تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 334|ئىنكاس: 8

شىرە ئۈستىدىكى نۇر(پېقىرىغۇچ)ئىزلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

32

تېما

10

ئەگەشكۈچى

3673

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
1010
مۇنبەر پۇلى
2529
ئىشەنىچ
1010
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-11 00:59:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەينەك شىرە ئۈستىدە كۆپەيتىش قەغىزى ئارقىلىق قالدۇرۇلغان  نۇر(پىقىرىغۇچ)ئىزلىرى

قاسىم سىدىق



نۇر

نۇر(پېقىرىغۇچ)ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلار ئىلىم -پەن تارىخىدا ناھايتى نۇرغۇن تۆھپىلەرنى ياراتقان. مىنىڭچە نۇر تەتقىقاتى مەڭگۈلۈك ياش تېما.مىكرو زەررىچىلەردىن تارتىپ ئاسمان جىسىملىرىغىچە ھەممىسىنى ئۆز نۆۋىتىدە نۇر دەپ قاراشقا بولىدۇ. يەر شارىمۇ، قوياشمۇ سامان يولى سېستىمىسىدىن ئىبارەت كەڭ سەھنىدە ئايلىنىۋاتقان نۇردىن ئىبارەت. مەن بۈگۈن بازارغا كىرىپ بىز بۇرۇن باسما قەغەز دەپ ئاتايدىغان،قارا كۆك رەڭلىك  كۆپەيتىش قەغىزى ئېلىپ چىقتىم.ئەينەك شىرە ئۈستىگە ئاستىغا ئاق قەغەز،ئۈستىگە كۆپەيتىش قەغىزىنى قويۇپ،ئۇنىڭ ئۈستىدە نۇر ئوينىۋىدىم،ئاق قەغەزگە تۆۋەندىكى شەكىللەرنى قالدۇردى.مەن بۇ نۇرنى ھەرخىل تەكشىلىكلەردە داۋاملىق ئوينىماقچىمەن. چۈنكى بۇ ئىزلار ماڭا شەكىل نەزەريىسىنىڭ 29-41-تىئورمىلىرىنى توغرا دەپ بېرىپلا قالماي،ئاسمان جىسىملىرى ۋە سىپىنغا ئىگە مىكرۇ زەررىچىلەرنىڭ سىرلىرىنىمۇ دەپ بەردى.بۇنىڭدىن باشقا بۇ ئىزلار يەنە دولقۇن -زەررىچىلىك ئىككى ياقىلىمىلىق خارەكتىرنىڭ نىمىلىگى ۋە سېممىتىرىكىلىك،غەيرى سېممىتىرىكلىك  ھەققىدە قولۇغۇمغا بىر نىمىلەرنى پىچىرلىدى...مەن ئۇنىڭ سادالىرىغا ئىزچىل قۇلاق سالماقتىمەن.
ئەگەر قىززىقسىڭىز سىزمۇ نۇر ئويناپ بېقىڭ.ئۇنىڭدىن نۇرغۇن نەرسىلەرگە ئىرىشىسىز.ئىرىشكەنلىگەنلىرىڭىز ئىچ پۇشۇغىنى بېسىش ،ئىلھاملا بولۇپ قالماي،ئىلمى تەسەۋۋۇر ،ئىلمى پەرەز ۋە ئىلمى ھۆكۈملەر بولۇپ چىقىشىمۇ مۆمكىن.

رەسىملەرنى مائۇس غالتىكىدە چوڭايتىپ كۆرسىڭىز بەزى ئىنچىك ھالقىلارمۇ ئاشكارە بولىدۇ.


1-رەسىم

تەكشىلىكتىكى سىفرال،قاينامسىمان تىرايىكتۇرىيە.
مەن بىر پۈتۈن رەسىمدىكى سىفرال ھالەتنى ئىككىلەمچى (ماكرۇ)سىفرال،ئىككىچىلەمچى (ماكرۇ) سىفرالنى شەكىللەندۆرگەن ياي ئۆستىدىكى ھەر بىركىچىك سىفرالنى بىرلەمچى(مېكرۇ) سىفرال  دەپ ئاتىدىم.يۇقۇرقى ئىككىلەمچى (ماكرۇ) سىفرال ،100دىن ئارتۇق(ساناپ باقمىدىم)بىرلەمچى(مېكرۇ)سىفراللاردىن تۆزۆلگەن.


2-رەسىم
بۇ رەسىملەردىن نۇرنىڭ بارغانسىرى تۆز سىزىقتىن يىراقلىشىپ ئايلىنىش رادىئوسىنىڭ قىسقىراپ بارىدىىغىنى،بارغانسىرى ئوقىدا ئايلىنىش تېزلىكىنىڭ ئارتىپ،سىزىقلىق تېزلىكىنىڭ ئاستىلايدىغانلىغىنى بايقىۋالالايسىز.بۇنداق تەتۆرتاناسىپىلىق مۇناسىۋەتكە ئىگە ئىككى خىل ھەركەت شەكلى نەق 41-تىئورمىنىڭ مەزمۇنى.


3-رەسىم

رەسىملەردە نۇر شىرە يۆزىگە قويۇپ بېرىلگەن دەسلەپكى ۋاقىتلاردا بىرلەمچى سىفرال ھالقىلار ئارلىغىنىڭ نىسبى ئۇزۇنلىغىنى،بارغانسىرى بۇ ھالقىلارنىڭ قىسقىراپ،كىچىكلەپ بارىدىغانلىغىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.


4-رەسىم

يۇقۇرقى رەسىملەردىكى ئىزلارنى قالدۇرغان نۇر سائەت سىتىرىلىكىسى بۇيىچە ئوڭغا ئايلانغان نۇر.ھەممىسى ئوڭغا ئېغىپ ياي ۋە سىفراللارنى شەكىللەندۆردى.مانا بۇ 29-تىئورمىدىكى تەشەببۇسنىڭ ئوبرازلىق ئىپادىسى ۋە 29-تىئورمىنىڭ شىرە ئۈستىدىكى نۇر ھەركىتىدە ئىسپاتلىنىشى.

تەھلىل:

1.نۇر ئېغىش ۋە سىلجىش يۆنىلىشىدە سۆركىلىش كۈچىنىڭ قارشىلىغىغا ئۇچرايدۇ.ئېغىشنىڭ سەۋەبىنى سۆركىلىش كۈچى دەپ قاراشنىڭ ئاساسى يوق.
2.بۇنداق ھەركەت شەكلىنى ماگنۇس ئىففىكىتى،بېرنوللى قانۇنىنىڭ نەتىجىسى دەپ قاراشنىڭ ئاساسى يوق.بىز سىرىتقى قېپى پېقىرىمايدىغان ئىلىكتىر ماتۇر ماياتنىك بېشى قىلىنغان ماياتنىكتا 29-تىئورمىچە ئېغىشقا ئىرىشكەن.بۇنداق ماياتنىكلاردىكى ئېغىشقا يۇقۇرقى قانۇن ۋە ئىففىكىتلارنى تەدبىقلىغىلى بولمايدۇ.شىرە ئۈستىدىكى نۇرنىڭ ئېغىشى بىلەن ماياتنىكنىڭ ئىغىشى ئوخشاش فىزىكىلىق قانۇنىيەتنىڭ نەتىجىسى.

تەدبىقلاش:

1.ئوقىدا ئايلىنىدىغان ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ھەممىسى سىزىقلىق  ھەركەت يۆنىلىشى بىلەن ئۇزىنى ئايلىنىش ئوقى ئارىسىدىكى بۇلۇڭنىڭ چوڭ كىچىكلىگىگە قاراپ 29- 41تىئورمىچە ئېغىشقا ئىگە بولىدۇ.
2.سىپىنغا ئىگە مىكرۇ زەررىچىلەرنىڭ ھەممىسى 29-41-تىئورمىچە ئېغىشقا ئىگە بولىدۇ.سىپىن -ئوربىتا ھەركەت شەكلىنىڭ ماھىيەتلىك سەۋەبىنى بۇ ئىككى تىئورما ئارقىلىق ئىزاھلىغىلى بولىدۇ.
3.دولقۇن پەقەت بىر خىل ھەركەت شەكلى بولۇپ،29- 41- تىئورمىچە ئېغىشتىن مۇستەسنا دولقۇنسىمان ھەركەت شەكلى شەكىللەنمەيدۇ.ھەرقانداق دەۋرى جەرياننى دولقۇن شەكلىگە يىغىنچاقلىغىلى بولىدۇ.نۇرنىڭ قالدۇرغان ئىزلىرىدىن بىز دەۋرىلىك نۇسخىلىرىغا ئىرىشتۇق.
4.سىممىتىرىكلىك ھەر بىر كونكىرىتلىقتا ساقلانمايدۇ،بىر پۈتۈنلۆكتە،ئومۇمىلىقتا ساقلىنىدۇ.بۇ خىل ھالەتنى 29 - 41- تىئورمىچە ھەركەت شەكلى بەلگىلەيدۇ.

نىيوتۇن ئىنىرىتسىيە قانۇنىنىڭ بايانىنىڭ 2-ئابزاسىدا ھەقىقى بوشلۇقتىكى نۇرنى بارغانسىرى تۆز سىزىقتىن يىراقلىشىپ ئاغىدۇ،دىگەن ئىدى.تەجىربىلەر نىيوتۇننىڭ خاتا ئېيىتمىغانلىغىنى ئىسپاتلىماقتا.
2015.3.10

32

تېما

10

ئەگەشكۈچى

3673

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
1010
مۇنبەر پۇلى
2529
ئىشەنىچ
1010
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-11 11:45:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلىمىنتار(مېكرۇ) سىفرال ۋە ھاسىلى (ماكرۇ)سىفرال دەپ ئاتىساق بولغىدەك.

32

تېما

10

ئەگەشكۈچى

3673

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
1010
مۇنبەر پۇلى
2529
ئىشەنىچ
1010
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ماۋۇ موھىم تېما ئىدى.ئەجەپ تەستىقلەنمەيدىغۇ؟:

ھەركەت ئەگرىلىكى ۋە تەدبىقلىنىش دائىرىسى
/forum.php?mod=viewthread&tid=21144

32

تېما

10

ئەگەشكۈچى

3673

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
1010
مۇنبەر پۇلى
2529
ئىشەنىچ
1010
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاۋباغا ئىككى نۇر بۇيرۇتقان،بىرسى تۆنۆگۈن(2015.3.13) يېتىپ كەلدى.بۇ،قولنىڭ باش ۋە كۆرسەتكۈچ بارمىغىدا ئايلاندۇرۇلىدىغان كىچىك نۇرئىكەن.
بۇ نۇرنى تەكشىلىك ۋە يانتۇ تەكشىلىكتە باسما قەغەز ئۈستىدە پېقىرىتىپ بىر مۆنچە ھەركەت شەكىللىرىگە ئىرىشتىم.بۇ شەكىللەر 41-تىئورمىنى ۋە 29-تىئورمىنى قوللاپلا قالماي،دولقۇن گىراپىكلىرىدىكى شەكىللەرگە ئوخشاش شەكىللەرگىمۇ ئىگە.
تەكشىلىكتە قالدۇرۇلغان شەكىللەر ئىچىدە تۆۋەندىكى بۇ شەكىلگە ئوخشۇشۇپ كېتىدىغان شەكىللەرمۇ بار:


تېمىدا يۇقۇرقى شەكىلنى زامان-ماكان تەۋرىنىشىگە،تارتىش كۈچى دۇلقۇنىغا ئالاقىدار رەسىم دەپ قىستۇرۇپتۇ.
مەن ئىرىشكەن ئوخشۇشۇپ كېتىدىغان شەكىل بولسا يەككە نۇرنىڭ ھەركەت شەكلىدىنلا ئىبارەت.سىپىنغا ۋە مۇئەييەن ئوربىتىغا ئىگە زەررىچىلەر توپى يۇقۇرقىدەك ئىزلارنى قالدۇرۇشى تەبىئى.مىنىڭ دولقۇننى ھەركەت شەكلى دىگەن تەشەببۇسۇم قارىغاندا ئورۇنلۇقتەك قىلىدۇ.


32

تېما

10

ئەگەشكۈچى

3673

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
1010
مۇنبەر پۇلى
2529
ئىشەنىچ
1010
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-15 11:27  

تورداشلار:
تاۋباۋدىن ئەكەلدۆرگەن بىر نۇر كىچىك ۋە يەڭگىلرەك بولغانلىغى ئۈچۈن قالدۇرغان ئىزى سۇسراق چىقىدىكەن.بىزدە بار قولفۇندا رەسىمگە تارتىساق سۇس چىقىپ قالدى.تورغا يوللىساق ئۆنۆمى تېخىمۇ تۆۋەنلەپ كەتكىدەك.
قايسى ماركىلىق قولفۇن سۇسراق ئىزلارنىمۇ ئېنىق رەسىمگە ئالالايدۇ؟ياكى باشقا مەسلىھەت بارمۇ؟

32

تېما

10

ئەگەشكۈچى

3673

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
1010
مۇنبەر پۇلى
2529
ئىشەنىچ
1010
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەگرىلىك دەرىجىسى ئانچە چوڭ بولمىغان يانتۇ تەكشىلىكلەردە نۇر دەسلەپ ئاساسىدىن چوققىسىغا قاراپ يۆنەلگەن كونۇس سىفرالى ياساپ ئاندىن بىر پەس سىلىندىر سىفرالى ئىزى قالدۇرۇپ سىلجىدى.ئاندىن كىيىن چوققىسىدىن ئاساسىغا قاراپ يۆنەلگەن كونۇس سىفرالى ياساپ توختىدى.

تەكشىلىكتە ئىللىپىسىمان قوش سىفرال ياسىدى.

ئەگرىلىك دەرىجىسى چوڭ بولغان يانتۇ تەكشىلىكلەردە نۇر سىنوس ئەگرى سىزىقلىرىنى قالدۇردى.

ئەسكەرتىش:

بۇ شەكىللەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەڭ كىچىك تەركىپلىگۆچىسى سېلىندىر سىفرالى.شەكىل نەزەريىسى تىلى بىلەن ئېيىتقاندا ئىلىمىنتار سىفرال.

(رەسىملەر ئايرىم يوللىنىدۇ.)


32

تېما

10

ئەگەشكۈچى

3673

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
1010
مۇنبەر پۇلى
2529
ئىشەنىچ
1010
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 11:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر مەلۈم بولدىكى،دولقۇننىڭ ۋاقىت دەۋرىلىكى (چاستوتا) ماھىيەتتە يەنىلا ماكان دەۋرىلىگى،يۆنىلىش دەۋرىلىگى ئىكەن.دولقۇن زەررىچىنىڭ ئۈچ ئۆلچەملىك بوشلۇقتا ئوخشىمىغان يۆنىلىشلەردە سىلجىشىنىڭ -تارقىلىشىنىڭ مەھسۇلى ئىكەن.ھازىر ئېينىشتېيىنچە ماكاننىڭ مىكرۇ دۇنيادا ئۆزلۈكسىز بولمايدىغانلىغى ئىسپاتلىنىپ بولدى.بۇ ھالدا دولقۇن زەررىچىنىڭ ھەركەت شەكلى دىگەن قاراش تېخىمۇ ئورۇنلۇق بولىدۇ.

32

تېما

10

ئەگەشكۈچى

3673

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
1010
مۇنبەر پۇلى
2529
ئىشەنىچ
1010
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 14:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-17 15:34  


反引力理论_百度百科

تاۋباۋدىن سېتىۋالغان يەنە بىر نۇرمۇ يېتىپ كەلدى.يۇقۇردىكى بىلەن ئوخشاش.
بىر پۈتۈن جەرياننى كۈزەتتىم.نۇرنىڭ ئوقىدا ئايلىنىش تېزلىكى ئاستىلىغانچە تۆۋەنگە چۈشىدىكەن ۋە ۋېرتىكال ئوقتا ئايلىنىش تېزلىكى ئارتىپ كېتىدىكەن.بۇھال، 41-تىئورمىنىڭ يېتەرلىك ئىسپاتى دەپ قارىدىم.


ئانتى ئېغىرلىق كۈچى نەزەريىچىلىرى بۇنداق ھالەتنى ئانتى ئېغىرلىق كۈچى ھادىسىسى دەپ شەرىھلەيدۇ،لىكىن سەۋەبىنى ئوتتۇرىغا  قويمايدۇ.شەكىل نەزەريىسى بۇ ھادىسىنىڭ فىزىكىلىق سەۋەپلىرى ئۈستىدە ئېنىق قاراشقا ئىگە.

17

تېما

1

ئەگەشكۈچى

269

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
88
مۇنبەر پۇلى
131
ئىشەنىچ
88
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 16:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىچىك چاغلىرىمنى ئەسلىتىپ قويدى ، رەخمەت
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2015-3-19 02:42, Processed in 0.109472 second(s), 24 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش