تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 1162|ئىنكاس: 9

شېرىن چۈش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

320

تېما

6

ئەگەشكۈچى

3356

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

真实姓名
ئازادجان ئىبراھىم
تۆھپە
494
مۇنبەر پۇلى
1908
ئىشەنىچ
494
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-18 11:21:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېرىن چۈش
(يېڭىدىن يولغا قويۇلغان شېرىن چۈش پىروگىراممىسغا بېغىشلايمەن)
ئازادجان ئىبراھىم

تىرىشقاننى شاد -خۇرام قىلىدىكەن شېرىن چۈش.
كۆڭۈللەرنى لەرزىگە سالىدىكەن شېرىن چۈش.
ئاجىزلارغا كۈچ، مەدەت بېرىدىكەن شېرىن چۈش.
شۇنداق لىللا، ھەقىقىي بولىدىكەن شېرىن چۈش.


ئىشقا ئاشسا ھەرقاچان ھاجەتمەننىڭ ھاجىتى،
قوللاپ شىركەت،شەخىسلەر كەلسە بەخىت ئامىتى،
قايىل قىلسا ئاۋامنى  يەنە ئېسىل  ئادىتى،
رېئاللىققا ئايلىنىپ كېتىدىكەن شېرىن چۈش.


ئارزۇسىغا يارىشا دېيەلىسە سۆزىنى،
ئەھمىيەتلىك ئىشلارغا بېغىشلىسا ئۆزىنى،
تەكلىپ بېرىپ ئورۇنلۇق يورۇق قىلسا يۈزىنى،
شۇندا كۆپنىڭ ئېڭىدىن ئۆتىدىكەن شېرىن چۈش.


سۆزلەپ بەرسە تەسىرلىك كۆڭلىدىكى گېپىنى،
چۈشەندۈرسە ئاۋامغا ئىش قىلىشنىڭ ئېپىنى،
ئىپادىلەپ بەرسىلا پىلانىنى ، دىتىنى،
كۆپنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقىدىكەن شېرىن چۈش.


بۈيۈك بولسا غايىسى ئەۋلاتلارنى ئويلىسا،
ئۈمۈدىنى ئاۋامنىڭ زىنھار يەردە قويمىسا،
قايىل بولۇپ كۆپچىلىك ئىشلىرىنى قوللىسا،
ئۈمۈتۋارغا نۇرلۇق يول ئاچىدىكەن شېرىن چۈش.


ئېنىق بولسا  شۇقەدەر نىشانى ھەم تەلىپى،
كۆپچىلىككە ياققۇدەك بولسا ئىلغار تەرىپى،
جىپسىلاشسا ناۋادا  سۆزى بىلەن سەنئىتى،
شۇنداقلارغا كەڭ قۇچاق  ئاچىدىكەن شېرىن چۈش.


ماھىرلارنىڭ تەلىپى چەكتىن ئېشىپ كەتمىسە،
ياخشىلىقنى ئۇلۇقلاپ، يامان ئىشنى چەكلىسە،
مەدەت بەرسە شىركەتلەر راۋاجلىنىپ كۆكلىسە،
شۇنداقلاردىن زور ئۈمۈت كۈتىدىكەن شېرىن چۈش.


ماھىرلارنىڭ دېگىنى چىن، ھەقىقىي بولسىلا،
تىرىشقاننىڭ بېشىغا بەخىت قۇشى قونسىلا،
گۈزەل ئارزۇ ئارمانلار يەنە ئىشقا ئاشسىلا،
پارچە ئەلنىڭ كۆڭلىگە ياقىدىكەن شېرىن چۈش.

2015-يىلى 3-ئاينىڭ13-كۈنى كۈنەس

114

تېما

39

ئەگەشكۈچى

1 تۈمەن

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
3665
مۇنبەر پۇلى
4821
ئىشەنىچ
3665
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-18 13:25:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ساددا ، يېقىشلىق شېئىرى تىل بىلەن يېزىلغان بۇ شېئىرنى ئوقۇپ  ھوزۇرلاندىم.

32

تېما

1

ئەگەشكۈچى

1103

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
532
مۇنبەر پۇلى
477
ئىشەنىچ
532
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-18 14:06:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يفىشى يىزىپسىز。

5

تېما

0

ئەگەشكۈچى

362

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
141
مۇنبەر پۇلى
208
ئىشەنىچ
141
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-18 21:09:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلغان ئەسەرلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن،ھارمىغايسىز.

15

تېما

8

ئەگەشكۈچى

2852

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
مىھرىنسا
تۆھپە
1510
مۇنبەر پۇلى
1338
ئىشەنىچ
1510
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-18 22:25:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق .‹‹شىرىن چۈش››ناھايتىمۇ ىاس قويۇلغان ئىسىم.شېئېرىڭىز بەك ياخشى يىزىلىپتۇ.

4

تېما

0

ئەگەشكۈچى

1922

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
278
مۇنبەر پۇلى
1642
ئىشەنىچ
278
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-18 22:42:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىقىشلىق شېر بۇپتۇ.

320

تېما

6

ئەگەشكۈچى

3356

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

真实姓名
ئازادجان ئىبراھىم
تۆھپە
494
مۇنبەر پۇلى
1908
ئىشەنىچ
494
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-19 09:53:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوستلارنىڭ ئىلھام بەرگىنىگە كۆپتىن-كۆپ رەخمەت!!!

32

تېما

1

ئەگەشكۈچى

1103

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
532
مۇنبەر پۇلى
477
ئىشەنىچ
532
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-19 12:10:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىرىن چۈش

ياخشى تىما بولاپتۇ،

50

تېما

1

ئەگەشكۈچى

887

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

真实姓名
ئالىم ياسىن
تۆھپە
261
مۇنبەر پۇلى
477
ئىشەنىچ
261
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-24 15:51:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راسىت دەيسىز،شىرىن چۈش ناھايىتى ياخشى بولىۋاتىدۇ.

9

تېما

9

ئەگەشكۈچى

3967

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

真实姓名
ئايشەم سادىر
تۆھپە
2583
مۇنبەر پۇلى
1653
ئىشەنىچ
2583
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-26 19:46:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راست ھەقىقەتەن شىرىن چۈشكەن، بۇ شېئىر  بەك ياخشى چىقىپتۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2015-4-27 18:37, Processed in 0.111475 second(s), 24 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش