«كارۋان چوڭ تىپتىكى نەق مەيدان ئىجادىيەت سەنئەت كېچىلىكى» نىڭ مۇخپىرلارنى كۈتۈۋىلىش ئاخبارات ئېلان قىلىش يېغىنى قەشقەردە ئىچىلدى
كارۋان تىياتىر كۇلۇبىنىڭ قۇرغۇچىسى خالمۇرات ئەپەندى ۋە يېتىلىۋاتقان تالانتلىق ئاكتىيور مۇھەممەتجان ئابدۇقادىرنىڭ رېژىسورلىقىدا ئەزىزانە قەشقەردە ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان «كارۋان چوڭ تىپتىكى نەق مەيدان ئىجادىيەت سەنئەت كېچىلىكى» نىڭ مۇخپىرلارنى كۈتۈۋىلىش ئاخپارات ئېلان قىلىش يېغىنى بۈگۈن قەشقەر يېنرۈيلىن خەلىقئارا مېھمانسارىيى زالىدا ئىچىلدى.
بۇ قېتىمقى كېچىلىكنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يېغىنىدا ئەل سۆيگەن ئاتاقلىق چولپان ئادىل مىجىت، خەيرىگۈل ھەسەن، نۇرنىسا ئابباس قاتارلىق ئۇستاز سەنئەتكارلىرىمىز تاماشىبىنلار بىلەن يۈزتۇرانە سۆھبەتتە بولۇپ سىرداشتى، شۇنداقلا تېلىۋىزىيە سەھنىلىرىدە ئۆزىنى نامايەن قىلىپ كېلىۋاتقان ئىلىس ئاندىرىسون (نازاكەت)، مۇھەممەت ئىلى موللا،مۇساجان خىلىل، غولام ئىلى غوپۇر، مىرادىلجان باھاۋۇدۇن، مەردان ئابلىكىم قاتارلىق يېتىلىۋاتقان ياش كۈيچىلىرىمىز ئۆزىنىڭ ئىجادىي كۈيلىرىنى دىيارىمىزدىكى سەنئەت خۇمار دوستلارغا يۈز كۆرۈشۈش سوۋغىسى سۈپىتىدە تەقدىم ئېتىپ پائالىيەت كەيپىياتىنى يۇقىرى پەللىگە چىقاردى.
تېخىمۇ كۆپ نادىر نومۇرلاردىن ھوزۇرلانماقچى بولسىڭىز 13-، 14-مارت قەشقەر يېنرۈيلىن مېھمانخانىسى ئويۇن قويۇش زالىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان چوڭ تېپتىكى سەنئەت كېچىلىكىگە قەدەم تەشرىپ قىلغايسىز!!!
|