تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 608|ئىنكاس: 2

ئېلاننىڭ تەرىپى ۋە غەيۋىتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

10

تېما

1

ئەگەشكۈچى

363

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
126
مۇنبەر پۇلى
207
ئىشەنىچ
126
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-13 11:50:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
          ئېلاننىڭ تەرىپى ۋە غەيۋىتى

        (فېليەتون)      

  مەمتىمىن ئابلىز پەيلىمۇچ

تېلۋىزورنىڭ جەلىپكارلىقى ئېشىپ ئوتى يامان بولۇپ كەتتى. ئىچىنى باشقۇرالمىساقمۇ تېشىدىن سۆيۈپ كۆرىمىز.  ئېلان ئۇنىڭ ئىچىنى قوچۇپ بازارغا ئايلاندۇرىۋەتسىمۇ ئۇنىڭدىن ئاشقان ۋاقىتتا ھۇشىغا كىلىپ ساداقەتمەنلىك بىلەن بايامقى فىلىمنىڭ داۋامىنى ئېزىپ كەتمەي بىرىدۇ. شۈكرى!. بۇرۇن كەچتە چوڭلاردىن ھىكايە چۆچەك ئاڭلاپ ئۇخلاپ قالاتتۇق. ئاشۇ ئىشچانلىق، چىچەنلىق، چىداملىق، كارتىنىلىرى تاشقا مور باسقاندەك ئىسىمىزدە. ھازىر تەرەققىي قىلىپ ئۆيىمىزنىڭ  مېھمان ئولتۇرىدىغان تۆرىدە تىلۋىزورنى ئولتۇرغۇزدۇق. ئۇ بىزگە ئارتىسلار تىلىدىن دۇنيانىڭ پارىڭىنى قىلىپ بىرىدۇ. ئۇنىڭ گىپىنى يېنىمىزدىكى يۇقۇرىدا يىغىنغا قاتنىشىپ كەلگەن نەمۇنىچى ئاكام،ياكى ھەرەمدە ھەج قىلىپ كەلگەن سۆزمەن تاغاممۇ بۆلەلمەيدۇ. پەقەت ئېلان بۆلەلەيدۇ. ئۇنىڭ خاسىيىتىنىمۇ تۆۋەن مۆلچەرلەشكە بولمايدۇ. ئېلان باشلانغاندا ئاۋازنى تاقاپ نەمۇنىچى ئاكام، ھاجىم تاغام بىلەن مۇڭدىشىۋالىمىز. بالىلارمۇ ئېلاندىكى نەرسىنى ئېلىپ بەر دەپ تۇرىۋالماي ئېلانغا تەڭكەش قىلىپ يۇمۇرىستىك پاراڭلارنى قىلىدۇ:
-ئاكا ماۋۇ مەن ئەتكەن ياغمۇچ بەك ئاچچىق ئەزراق يىگىن جۇمۇ!
- كۆپ يىسە نىمە بولىدا؟
- ئوت كىتىدا!.
- سىڭلىم بۇگۈن ئەتكەن ئومىچىڭ بەك ئوخشاپتۇ جۇمۇ!
- ۋاي ئانچىلا ئەمەسقۇ!
-ئاكا پويىز بېلىتىنى توردىن ئالاسەن؟
-شۇنداق، بۇنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ!
- بىلىۋاپتۇ!
ئېلان يەنە سورۇنداشلارنى ئىىتىپاقلاشتۇرۇپ قىزىق پاراڭ پىلتىسىگە ئوت يېقىش خاسىيىتىگە ئىگە:
- چوكانلار گىرىمچى بوپ كەتتى
- چولپانلار سوپۇنچى بوپ كەتتى.
-چولپان بولۇشتىكى مەخسەت ئېلانغا چىقىش،
-ئېلانغا چىقىشتىكى مەخسەت پۇل تېپىش.  
- ئېلان شىركەتنىڭ نامىنى چىقىرىدۇ، چولپاننىڭ نامىنى چۈشىرىدۇ
- ئېلان نەدە يوق، خالادىكى داڭگالدا، ياكى يىراقتىكى جاڭگادا!
- قۇرۇق گەپ! قايسى كۈنى جاڭگالدا يانتاق چېپىۋىتىپ يىلانغا ئۇچراپ قالدىم، ئۇنىڭدىن قېچىپ دوسكىدىكى ئېلانغا ئۈسسۈپ سالدىم.
بۇنداق  سورۇنمۇ ھەر كۈنى يوق. ئاكام،تاغاملار كەلمىگەن چاغدا سۆيۈملۈك تىلۋىزورىمىزنى ئېلاننىڭ پاراكەندىچىلىكىدىن قوغدىيالماي قاراپ تۇرۇپ قالدۇق. نوپۇزلۇق رىياسەتچى نەچچە مىليۇن ئادەم كۆز تىكىپ تۇرغان فىروگىراممىنىڭ نەتىجىسىنى ئېلان قىلاي دەپ تەمشىلىۋاتقاندا زوراۋان ئېلانلار يانار تاغ پارتلىغاندەك ئەلپازى بىلەن توپلۇشۇپ تەكرار،تاكرار،تەكرار كىلىپ ۋالاقلىشىپ رىياسەتچىنىڭ ئاغزىنى تۇتىۋېلىپ ئۇنى بېسىۋالدىى:
-بېشىڭىزنى «ئالتە يىل»دا يۇسىڭىز 60 يىلغىچە تەرىتىڭىز بۇزۇلمايدۇ!
چېچىڭىز چاتاقلاپ،چىڭىپ ئارقان قىلسىڭىزمۇ  ئۈزىلمەيدۇ.شۇنچە يىل ئۆيگە كىرمىسىڭىزمۇ ئايالىڭىز سىزنى ئىزلىمەيدۇ!
- «ئابىسى »نى ئىچسىڭىز، پۇلغا تۇشار قوينىمىز. پۇل دېگەن يامان نەرسە، ئويناقشىيدۇ بوينىمىز!
-«رودىپاي» ماركىلىق لەۋ چاپلىمىسى لەۋ سۇرىقىنىڭ ئورنىنى بېسىپ ۋاقىتنى تىجەيدۇ. شوخلا، سەۋزە، تۇرۇپ پىگمىنتىدىن قىزىل سېرىق،يىشىل ئۈچ خىل رەڭدە ئىشلەنگەن بولۇپ ئاستىن-ئۈستۈن ھەر خىل لەۋلەرگە ماس كىلىدۇ. قاتناش چىرىقىنىڭ رولىغا تەقلىت قىلىنغان بولۇپ قارشى تەرەپكە كىلىش،توختاش بۇيرىقى بىرىدۇ. ئۇ يەنە نازۇك لىۋىڭىزنى بوران چاپقۇننىڭ زەربىسىدىن ساخلاپ 18ياشلىق جەلىپكار ھالەتتە ساقلايدۇ.
   - ئىنىرگىيە دېگەن كېلىمەن دېمەيدۇ!، پۇلىڭىز بىزگە كەلسە كىتىمەن دېمەيدۇ.
دولقۇن يۆتكىسەك مۇھەممە يەردە شۇ پاتىپاراقچىلىق. ئاقمىسىمۇ غەيۋەت قىلغاچ ئولتۇرايلى. ئادەتتە  بەدىئىي فىىلىم بەرگەندە ئوتتۇرىسىغا ئېلان قىستۇرماسلىق توغرىسىدا بەلگىلىمە باركەن دەپ ئاڭلىغان ئىدۇق. لىكىن بەزى جەلىپكار يېڭى فىلىمگە كەلگەندە ئۇ بەلگىلىمە خاسىيىتىنى يوقۇتۇپ ئېلانغا سېتىلىپ كىتىپتۇ. ئېلان كارخانىچىلارنىڭ ئىتىۋار بىرىدىغان كوزۇرى ئىكەنلىكى راست. شۇنداقتىمۇ ئىنساپ بىلەن بىر ئىش قىلسا بولمامدۇ. تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ دۆلەت بەرگەن راسخوتى بار. ئېلانغا سېتىلىپ كەتمەي  خەلق تەرەپتە تۇرسا بۇلاتتى. دۆلەتنىڭ كارخانىلارغا مەدەت بىرىش سىياسىتى بولسا، خەلقنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت سورۇنلىرىنى جانلاندۇرۇش ساپلاشتۇرۇش سىياسىتىمۇ ئويلاش كېرەك.بىز قاخشىساق ئۆز ئۆيىمىزدە  بىر دەم تىللاپ توختاپ قالىمىز . جانغا ياكى نانغا تاقاشمايدىغان  ئىشقا يىغىلىپ تىلۋىزىيە ئىستانسىسىغا بېرىپ يۈرەمتۇق؟ ئۇنداق قىلساق مەسىلىنىڭ خاراكتىرى ئۆزگىرىپ كىتىشىمۇ مۇمكىن.  « بۇ ئائىلىگە قاراڭ» دەپ قويۇپ ئەمەلىيەتتە « بۇ ئېلانغا قاراڭ» دېسىمۇ بىز تىللاپ قاخشاپ ئولتۇرىۋىرىمىز. تىللاپ قاخشىغانغا ئېلاننىڭ زۇۋانى پەسلەپ قالمايدۇ. يۈزتۇرانە تىللىسا چىدىيالماي يۈرىكى سىقىلىپ ئۆلۈپ قالغانلارنى  مەن ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن. لىكىن بىز ئېلان چولپانلىرىنى ۋە ئېلان باشقۇرغۇچىلارنى يىراقتىن تىللىغاچقا ئۇلارنىڭ  يۈزى قىزىرىپ كەتمەيدۇ. خەقمۇ «چولپان بولۇشتىكى مەخسەت ئېلانغا چىقىش»دەپ قائىدىلەشتۈرۈپ بولدى.  دىلنار ئابدۇللا، ئابدۇرېھىم ھېيت،زاھىر بۇرھان، ئىززەت ئىلياس... قاتارلىقلار بۇ قائىدىگە ئىزچىل خىلاپلىق كەلدى. ئۇلارغا پۇل لازىم ئەمەسمىكىنە! كىشىلەر ئۇلارنىڭ ئوبرازىنى ساپ ھاۋادىكى يىشىل قارىغايدەك مەڭگۈ سولمايدۇ دىيىشىۋاتىدۇ.            
ئېلانغا كەڭ قۇچاق ئاچقان سەھنە ئېلان ھەققىدىكى پىكىرگە ئۇنچە قۇچاق ئاچمايدۇ.  غەيۋىتىمىز ئۆز ئۆيىمىزدىكى گىلەم كىگىزلەرگە سىڭىپ كىتىدۇ خالاس. بىزەڭ ئېلانلار يەنە ياڭراۋىرىدۇ. بىز يەنە پۇل تۆلەپ كۆرىۋىرىمىز. بىزگە پۇل لازىم بولمايدۇ! بولسىمۇ بىز پۇلغا ئۇنچىلا ئامراق ئەمەس. ئېلانغا چىقىش ئۇنچىلا نۇمۇس ئىشمۇ ئەمەس. سەنئەت پۇرىقى قويۇق، بەدىئىيلىككە، چىنلىققا  ئىگە قىسقا ئېلانلار كىشىنى زوقلاندۇرىدۇ. كىشىلەرنى ئەڭ بىزار قىلىۋاتقىنى زىيادە تەكرارلىق، زىيادە كۆپتۇرمىچىلىك ۋە سەئەت پۇرىقى كەمچىلىك مەسىلىسى. زاۋۇتتىن چىققانلىقىنى دەپ تۇرۇپ يەنە «تەبىئىي» دېيىش بەكمۇ بىمەنىلىك.  ئادەم بەدىنى غۇرۇر ۋىژدان مۇجەسسەملەشكەن بىباھا ئۇلۇغ مۆجىزە. سەنئەت پۇرىقى يوق قىلىقلار بىلەن ئويناقلاپ تىكىستنى ناخشا  قىلىپ كۈچەپ ئىنجىقلاپ داۋراڭ قىلىش مەھسۇلاتنىڭ كورىسىنى كۆتۇرگەندەك قىلسىمۇ ئارتىسنىڭ ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرىدۇ. ئۇلارنى سەكلەتكەن پۇل ئاتلىق شەيتان دەمسىز! راست،  پۇل يانجۇقتا نەچچە قاتلىنىپ تۇرسا ئارتىسنىڭ ئوبرازىمۇ كىشىلەر ئالدىدا  شۇنچە قاتلىشىپ پۇرلىشىپ كىتىۋاتىدۇ. مەدەنىيەتنى تاۋارغا ئايلاندۇرساق بولىدۇ. سەنئەتنى ئېلانغا بىزەك قىلساق بولىدۇ. ئېلاننىڭ سەنئەت پۇرىقى قويۇق،قىسقا بولسا  زىيادە تەكرارلانمىسىمۇ بىز ئۇنىڭدىن ھۇزۇرلۇنۇپ  تۇرۇپ شۇ مەھسۇلاتنى تەبىئي ھالدا تونىۋالىمىز. بۇنىڭدىن نەچچە تەرەپ تەڭ مەنپەت ئالىدۇ ئەلۋەتتە. خام ئەشيا زاۋۇتقا كىرگەندىن باشلاپ مەھسۇلات خېرىدارنىڭ ئاغزىغا كىرگىچە بولغان جەرياننى مەدەنىيەت ئىنقىلاۋىدا شۇئار توۋلىغاندەك قۇلاققا ئۇرۇپ جاكالايدىغان قىلچە سەنئەت پۇرىقى يوق ئاخپارات تىپىدىكى ئېلانلار يۇقارقى ئەقەللىي تەلەپتىن يىراق بولسىمۇ تىلۋىزىيە دولقۇنىغا ئايلىنىپ قالغىنىدىن ھەيرانبىز. تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا ئالاھىدە توختام ياكى قانداشلىق بولسا بۇنى بىلمىدۇق.   
« بۇ ئائىلىگە قاراڭ» دېسە مەن «بۇ ئېلانغا قاراڭ» دېگەندەڭ ئېلانغا بىرىلىپ كىتىپتىمەن . ئامراقلىقىمنى ئىچىمگە سىغدۇرالماي بۇ تېمىنى يېزىپ سالدىم .پۇقرا دېگەن نادان بولىدىكەنمىز.  ئېلاننىڭ ئەھمىيىتىگە بولغان تونىشىمىز ئاجىزكەن. قانداق قىلىتۇق. بۇرۇندىنلا ئاقمىسىمۇ  مۇشۇنداق ئالا-جوقا سۆزلەپ قويىتۇق! ئالاقىدارلار يۇمشاق يىرىنى ھەزىم قىلىپ قاتتىق يىرىنى قايتتۇرۇپ بىرەرسىلەر. تالقان، پارشۇك، ئىچىملىك، سۇيۇق سوپۇن ياكى پىرەنىككە ئايلاندۇرۇپ بەرسەم سىڭىدۇ سىلەرگە.

5

تېما

0

ئەگەشكۈچى

1373

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
304
مۇنبەر پۇلى
1059
ئىشەنىچ
304
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-16 09:00:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

1

تېما

0

ئەگەشكۈچى

12

جۇغلانما

يېڭى ئەزا

Rank: 1

تۆھپە
3
مۇنبەر پۇلى
6
ئىشەنىچ
3
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-19 11:03:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تىما ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلىپتۇ،ئېلان خۇمارلار خوش بولۇپ كىتىدىغان بوپتۇ-دە.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2015-4-27 02:09, Processed in 0.107398 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش