ئالدىنقى ھەپتىدىكى ئالتۇن سودا بازارنى ئويلاپ ئۆتسەك بازار ئىچىلىش باھاسى 1167.13 دوللار ئەڭ يۇقىرى باھاسى 1175.51 دوللار، ئەڭ تۆۋەن باھاسى 1147.57 بازار بازار يېپىلىش باھاسى 11 1157.77 دوللار بولدى .
ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا دوللارنىڭ كۆرسەتكۈچى ئەڭ يۇقىرى 100.06 دوللار ئەتراپىدا بولدى، ئالتۇننىڭ باھاسى ئەڭ يۇقىرى1155 دوللار بولدى.
ئاساسى ئانالىز ئالدىنقى ھەپتىدە ئالتۇن باھاسى ئاساسى جەھەتتىن چۈشۈشتى، ئاساسلىق سەۋەب سودا بازىرىدىكى مەبلەغ سالغۇچىلار 3- ئاينىڭ 18- كۈنى ئامېرىكا فېدېراتسىيىسىنىڭ ئۆسۈم قوشۇشدۇ دەپ مۆلچەرلىدى شۇڭا بۇ ئۇچۇر ئالتۇن باھاسىغا بەلگىلىك دەرىجىدە بېسىم ئېلىپ كەلدى. بۈگۈن ئاسىيا سودا بازىرى ۋاقتىدا ئۇچۇرلار بىرقەدەر ئاز . ياۋروپا سودا بازىرى ۋاقتىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى گېرمانىيىنىڭ توپ تارقىتىش مال باھا كۆرسەتكۈچى، ئىتالىيىنىڭ CPI ئاخىرقى قىممىتى قاتارلىق سانلىق مەلۇماتلار بولۇپ، بۇ سانلىق مەلۇماتلارنىڭ بازارغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى چەكلىك بولىدۇ. ئامېرىكا سودا بازىرى ۋاقىتىدا، ئامېرىكا تەرەپ مۇھىم سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلىدۇ، ئامېرىكىنىڭ PPI ئايلىق نىسبىتى ۋە مىچىگان ئۇنىۋېرسىتېتى ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى قاتارلىق ئىككى تۈرلۈك سانلىق مەلۇمات نەتىجىسىنىڭ ياخشى يامان بولىشى كەچتىكى بازار يۆنىلىشىگە يېتەكچى بولىشى مۇمكىن. مەشغۇلات باسقۇچى 1. ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا ئالتۇن باھاسدا چوڭ تەۋرىنىش بولمىدى، بۈگۈن سودا بازىرىغا چوڭ تەسىر كۆرسىتىدىغان سانلىق ئۇچۇر ئاز، ئالتۇن باھاسىنىڭ نۆۋەتتىكى سائەتلىك سىزىقنىڭ تەۋرىنىش دائىرىسى (227-230)1150-1165 دوللارغىچە بۇلۇپ ئاسىيا ياۋرۇپا بازىرىدا 1162(229) دوللاردىن ئىشىپ كىتەلمىسە چۈشۈشكە ئىلىپ، زىيىنىنى 5 دوللاردا توىتىتىپ پايدىسىنى 1150 دوللارغىچە چىقىرىشقا بولىدۇ. ئەگەر ياۋرۇپا بازىرىدا 1165(230) دوللاردىن ئىشىپ كەتسە بازارنى كۈزىتىپ تۇرۇپ 1170-1175(231-232) دوللارغا ئۆرلىگەندىن كىيىن شۇ ئەتىراپىدىن چۈشۈشكە ئىلىپ، زىيىنىنى 5 دوللاردا توىتىتىپ پايدىسىنى (227)1150 دوللارغىچە چىقىرىشقا بولىدۇ.
2. بۇ بىر نەچچە كۈن ئىچىدە 1148 دوللاردىن چۈشۈپ كەتسە 1142-1131(223.3-225.5) دوللارنى ساقلاپ (223.3)1131 دوللاردىن چۈشۈپ كەتمىگەن ئەھۋالدا ئاندىن ئۆرلەشكە ئىلىشقا بولىدۇ.
بۈگۈنكى دىققەت قىلدىغان نۇقتىلار
چۈشۈشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار 1172 1168 ، ئۆرلەشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار 1131 1148
بۈگۈنكى تەۋرىنىش دائىرىسى 1148-1175 ، بۈگۈنكى تىرەش نۇقتىسى 1148 ، بۈگۈنكى بۆسۈش نۇقتىسى 1175
مۇتەخەسسىس : ئالىيە
ئامېرىكا قارار يىغىنى ئالتۇن باھاسىغا قانداق تەسىر ئېلىپ كېلىدۇ
3 - ئاينىڭ 16 - كۈنى ياۋرۇپا سودا بازىرى ئېچىلغان ۋاقتىدا خەلقئارا ئالتۇن باھاسى 1162 دوللار ئەتراپىدا ئايلىنىپ ، ئالتۇن باھاسىنىڭ بۈگۈنكى يۇقىرى باھاسى 1163.8 ، تۆۋەن باھاسى 1153.10 دوللار بولغان. چەتئەل داڭلىق تور بېكىتى FXStreet نىڭ تەھلىلچىسى DhwaniMehta بۈگۈنكى دوكلاتىدا كۆرسەتكىنىدە ، ئالتۇن باھاسى بۈگۈن بىر ئاز يۇقىرى ئۆرلىشى مۇمكىن، بىراق 1165 دوللاردىكى نۇقتىدا بىر توسالغۇ بار . ئالدىنقى ھەپتە جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان ئامېرىكا PPI ۋە ئىستېمالچىلار ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى مۆلچەردىن تۆۋەن چىقىپ دوللارغا بېسىم ئېلىپ كەلگەن، بىراق دوللار يەنىلا كۈچلۈك ھالىتىنى ساقلاپ قېلىپ ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆسۈشىنى چەكلەپ قويدى ، بۇھەپتە بازارنىڭ دىققىتى ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئۆسۈم نىسبىتى قارارىغا مەركەزلىشىدۇ ، ئەگەر ئامېرىكا ئۆسۈم قوشۇشنى يولغا قويسا ئالتۇن باھاسى داۋاملىق چۈشۈش يۆلىنىشىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن دەپ كۆرسەتكەن. بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 16:02 دە خەلقئارا ئالتۇن باھاسى 1162.70 دوللار بولغان. ئەسكەرتىش: نۆۋەتتە 1 گرام نەق ئالتۇننىڭ خەلق پۇلدىكى باھاسى 228.55 يۈەن ؛ 1 گرام نەق كۈمۈشنىڭ خەلق پۇلدىكى باھاسى 3.09 يۈەن ؛ 1 ئۇنسىيە ئالتۇن 31.1035 گىرامغا تەڭ ؛ بۇ بىر ھەپتىلىك خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتى 6.1430 يۈەن ؛
( تېما يوللىغۇچى ئىلكان ئىقتىساد تورىدىن رابىگۈل )
ئەسلى مەنبە : ئىلكان ئىقتىساد تورى |