ئارۇز مەرغۇللىرى (تەخمىسلەر)
ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت
نەۋائىي غەزىلىگە تەخمىس
لالە ئەشكىم زەخمىدە فۇرقەتلى ئاسمان قالدىمۇ؟ زاھىرىم تۇپراغ، خەزانلىغ بەرگى رەيھان قالدىمۇ؟ باتىنىم ئوت، ئۆرتەنىب سەۋدايى گۈلخان قالدىمۇ؟ ساقىيا، مەن يۇتماغان خۇنابى ھىجران قالدىمۇ؟ بەرمەسەڭ مەي ئەمدى قان يۇتماققا ئىمكان قالدىمۇ؟
بۇ ئىشىق خۇمخانىسىدا كۈنۈتۈن قىلغۇم نىدا، بەھرەلەر قايدا خۇمارىمغە سىتەملەر ئاللىدا، روزىغارىم تەن ئېرۇركىم بارچەدىن ئولغان ئەدا، ئەيكى، دەرسەن ئىستەسەڭ ۋەسلىمنى جان قىلغىل فىدا، مۇنى سور ئەۋۋەلكى، ھەجرىڭدىن ماڭا جان قالدىمۇ؟
كۆزلەرىمدە مەھۋەشىمنىڭ تولمىقى سىر ئانچىنان، كۈندە رۇخسارى، ئاڭا تەھتىسەرايىمدۇر نىھان، لېك، ئەنىڭ رەغدى ئەياندۇر غەمزەلەردىن بىگۇمان، ئىشق مەخفى قالماس ئاخىر، ئەي كۆڭۈل، كۆپ چەكمە جان، مەن ھەم ئەۋۋەل كۆپ ياشۇردۇم، كۆركى پىنھان قالدىمۇ؟
تاكى ئولغايمەن چىگىندان، مۇنى ئالتۇندىن تىلە، ۋەسلىيادىدىن خەيالىم دەپ ئىدىم قىل زىلزىلە، ئول بەلىغ كۆكسىدە مەن بىھوش ئېسەم نەدۇر چىلە، چەكتىلەر مەجرۇھ كۆڭلۈمدىن خەدەنگىن كۈچ بىلە، بارى، ئەي جان، مۇژدەئى بەرگىلكى، پەيكان قالدىمۇ؟
ئاتەشىن ئىچرە لەبىدە ھۈللىنەدۇر مەي، رەفىق، قىلماغايمەن كاسەلەپ بىر قەترەسىنى قەي، رەفىق، ۋەھ، ئەجەبكىم، تىترەگەي تەن، ئاندا بارىم پەي، رەفىق، كۆرگەچ ئول ئاينى جۇنۇندىنكىم يىقىلدىم ئەي رەفىق، تەڭرى ئۈچۈن ئەيتكىم ھالىمغە ھەيران قالدىمۇ؟
ھەرنىچە ھەيرەتدەدۇر مەجنۇن ئۇلۇسى جۈملەئى، چۈن فەناھگاھىمدا ئولغايمەن ئۆزۈمغەمۇددەئى، كۆرمەكىم باردۇر خۇنابىمدا جەھاننى غەرقەئى، ئەي كۆڭۈل، بۇ گۈلشەن ئەترافىغە باقكىم، غۇنچەئى، كىم كۆڭۈل جەمئ ئەيلەدى، بولماي پەرىشان قالدىمۇ؟
ئىستەدىڭ يار ۋەسلىنى زىكرىڭدەكىم دىۋانەۋار، داغى ئەفلاكىڭغا تەلمۈردۈڭ، نىتەي ئولدۇڭ بىدار، يەرۇ ئاسمان ئۇستىخان، قانىڭ بىلە بىتكەن ھىسار، ئەي نەۋائى، قاچماغىل ھەمدەملىغىمدىن كۆركى، يار گەر ساڭا مېھرىن كەم ئەتتى، بىزگە يەكسان قالدىمۇ؟
جانانى جان
-شائىر ۋارىسجان قاسىمنىڭ شۇ ناملىق غەزىلىگە تەخمىس
چاقنىشى گۈلدىن نىشان، رەيھانى جان، رەيھانى جان، دەۋرىشى سۇدۇر قىيان، گىريانى جان، گىريانى جان، ۋەسلى شان، دىدارى شان، ئېھسانى جان، ئېھسانى جان، ۋەھىيلەر ياغدۇسى جان، جانانى جان، جانانى جان، قەترەسى يۇلتۇزغا كان، دەۋرانى جان، دەۋرانى جان.
سەرۋى ناز يىگانەدۇر، كۆر جىلۋىسى جەۋلانەدۇر، شولىسى گۈلخانەدۇر، ئاي چۆرگىلەر پەرۋانەدۇر، ئاڭا جان مەستانەدۇر، بارلىق مۇدام سەرسانەدۇر، كۆركى كۆك ھەيرانەدۇر، تىلسىم شەپەق ۋەيرانەدۇر، مايسىلارغا ئاشىيان، ئارمانى جان، ئارمانى جان.
گۈلگە گۈل تاقماقتىمەن، چوغلۇققا چوغ ياقماقتىمەن، چاقمىقىم چاقماقتىمەن، پىنھان كۆيۈك چاقناقتىمەن، پايىدا ياتماقتىمەن، ئەرشىنى زار قاقماقتىمەن، ئەركىگە باقماقتىمەن، سەرخۇشلىنىپ ئاقماقتىمەن، ئايلىنار يەرۇجاھان،تۇغيانى جان، تۇغيانى جان.
نە ناۋازىش، نە دىدار، قايدا نىشانە ئىپتىخار؟ مەن ھامان بىئېتىبار، چۆللەر ئاياغىمدا ئازار، دەررىلەر باشىمدا زار، ئەي نائىبىم كەل بەر قارار، يالۋۇرۇرمەن لالەزار، باغرىم ناۋالارغا مازار، سىرلىرىم كىمگە ئايان، پەرمانى جان، پەرمانى جان.
كۆزدە تۈنلەر قاسرىقى، خىلۋەتتە سۆيگۈ بايرىقى، سۇدا ئاقسام قارمىقى، ھەي، ئوتتا دەرتنىڭ چاقمىقى، يوق ۋىسالنىڭ يايلىقى، بوينۇمدا كىمنىڭ باغلىقى؟ باشتا ھىجران تۇپرىقى، ئىشقىمدا ئاينىڭ ياپرىقى، لاماكان تەقدىر بايان، ئاسمانى جان، ئاسمانى جان.
كۆزگە كۆز-سۆھبەت داۋا، نۇر بالقىغان ھېكمەت داۋا، ئوتقا ئوت رىغبەت داۋا، دەرياغا سۇ سۈلكەت داۋا، ئۆلمىسەم ھەسرەت داۋا، داغى ماڭا ھىجرەت داۋا، چاڭقىسام ئۈلپەت داۋا، گەر ئالجىسام كۈلپەت داۋا، چۆللىرىم قاينار ئامان، كارۋانى جان،كارۋانىجان.
يارىلىش ئىنئامىدا، رەغدىم كۆرۈم ئىلھامىدا، سەۋرىلەر ئەييامىدا، گاھ جەۋرىلەر قاينامىدا، جان ۋۇجۇدنىڭ دامىدا، رىزقىم پەرىشتە نامىدا، يول بەشەرلىك شامىدا، ئەۋجىم پەلەكنىڭ جامىدا، تامچە ياشىم زەر كامان، غەليانى جان، غەليانى جان.
لەھزىلەر كۆيمەككىدۇر، كۆيمەكلىكىم سۆيمەككىدۇر، سۆيمىكىم كۆرمەككىدۇر، كۆرمەككە مىڭ بىر دەككىدۇر، يەتمىكىم چۆچەككىدۇر، ئەپسانىيۇ غاش شەككىدۇر، بار ئىزى مىڭ مەككىدۇر،دىدارىۋەش دىل يەككىدۇر، مەندە رىزۋانۇ-پايان، توپانى جان، توپانى جان.
ئوت نەپەستىن قالمىسام، (ھىجران ئوتىنى يالمىسام)، كۆكتە دەھشەت يانمىسام، يەردە قىيانلاپ تالمىسام، غەمزىلەرگە قانمىسام، ئاينى ساماغا سالمىسام، زار دىلىمنى چالمىسام، سۇنغان قەدەھكە ئالمىسام، سايىلەر ئۆلگەن زامان، سۈبھانى جان، سۈبھانى جان.
تۇتىنامە -شائىرغوجىمۇھەممەد مۇھەممەدنىڭ شۇ ناملىق غەزىلىگە تەخمىس-
كۆزۈڭدە چوغ سوراپ گۈلخان ئولتۇرۇر، قېشىڭدا ئېگىلىپ كامان ئولتۇرۇر، يۈزۈڭدە ئۇيۇلۇپ چولپان ئولتۇرۇر، تېنىڭدە يەر بىلەن ئاسمان ئولتۇرۇر، جېنىڭدا مۇھەببەت-ئارمان ئولتۇرۇر.
گۈللەرنىڭ قېتىغا ھىدىڭ تاراپتۇر، رەپتارىڭ ئاھۇغا خويمۇ ياراپتۇر، خۇلقۇڭدىن بۇلبۇلنىڭ ھالى خاراپتۇر، ئاۋازىڭ بەئەينى خۇشبۇي شارابتۇر، لېۋىڭدە قىپقىزىل رەيھان ئولتۇرۇر.
ھۆرلەردە جىلۋەڭنىڭ ئوماقلىقلىرى، بۇلاقتا سېھرىڭنىڭ ئويغاقلىقلىرى، كۈلكەڭنىڭ چاقماقتۇر چاقناقلىقلىرى، ناخشاڭنىڭ باراقسان قوناقلىقلىرى، شىلدىرلاپ ھەر شاختا داستان ئولتۇرۇر.
ھەر باركى سەندىكى دەھر ئىلكىدە، ئاندا جان بىھۇشتۇر سەبىر ئىلكىدە، نە ئىزھار، نە بايان پېقىر ئىلكىدە، زۇۋانىڭ شائىركى سېھىر ئىلكىدە، سۆزلەرنى سۆزلىتىپ ھېجران ئولتۇرۇر.
بىر جىلۋە-بىر ئالەم، گۈل گۈلشەن ئارا، بىر ۋىسال-بىر زەينەپ، كاككۇك مەن ئارا، بىر ئۆلۈم-بىر سۆيۈم، بارلىق سەن ئارا، بىر ھېجران-بىر شائىر، جانۇ-تەن ئارا ئۆلۈمنى كۈلدۈرۈپ جانان ئولتۇرۇر.
سۆيگۈنىڭ تەپتىدە چۇچۇلدۇر تىلىم، سۆيگۈنىڭ لەرزىدە ئۆرتىنەر تېنىم، سۆيگۈنىڭ كۈيىدە تەۋسىپتە جېنىم، سۆيگۈنىڭ ئاۋازى-پىراقتۇر، دىلىم ھەر ئاۋاز ئىچىدە پىنھان ئولتۇرۇر.
ئىشقىتىن باغرىم قان، جاندا جاراھەت، ۋەسلىڭدە ئاشىقلىق تاپقاي بالاغەت، غوجى دەر: ھەق ئۈچۈن ئەيلەپ ئىنايەت، ئېلىپ كەت مېنى ئەي سېھرىي نازاكەت، مەندە بىر سۆيگۈلۈك جاھان ئولتۇرۇر.
كاككۇكنامە -شائىرغوجىمۇھەممەد مۇھەممەدنىڭ شۇ ناملىق غەزىلىگە تەخمىس
پەسلى ھىجراندا كامالەت، كاككۇكۇم، ئاڭا يار ئىشقىي بالاغەت، كاككۇكۇم، قىلما ئاۋازىڭ جاراھەت، كاككۇكۇم، يىغلىما، چەكمە نادامەت، كاككۇكۇم، سۆيگۈگە بولماس قىيامەت، كاككۇكۇم.
نە ئېرۇر زەينەپسىرى سۈرمەك خىيال، ئوتنى سۇدىن ئاختۇرۇپ يۈرگەن مىسال؟ پىلسىراتلاردا كۆرۈم بار ئېھتىمال، بىر ئۆلۈم كەينىدىدۇر بىزگە ۋىسال، دىل ئىشى چەكمەك رىيازەت، كاككۇكۇم.
تەن باياۋان، ئۇندا جان بىر تامچىدۇر، رەڭگى قان ياشىم ئاڭا ئىلھامچىدۇر، يۈرىكىم دەرتلىك، ئىچىم قاينامچىدۇر، چاچلىرىم تۈندە ئۇزۇن ئارغامچىدۇر، يۈزلىرىم ئايدىن خىجالەت، كاككۇكۇم.
كەل مىنا تاغى، ماڭا ئاچقىن قۇچاق، پۇت-قولۇم باغلاقتا ئىسمائىل سىياق، كۆزنى يۇمدۇم، چاچرىغايمۇ دەپ چاناق- زارۇ-زار يىغلايدۇكۆكسۈمدە پىچاق، تاڭ قىزىل، قارا ئادالەت، كاككۇكۇم.
توزىتار بارلىقنى شۇڭقارلار چوقۇپ، كوھىقاپ ئەسكەن شامال كەتكەي سوقۇپ، شۈكرىكىم، ھەربار ئىگەم تۇرغاي نوقۇپ، ئولتۇرار تەندە جېنىم ناماز ئوقۇپ، نۇر چاچار ئاپئاق جىنايەت، كاككۇكۇم.
كەلمىكىم ھەقتىن، پەقەت كەتمەك ئىشىم، شۇل نەسىۋەمدۇر: زەقۇم بىرلە ئېشىم، كۆرگىلى ھالىمنى نە باردۇر كىشىم؟ تاپىنىم جەننەتتە، دوزاختا بېشىم، مۇزلىدىم ئوتتا داۋامەت، كاككۇكۇم.
يەردە يوق، ئاسماندا يوق، قايدا قارال؟ ئايدا يوق، يۇلتۇزدا يوق، مەندە زاۋال، مىڭ ئۆلۈمگە يەتكۈسى بۇ دەردۇ ھال، تاپ ئۆلۈم بىرلە ھاياتقا سەن ئامال، مەرھەمەت، دارغا ئىجازەت، كاككۇكۇم.
ئىچىمدە لەرزىگەي بىر كۈي - شائىر مۇتەللىپ مەنسۇر ئوۋچىنىڭ شۇ ناملىق غەزىلىگە تەخمىس
ھاۋا زاتىم بىلەن ماۋى ساماغا ئىلتىجا ئەيلەپ، سۈيۈمگە زىكرى، ئوتقا ئوت بولۇپ ھەمدۇ سانا ئەيلەپ، كۆمۈپ جاننى، قارا تۇپراقلىرىمغا مۇپتىلا ئەيلەپ، جۇنۇنلۇق رىشتىدىن كەلدىم، ئۆزۈمگە ئىقتىدا ئەيلەپ، مۇھەببەت ئۇرۇقى تەردىم، ئۆلۈمنى ئىنتىھا ئەيلەپ.
سۆزۈم ئەپسانە-ئەپسانە، خىيالدىن ئۇچتى ئەنقالار، كۆزۈمدە سىلكىنىپ تاغلار، بېشىغا قوندى سەۋدالار، باياۋان چۆللىرىمدە بۈك-باراقسانلايدۇ غەۋغالار، تېنىم بارخانلىرى ئىچرە ئاقار غۇربەتتە دەريالار، بولۇپ سال لەيلىگەيدۇرمەن كۆرۈمنى كەربالا ئەيلەپ.
بىشارەتلەردە كۆكلەيمەن پەسىللەر ئەرشىگە ئۈندەپ، قاراسلاپ سۇنغۇسى جۇتتىن مېنىڭ يالپۇز شېخىم تەۋرەپ، پەرىشان كاككۇكۇم كۈيلەر، ئۈنىدە ئۇچقىنى زەينەپ، لاۋۇلداپ كۆيسە ئاۋازىم ياغار باشىمدا قار لەپ-لەپ، ئادا بولدۇم قاراللارنىڭ پايانىدا نىدا ئەيلەپ.
ئېسىمدە بۆرە ھۇۋلايدۇ، گويا تەنھالىقىم بەررە، يۈرەككە پاتقىنى شەمشەر، سۆڭەكتىن ئۆتكىنى دەررە، يورۇق ئاينىڭ قىياسىدىن كۆزۈم يانغايمۇ بىر مەررە؟ قارا تۈن بۇرجىدىن باقسام قۇياش كۆكسۈمدە بىر زەررە، شەپەقرەڭ ئارمىنىم سايرار غېرىبلىقتا ناۋا ئەيلەپ.
مالامەت سەلكىنىم سەرسان ئاياغىمدىن ئۆتەر غۇر-غۇر، كېلۇرمەن ئوۋلىنىپ يالىڭاچ، كېپەندۇركى ھايات جۇلدۇر، چۆكۈپ كەتكەنچە قايغۇمنىڭ پايانى-قەرىگە چوڭقۇر، پەلەككە يۈكسىلىپ ياتقان گۇناھنىڭ تاغلىرى مەغرۇر، باسار يەلكەمنى شىددەتتە پىغانىمنى سادا ئەيلەپ.
يېشىلمەسمەن بەسى قىسمەت جۇنۇنگاھىدا سېھراتتىن، كېمەمنى تاپمىغايمەن ئاختۇرۇپ مىڭ يىل ئاراراتتىن، بولۇر نە بىر نىشانە ۋەسلىيادىمغا ئەقىداتتىن، ئىچىمدە لەرزىگەي بىر كۈي، ئۇنىڭ مەرغۇلى پەرياتتىن، چاقار تەن ئەينىكىنى ئاھ، ئۆلۈمنى تۇتىيا ئەيلەپ.
ئازابرەڭ چۈشلىرىمنىڭ ئايدىكى قولۋاقى ئويغانغىن، قىيانلاپ ئەي، چىمەنلەر ياپيېشىل قىرغاقى ئويغانغىن، چېكىپ كىر ئىشىكىمنى، مەشۇقۇم بارماقى ئويغانغىن، پاراغەت غەمزىدىن بىھۇش كۆڭۈل تۇپراقى ئويغانغىن، سۇناي روھىمنى كۆكلەرگە مۇھەببەتتىن زىيا ئەيلەپ!
يىغلار - شائىر ئەخمەتجان تۇرۇپ بەگتۈركنىڭ شۇناملىق تەزمىنىگە تەخمىس
ساپايەم زارىدىن پەريات چېكىپ ئول كەربالا يىغلار، ئېتىپ ئىسيان جۇنۇنلۇقتا ئىچىمدە مىڭ سادا يىغلار، نادامەت بىرلە باشىمدىن ئۇچۇپ كەتكەن ھۇما يىغلار، غەرىبدۇرمەن، بۇ ھالىمغە ئۆزۈمدەك بىناۋا يىغلار، كېرەك بەختى قارانىڭ ھالىغە بەختى قارا يىغلار.
ئەجەپ ئەرمەس مېنى ھەرئان غېرىپلىق دەشتىدە كۆرسەڭ، پىغانىم تاشقۇسى ئەغيار، مېنىڭدىن بىخەبەر يۈرسەڭ، ئىشىق سەۋداسىدى دەپ سۈر مېنى ئويلاپ خىيال سۈرسەڭ، شۇتاپ تۇرقۇم يېتىم قالغان كىيىكنى ئەسلىتەر بىلسەڭ، قاراپ سۇلغۇن چىرايىمغا ياقا يىرتىپ گادا يىغلار.
ۋىسالنىڭ ھىدىغا تەشنا داۋاغا تەلمۈرۈپ ئۆتكەي، ئۇزاق تۈنلەردە شۇڭقاردەك قىياغا تەلمۈرۈپ ئۆتكەي، بىدارلىق قىسمىتى يەتكەن ساماغا تەلمۈرۈپ ئۆتكەي، سەھەردە يۇلتۇزى كۆيگەن زىياغا تەلمۈرۈپ ئۆتكەي، كۆزۈمدىن بىر قۇياش ئىزدەپ تۇمانلىق كۆك-ساما يىغلار.
كۆيۈپ بولغانغا ئوخشايمەن، (كۆيۈشنىڭ لەرزىگە باقتىم)، ئەسەبتىن تالجىقىپ قەھرىم بىلەن چاقماقلىرىم چاقتىم، كۆرۈمنىڭ باغرىدا ئېرىپ، ئۆلۈمنىڭ باغرىغا ئاقتىم، ئۆزۈمنى ياندۇرالماستىن داۋام خۇمدانغا ئوت ياقتىم، ئىزىمنى ئاختۇرۇپ بىر-بىر ئۇزۇن چاچلىق سابا يىغلار.
ماڭا بەخشەندە تەنھالىق، ئۆتەرمەن كۈنۈتۈن زارلاپ، تولۇپتۇرمەن جاراھەتكە، يۈرەك زەرداپ، كۆزۈم زەرداپ، گۈلۈم سولدى، ئەجەپ بولدى زېمىستان رەنجىدە نالاپ، پەسىللەر يەكلىگەچ بۇلبۇل شېخىمدا باقمىدى سايراپ، يېزىپ بۇلبۇل ئۈچۈن مەكتۇپ قېنىم ئىچرە جۇلا يىغلار.
پۈكۈلگەن قەددىياتىمغا جاھاننىڭ غېمىنى ئارتىپ، گۇناھلار ياغسىمۇ باشقا، مۆدۈرگەنچە ئاڭا پاتىپ، چىمەنلەر باغرىدىن جۇلدۇر تېنىمنى ھەپسىگە ئاتىپ، بۇقۇلداپ ئۈنلىسەم قۇشلار بېشىمغا قوندى سەپ تارتىپ، يۈرەكنىڭ تەكتىگە باقساڭ شىپا تاپماس يارا يىغلار.
مېنىڭدەك مەنزىلى زۇلمەت داۋانلادىن يەنە ئاشقاي، رىيازەت پىلسىراتىلە خىزىر پەزلىدە سىرداشقاي، قەسەميادكى، جاھان يادى پېقىرلەرنى ئۇلۇغلاشقاي، ئىگەمنىڭ رەھمىتى ياغسا قورام تاشتىن بۇلاق تاشقاي، مېنى يەتكۈز ۋسالغا دەپ دىلىمدا مىڭ دۇئا يىغلار.
جاننى جاننىڭ ئوتىدا ئەيلەپ چېقىن - شائىر نامانجانتۇرسۇن قاراتېكىنغەزىلىگە تەخمىس
كۈندىن ئاختۇردۇم سېنى، پىنھانغا ئايلاندى، دېدىم، ئايدا بەرقىڭ يوق، ۋىسال ھېجرانغا ئايلاندى، دېدىم، پۇرقىتىڭدىن تەلۋە جان غەليانغا ئايلاندى دېدىم، بالقىدىڭ تۈندىن، سېنى چولپانغا ئايلاندى، دېدىم، نەكى چولپان، بىپايان ئاسمانغا ئايلاندى، دېدىم.
كۆزلىرىڭگە چۆكتى تۈن، تۈنگە يەنە چۆكتۈڭ، لېكىن تاغۇ-تاشلاردىن سادا كەلدى، سۈزۈك شەپەڭ يېقىن، نالىشىمدىن جاننى جاننىڭ ئوتىدا ئەيلەپ چېقىن، جۇش ئۇرۇپ ئاقتى ۋۇجۇدنى كۆيدۈرۈپ قايناق ئېقىن، چاچلىرىڭدىن تامدى ئوت، گۈلخانغا ئايلاندى، دېدىم.
كۆيمىشىمدىن پەر تۆكۈپ سەرگەشتىلىك دىشۋارىدا، سارغىيىپ ئۇچسا ئۈنۈم ئەپسانىلەر ئىزھارىدا؛ سۆيگۈنى مەرغۇللىتىپ ۋەسلىڭ كويى زىلتارىدا، بى قىياس، شەكلىڭ كېپىنەكتەك خىيال گۈلزارىدا قىلدى سەيلانە، گۈزەل ئىمكانغا ئايلاندى، دېدىم.
لەۋلىرىڭ شەربەت تۆكۈپ بولغاي قىيام جامىمدا جەم، خۇش ھىدىڭنى ئىستىگەي دەشتىمدە چاڭقاق سەرۋى ھەم، سېنى باغرىمغا بېسىپ ئىزگۈ خىيالەتتە سەنەم، مەستۇ-مەپتۇنلۇق قىنىمدا تارتتى ئوق يىلتىز بۇدەم، مەنىلەر ئىدراكتىكى مارجانغا ئايلاندى، دېدىم.
ئارمىغان ئەيلەپ ماڭا ئەدگۈ سېھىر-جادۇسىدىن، سەيلىتەرگە سۆيگۈنىڭ قۇت مەنزىلى قۇددۇسىدىن، بىر نىگاھ تاشلاپ نىھايات يەتتە قات ئوردىسىدىن، تۈنلىرىمنى نۇرغا غەرق ئەيلەپ، ئەرش قۇببىسىدىن- بىر پەرىزات چۈشتى-دە، ئىنسانغا ئايلاندى، دېدىم. |