بەخىت ناخشىسى قەدىردىن باۋۇدۇن
بۇ يوللار بىزلەرنى قويدى ئۇچرۇتۇپ، لەۋ يېقىپ ياشىدۇق ئۇنىڭ مېھرىگە. مەڭگۇلۇك سۆيگىنى ئۆتتۇق قوغلۇشۇپ، باغلاندۇق لەززەتلىك شىرىن سېھرىگە.
تىلەكلەر خانىدە تۇرىدۇ كۆكلەپ، ئارزۇلار ئۆزىگە يۈرەر ئىشىنىپ. شاماللار ئېيتىشىپ يۈرگەن ناخشىلار، بىزلەرنى ھەممىدىن يۈرەر قىزغىنىپ.
ئۇچراشقان چاغلاردا تەكرار ۋەدىلەر، پاقىراپ تۇرىدۇ ئۇنىڭ سىماسى. تامىدۇ پاراڭدىن زەڭگەر ئۇنچىلەر، كوڭۈلنى تىندۇرار چۈشنىڭ جۇلاسى.
سىناقلار بىزلەرگە قويۇپ بېشىنى، مۇلايىم رەۋىشتە كىتىدۇ تۇزۇپ. ئوزگىنىڭ بېغىغا قىلمىدۇق ھەۋەس، ياشىدۇق شاتلىقنىڭ مېھرىگە تۇيۇپ.
بەزىدە يېقىلىپ چۇشسەم پاتقاققا، يۆلىدىڭ ئۆزۇڭنى تارتمىدىڭ يىراق. يىراق بىر يەرلەرگە كەتسەڭ بەزىدە، قەدرىڭنى سېغىنىپ چىكىمەن پىراق.
بۇ كۇنلەر بىزلەرگە ئاچتى تەبەسسۇم، ئوتەيلى قەدىرلەپ قىلمايلى پايخان. نەزەرلەر بېتىدە بىر جۇپ قۇش بولدۇق، بىزنى دەپ ئېچىلىپ تۇرىدۇ ئاسمان.
مۇھەببەت كۆكىدە بۇرچىمىزمۇ كۆپ، ئانىلار يېرىگە ياغايلى دەششەت. ياخشى ئىش قىلىشتىن تارتىپ ئوزىنى، بىراۋلار چىكىشىپ يۈرىدۇ ھەسرەت.
ئۈلگىسى بولايلى مېھرى ۋاپانىڭ، بولايلى جۇپلەرگە ماڭگۇلۇك بايراق. تۇتۇشقان قوللاردا باھارنىڭ مېھرى، بولسىلا قىشتىمۇ ئامالسىز سوغاق.
بۇ يوللار بەك ئۇزۇن ئۆمرىمىز چەكلىك، دۇنياغا بىز پەقەت يولۇچى مېھمان. ئۆزگىلەر ئوتىدا كۆيەلىسەكلا، مەڭگۈلۈك بىزلەرگە نىسىپتۇر ھامان. 2015-يىلى 3-ئاي
|