ئىزنار مۇختەرجان مۇھەممەت
ئۇچماقتا شاماللار يۈزۈمنى سۆيۈپ،
مەجنۇن تال لەرزان ئۇسسۇلغا چۈشكەندە.
ساپ ھاۋا يۈرەگنى لەرزىگە سالدى،
تۇنجى رەت مەن سىنى غۇۋا كۆرگەندە.
بىلمىدىم كۆيدىمۇ يۈرۈگۈم ساڭا،
تەلمۈرۈپ قالدىم شۇ كوچىغا بىر رەت.
ئىزلەيدۇ كۆزلىرىم غۇبارسىز سىنى،
تونۇردەك ئىسسىقتا چۈشسە قار لەپ–لەپ.
كۆزۈمنى توسۇشقا ئامالسىزدۇرمەن،
چۈنكى مەن مۇھەببەت يولىدا بەندە.
قۇل ئەمەس لېكىن قۇل كەبى كۈتىمەن،
مەندىكى شۇ سۆيگۈ يەنىلا سەندە.
2015-يىلى 15– مارت.
لەنجۇ.
|