆيىدۇ ياخشىنى.
نەپسى يامان ئىلىنىدۇ قارنىدىن، تاما قىلماڭ مىننەتخورنىڭ قازنىدىن، كۆرۈپ تۇرار ئالدى ئوڭ سول ئارقىدىن، ھالال ياشاڭ ھەق سۆيىدۇ ياخشىنى.
رۇستەم قاراسۇ 2015.يىل 17.مارت ئاتۇش
دېھقان دىگەن
رۇستەم قاراسۇ دېھقان دىگەن ياشايدۇ ئېسىل، شىرنە بىرىپ ھەسەل ھەرىدەك. كەڭ سەھراغا ياراشقان يەنە، گۈزاردىكى گۈلنىڭ بەرگىدەك.
ئېتىز-قىردا ئىشلەيدۇ ھارماي، قان تەرىنىڭ مەھسۇلى ئاق نان. شىلدىر-شىلدىر سۈپسۈزۈك سۇلار، دېھقان چاپقان ئىرىقتا ئاققان.
ھۆرمەتنىڭكى تۆرىگە لايىق، ئۈستى بېشى تۇپا بولسىمۇ. دوئاسىدا شۈكرىسى بىللە، ھال كۈنلىرى ئاران تۇرسىمۇ.
دېھقانلارسىز سەھرا قىيامەت، شەھەرنىڭكى تەغدىرى ھەم كاج. دېھقان دىمەك ھاياتلىق دىمەك، ئەلمۇ مۇھتاج زىمىنمۇ مۇھتاج.
رۇستەم قاراسۇ..2015.يىل15.مارت |