ئىككى يىغىندىكى قىزىق نۇقتا تېمىلار شىنجاڭ ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىشتىكى گۈزەل دەۋرنى كۈتۈۋالىدۇ يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتىدىكى يېڭى كۈچكە ۋەكىللىك قىلىدىغان ‹‹يېڭىلىق ياراتقۇچى›› سۆزى 5-مارت چۈشتىن بۇرۇن تۇنجى قېتىم ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلدى؛ ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى ‹‹قوش موتور›› دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلدى. كىشىلەر بۇنىڭدىن ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش دولقۇنى مەۋج ئۇرۇۋاتقان 2015-يىلىدا ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش ئېڭىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىدىغانلىقى، ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسى بار تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولغان گۈزەل دەۋرنى كۈتۈۋالىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىيەلەيدۇ. ‹‹چاققان، قولاي، ئۈنۈملۈك بولۇش›› نى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ‹‹ئوتتۇرا-كىچىك-مىكرو›› نى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ھەممىسى ياخشى تەجرىبە ئىگىلىنىشىچە، 2014-يىل دېكابىرنىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايون 297 ‹‹چاققان، قولاي، ئۈنۈملۈك بولۇش›› تۈرىنى يولغا قويغان بولۇپ، بۇنىڭدا 6 مىليارد 140 مىليون يۈەن مەبلەغ تاماملانغان، 35 مىڭ 500 كىشى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە كۆپ قىسىم كىشى ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئۆزى ‹‹غوجايىن›› بولغان. گۈلنۇر مەمەت: ‹‹‹چاققان، قولاي، ئۈنۈملۈك بولۇش› تۈرى ئاساسلىقى توقۇلما كىيىم-كېچەك، قوي يۇڭىدا توقۇلغان قول ھۈنەر گىلىمى، ئۇيغۇر تېبابىتى، دېھقانچىلىق قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلارغا چېتىلىدۇ، جەنۇبىي شىنجاڭدا بولسا دېھقان-چارۋىچىلار بۇ كەسىپلەرگە ماھىر كېلىدۇ. بۇ تۈرلەرنىڭ ئاممىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىشى، شۇنداقلا ناھايىتى تېز ئۈنۈم ھاسىل قىلىشى شىنجاڭدىكى ئەنئەنىۋى ساھەلەردە ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ سىغىمى چوڭ، تەرەققىيات ھاياتىي كۈچى زور، دېھقان كارخانىچىلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش ئاكتىپلىقىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ، پەقەت ئۈزلۈكسىز تەجرىبە توپلاپ، زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرگەندە، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىدىغان، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولىدىغان يېڭى يولنى ئېچىپ، ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ھەسسىلەش رولىنى جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ›› دېدى. غايىگە ئىگە ھەربىر كىشىگە سەھنە يارىتىپ بېرىش مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، دۆلەت تەبىئىي پەنلەر فوندى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، بېيجىڭ شيېخې تېببىي ئىنستىتۇتى ئاساسىي تېببىي ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى شېن يەننىڭ ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىشقا نىسبەتەن باشقىچە چۈشەنچىسى بولۇپ، ئۇنىڭ قارىشىچە يېڭىلىق يارىتىش مەقسەت ئەمەس، يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئاخىرقى نىشان بولسا تەرەققىيات مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئىكەن. ئۇ: ‹‹ئىگىلىك تىكلەشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ماھىيەتتە بارلىق يېڭىلىق يارىتىشنى ئويلايدىغان، يېڭىلىق يارىتالايدىغان كىشىلەرگە پۇرسەت ۋە سەھنە ھازىرلاپ بېرىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھاياتلىق ۋە تەرەققىيات مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىن ئىبارەت›› دېدى. پەن-تېخنىكىدىكى تېخىمۇ كۆپ ‹‹كىچىك گىگانت›› لارنى چىڭ تۇتۇپ يېتىشتۈرۈش مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، دېموكراتىيە ئىتتىپاقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى چېن چى: ‹‹ئوتتۇر-كىچىك-مىكرو كارخانىلارنى باشتىن باشلاپ ياخشى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن، پەن-تېخنىكا نازارىتى پۇل مۇئامىلە تارماقلىرى بىلەن بىرلىشىپ، پەن-تېخنىكىنى ئىنكۇباتسىيەلەشتۈرۈش بىلەن مەبلەغ سېلىش-يۈرۈشتۈرۈش سىستېمىسىنىڭ ئورگانىك بىرىكىشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرىدۇ، ‹ئىجادىي تەپەككۇر-يېڭىلىق يارىتىش-ئىگىلىك تىكلەش-كارخانا تەرەققىياتىنى زورايتىش-ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش› تەك پۇل مۇئامىلە يۆلەش سىستېمىسىنى تېزلىكتە قۇرۇپ چىقىدۇ، مالىيە مەبلىغى، پۇل مۇئامىلە كاپىتالى، ئىجتىمائىي كاپىتالدىن ئىبارەت كۆپ تەرەپ مەبلەغ سېلىشتەك يېڭى ئەندىزىنى تىرىشىپ يارىتىپ، كارخانىلارغا ياردەم قىلىپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، پەن-تېخنىكىدىكى ‹كىچىك گىگانت› لارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ياردەم بېرىدۇ›› دېدى.
|