ئېھتىياتنىڭ سىزدىم يۈزىنى
قەدىردىن باۋۇدۇن
يوللارنىڭ مېھرىنى قالدىم ئۇچرىتىپ، ئويلىدىم ھارۋامغا سېلىۋېلىشنى. ئېھتىيات ئوچىقىنى چېقىپ كۆزۈمنى، ۋاز كەچتىم سىلاشتىن ئۇنىڭ چېچىنى.
ئۆتكىنىم ئېسىمدە ئۇنىڭ يېنىدىن، ئارماندا قالغىنى يولنىڭ بۇلۇكى. ھىسلارغا كۆمۈلۈپ كەتتىم ئاخىرى، ئاغرىنىپ قالدىمۇ مەندىن تىلىگى.
بىر ناخشا يېقىنلاپ كەلمەكتە ماڭا، غىڭشىشقا باشلىدىم تۇرۇپ ئوزەمچە. پۇرسەتلەر ئېچىلىپ تۇرسا جاھاندا، ئېھتىيات قىلىمەن نىمىشقا بۇنچە.
ئۇلۇمدىن قورقساقمۇ ئۇلۇپ كىتىمىز، ئېھتىيات قىلغاننىڭ ئەھمىيىتى ئاز. تاش ئېتىپ بولسىمۇ سېلىپ ھارۋامغا، نىمىشقا ئۇنىڭغا چېپ بەرمىدىم ساز.
2015-يىلى 3-ئاي |