ئىزنار  مۇختەر جان   مۇھەممەت 
 
 كۆردۈم سىنى چۈشلەر قوينىدا، 
 ئويلىدىڭمۇ بىلمىدىم مىنى. 
 سۆزلىرىمنى بەلكىم چۈشەندىڭ، 
 ھەر سىكنۇتتا سىغنىمەن سىنى. 
 
 يۈرۈگۈمنىڭ قىل-قان تومۇردا، 
 يىغلاۋاتىدۇ بىرجۈپ كۆزلەر. 
 ئۇنتۇپ قالما بولامدۇ جىنىم، 
 سۆيىمەن دەپ باشلىندۇ سۆزلەر. 
 
 كۆرۈشەلەمدۇق بىزلەر باھاردا، 
 سىغىنىشلاردا قىينالسا يۈرەك. 
 ئۆزگەرمەيمەن يۈرۈگۈم سەندە، 
 بىر ئۆمۈرلۈك سەن ماڭا كىرەك. 
 
 كىچە - كۈندۈز كۆزۈم ئالدىدا، 
 يۈرگىن دائىم پەرۋانە بولۇپ. 
 مەپتۇن بولما كوچا چىرغىغا. 
 خوشلاشمىسۇن يۈرۈگۈم ئۆلۈپ. 
 
 2015- يىلى 10-مارت، 
 لەنجۇ. 
  |