- تىزىملاتقان
- 2015-3-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-24
- ھوقۇقى
- 20
- جۇغلانما
- 51
- نادىر
- 0
- يازما
- 3

- تۆھپە
- 5
- مۇنبەر پۇلى
- 43
- ئىشەنىچ
- 5
| جەمىيىتىمىزدە بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ پۇل تېپىش غەرىزىدە راسىت-يالغاننى ئارىلاشتۇرۇپ، كۆپتۈرۈپ ئېلان-داۋراڭ تارقىتىپ خىلمۇ-خىل ۋاستىلەرنى قوللىنىپ، ساغلاملىقتا كۆرۈلگەن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلالماي يۈرگەن بىر قىسىم ساددا كىشىلەرنى ئالداپ يۈرىۋاتقانلىقىنى ئويلىساق، مۇشۇنداق مەسىلىلەرنىڭ كىلىپ چىقىشىغا نۇرغۇن تەرەپلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى، ئاشۇ تەرەپلەرنىڭ كەسپى مەسئۇلىيىتىگە ئەستايىدىل بولمايۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالماي تۇرالمايمىز. بولۇپمۇ، مەخسۇس دوختۇرلۇق كەسپى بىلىملىرى بىلەن تەربىيىلەنمىگەن، تىبابەت كىتابلىرىنى كۆرۈپ بەزى رېتسىپلارنى ئۆزى بىرلەشتۈرۈپ سىناق قىلىپ يۈرگەن (جەمىيەتتە تەكشۈرۈش-لاياقەتلىك ئىجازەتنامىلىرىگە ئېرىشمىگەن-ئېرىشەلمىگەن)، قانۇنلۇق ئامبۇلاتۇرىيە، شىپاخانا-دوختۇرخانىمۇ ئاچمىغان بىر قىسىم كىشىلەر باشقىلار ئىشلەپچىقارغان يىمەكلىك تۇلۇقلىغۇچىلاغا، ئىچىملىك-شەربەتلەرگە ۋاكالەتچىلىك قىلىش، ئۆزلىرى شۇنداق ئۈنۈمى بولارمىكىن دەپ سىناپ يۈرگەن ئاتالمىش«دورا»لىرىنى سېتىپ پۇل تېپىش غەرىزىگە يىتىش ئۈچۈن، ئادەتتىكى يىمەكلىك، شەربەت، سىناق «دورا»، تولۇقلىغۇچىلارنى دورا-داۋالاش دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ، جەمىيەتتە ئېلان-تەشۋىقات ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇش زۆرۈر بولغان رادىيۇ-تىلىۋىزىيە، گېزىت-ژورنال، ئىنتېرنىت تورلىرىنىڭ ئېلان-داۋراڭ سەھنىسىنى قورال قىلىپ، تاراتقۇلارنىڭ ئاتالمىش «ئېلان»لىرىنى چوڭ بىلىدىغان كىشىلىرىمىزنى ئالداپ يۈرمەكتە. مۇشۇنداق، دوختۇرلۇقتىن خەۋەردار بولمىغان كىشىلەرنىڭ يىمەكلىك تولۇقلىغۇچىلار، ئىچىملىك، شەربەت، ئىجازەتسىز «دورا»لارنى پۇلنىڭ كۈچى بىلەن تارتقۇلاردا داۋراڭ قىلىپ، ئاتالمىش دورا-داۋالاش قىلمىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشىنى ئۆلچەمگە سالىدىغان ئورۇننىڭ يوقلىقى ئاز كېلىپ قالغاندەك، يەنە مۇشۇنداق مەھسۇلاتلارنى رادىيۇ-تىلىۋىزىيە، گېزىت-ژورنال، ئىنتېرنىت تورى قاتارلىق تاراتقۇلاردا پۇل تۆلەپ ئېلان قىلىپ تەشۋىقات ئېلىپ بېرىپ، ساقسىزلىقنىڭ دەردىدە تىنەپ-تەمتىرەپ يۈرگەن كىشىلەرنى ئوڭدا قۇيۇۋاتقان دوختۇر ئەمەس ئاتالمىش داۋالىغۇچىلارنى تەرتىپكە سېلىپ، «غېزىنى غاز، ئۆدىكىنى ئۆدەك» قىلىشنى ئەمىللەشتۈرۈپ بولالمىغان ئەھۋالدا، جەمىيىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇشۇنداق ئەھۋاللار توغرىلىق توختالماي تۇرالمايدىكەنمىز. بولۇپمۇ، رېتسىپلىق دورىلار بىلەن ئەيدىزنى داۋالايمىز، پاتىنىتلىق مىۋە شەربىتى بىلەن يەتتە كۈندە زەھەر تاشلىتىمىز دەپ يۈرگەن «توپىلاڭدىن توقاچ ئوغۇرلايدىغان» پۇرسەتپەرەس ئاتالمىش «دوختۇر»لار تاراتقۇلاردا تەشۋىقات ئېلىپ بېرىپ، تارتقۇلارنىڭ پايدىلىق ئۇچۇر تارقىتىدىغان ئالاھىدىلىكىنى «يامانغا يانتاياق» قىلىپ بەرمەكتە. مانا بۇنداق داۋراڭ مۇلازىمەتتە، ھەقىقەتەن شۇنداقمۇ-ئەمەسلىكىنى سۈرۈشتۈرمەيدىغان پەرۋاسىزلىقنى تاراتقۇ چىرىكلىكى دىمەي تۇرالمايمىز. ھەممىمىزگە مەلۇم، نۆۋەتتە بېيجىڭدا يىغىن ئېچىلىۋاتىدۇ. دۆلەتنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ناھايىتى مۇھىم ئورۇنغا قۇيۇلۇپ، ئالاھىدە تەكىتلىنىۋاتىدۇ. رادىيۇ-تىلىۋىزىيە قاتارلىق تاراتقۇلارنىڭ ئېلان بىرىشتە ئاقىۋىتىنى ئويلىماسلىق، زىيىنى بىلەن كارى بولماسلىق، ۋاستىلىق مەسئۇلىيەتسىزلىق قىلىش قىلمىشلىرىنى قانۇن بويىچە تۈزەش دەۋرى كەلگەندەك تۇرىدۇ. دېمەك، دوختۇرلۇقتا تەربىيىلەنمىگەن كىشىلەرنى جەمىيىتىمىزدىكى مۇشۇنداق ئاتالمىش «دورا-داۋالاش» ئېلان-داۋراڭلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن ئادەتتىكى ئىستىمال بۇيۇملىرىنىڭ ۋاكالەتچىلىرىڭ ئالاھىدە دورا-داۋالاش «دوختۇر»لىرىغا ئايلىنىۋېلىشىنىغا پەرۋاسىزلىق بىلەن سۈكۈت قىلىپ تۇرساق بولمايدۇ.
UYulax ئۈندىدار سالۇنىدىن ئېلىندى.
|
|