تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 542|ئىنكاس: 0

يۈرەكتىكى سۆيگۈ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

31

تېما

1

ئەگەشكۈچى

1094

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
531
مۇنبەر پۇلى
472
ئىشەنىچ
531
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-16 11:39:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىزنار   مۇختەر جان  مۇھەممەت


تۆكۈلگەن مارجان،

كۆرۈنگەن سۈرەت.

قىينالدى بۇ جان،

ياغسا قار لەپ - لەپ.


خىياللار ئارا،

يۈرەكتە سۇئال.

تاغلاردا يارا،

ئەسلەيمەن ئوزھال.


ئېچىلغان چىچەك،

تاغنىڭ باغرىدا.

ئىرىدى قارلار،

يۈرەك داغلىرىدا.


پايانسىز دىڭىز،

قوملۇقتا كىمە.

يۈرىمەن سەنسىز،

كۆردى ئاي دىمە.


چۈشۈمگە كىردىڭ،

ئۇزاتتىڭ بىلەك.

لىۋىمگە سۆيدۈڭ،

ئۆلگەندە يۈرەك.


قەبرىدە ياتقان،

ساڭا قول سۇنۇپ.

تاغلاردا تالقان،

باغرىڭدا قونۇپ.


يۈزلىرىڭدە لاي،

كۆرگەندە سىنى.

لېكىن ئەمەس ئاي،

سىنى سۆيگىنى.


گۈزەل ئايدىن سەن،

مەن ئۈچۈن بىر رەت.

سۆيىمەن سىنى،

مەڭگۈگە ئەبەد.


بولغىن بىر ئۆمۈر،

مەن ئۈچۈن جانان.

سىنى سۆيگۈنۈم،

يۈرۈگكە ئايان.


2015 - يىلى 1- ئاينىڭ 8- كۈنى پويىزدا

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2015-4-27 01:48, Processed in 0.092923 second(s), 24 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش