تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 479|ئىنكاس: 2

مەن يولۇڭغا يېغىپ تۇرغان ئاق قارمەن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

29

تېما

3

ئەگەشكۈچى

860

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

تۆھپە
161
مۇنبەر پۇلى
628
ئىشەنىچ
161
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-17 22:51:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن يولۇڭغا يېغىپ تۇرغان ئاق قارمەن
قەدىردىن باۋۇدۇن

ھەيكەل بولۇپ قېتىپ قالدى چۈشىنىش،
ئۇ ئېھتىمال بىلمەي قالدى مەيلىمنى.
ماڭسام ئەگەر يول دىگەننىڭ مېھرى بار،
باغدا ساقلار  دىسەم  بىرسى  ئالمىنى.

ۋەزنى ئەسلى ئېغىر ئىدى سۆيگۈمنىڭ،
ناخشىسىنى ئېيتالمايمەن پەيلەرنىڭ.
پۇرسەت بېرەي دەيمەن يەنە كۆڭلۈمدە،
يۇلتۇزى  بار  بىلىسەنغۇ  تۈنلەرنىڭ.

تالاي قېتىم يامغۇر بولدى تىلەكلەر،
كۆرۈنمەيدۇ  ئۇرۇقلارنىڭ مايسىسى.
بىلەلمىدىم ئۇنىڭ سىرلىق كۆڭلىنى،
ئاشۇ  دەرەخ ئەسلى بوۋام ھاسىسى.

ئۇزاق بولدى كۈتتۇم ئۇنى قىيادا،
يۈرۈگۇمنى تۇتۇپ تۇردۇم شامالغا.
يۇتۇپ كىتەر قىيانىمۇ تاشقىنلار،
تېمىپ كەتسە يېشىم ئەگەر دېڭىزغا.

قارىشىمدا مۇھەببەتنى ئۇلۇغلاپ،
ئۇنى كۇتۇپ ئۇتەمدىكىن بۇ كۇنلەر.
تۇنجى ئىشنى قىلىش بەكمۇ قىيىنكەن،
ئۇزەلمىدى رىشتىسىنى بۇ تۇنلەر.

ئاغرىنمىغىن سالامىمنى ئىۋەتسەم،
ئىززىتىڭنى ئۇلۇغلايمەن ھۇرمەتتە.
بىز ئۇچرۇشۇپ قالساق ئەگەر يوللاردا،
كىتىپ قالما سېلىپ مىنى كورمەسكە.

بەك قورقىمەن ئەلەملەردە ياشاشتىن،
سالام قىلغان كوزلىرىڭگە تەشنامەن.
ئوچۇرگۇم يوق چىرىغىمنى سەن ئۇچۇن،
مەن يولۇڭغا يېغىپ تۇرغان ئاق قارمەن.

2015-يىلى3-ئاي

5

تېما

0

ئەگەشكۈچى

362

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
141
مۇنبەر پۇلى
208
ئىشەنىچ
141
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-18 21:08:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلغان ئەسەرلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن،ھارمىغايسىز.

31

تېما

1

ئەگەشكۈچى

1094

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
531
مۇنبەر پۇلى
472
ئىشەنىچ
531
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-19 12:11:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىپسىز
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2015-4-26 22:16, Processed in 0.106557 second(s), 24 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش