ئوقۇتقۇچى ئايشەم سادىر
ئوقۇتقۇچى،پەن –مائارىپ ئاچقۇچى، ئۇلارسىزئېچىلماس بىلىم ئىشىكى. ئوقۇتقۇچى دۆلەتنىڭ بىر ئانىسى، يول بىلمىگەنلەرنىڭ يول باشلامچىسى. * تەربىيلەپ چىقار دۆلەت ئەربابى، نادانلارقەلبىگە يېقىپ شاملارنى. تەربىيلەپ بېرەرئاسپىرانتلارنى، خەلقىم ئۈچۈن تۈمەن ياشلارنى. * ماگىستىر،لىكتۇر،دوكتۇريىتەكچى، ئانىدىن بىلىملىك تۇغۇلغان ئەمەس. ھەر ساھەدىكى خىزمەتچى خادىم، دەپتەرنى تۇتۇپلا تۆرەلگەن ئەمەس. * ئوقۇتقۇچى مائارىپنىڭ ئالتۇن ئاچقۇچى، ئۇلارسىز ئېچىلماس بىلىم ئىشىكى. ئۇلار بىلىمنىڭ تۈگۈمەس بايلىغى، شۇڭا ئوقۇتقۇچى دۆلەت ئانىسى. * ئۇلار ئۈگىتىدۇ،ئادەم بۇلۇشنى، ئۆگىتىدۇ،ھەم يەنەئەخلاق مىزاننى. بارىنى بېغىشلاپ ۋەتىنى ئۈچۈن، ئۆگۈتەر ئەدەپلىك ئادەم بولۇشنى. 2012.9.9 كورلا
|