- تىزىملاتقان
 - 2014-12-21
 - ئاخىرقى قېتىم
 - 2015-3-17
 - ھوقۇقى
 - 50
 - جۇغلانما
 - 864
 - نادىر
 - 0
 - يازما
 - 215
 
 
  
 - تۆھپە
 - 421 
 - مۇنبەر پۇلى
 - 384 
 - ئىشەنىچ
 - 421 
 
  | سۇناي مەنمۇ -«نەۋرۇز»لۇق ئاپتورى:تۇرسۇن ھۈسەيىن بۇژغۇن
  باھار كېلىپ،يۇرتىمىزنىڭ باغرى ئىللىدى، سوقۇشماققا تەييارلانغان خوراز چىللىدى. بارچە قەۋم يېڭى يىلنى قۇتلاپ كۈيلىدى،                    «نەۋرۇز»ئۈچۈن ھەممە تىنەش،كۈلۈپ يايرىدى. «نەۋرۇز»كېلىپ قۇشلار بۇندا زوق-شوخ سايرىدى.
  تالاي ئەسىر ئۆتۈپ بىزگە  بولدى تەۋەرۈك، خاسىيەتلىك «نەۋرۇز»ئىشقى-خەلقىمگە بۈيۈك. ئۆچ-ئاداۋەت يۇيۇلغاچقا قەلپلەر-سۈزۈك. «زاراخەتمە» ئۇنىڭ ئۈچۈن تارتىلغان ئوزۇق. شۇ ۋەجىدىن قۇشلارمۇ بۇندا زوق-شوخ سايرىدى.
  «ئاققۇزا ئېيى»باشلىنىپ،كۈن بىلەن تۈن تەڭلەشكەن، شۇبۇ كۈندە«نەۋرۇز»نى ئەل-يۇرت قېنىپ كۈيلەشكەن. ساخاۋەتنى ئۇلۇغلاپ،بىخىللىقنى چەكلەشكەن... ئوغلاق تارتىپ ئاتىلار،ئادىللىقتا بەسلەشكەن... شۇ ۋەجىدىن قۇشلارمۇ بۇندا زوق-شوخ سايرىدى.
 
  يېڭى يىلنىڭ شەنىگە ياڭرار«نەۋرۇز ناغرىسى»، ئىشلىنىدۇ ھەرياقتا قىزغىن-«نەۋرۇز تازلىقى». مۇدھىش سوغنى قوغلۇشۇپ،كۈلەر«نەۋرۇز نازلىقى»، ئاجىزلارنى،چوڭلارنى يوقلاش-«نەۋرۇز ئادىتى»،                شۇ خۇشاللىق كەيپىدە قۇشلار زوق-شوخ سايرىدى.
  ئانىلارمۇ بوش كەلمەس «نەۋرۇز ئېشى» ئېتىشىپ، بۇغداي،ئارپا،قوناق ھەم نوقۇت،تېرىق سېلىشىپ. گۇرۇچ،ماش ھەم پۇرچاقمۇ پىشىپ چىقار سېڭىشىپ،               نەۋرۇز ئەھلى مەزى قىپ ئۆتەر تەمىن تېتىشىپ...! شۇ ۋەجىدىن قۇشلارمۇ بۇندا زوق-شوخ سايرىدى.
  «نەۋرۇز سۈيى» تەييارلاپ ھارماس ئىشچان ئانىلار، چىلان،شاپتۇل قېقى ھەم گۆش تەييارلار ئاتىلار. بوش كەلمەيدۇ سامساق ۋە سىركە،جىگدە،چوققىلار، ئۇندا مەمنۇن،شادىمان،قىز-ئوغۇل ھەم بالىلار، شۇ ۋەجىدىن قۇشلارمۇ بۇندا زوق-شوخ سايرىدى.
  مانا بۈگۈن قىززىدى يۇرتتا «نەۋرۇز سەيلىسى»، مەھەللىلەردە قاينىدى كاتتا«نەۋرۇز پەتىسى». ئوغلاق تارتىپ ئاتىلار قىلدى«نەۋرۇز بەيگىسى،» چىلىشچىلار  سەپ تۈزۈپ،چىقتى «نەۋرۇز سەركىسى.» شۇ ۋەجىدىن قۇشلارمۇ بۇندا زوق-شوخ سايرىدى.
  ئەلنەغمىچى نەۋرۇزلۇق نەغمە-ناۋا ئوقۇشتى، داستانچىلار باھارغا بېيت-قوشاقلار توقۇشتى. قوچقار،خوراز مەيداندا ھەۋەس بىلەن سوقۇشتى، قىزلارمۇ بوش كەلمەستىن گۈل-كەشتىلەر توقۇشتى. شۇ ۋەجىدىن قۇشلارمۇ بۇندا زوق-شوخ سايرىدى.
  مەزمۇنى مول «نەۋرۇز»نىڭ،ئېيتسا ھەرگىز تۈگۈمەس، «نەۋرۇز بۇلاق»كۈيلىرى ئەل ئىچىدە ئۆكسۈمەس. ئىتتىپاقلىق،ئۆملۈكمۇ ئۇنىڭسىز ھېچ كۆكلۈمەس، ئۇنىڭ بىلەن مول-ھوسۇل ئارمانلىرى تۈگۈمەس. شۇ ۋەجىدىن قۇشلارمۇ بۇندا زوق-شوخ سايرىدى.
  2014-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى ئۈرۈمچى
 
  |  
  |